مۇستەبىتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىشى: خىتاي-ئىسرائىلىيە نىكاھى ۋە قەلب دىيارىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىققا ئاتلىنىشى (3-باپ)

3-باپ: ئېيزېنبېرگنىڭ 1979-يىلى قۇرغان خىتاي كۆۋرۈكى ۋە مەخپىي نىكاھنىڭ تۇغۇلغان كېچىسى

ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي

 «ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ غەرىزىنى ئالدىن بىلەلمىگەنلەر، ئەتراپىغا قوشۇن توپلاپ ئىتتىپاق قۇرالمايدۇ» سۇن تىزو، «ئۇرۇش سەنئىتى»، 6-باب

«ئىسرائىلىيە ئۆزى سېتىۋاتقان نەرسىنىڭ ئىتتىپاقدىشىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، خىتايمۇ ئۆزى ئېلىۋاتقان تاۋارنىڭ ئوغرىلانغان مىراس ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. بۇ جىنايەت شېرىكچىلىكىنىڭ قۇرۇلۇش ھۆججىتى، ئەنە شۇ سوغۇق بېيجىڭ كېچىلىرىنىڭ پىچىرلاشلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان ئىدى.»

1979-يىلى 22-فېۋرال. تۈن يېرىمىدىن سەل ئاشقان چاغ. ئېيلاتتىن قوزغالغان، ئۈستىدە ھېچقانداق دۆلەت تەۋەلىك بەلگىسى بولمىغان بىر بويىنگ 707 ئايروپىلانى كالكۇتتا ئارقىلىق ئايلىنىپ گۇاڭجۇغا، ئۇ يەردىن بېيجىڭ يېقىنىدىكى تاشقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن بىر ھەربىي بازىغا كېلىپ قوندى. ئايروپىلاندىن چۈشكەن ئوتتۇز يولۇچىنىڭ ھېچبىرى رەسمىي تىزىمغا ئېلىنمىدى. نە ئۇلارنىڭ يۈزى رەسىمگە تارتىلدى, نە ئىسىم-ئۇنۋانلىرى بىرەر قەغەزگە يېزىلدى. خىتاي تەمىنلىگەن ساختا پاسپورت بىلەن كەلگەن بۇ ئوتتۇز كىشى ئادەتتىكى سودا-سانائەتچى ۋەكىللىرى ئەمەس، بەلكى IAI، Elta، Rafael، Tadiran ۋە IMI قاتارلىق ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەچىلىرى ۋە باش ئىنژېنېرلىرى، يەنى شۇ دەۋردىكى ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سانائىتى قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ يادرولۇق ئەقىللار گۇرۇھى ئىدى [1].

بۇ ھەيئەت ئۆزى بىلەن بىللە غەرب مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئەڭ مەخپىي مەنبە كودلىرىنى ۋە تېخنىكىلىق جەۋھىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەرەب قوشۇنلىرىدىن غەنىمەت ئېلىنغان سوۋېت قورال سىستېمىلىرىنى ئوپېراتسىيەلىك ئەستايىدللىق بىلەن بىر-بىرلەپ پارچىلاپ، قايتا لايىھىلەش تېخنىكىسى ئارقىلىق تېخىمۇ ئەۋزەل ھالەتكە كەلتۈرگەن ۋە بۇنى جەڭ مەيدانلىرىدا ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكۈزگەن بۇ ئەترەت، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈچۈن بىباھا بىر بىلىم خەزىنىسىنىڭ ئامبىرى سۈپىتىدە خىتايغا سۇنۇلغان ئىدى [2].

خىتاي تەرەپ بۇ مېھمانلارنى رەسمىي خاتىرىلەرگە پەقەت «چەت ئەللىك سودىگەرلەر» (外商) دەپلا تىزىملىدى. چۈنكى ئۇ چاغدا ئىسرائىلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تېخى ھېچقانداق رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلمىغان ئىدى، بۇ زىيارەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەرەب دۇنياسىنى تەڭلا چۆچۈتىدىغان چوڭ بىر پارتلاش خاراكتېرلىك ۋەقەگە ئايلىناتتى. مەخپىيەتلىكنىڭ نەقەدەر يۇقىرى دەرىجىدە بولغانلىقىنى مۇنداق بىر تەپسىلاتتىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:

