ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى قايتا تەكىتلىدى

ئاپتورى: ۋۇسالا ئابباسوۋا (Vusala Abbasova)

تۈركىستان ۋاقتى تەرجىمىسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى، مەزكۇر رايون خەلقئارانىڭ جىددىي كۆزىتىشى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ۋە ئۆزلىرى «ئىنتايىن ئېغىر» دەپ باھالىغان كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

مەھكىمە باياناتچىسى لىز تروستېل (Liz Throssell) بىر قېتىملىق زىيارەتتە قىلغان سۆزىدە، ئورگاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى ئىزچىل كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن بولغان كەڭ كۆلەملىك دەخلى-تەرۇزلار خاتىرىلەنگەن 2022-يىللىق باھالاش دوكلاتىدىكى خۇلاسىلەرنى قەتئىي ياقىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ب د ت نىڭ مەزكۇر رايونغا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى رەسمىي زىيارىتىنىڭ 2022-يىلى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايونغا كىرىشنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ھەمدە تەشكىلات بىلەن ئالاقە قىلغان شەخسلەرنىڭ ئۆچ ئېلىشقا ئۇچراش خەۋپى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئەندىشىلەرنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت تارتتى.

تروستېل سۆزىدە، گەرچە كۆپلىگەن قانۇن ۋە سىياسەتلەر مەسىلە بار دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك قاماشقا ئالاقىدار مەلۇماتلارنىڭ داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە يەنىلا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تروستېلنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستانغا قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى رەسمىي زىيارەتنى 2022-يىلى ب د ت نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت (Michelle Bachelet) ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئۇ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تۇتقۇندىكى ئايرىم شەخسلەرنىڭ دېلوسىنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئايدىڭلىق كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەھكىمە ئۆزىنىڭ 2022-يىلىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەۋسىيەلەرنىڭ ھەمدە ب د ت نىڭ باشقا كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

تروستېل، قۇربان بولغانلار ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۈنۈملۈك تولۇقلاش چارىلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ب د ت نىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىزچىل پوزىتسىيەسى دەل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسى كۈچىيىۋاتقان ھەمدە خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن بېيجىڭغا قىلىنىۋاتقان بېسىم ئېشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ياشايدىغان، تۈركىي تىللار سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان مىللەتتۇر. نوپۇسى تەخمىنەن 12 مىليون ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلىنىدىغان ئۇيغۇرلار، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن زىچ باغلانغان ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئومۇميۈزلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرىغا ئائىت ئەيىبلەشلەر بىلەن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قاتتىق قوزغىدى. ب د ت ۋە بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋە سىستېمىلىق زۇلۇمغا ئائىت پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بەزى باھالاشلاردا ۋەزىيەتنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئۆز سىياسەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا.

ئارسلان ھىدايەت ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلغان، يىلتىزى شەرقىي تۈركىستانغا تۇتىشىدىغان بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىدۇر. ئۇ ئاتالغۇ مەسىلىسىدە ئىنتايىن كەسكىن مەيداندا تۇرۇپ: «شىنجاڭ دېگەن سۆز ‹يېڭى چېگرا› دېگەن مەنىدە بولۇپ، خىتاي مۇستەبىت رېجىمى تەرىپىدىن تېڭىلغان مۇستەملىكىچىلىك نامىدۇر» دەيدۇ. ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي نام بولغان «شەرقىي تۈركىستان»نى ئىشلىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە، 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئىشارەت قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنچە ئاغدۇرۇلۇپ خىتاي كونتروللۇقى ئاستىدىكى نۆۋەتتىكى «شىنجاڭ»نىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان ئېتىقادىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بۇ رايوننى «خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدۇ. ھىدايەت شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ۋە رەقەملىك مۇستەبىتلىكنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بۇ رېجىم ئۇيغۇر خەلقىنى تامامەن يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا»، دېدى.

ھىدايەت ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 1980-يىللارنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ چىققان بولۇپ، ئۇ بالىلىق دەۋرىنىڭ بىر قىسمىنى ئائىلىسى بىلەن بىللە ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلاش ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن.

