2026-يىلى 8-ئىيۇل | ئاپتور: ئېلىجا پوكېل-ۋىلسون
ئاۋسترالىيە ئۆز بازىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ماللارنىڭ تەسىرىگە ئوچۇق قويۇپ بەرمەكتە. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنداق ماللارنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئىمپورت كونتروللۇقى ئاجىز دۆلەتلەر باشقا جايلاردا قاتتىق تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ بارىدىغان بازىرىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئاۋسترالىيەگە نىسبەتەن بۇ خەۋپ قۇرۇق نەزەرىيە ئەمەس، بەلكى ھازىر يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەن ئۆتكەن ئايدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىمدا، ئاۋسترالىيەنىڭ 2025-يىلى خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق يۇقىرى خەۋپلىك ساھەلەردىن تەخمىنەن 4.82 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (6.95 مىليارد ئاۋسترالىيە دوللىرى) قىممىتىدە مال ئىمپورت قىلغانلىقىنى بايقىدىم.
بۇ رەقەملەر دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن يۇقىرى خەۋپلىك ساھەلەردىكى — پاختا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك، قۇياش ئېنېرگىيەسى زاپچاسلىرى، ئاليۇمىن ۋە خىمىيەۋى مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ — ھەر بىر مالنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ئاۋسترالىيەنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى تولۇق ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن ۋە مۇستەقىل دەلىللەش تەس بولغان ساھەلەرگە قارىتا ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2017-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش سىياسىتى بىلەن بىرگە، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى «كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش» ئاپامەتلىرىگە قالايمىقان قامىدى. بۇ زۇلۇم يەنە دۆلەت رەھبەرلىكىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانى ۋە مۇستەقىل تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈشنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن چەكلىمىلەر ئارقىلىق رايون ئىقتىسادىغا كېڭەيدى.
بۇ رايون ئادەتتىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەيدىغان خىتاينىڭ پاختا، توقۇمىچىلىق، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە سانائەت تەمىنلەش زەنجىرىدە يەنىلا مەركىزىي ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ ساھەلەردىكى ھەر بىر مەھسۇلات بۇلغانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش خەۋپى يۇقىرى، ئاۋسترالىيەدە بولسا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى باشقىلىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ئىشەنچلىك سىستېما كەمچىل.
ئاۋسترالىيەنىڭ ھازىرقى قانۇنلىرى بۇ مەسىلىنىڭ كۆلىمىگە ماس كەلمەيدۇ. «زامانىۋى قۇللۇق قانۇنى» (Modern Slavery Act) تېگىشلىك شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خەۋپلەرنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلاردىن يۇقىرى خەۋپلىك ماللارنى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. بۇ قانۇن يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىمەيدۇ. مەلۇمات بېرىش خەۋپنى ئاشكارىلىيالىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ماللارنىڭ دۆلەتكە كىرىشىنى توسالمايدۇ. ئىجرا قىلىشتىكى بۇ بوشلۇق مەسئۇلىيەتنى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئەمەس، بەلكى شىركەتلەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويىدۇ. بەزى شىركەتلەر خەۋپنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى مۇمكىن، باشقىلىرى ئۇنداق قىلماسلىقى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئاۋسترالىيەلىكلەر ئۆزلىرى سېتىۋالغان ۋە ئىشلەتكەن كۈندىلىك ماللارنىڭ قۇللۇققا چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن شىركەتلەرنىڭ ئىختىيارىي ھەرىكىتىگە تايىنىپ قالماسلىقى كېرەك.
2025-يىلى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ ئاياللار جەمئىيىتى پارچە سېتىش دۇكانلىرى زەنجىرى بولغان «Kmart Australia» ئۈستىدىن دەۋا قىلدى. ئىستېمالچىلارنى قوغداش قانۇنى بويىچە دەۋا چۈشۈرگەن بۇ جەمئىيەت، Kmart نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىگە بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئىستېمالچىلارنى ئازدۇرغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.