ئىسرائىلىيەلىك ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ دەل شۇ ھەپتە ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنىڭ خەۋىرى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يەتكۈزۈلمەي سىر تۇتۇلغان ئىدى [1]. ئەڭ ھالقىلىق تېخنىكىلىق سودىلىشىشلار ئىشخانا ياكى ئۈستەل ئۈستىدە ئەمەس، تۈن يېرىمىدا، بېيجىڭنىڭ قەھرىتان ھاۋاسىدا، سىرتتا بىرلىكتە ئايلىنىش جەريانىدا ئاستا پىچىرلىشىشلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى. بۇ كەسپىيلىك ياكى پىداكارلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى قۇرۇلغان مۇناسىۋەتنىڭ نەقەدەر غەيرىي قانۇنىي ۋە قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنىڭ ئىقرارى ئىدى. 1979-يىل كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسى، مۇتلەق مەخپىيەتلىك قەسەمنامىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخشۇناسلىقى 1979-يىلىنى ئۈچ چوڭ بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ۋەقە ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىدۇ: ئىران ئىسلام ئىنقىلابى، كامپ داۋىد تىنچلىق كېلىشىمى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا بېسىپ كىرىشى. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچبىرى، دۇنيانىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى مەڭگۈلۈك ۋە ئارقىغا يانغۇسىز شەكىلدە ئۆزگەرتىۋەتكەن تۆتىنچى بىر ۋەقەنى (1979-يىلىدىكى بېيجىڭ كېچىسىنى) يوشۇرۇپ قالالمىدى. بۇ تۆتىنچى ۋەقە ھېچقانداق ئاساسىي ئېقىم گېزىت باشبەتلىرىدىن ئورۇن ئالمىدى، ب د ت يىغىنلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنمىدى، ھېچقانداق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلىم مۇنبەرلىرىدە دەرس قىلىپ ئۆتۈلمىدى. چۈنكى ئۇ ۋەقەنىڭ مەۋجۇت بولۇش شەرتى تولۇق مەنادا كۆرۈنمەس ۋە ئىنكار قىلغىلى بولىدىغان ھالدا قېلىشى ئىدى. بىر ھەپتە داۋام قىلغان سودىلىشىشلار، جىنايەت شېرىكچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ھۆججىتىنى قۇرمۇ-قۇر يېزىپ چىقىۋاتاتتى.

 

1-بۆلۈم: كۆۋرۈكنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭلىمىسى، نېمىشقا 1979؟

ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئۇ چاغدىكى مەسىلە ئىتتىپاقداشلىق ئەمەس، تۈپ مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، ھايات قېلىش مەسىلىسى ئىدى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قورال خېرىدارىنى بىر كېچىدىلا دۇنيا سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ئىدى. ئىران شاھى دەۋرىدىكى ئىسرائىلىيەدىن غايەت زور قورال ئېمپورت قىلىش، ئىمام خۇمەينىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن بىر دەمدىلا توختاپ قالغان ئىدى. IAI، Rafael ۋە IMI غا ئوخشاش دۆلەت گىگانتلىرى غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ كۆلەمنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان بازار قالمىغان ئىدى. خىتاي بولسا بىر مىلياردتىن ئاشىدىغان نوپۇسى، كونا ئارمىيەسى ۋە تېخنىكىغا بولغان ئاچلىقى بىلەن، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ قۇتقۇزۇپ قالغۇچى خېرىدارى ھېسابلىناتتى. ئېيزېنبېرگ ئاچقان دەرۋازا، ئەسلىدە ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ۋەيران بولۇشتىن قۇتۇلۇش دەرۋازىسى ئىدى [3]. شۇڭا ھايات قېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكانىڭ كەينىدىن پىچاق سانجىش، تېل ئاۋىۋنىڭ ھېساب-كىتابىدا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر بەدەل سۈپىتىدە كودلانغان ئىدى.

بېيجىڭ تەرەپتىن قارىغاندىمۇ، بۇ تەڭلىمە ئوخشاشلا مەنپەئەتلىك ئىدى. دېڭ شياۋپىڭ 1978-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندە «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، غەرب دۇنياسى بىلەن بىۋاسىتە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇناسىۋېتى ئورنىتىش سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ نازۇك تەڭپۇڭلۇقلىرى تۈپەيلىدىن مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ناتو ۋە غەرب لاگېرىنىڭ كوممۇنىستىك دۆلەتلەرگە يۇقىرى تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشىنى نازارەت قىلىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېكسپورت كونترول كومىتېتى (COCOM) نىڭ چەكلىمىلىرىگە ئۇچرىمايدىغان بىردىنبىر غەربكە ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىسرائىلىيە ئىدى [3]. بېيجىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلىيە غەربنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىغا ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر ئارقا ئىشىكى ئىدى.

خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىسرائىلىيەلىك ئىنژېنېرلارغا شۇنچىلىك ئىشىنەتتىكى، يۈزلىگەن مىليون دوللارلىق توختاملارنى پەقەت بىر قانچە پارچە رەسىم ۋە بىر سىن كۆرۈنۈشىگە تايىنىپ، ھېچقانداق زاۋۇتنى كۆزدىن كەچۈرمەيلا ئىمزالاشقان ئىدى [4]. قورال سودىسى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ ئىشەنچنىڭ ماھىيىتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئادەتتىكى بىر ساتقۇچى - خىرىدار مۇناسىۋىتىدىن تولىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ يوشۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇ كۆۋرۈكنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ مېۋىسى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قولىدىكى مىڭلىغان سوۋېت تىپىدىكى T-54 ۋە T-55 تانكىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈپتىن ئۆزگەرتىلىشى بولدى. بۇ يەردىكى مەسىلە ئادەتتىكى بىر قورال-ياراق سېتىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر ئارمىيەنىڭ ھەربىي تەلىمات گېنىنى، (DNA) سىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىش ئىدى.

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1979-يىلىغا كەلگەندە سان جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوشۇنىغا ئىگە ئىدى. ئەمما بۇ غايەت زور كۈچنىڭ بىرونىۋىك يادروسى، 1950-يىللاردىكى سوۋېت تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «Type 59» تانكىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى [5]. كونا تىپتىكى توپلار، قولدا باشقۇرۇلىدىغان ئۆپتىكىلىق ئوق چىقىرىش سىستېمىسىلا بار ئىدى. لازېرلىق ئارىلىق ئۆلچىگۈچ يوق، كېچە ئۇرۇش ئىقتىدارى ئەمەلىيەتتە نۆل ئىدى. 1979-يىلى فېۋرالدا  خىتاينىڭ ۋېيتنامغا قارشى ئېلىپ بارغان «جازالاش يۈرۈشى»، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بىرونىۋىك قوشۇنىنىڭ زامانىۋى جەڭ مەيدانىدا نەقەدەر كارغا كەلمەس ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى [6].

بۇ كۆۋرۈكنىڭ بىرونىۋىكقا ئالاقىدار قىسىمى، دەل يۇقىرىقى قانىغان يارا ئۈستىگە ئوپېراتسىيەلىك بىر مەرھەم بولغان ئىدى. ئىسرائىلىيە بۇ خىل زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا ماھىرى ئىدى. 1967-ۋە 1973-يىللاردىكى ئۇرۇشلاردا مىسىر ۋە سۈرىيەدىن غەنىمەت ئېلىنغان يۈزلىگەن T-54/T-55 تانكىلىرى «تېران» نامى بىلەن ئۆزگەرتىلىپ ئىسرائىلىيە ئامىيەسىنىڭ قورال تۈرىگە قوشۇلغان ھەمدە كەڭ كۆلەملىك «غەربلەشتۈرۈش» پىلانىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى [7]. كونا سوۋېت توپىنىڭ ئورنىغا ئەنگىلىيەنىڭ L7 تىپلىق 105 مىللىمېتىرلىق تانكا توپى، غەرىبنىڭ ئىلغار دىگىتال ئوق چىقىرىشنى كونترول قىلىش سىستېمىلىرى، لازېرلىق ئارىلىق ئۆلچىگۈچ ۋە كېچىدە كۆرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلدى. 1979-يىلى بېيجىڭغا قونغان ھەيئەت، بۇ تەجرىبىخانىنىڭ بارلىق سىرلىرى ۋە فورمۇلالىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

خىتايغا سۇنۇلغان تېخنىكا بوغچىسىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق قىسمى قەغەزگە يازغىلى بولمايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىدى. يەنى يىگىرمە يىللىق قانلىق ئۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن سۈزۈلۈپ چىققان «تاكتىكىلىق تەرجرىبىلەر» نىڭ پۈتۈنى ئىدى. سوۋېت بىرونىۋىكلىرىنىڭ قايسى ئاجىز نۇقتىدىن تېشىلىدىغانلىقى، قايسى بۇلۇڭدا قايسى خىل قورال-ياراقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋەيرانچىلىق يارىتالايدىغانلىقىغا ئوخشاش ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە سىرلار ئىدى. بۇ مەلۇمات ۋە تەجرىبىلەر ھېچقانداق تېخنىكىلىق كاتلوگلاردا يېزىلمىغان بولۇپ، جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈم بىلەن غەلىبە ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك سىزىقنى بەلگىلەيتتى. ئىسرائىلىيەلىك ئىنژېنېرلار خىتاي شېرىكلىرىگە پەقەت بىر توپ نورىنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ توپ نورىنىڭ ئارقىسىدىكى پۈتكۈل جەڭ پەلسەپىسىنى ۋە سىستېمىلىق ھەرىكەت يۆنىلىشىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

