ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يېڭى قانۇنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

سۈرەتنى «ھونى سويىت» (Honi Soit) ناملىق سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار تاراتقۇسى تارتقان

خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى قانۇنى» 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ قانۇن خىتاينىڭ خەنزۇلارنى مەركەز قىلغان رەھىمسىز ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

2026-يىلى 10-ئىيۇل

5-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 دە تەخمىنەن 35 كىشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەيدانى (Town Hall) غا يىغىلىپ نامايىش قىلدى. مەزكۇر نامايىشنى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەر ۋە زېمىن ئىگىلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش نۇتۇقلىرى سۆزلەنگەندىن كېيىن نامايىشچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى ھەمدە ئارقىدىن سۆزلىگۈچىلەر نۇتۇق سۆزلىدى.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى بەختىيار بۆرە يىغىلغان ئاممىغا: «بۇنىڭدىن 17 يىل ئىلگىرى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تىنچ شەكىلدە نامايىش قىلىپ شاۋگۇەندە ئۇيغۇر زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى» دېدى.

2009-يىلى 26-ئىيۇن كېچىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىنىڭ ياتاقلىرىدا خەنزۇ ئىشچىلار بىلەن يەرلىك شايكىلار ئۇيغۇر مەردىكار ئىشچىلارنى ئۆلتۈرگەن. شياڭگاڭنى بازا قىلغان بىر ئويۇنچۇق ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە تەۋە بولغان شۇ شاۋگۇەن زاۋۇتىدا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ئېغىر ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش خىزمەت شارائىتى مەۋجۇت بولۇپ، «خىتاي ئەمگەك كۆزىتىش تەشكىلاتى» (China Labor Watch) نىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ ئەھۋال مىللىي جىددىيچىلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول ئاچقان. شۇ كۈنلەردە بىر خەنزۇ ئايال ئىشچىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلار تەرىپىدىن جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى يالغان خەۋەرلەر تارقىتىلغانىدى.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەدە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھەمدە 79 ى ئۇيغۇر بولۇپ جەمئىي 118 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. گۇۋاھچىلارنى زىيارەت قىلغان «گاردىئان» (The Guardian) گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە يەرلىك بىر خەنزۇ ئەر يەتتە-سەككىز ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەملەشكەنلىكى بىلەن ماختانغان شۇنداقلا ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ تۆمۈر كالتەكلەر بىلەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئاشۇ چاغلاردا تورغا يوللانغان سىنلارغا ئاساسلانغاندا خەنزۇ توپىلاڭچىلار ساقچىلار بىر نەچچە سائەت كېيىن يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياتاقلىرىغا داۋاملىق بېسىپ كىرگەن.

2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلدى. شەھەرنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە تىنچ نامايىش بىلەن باشلانغان بۇ ھەرىكەت ساقچىلار ئونلىغان نامايىشچىنى قولغا ئېلىپ ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغاندىن كېيىن خەنزۇلارغا قارشى زوراۋانلىققا ئايلىنىپ كەتكەن. بىر قىسىم غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان، كوچىلاردىكى خەنزۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ خەنزۇلار باشقۇرۇشىدىكى دۇكانلارنى چېقىپ ۋەيران قىلغان. مەزكۇر توقۇنۇشتا كەم دېگەندە 197 كىشى قازا قىلغان بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇلار ئىدى.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئوخشاش ئۇيغۇر مىللىي تەشكىلاتلىرى ۋەقەدىن كېيىن يۈز بەرگەن قولغا ئېلىشلار شۇنداقلا توپىلاڭغا قاتناشقانلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان سوتلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى بىر «قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

نامايىشتا پەلەستىننى قوللاش تەشكىلاتى بولغان «پەلەستىننى قوللاپ چىقىڭ» (Stand for Palestine) تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى مۇخلىس ما سۆز قىلدى.

مۇخلىس ما ئۆزىنىڭ تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان بىر خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ مەسىلە مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر تېمىدۇر. ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ئەمەلىيەتتە تۇنجى باشلىنىش ئەمەس ئىدى، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ئۇ بىر باشلىنىش بولۇپ قالدى» دېدى.

20260705-2-1-1536x1024

مۇخلىس ما بىلەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھمەت ئوبۇل بىرگە. سۈرەتنى «ھونى سويىت» (Honi Soit) تاراتقۇسى تارتقان.

ما يەنە مۇنداق دېدى: «چۈنكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن كۆرگىنىمىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى بولدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ كەلگەن كىشىلەرنىڭمۇ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى، تىلىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۇق. بىز ھەقىقەتەنمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان كۆپلىگەن پاجىئەلەرگە شاھىت بولدۇق.»