Kmart ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق شەكىلدىكى قۇللۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ پارچە ساتقۇچى شىركەت يەنە: «بىزنىڭ زامانىۋى قۇللۇق خەۋپىمىز داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خەۋپىنى باشقۇرۇش مۇساپىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە باھالىنىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
جەمئىيەتنىڭ دەۋاسى ئاۋسترالىيەنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىدىكى تېخىمۇ چوڭ بىر مەسىلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يۇقىرى خەۋپلىك ساھەلەردىن مال كىرگۈزىدىغان ئىمپورت قىلغۇچىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىگە ئائىت ئىشەنچلىك ئىسپاتلارنى تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنىشى كېرەك. تاموژنا دائىرىلىرى ئىسپات يېتەرسىز بولغاندا ماللارنى توختىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ مەسئۇلىيەتنى ئىستېمالچىلاردىن ئېلىپ، ماللار ئاۋسترالىيە بازىرىغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق بولغان شىركەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەيدۇ.
بۇ تەدبىرلەر بولمىسا، ئاۋسترالىيە تېخىمۇ قاتتىق ئىمپورت كونتروللۇقىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان چوڭ بازارلارنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ قالىدۇ. ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمپورت كونترول سىستېمىسىنى يولغا قويدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭماقتا. بۇ چوڭ بازارلار مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىگە شىركەتلەر پەقەت مەلۇمات بېرىدىغان بىر نەرسە دەپ ئەمەس، بەلكى چېگرادا توختىتىلىشى كېرەك بولغان بىر نەرسە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ئەگەر ئاۋسترالىيە ئۆز قانۇنلىرىنى كۈچەيتمىسە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا قاتتىق تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلگەن ماللار ئاۋسترالىيەنىڭ دۇكان تەكچىلىرىگە يۆتكىلىپ كېلىشى مۇمكىن.
مېنىڭ دوكلاتىمدا بۇ يۈزلىنىش «يۆتكىلگەن خەۋپ» دەپ تەسۋىرلەندى. بىر بازاردا ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىدىن ئۆزلۈكىدىن يوقىتىپ تاشلىمايدۇ. ئۇ خەۋپنى ئىمپورت تەكشۈرۈشى ئاز بولغان بازارلارغا قاراپ ئىتتىرىشى مۇمكىن. دوكلاتتا كۆرسىتىلگىنىدەك، ياپونىيەمۇ مۇشۇنداق خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە. ئاۋسترالىيە بۇ خەۋپنى تونۇپ يەتتى، لېكىن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچلۈك سىستېما قۇرۇپ چىقمىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ قۇللۇققا قارشى تۇرۇش كومىسسارى كىرىس ئېۋانس (Chris Evans) ھازىرقى سىستېمىنىڭ بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. ئېۋانس مەجبۇرىي تەكشۈرۈش ۋە يۇقىرى خەۋپلىك باياناتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنلارنى قوللىدى، شۇنداق بولغاندا شىركەتلەر زامانىۋى قۇللۇق خەۋپى توغرىسىدا پەقەت مەلۇمات بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك بولىدۇ.
ئاۋسترالىيە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىمپورتىنى چەكلەش، تاموژنا ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن يۇقىرى خەۋپلىك ساھەلەردىكى ماللارنىڭ مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشى كېرەك. ئاۋسترالىيە يەنە ئۆزىنىڭ دۇنياۋى سودا شېرىكلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكا بىلەن يۇقىرى خەۋپلىك ساھەلەر ۋە ئىمپورت قىلغۇچىلار توغرىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئاشكارىلاش مەجۇرىي ئەمگەكنىڭ تەسىرىنى پاش قىلالايدۇ، لېكىن ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۇنى توسالمايدۇ. ئەگەر ئاۋسترالىيە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى، كارخانىلىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىن يىراق تۇتۇشنى خالىسا، چېگرا دائىرىلىرىگە ھەرىكەت قىلىدىغان قوراللارنى (ھوقۇقلارنى) بېرىشى كېرەك.
«ئستراتېگىيەچى» (The Strategist) دىكى ئوبزورنى ئوقۇڭ:
ئېلىجا پوكېل-ۋىلسون «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى. ئۇ پۇگېت ساوند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (University of Puget Sound) ئىقتىساد ۋە خەلقئارا سىياسىي ئىقتىساد كەسپىدە تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.