دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش جىنايىتىنى ئەيىبلىدى

جەنۋە (شىۋېيتسارىيە)، 24-ئىيۇن (ANI خەۋىرى): خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۇتۇۋاتقان رەھىمسىز مۇئامىلىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى (UNHRC) نىڭ 62-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەكشۈرۈش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش، سەپەر چەكلىمىسى قويۇش ۋە باشقا خىل مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى سەۋەبىدىن ئۆز پەرزەنتلىرىدىن تىرىكلا ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار ۋە قىزلارغا قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىق مەسىلىلىرى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزئارا دىيالوگ يىغىنىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن (Zumretay Arkin)، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئايرىۋېتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلىشنىڭ «قىيناشقا باراۋەر كېلىدىغان جىنايەت» ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان بۇ دوكلاتنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت دەل خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ئائىلىسى ۋەيران قىلىنغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئانىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان رەھىمسىز كۈندىلىك رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

ئۇ يەنە، قالايمىقان تۇتۇن قىلىش، ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى بوغۇش ۋە ئائىلىلەرنىڭ جەم بولۇشىغا قەستەن توسالغۇ يارىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ يىللاردىن بۇيان سان-ساناقسىز ئائىلىلەرنى پارچىلاپ تاشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان، بولۇپمۇ تۈركىيەدە تىزىمغا ئېلىنغان بىر قىسىم تىپىك دېلولارغا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرى يۈرگۈزگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن، بەزى بالىلارنىڭ سەككىز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئاتا-ئانىسىنىڭ دىدارىنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

زۇمرەتئاي ئەركىن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارىلىغان ئاياللارنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ تەھدىت سېلىش قىلمىشىنىڭ بىر خىل تاكتىكا سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە دوكلاتچى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىمۇ قارشى ئالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، چەت ئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئۇلارنىڭ ۋەتەندە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش قىلمىشلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا، غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئادالەت ئىزدىگەن ئانىلار يېتەكچىلىكىدىكى باشقا ھەرىكەتلەر بىلەنمۇ ئوخشاشلىق يارىتىلغان بولۇپ؛ ئارگېنتىنانىڭ «مايو مەيدانى ئانىلىرى» (Madres de la Plaza de Mayo) ۋە مېكسىكانىڭ «ئىزدىگۈچى ئانىلار» (Madres Buscadoras) قاتارلىق تەشكىلاتلىرى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئېغىر كەچمىشلەر، ئايال كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ئۆچ ئېلىش ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە باھالانغان.

زۇمرەتئاي ئەركىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي بويىدىن ئاجرىتىش ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق قوپال ۋە ۋەھشىي قىلمىشلارغا ئالاقىدار جىددىي ئەندىشىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، بۇنىڭغا ئوخشاش ئەندىشىلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «ئاياللارغا قارىتىلغان تۈرلۈك كەمسىتىشلەرنى تۈگىتىش كومىتېتى» (CEDAW) تەرىپىدىن 2023-يىلى خىتاينىڭ ۋەزىيىتى كۆزدىن كەچۈرۈلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يەكۈن خاراكتېرلىك كۆزىتىش دوكلاتىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى. (ANI)