بۇ تېخنىكا يۆتكەشنىڭ روشەن نەتىجىلىرى بەش يىل ئىچىدىلا نامايان بولدى. 1984-يىلى 1-ئۆكتەبىردە، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى چوڭ ھەربىي پاراتتا كۆرگەزمە قىلىنغان «Type 69» تانكىلىرى غەرب ئانالىزچىلىرىنى ھەيران قالدۇردى. يېڭىچە توپ شەكىللىرى، زامانىۋىلاشتۇرۇلغان ئوق چىقىرىشنى كونترول قىلىش سىستېمىلىرى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان كېچىلىك ھەرىكەت سىستېمىلىرى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پېنتاگوننىڭ تېخنىكىلىق ئىستىخبارات بۆلۈملىرى بۇ تانكىلارنىڭ ئىچىدىكى يات قول تەگكەن DNA نى دەرھال بايقاپ چىقتى [8]. بىر ئىتتىپاقداش (ئىسرائىلىيە) بۇ خىتاي تانكىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغا غەربنىڭ ئىستراتېگىيەلىك روھىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان ئىدى.

«Type 69» بىر تانكىدىن كۆپ ھالقىغان نەرسىگە ئايلاندى. سوۋېتنىڭ گەۋدىسى ئىچىدە سوقۇۋاتقان بىر ئىسرائىلىيە قەلبى ۋە بارغانچە غەربلەشكەن ئېلېكترونلۇق مېڭە. بۇ ئۆزگىرىش، يىللاردىن كېيىن ھەممە ساھەگە كېڭىيىدىغان «تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇببا سىستېمىسى» نىڭ تۇنجى جىسمانىي ئەندىزىسى بولۇپ قالغان ئىدى. يەنى شەرقنىڭ گەۋدىسى غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن قوراللىنىۋاتاتتى.

تەتقىقات ئەدەبىياتلىرىدىكى «قورال سېتىش» دېگەن سۆز، 1979-يىلدىكى كۆۋرۈكنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ قويىدۇ. بۇ يەردىكى ھەقىقەت تەييار مەھسۇلات سېتىش ئەمەس، بەلكى بىر ئارمىيەنىڭ پۈتكۈل مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدى. خىتاينىڭ قولىدا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى بار ئىدى، كەم بولغىنى بولسا شۇ جابدۇقلارغا جان بېغىشلايدىغان ئەقىل ۋە مېڭە ئىدى. ئىسرائىلىيە ئەنە شۇ مېڭىنى بېيجىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى. قورال ساتقان ئىتتىپاقداش جىنايەت شېرىكىدۇر، ئەمما بىر رەقىپ ئارمىيەنىڭ مېڭىسىنى يېزىپ بەرگەن ئىتتىپاقداش خىيانەتننىڭ ھەقىقىي مىمارىدۇر.

بېيجىڭ بۇ تېخنىكا ئارقىلىق پەقەت ئۆز ئارمىيەسىنىلا كۈچلەندۈرۈپ قالمىدى، بەلكى ئۇنى بىر ئېكسپورت قورالىغا ئايلاندۇردى. «Type 69» تۈرىدىكى تانكىلار 1982-يىلىدىن باشلاپ توققۇز دۆلەتكە تەخمىنەن ئىككى مىڭ دانە ئېكسپورت قىلىندى. بۇ ساننىڭ زور قىسمىنى ئىراق يالغۇز ئۆزى سېتىۋالدى، بۇ خىتاي تانكىلىرى ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدا ھەر ئىككىلا تەرەپتە تەڭ ئىشلىتىلدى، ھەر ئىكى تەرەپ تەڭ تەمىنلەندى [9]. ئىسرائىلىيە تېخنىكىنى بەردى، خىتاي ئۇنى كۆپەيتىپ ئۇرۇش رايونلىرىغا ئېكىسپورت قىلدى، بۇ قوراللارنىڭ توپلىرىدىن چىققان ئوقلار مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. بۇ نىكاھنىڭ تۇنجى مېۋىسى، تېخى تۇغۇلا تۇغۇلمايلا بىر قەتلىگاھ ياراتقان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 1979-يىلىدىكى ياردىمى، خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا ئون يىلدىمۇ قىلالمايدىغان تېخنىكىلىق بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتىنى بىر قانچە يىل ئىچىدىلا ئىشقا ئاشۇرۇپ بەردى. بۇ تارىخنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئەخلاقسىز تېخنىكا يۆتكەش ۋەقەلىرىدىن بىرى ئىدى.