كەم دېگەندە 2017-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» لاگېرلىرىغا قانۇنسىز ھالدا كەڭ كۆلەملىك قاماپ كەلمەكتە. مەزكۇر لاگېرلاردا تۇتقۇنلار خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۆزلىرىنىڭ «ئاشقۇنلۇق» ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپتە بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ كېيىنچە ئۇلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» دەپ ئاتىدى. تۇتقۇنلارنىڭ ئادەتتە بىر نەچچە يىل داۋاملىشىدىغان دەرسلەرنى «پۈتتۈرگەندىن» كېيىن ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشىغا ۋە ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى دەۋا قىلىندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 2022-يىلى بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقىنى ئېلان قىلدى.

ما سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن تۇڭگان مىللىتىدىن چىققان بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، بىز ئىلگىرى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا قاراپ ‹ھەي، بۇلار بۆلگۈنچى بولسا كېرەك، نېمىشقا مۇنداق قىلىدىغاندۇ؟› دەپ ئويلايتتۇق. بىراق تۇڭگانلار ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭمۇ ئەركىنلىكىمىزنى ئاستا-ئاستا تارتىۋېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى.»

خىتاي دائىرىلىرى «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن دىنىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. دىنىي كىتابلارنى پەقەت كوممۇنىستىك پارتىيە تەستىقلىغان چۈشەندۈرۈشلەر بويىچىلا ئۆگىتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى مەچىتلەردە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ كىرگەن ھەر بىر كىشىنىڭ كىملىك كارتىسىنى سۈرتۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەچىتىگە ئوخشاش بەزى مەچىتلەر بولسا ئەمەلىيەتتە تاقىلىپ ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلدى.

20260705-3-1-1536x1062

شىئەندىكى بىر مەسچىتنىڭ ھويلىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار. سۈرەتنى ئۆتكەن قىشتا «ھونى سويىت» (Honi Soit) تاراتقۇسى تارتقان.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھمەت ئوبۇل خىتاينىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى قانۇنى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يەنى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ بۇ ‹ئىتتىپاقلىق قانۇنى› نى يولغا قويدى. بۇ پۈتۈنلەي بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىياسىتىدۇر. ئۇ باشقا ھېچكىمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ... شۇڭا باشقا ھېچقانداق تىل، مەدەنىيەت ۋە دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چەت ئەلدىكى دىياسپورا گۇرۇپپىلىرى مەزكۇر قانۇننى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. 2-ئىيۇل كۈنى بىر تىبەت پائالىيەتچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ قۇربان بولدى.

مەزكۇر قانۇن بىرلىككە كەلگەن كىملىكنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» (يەنى خىتاي مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى) دەپ تەسۋىرلەيدىغان بولۇپ بۇ سۆز تېكىستتە جەمئىي 54 قېتىم تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر قانۇندا كىشىلەرنىڭ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشىگە «توسقۇنلۇق قىلىشى»، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا «بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولغان ئەقىدىلەرنى سىڭدۈرۈشى»، «دىنىي ياكى مىللىي سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ باشقىلارنىڭ توي قىلىش ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشى» شۇنداقلا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان» مەزمۇنلارنى تارقىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە «دۆلەت تېلېۋىزىيە رادىيو پىروگراممىلىرىنى رەت قىلىش»، «نورمالسىز ساقال-بۇرۇت قويۇپ كىيىنىش» شۇنداقلا «يېمەكلىك ساھەسىدىن باشقا ئورۇنلاردا ‹ھالال› ئۇقۇمىنى تەشۋىق قىلىش» قاتارلىق قىلمىشلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2017-يىللىق «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» بويىچە ئاللىقاچان ئوچۇق-ئاشكارا جىنايەت دەپ بېكىتىلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپلەردىكى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا دەرس ئۆتۈش بىلەن قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىستېمىلىرىمۇ ئاستا-ئاستا پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

نامايىشقا كەلگەنلەرنىڭ نېمىشقا ئازلىقى سورالغاندا مەھمەت ئوبۇل: «ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ نامايىشقا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

«بىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزىنى ئوڭشاپ بۇ ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى› دەيدىغان بارلىق بىمەنە نۇقتىلارنى دەرھال توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇللارغا ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش، مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىنى ئەركىن ئادا قىلىش پۇرسىتى بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. خۇدا تائالا ھەققى ئۈچۈن ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، بۇ زادى كۆپ تەلەپمۇ؟»

خەۋەر مەنبەسى: https://honisoit.com/2026/07/uyghurs-rally-in-opposition-to-new-chinese-law/