ئۇنىڭ پائالىيەتچىلىك سەپىرى 2018-يىلى تۇنجى ئايالىنىڭ دادىسى — ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ «جىم كېررىي» (Jim Carrey)سى دەپ تەسۋىرلىنىدىغان مەشھۇر ئۇيغۇر كومېدىيە ئارتىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي شەخسىي رەڭ تۈسىنى ئالغان. گەرچە ئۇ ئون ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ھىدايەت: «مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدىم»، دېدى. ئۇ يەنە ھازىرقى ئايالىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭمۇ، جۈملىدىن ئاتا-ئانىسى ۋە ئىككى ئاكا-ئىنىسىنىڭمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ پائالىيەتچىلىك ھاياتى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن دەسلەپتە چەكلىك ئالاقە ۋە سىياسىي بېسىم سەۋەبىدىن ئاستا بولغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا بولسا تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ھىدايەت كېيىنچە، ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشكەن ئىنگلىز تىلىدىكى پودكاست (Podcast) پروگراممىسى — «Talk East Turkestan» نى قۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇ ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz)، شان روبېرتس (Sean Roberts) ۋە ئىمام ئۆمەر سۇلايمان (Omar Suleiman) قاتارلىق شەخسلەر بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى.

2021-يىلى ئۇ ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ، ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» (Campaign for Uyghurs) تەشكىلاتىغا قاتناشتى. 2024-يىلىنىڭ بېشىدا بولسا، «Justice For All» (ھەممە ئۈچۈن ئادالەت) تەشكىلاتىغا كىرىپ، «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» سەپەرۋەرلىكىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ئىنتايىن پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق دەپ سۈپەتلەيدۇ. 2014-يىلىدىكى بىر زىيارىتى جەريانىدا، نوپۇس مەسىلىسى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشىگە گۇۋاھ بولغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە خىتاينىڭ كىشىلەرنىڭ قەيەردە ياشاش، ئىشلەش ۋە مۇلازىمەتلەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان «نوپۇس» (خۇكوۋ) تۈزۈمىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ رايوندىكى توك سەرپىياتىنى نازارەت قىلىش، چىراي تونۇش كامېرالىرى ۋە ئۆي ئىچىدىكى ھەرىكەت ئەندىزىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش تورىنى تەسۋىرلەپ بەردى. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ھەتتا VPN ئىشلىتىش، ساقال قويۇش، ياغلىق ئارتىش، چەت ئەلدە تۇغقانلىرى بولۇش ياكى دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئوخشاش نورمال ھەرىكەتلەرمۇ تۇتقۇن قىلىنىشقا سەۋەب بولىدىكەن.

ئۇ، تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ پەقەت سىياسىي ياكى دىنىي شەخسلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلار، تەنھەرىكەتچىلەر، زىيالىيلار ۋە ھەتتا كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەتتىكى پۇقرالارغىمۇ قارا قايمۇقتۇرۇپ يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ھېچقانداق پاكىتسىزلا «ئەسەبىي» دەپ بەلگە قويۇلۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇش ۋە مېڭە يۇيۇش ئورۇنلىرى دەپ تەسۋىرلەنگەن ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە تاشلانغان.

ھىدايەت سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. گۇگۇل (Google)، يۇتيۇب (YouTube) ۋە ئىنستاگرام (Instagram) غا ئوخشاش سۇپىلار پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەن بولۇپ، توردىكى ھېساباتلار شەخسىي كىملىك سىستېمىسى بىلەن باغلانغان.

ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەزىيەتكە دائىم سەل قارايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستانغا بىر «قارا قۇتا» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل سۈكۈت قىلىش زۇلۇمنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەكتە.

ئۇ خەلقئارانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزگە كېرەكلىك بولغىنى ئىزچىل ۋە كۈچلۈك خەلقئارالىق بېسىم بولۇپ، بۇلار قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش، ئېنىق دوكلات ئېلان قىلىش ۋە ھەق-ھوقۇق تەشەببۇسكارلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

ئۇ يەنە مەسىلىنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئېغىر بېسىمىنى تەكىتلەپ: «بىز مول مەدەنىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخقا ئىگە بىر مىللەتمىز. بىز پەقەت ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەركىنلىك ئىچىدە ياشاشنىلا خالايمىز»، دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «بۇ بىر مۆجىزىدەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما بىز يەنىلا ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىدۇق»، دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلدى.

ئاپتور ھەققىدە:

ۋۇسالا ئابباسوۋا تاشقى سىياسەت بويىچە پېشقەدەم مۇخبىر.

مەنبە: southasianherald.com