 

2-بۆلۈم: پېنتاگوننىڭ جىنايەت دوكلاتى، ئامېرىكانىڭ نېرۋا ئۇچلىرى سىزمەكتە، ئەمما مۇسكۇللىرى پالەچ

پېنتاگون بۇ غايەت زور تېخنىكا يۆتكەش قىلمىشىنى ھەقىقەتەن بىلمەمتى؟ ئەسلىدە پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىدى. ئامېرىكانىڭ ئۈچ ئايرىم ئىستىخبارات ۋە نازارەت قىلىش ئورگىنى (دېڭىز ئارمىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ONI، مۇداپىئە ئىستىخبارات ئورگىنى  DIA ۋە كونگرەس نازارەتچىلىك ئىشخانىسى  GAO،  بىر-بىرىدىن مۇستەقىل يوللار ئارقىلىق بىرلا دەھشەتلىك نەتىجىگە يېتىپ كەلدى. ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا ئۆزىگە ئامانەت قىلغان مۇداپىئە تېخنىكا گېنىنى سىستېمىلىق تۈردە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتاتتى [8]. ئۈچ ئايرىم ئورگان، ئۈچ مۇستەقىل دوكلات ۋە بىرلا ئوخشاش نەتىجە. ئەمما بۇ دوكلاتلارنىڭ ھېچبىرى ئەمەلىي بىر سىياسىي جازاغا ياكى چەكلىمىگە ئايلانمىدى. ۋاشىنگتوننىڭ نېرۋا ئۇچلىرى كېلىۋاتقان تەھدىت ئۇچۇرلىرىنى ئېنىق سىزمەكتە ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇسكۇللىرى پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتتە تۇراتتى.

بۇ مەنزىرىنىڭ ئەڭ چوڭ پاجىئەسى شۇ يەردە  ياتىدۇ: ھۆكۈمدار كۈچنىڭ نېرۋا سىستېمىلىرى (ONI، DIA، GAO) خەتەرنى كەم-كۈتسىز بايقاۋاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى، يەنى سىياسىي قارار چىقىرىش ئىرادىسى سىيونىست لوبىچىلىقنىڭ قارا زەنجىرلىرى بىلەن پالەچ قىلىنغان ئىدى. كېسەلگە قويۇلغان دىياگنوز توغرا ئەمما بىمارنىڭ قولىنى كۆتۈرۈشكە قۇربىتى يەتمەيتتى.

ۋاشىنگتون بۇ مەخپىي ھەركەتنى ئەڭ بېشىدىنلا «بىلەمتى»؟

تارىخىي پاكىتلار بىزگە بۇنىڭدىن جىق مۇرەككەپ بىر مەنزىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ھېنرى كىسسىنگېرنىڭ (Henry Kissinger) 1971-يىلىدىكى مەخپىي بېيجىڭ زىيارىتىدە، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىسرائىلىيە قوراللىرىنىڭ سوۋېت قورال-ياراقلىرىغا قارشى كۆرسەتكەن يۇقىرى ئۈنۈمىنى ماختاپ بەرگەنلىكى ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلىغان. جىممىي كارتېر ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى(Zbigniew Brzezinski)  زبىگنيېۋ بژېزىنسكىيمۇ 1978  - يىلى خىتاينى سوۋېت روسىيەسىگە قارشى ھەربىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ «ۋەكالەتچى»لىك رولىغا سۈكۈت بىلەن رازى بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى [2]. ۋاشىنگتوننىڭ ئەسلىدىكى ھېسابى، خىتاينى سوۋېتكە قارشى ئازراق كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تېخنىكا يۆتكەشنى كونتروللۇق، چەكلىك ۋە نازارەت ئاستىدىكى دائىرىدە تۇتۇش ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگىنى پۈتۈنلەي باشقا نەرسە بولۇپ چىقتى. كونتروللۇق پۈتۈنلەي ئىسرائىلىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن، سىستېمىلىق تۈس ئالغان ۋە ئون يىل بويىچە ھەسسىلەپ كېڭەيگەن بىر يوشۇرۇن «تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇببا سىستېمىسى» شەكىللەندى. ۋاشىنگتون ئىشىكنى ئازغىنە ئاچتى، ئىسرائىلىيە ئۇنىڭ ئاساسلىق بوسۇغۇلىرىنى سۇندۇردى، خىتاي بولسا تاملىرىنى يىقىتتى.

ئىسرائىلىيە تېزلا ئۆزىنىڭ «كونتروللۇق ۋەكالەتچى»لىك سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ جەرياننى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پىلانلىرىنىڭ ئاساسلىق ماتورىغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئۆزى ئالغان تېخنىكىنى ئۆزىنىڭ سانائەت ئىقتىدارىغا تايىنىپ تېز سۈرئەتتە كۆپەيتتى ۋە جەرياننى ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىنمۇ تارتىپ ئالدى. تۇرۇببىنىڭ ئېغىزى بىر قېتىم ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇنى قايتا تاقىغۇچى چىقمىدى.

