ئىستانبۇل، 2026-يىلى 13-ئىيۇل — دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرى، ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 12-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 12-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەشكىلاتنىڭ 65 نەپەر ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي دوكلات بېرىپ ئۆتۈلدى. 3 يىللىق خىزمەت دوكلاتىدىن كېيىن، ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بېرى بىرلىكنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان د. ئالىمجان بۇغدا باشچىلىقىدىكى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئىستىپا بەردى. ئارقىدىن قۇرۇلغان 3 كىشىلىك سايلام كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن د. ئالىمجان بۇغدا تەكرار شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى ۋە بۆلۈملەرنىڭ پىلانلىرى
سايلامدىن كېيىن، بىرلىك رەئىسى، ئىككى مۇئاۋىن رەئىس ۋە بۆلۈم مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى قۇرۇپ چىقىلدى. ئىككى كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا پەتىۋا، دەۋەت ۋە ئىرشاد، تاشقى ۋە ئىچكى ئالاقە، تەرجىمە-تەتقىقات، خەلق بىلەن مۇناسىۋەت ھەمدە مالىيە بۆلۈملىرى ئايرىم-ئايرىم گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى ۋە ئالدىمىزدىكى يىللاردا قىلىنىدىغان خىزمەت پىلانلىرىنى بېكىتتى.

كەلگۈسى خىزمەت نىشانلىرى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا بىرلىكنىڭ ئەھمىيىتى، ئۆلىمالار بىلەن تەشكىلاتلارنىڭ مۇناسىۋىتى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ۋە جەمئىيەتتە ئۆلىمالارنىڭ ئوينايدىغان رولى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. يۇقىرىدىكى مۇزاكىرىلەرگە ئاساسەن، ئۆلىمالار بىرلىكى ئالدىمىزدىكى يىلدا تۆۋەندىكى 8 تۈرلۈك خىزمەتنى روياپقا چىقىرىش قارارىنى ئالغان:
-
مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى قوغداش: شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى خەلقنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.
-
خەلقئارالىق دەۋەت خىزمىتى: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تەشكىلات ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش.
-
تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت: تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەمدە دەۋا ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش.
-
ئاكادېمىك ۋە ئوقۇشلۇق خىزمەتلىرى: خەلقنىڭ دىنىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش، كىتاب-ژۇرنال ۋە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تەييارلاش، ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئىسلامىي ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈپ چىقىش.
-
ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش: ئىلاھىيەت ساھەسىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان خىزمەتلەرنى جانلاندۇرۇش ۋە قەرەللىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش.
-
پەتىۋا خىزمەتلىرى: ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش.
-
ياشلار ۋە ئىدىيۋى خىزمەت: ياشلارنىڭ ھەر خىل باتىل پىكىر ۋە ئېقىملارغا مايىل بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ماس كېلىدىغان دەۋەت ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش.
-
خەلق بىلەن بولغان ئالاقە: خەلق بىلەن مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئامما بىلەن بولغان رىشتىنى چىڭىتىش.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا، بىرلىك رەھبەرلىكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەپ، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى روياپقا چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولۇش ئۈچۈن دۇئا ۋە ياخشى تىلەكلەر بىلەن يىغىننى خۇلاسىلىگەن.