ئىدىيەۋى ئەسەبىيلىك، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك ۋە دۆلەت ھالقىغان  تېررور: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇتلەق كونترول قىلىش قوراللىرى

ئاپتورى: Ashu Mann

2026-يىلى 30-ئىيۇن

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1921-يىلى 1-ئىيۇل قۇرۇلغاندىن تارتىپلا، ئىدىيەۋى بىرلىكنى پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ شەرتسىز تەلىپى سۈپىتىدە بېكىتكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تەلەپ بىر ئەسىر جەريانىدا تەدرىجىي ئەسەبىيلىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئىچىدە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا، چەت ئەلدىكى ئائىلىلەرگە نىسبەتەن بولسا ئېغىر تەھدىتكە ئايلانغان.

ئىدىيەۋى ئەسەبىيلىك ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش

شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا - ت.) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنى نىشان قىلغان ھالدا تۈركۈملەپ لاگېرلارغا سولاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قاتتىق نازارەت قىلىش ھەمدە دىنىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى.

بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە ئۇيغۇر تىلى، دىنىي ئېتىقادى ھەم مەدەنىيەت كىملىكىنى سىستېمىلىق يوقىتىش قاتارلىق پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ، بۇ سىياسەتلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تەرىپلىدى. بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، لاگېرلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ چۈشەندۈرمەكتە.

بۇ سىياسەتلەرنىڭ قانداق ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، تەتقىقاتچىلار پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغان ئاقىۋەتلەرنى — يەنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھەم دىنىي ھاياتىنى ۋەيران قىلىش قىلمىشلىرىنى — خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپ قۇرۇلغان مەزگىلىدىكى مۇتلەق ئىدىيەۋى كونتروللۇقتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپىنىڭ بىۋاسىتە داۋامى دەپ قارىماقتا.

دۆلەت ھالقىغان  تېررور: مۇھاجىرەتتىكى ئائىلىلەرنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاش

پارتىيەنىڭ قارا قولى پەقەت خىتاي چېگراسى ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بار نازارەت قىلىش ۋىرۇسلىرىنىڭ (malware) نىشانىغا ئايلاندى.

خەلقئارا تەكشۈرمە ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقى (ICIJ) ۋە «ئەركىنلىك سارىيى» (Freedom House) نىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىنىش ئارقىلىق سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلانغان. تەتقىقاتچىلار بۇ تاكتىكىنى «ۋاكالەتچى ئارقىلىق مەجبۇرلاش» دەپ ئاتىماقتا. كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بىر مىسالدا، فىرانسىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال ئالداش يولى بىلەن خىتايغا ئېلىپ كېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى چەت ئەلدىكى قىزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلانغان.

2025-يىلى فېۋرالدا، 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەت تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى، «ئەركىنلىك سارىيى» تەرىپىدىن خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا «دۆلەت ھالقىغان  باستۇرۇش»نى ئەڭ كۆپ يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچلۈك پاكىت سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى.

تازىلاش ۋە ۋەھىمە يەنىلا يادرولۇق قوراللىق رولىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تەتقىقاتچىلار ۋە سابىق ئەمەلدارلارنىڭ تەسۋىرلىشىچە، 1930-يىللاردىكى پارتىيە ئىچىدىكى تازىلاشلاردىن تارتىپ شىنجاڭدىكى لاگېرلارغىچە، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئائىلىلەرگە سېلىنىۋاتقان تەھدىتلەرگىچە بولغان بارلىق جەريانلار بىر خىل ئىزچىللىققا ئىگە: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەيلى ھەقىقىي مەۋجۇت بولسۇن ياكى شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىنغان بولسۇن، ھەرقانداق ئىدىيەۋى پەرقنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قىلىنغان تەھدىت دەپ بىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش ياكى مەجبۇرلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى ۋە بۇ ئەھۋاللارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈۋاتقان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ باھالىشىچە، پارتىيە قۇرۇلۇپ بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، «ۋەھىمە» يەنىلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەيلى خىتاي ئىچىدە بولسۇن ياكى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرلار ئارىسىدا بولسۇن، ئۆز كونتروللۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىكى يادرولۇق قورالى بولۇپ قالماقتا.

مەنبە: 

https://www.eurasiareview.com/30062026-ideological-extremism-uyghur-repression-and-transnational-terror-the-ccps-tools-of-total-control-oped/