ھەتتا سابىق ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يىتزاق رابىنمۇ (Yitzhak Rabin) بۇ ئاچچىق ھەقىقەت بىلەن يۈزلەشكەندە، ئۆزىنى قوغداش ئىنكاسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. سى ئاي ئې (CIA) نىڭ مۇدىرى جامېس ۋۇلسېينىڭ (James Woolsey) كونگېرسقا سۇنغان دوكلاتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايغا ھەربىي تېخنىكا سېتىشلىرىنىڭ «بىر قانچە مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى» ئاشكارىلىغان دەل شۇ ھەپتىدە، رابىن بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئۆتكەن ئون ئىككى يىلدا مىلياردلارچە دوللارلىق قورال سودىسى قىلىندى، دېگەن گەپلەر پۈتۈنلەي بىمەنە»، دەپ بايانات بەردى [4]. ئەسلىدە بۇ يەردە كۈلكىلىك بولغان بىردىنبىر نەرسە، بۇ يالغانچىلىقنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ئالدىدا مۇشۇنداق ئوچۇق-ئاشكارە ۋە خاتىرجەم ئېيتىلىشى ئىدى.

 

3-بۆلۈم: ئېيزېنبېرگ كۆۋرۈكىنىڭ ئاچقان دەرۋازىلىرى ۋە تۇرۇببا سىستېمىسىنىڭ تۇنجى سىناق نۇسخىسى

ئېيزېنبېرگ كۆۋرۈكى بىر ئاخىرلىشىش ئەمەس، ئەكسىچە پۈتكۈل يەر شارىنىڭ مۇداپىئە كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلغان غايەت زور بىر يوشۇرۇن سىر توشۇش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى. 1979-يىلىنىڭ قارلىق كېچىسىدە ئېچىلغان بۇ دەرۋازا قايتىدىن ھېچقاچان يېپىلىپ باقمىدى، ئەكسىچە يىلدىن-يىلغا تېخىمۇ كېڭىيىپ، مۇكەممەللەشكەن «تۇرۇببا سىستېمىسى» غا ئايلاندى.

بۇ تۇرۇببا سىستېمىسىنىڭ ئورگانلىشىپ مۇقىملىشىشى، ئىسرائىلىيە دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدا تەستىقلانغان مەخپىي بىر ھەرىكەت ئىدى. ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئېزەر ۋېيزمان (Ezer Weizman)، خىتاي تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىك تەلىپىگە يازما شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇپ: «ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سودىنىڭ مەخپىيلىكىنى ئىمكانقەدەر چىڭ ساقلاش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى» بېيجىڭغا يەتكۈزگەن ئىدى. 1979-يىلى ئىيۇن ئېيىدا، يات بىر دۆلەتنىڭ بايرىقى ئاستىدا، ئەمما ئىسرائىلىيەلىك خادىملار بىلەن تولدۇرۇلغان بىر پاراخوتنىڭ، سۇ ئۈستىدىكى بىر قورال كۆرگەزمىخانىسى سۈپىتىدە خىتايغا قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا رەسمىي دوكلات قىلىنغان ئىدى [2]. مەخپىيەتلىك بىر ئىختىيارىي تاللاش ئەمەس، بەلكى بۇ ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تۈپ شەرتى ئىدى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتى بۇ مەخپىيەتلىكنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇۋاتاتتى.

تۇنجى يىللاردا پەقەت قۇرۇقلۇق ئارمىيە جابدۇقلىرىغىلا مەركەزلەشكەن بۇ يوشۇرۇن ھەمكارلىق، 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىلىرىغا، 1990-يىللاردىن كېيىن  بولسا، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساھەلىرىگە قەدەر كېڭەيدى. 1979-يىلىدىكى تۇنجى مەخپىي ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىغا ئونلىغان يېڭى سەپەرلەر ئۇلىنىپ داۋاملاشتى. ئۇچۇشلارنىڭ بىر قىسمى بىۋاسىتە ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى «داۋۇت يۇلتۇزى» بەلگىلىرى مەخپىيەتلىك قائىدىسى بويىچە دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلاندى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 1992-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان كۈنگىچە، ئىسرائىلىيەلىك ھەيئەتلەر خىتاي تەرەپ تەمىنلەپ بەرگەن ساختا پاسپورتلار بىلەن يوشۇرۇن قاتناپ يۈردى [1].

