كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا چۈشەنچە بەردى

تۈركىستان ۋاقتى، 2026-يىلى 23-ئىيۇن: خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ۋېي شياۋدۇڭنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولغان كۈچۈكچەكمەجە رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى كامال چەبى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاي كونسۇلىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توقۇپ چىققان بايانلىرىغا ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنقى مەزگىللىك گۇمانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى، 22-ئىيۇن كۈنى كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

«ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى» نىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر نامايىشنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ۋە ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەقفى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن. نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار، مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە يەرلىك تۈرك خەلقىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر قاتناشقان.

نامايىش جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر نارازىلىق باياناتى ئوقۇپ ئۆتكەن. ئۇ ئۆز باياناتىدا خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلى ۋېي شياۋدۇڭنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قىلغان زىيارىتىنىڭ مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن بايانلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى ۋە ئەندىشىگە سالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدە چۈشەنچە بېرىشى لازىملىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

kucukcekmece

ئۇنىڭدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى سۇلايمان كۆكتۇغ، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىبراھىم ئىسھاق، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ۋە سەفاكۆيدە تۇرۇشلۇق تۈرك ئاممىسىنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەت ئەللەردىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، مۇھاجىرەتتىكى خەلقنى باستۇرۇشقا ۋە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇ جىنايەتلەرگە قەتئىي سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

نامايىش ئاخىرلىشىش ئالدىدا، كۈچۈكچەكمەجە رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى كامال چەبى نامايىش مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن ۋە توپلانغان ئاممىغا نەق مەيداندا چۈشەنچە بەرگەن. كامال چەبى خىتاي باش كونسۇلى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تىلغىمۇ ئېلىنمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى خىتايغا تەمىنلەپ بېرىش دېگەن تېمىنىڭ قەتئىي مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە يىللاردىن بۇيان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھېچقانداق توسالغۇ ياكى قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن. ھۆكۈمەت باشلىقى نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسىم سوئاللىرى ۋە تەنقىدلىرىگە جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، خىتاي باش كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بايانلارنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇ ھەقتە قايتا ئايرىم چۈشەنچە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېتىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، 22-ماي كۈنى باش كونسۇل ۋېي شياۋدۇڭنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى كامال چەبىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي تەرەپنىڭ خەۋىرىدە، ۋېي شياۋدۇڭنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدە توختالغانلىقىدىن سىرت، كۈچۈكچەكمەجە رايونىنىڭ خىتاينىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلىرى»گە مەنسۇپ پۇقرالار زىچ ياشايدىغان رايون ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تەرەپلەرنىڭ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىنغان. شۇنداقلا، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خەۋىرىدە يەنە رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى كامال چەبىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ۋە خىتاينىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر قايىل بولغانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يەرلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.