1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچىلىقى، غەلىتە بىر شەكىلدە، ئىسرائىلىيەنىڭ تۇرۇببا سىستېمىلىق رولىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. غەرب ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك قورال ئېمبارگوسى، ئىسرائىلىيەنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارغا ئېرىشەلەيدىغان بىردىنبىر  ئەمەلىي «ئارقا ئىشىكى» گە ئايلاندۇرۇپ قويدى. غەرب ئېمبارگو قوياتتى، ئىسرائىلىيە ئېمبارگونى تېشىپ ئۆتەتتى. ھەر ئىككى تەرەپ بۇنىڭ جازا بەدىلىنى ئەمەس، بەلكى  قولغا كېلىدىغان پايدىسىنى ھېسابلاۋاتاتتى. 1989-يىلدىكى ئېمبارگو، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ تۇرۇببالىق رولىنى بىر مەجبۇرىيەتتىن، پۈتۈنلەي ئىستراتېگىيەلىك بىر مونوپوللۇققا ئايلاندۇردى.

بۇ تېخنىكا يۆتكەشلەر ياراتقان ئىستراتېگىيەلىك ئاقىۋەت تولىمۇ دەھشەتلىكتۇر. خىتاي دۆلىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ قولى بىلەن ئېقىپ كىرگەن تېخنىكىلار سايىسىدە، نورمال شارائىتتا ئونلىغان يىللار داۋام قىلىدىغان تەتقىقات-تەرەققىيات (Ar-Ge) باسقۇچلىرىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ يىگىرمە يىللىق تەرەققىيات جەھەتتىكى  دەۋر بۆلگۈچ ئىلگىرىلەشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇردى [8]. بۈگۈن تىنچ ئوكيان ئاسمانلىرىدا ۋە دېڭىزلىرىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە بىۋاسىتە تەھدىت بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ھەربىي قۇدرىتىنىڭ يىلتىزىنى ئىنچىكە تەكشۈرىدىغان بولساق، ئۇ يىلتىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئوغۇتىنىڭ 1979-يىلى بېيجىڭ سىرتىدىكى مەزكۇر ھەربىي بازىغا تۇنجى قېتىم قونغان بويىنگ 707 ئايروپىلانىغا بېرىپ تۇتىشىدۇ.

بۇ كۆۋرۈكنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن يەنە بىر ھالقىلىق مىراسى، قۇرۇلغان غەيرىي رەسمىي رىشتىلەرنىڭ مەڭگۈلۈكلىشىدۇر. 1979-يىلىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئورۇن ئالغان ئىسرائىلىيەلىك ئىنژېنېرلار گۇرۇپپىسى، خىتاي شېرىكلىرى بىلەن ئونلىغان يىللارغا سوزۇلىدىغان كەسپىي بىر ئىشەنچ مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ يوشۇرۇن رىشتىلەر، كېيىنكى يىللاردا GTİİT (گۇاڭدۇڭ تېخنىئون-ئىسرائىلىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى) غا ئوخشاش ئاكادېمىك ھەمكارلىق نىقابى تاقىۋالغان ئورگانلارغا، چاڭجۇ ۋە شاڭخەيدىكى ئورتاق ئىنوۋاتسىيە (يېڭىلىق يارىتىش) باغچىلىرىغا ھەمدە تور بىخەتەرلىك شەرتنامىلىرىگە ئايلىنىپ، رەسمىي تۈردە ئورگانلاشتى. نېتانىياھۇنىڭ 2017-يىلى «جەننەتتىكى نىكاھ» دەپ ئاتىغان بۇ مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقىي ئۇلى، ئەسلىدە پەقەت ئېيزېنبېرگنىڭ ئايروپىلانىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ئايروپىلاندىن چۈشكەن ئىنژېنېرلارنىڭ خىتاي كەسپىداشلىرى بىلەن ئۆزئارا قۇرۇپ چىققان شەخسىي ئىشەنچ تورىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.

شۇ كېچىسى بېجىڭدىكى  مەخپىي ھەربىي بازىدا ئوتتۇز ئىنژېنېر بىلەن باشلانغان بۇ كۆۋرۈك، يېرىم ئەسىر ئىچىدە يەر شارىنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئارقىغا يانغۇسىز شەكىلدە تۈپتىن ئۆزگەرتىپ تاشلىدى.

كېلەر جۈمە كۈنى تۈركىستان ۋاقتى تور گېزىتىدە ئىسرائىليەنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئاۋىئاتسىيە ساھەسىنى قانداق يۇقىرى تېخكنىكىلار بىلەن بىلەن تەمىنلەپ،  تىنچ ئوكيان ئاسمىنىنىڭڭ ھاكىمىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى پۈتۈن تېخنىكىلىق تەپسىلاتلىرى بىلەن دىققىتڭلارغا سۇنىمىز.  

 

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا بېسىڭ:

[https://turkistantimes.com/ug/news-20740.html...]

 

كىتابنىڭ 1- بابىنى ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ؛

[https://turkistantimes.com/ug/news-20775.html]

 

كىتابنىڭ 2- بابىنى ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ؛

https://turkistantimes.com/ug/news-20800.html 

 

  1. Dosya Kaynakçası

[1] Yaakov Katz & Amir Bohbot, The Weapon Wizards: How Israel Became a High-Tech Military Superpower — St. Martin's Press, 2017. Şubat 1979 uçuşunun detaylı anlatımı: Eisenberg'in özel Boeing 707'si, Eilat-Kalküta-Guangzhou-Pekin rotası, sahte pasaportlar, gece fısıltı pazarlıkları, delegasyon üyesinin annesinin vefat haberinin ulaştırılamaması. Ayrıca: "How Israel Used Weapons and Technology to Become an Ally of China" — Newsweek, 11 Mayıs 2017. https://www.newsweek.com/china-israel-military-technology-beijing-jerusalem-saul-eisenberg-weapons-607117

[2] Yitzhak Shichor, "Proxy: The Origins of Israel's Military Sales to China" — ResearchGate, 2020, ve "Israel's Military Relations with China: Mission Inconceivable" — The Palgrave International Handbook of Israel, Springer 2022. 30 kişilik İsrail savunma delegasyonu kompozisyonu, Kissinger'ın 1971 Pekin ziyaretinde İsrail silahlarının övgüsü, Brzezinski'nin vekil rolünü zımnen onaylaması, Savunma Bakanı Weizman'ın gizlilik taahhüdü ve Haziran 1979 yüzen silah fuarı raporu. https://www.researchgate.net/publication/344360901

[3] Yitzhak Shichor, "The Middle East in China's Foreign Policy 1949-1977" — Cambridge UP, 1979, ve "Israel's Military Transfers to China and Taiwan" — Survival 40:1 (1998), DOI: 10.1093/survival/40.1.68. İran Devrimi'nin İsrail savunma sanayiine etkisi, NATO/COCOM kısıtlamalarından muaf tek müttefik olarak İsrail'in Vana rolü, Tiananmen sonrası ambargoyu delme. Ayrıca: Bates Gill & Taeho Kim, "China's Arms Acquisitions from Abroad" — Oxford/SIPRI, 1995. https://doi.org/10.1093/survival/40.1.68

[4] "Israel's Secret Weapon" — TIME Magazine, 1993. Begin yardımcısının ifadesi, Çinli yetkililerin İsrailli mühendislere olağanüstü güveni (fotoğraf-video temelli kontratlar), 1979'dan itibaren İsrail'in Çin'e 3,5 milyar dolar değerinde askeri teknoloji satışı, Rabin'in Pekin basın toplantısındaki inkârı, CIA Direktörü Woolsey'nin Senato Hükümet İşleri Komitesi'ne sunduğu Ekim 1993 yazılı yanıtı. https://time.com/archive/6685593/israels-secret-weapon/

[5] "Type 59 tank" — Army Guide / GlobalSecurity.org. Sovyet T-54A'nın Çin lisanslı üretimi, 10.000+ adet, 1950'ler teknolojisi, PLA zırhlı omurgası. http://www.army-guide.com/eng/product1322.html

[6] Xiaoming Zhang, Deng Xiaoping's Long War: The Military Conflict between China and Vietnam, 1979-1991 — University of North Carolina Press, 2015. PLA'nın Vietnam seferindeki zırhlı kayıpları ve Type 59 tanklarının modern muharebe sahasındaki kırılganlığı. https://books.google.com/books/about/Deng_Xiaoping_s_Long_War.html?id=bCQUCAAAQBAJ

[7] İsrail "Tiran" programı — IDF'nin 1967 ve 1973 savaşlarında ganimet aldığı T-54/55 tanklarının L7 105 mm top, lazer mesafe ölçer ve dijital atış kontrol sistemiyle modernizasyonu, bu hibrit formülün Çin'e aktarılması. Ayrıca: "Sino-Israeli Security Relations: In America's Shadow" — MEI, 2018. https://mei.edu/publication/sino-israeli-security-relations-americas-shadow/

[8] US Congress Research Service (CRS), ONI, DIA ve GAO raporları — İsrail-Çin askeri teknoloji transferinin belgelenmesi, Pentagon'un 1984 Tiananmen geçit törenindeki "yabancı DNA" teşhisi, Çin'in 20 yıllık Ar-Ge sıçraması analizi, RAND Corporation analizleri ve sıfır yaptırım paradoksu. https://www.gao.gov/assets/nsiad-93-184.pdf

[9] "Type 69 tank" — Wikipedia / NORINCO kaynakları. 1982'den itibaren dokuz ülkeye ~2.000 adet ihraç, büyük kısmı Irak'a, İran-Irak Savaşı'nda her iki tarafa satış. https://en.wikipedia.org/wiki/Type_69_tank