18-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ئىستانبۇلدا باشلاندى

16.07.2026 ئىستانبۇل | نىزامىدىن ئاشقىن

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى شۇنداقلا 18-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا باشلاندى.

«ئورتاق دەۋا، كۈچلۈك تەشكىلات، ئەمەلىي قەدەم» تېمىسىدا زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە يىغىن مەركىزىدە باشلانغان بۇ پائالىيەتكە، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر:

قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز بۇ يەردە زور بىر ئىپتىخارلىق، چوڭقۇر ھاياجان ۋە ئېغىر تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدۇق. مەرىپەت بىلەن قۇرۇلغان، مائارىپ بىلەن قىممەت يارىتىلغان، سەۋر ۋە ھەمكارلىق بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى ھەمدە 18-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنى كۈتۈۋېلىۋاتىمىز. بۈگۈن بىز ئادەتتىكى بىر جەمئىيەتنىڭ 20 يىللىق پائالىيەت مۇساپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى زۇلۇمغا قارشى يېقىلغان بىر مەرىپەت مەشئىلىنىڭ، ئاسسىمىلياتسىيە، قىرغىنچىلىق ۋە بىر مىللەتنىڭ يوقىتىلىشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان 20 يىللىق شانلىق قارشىلىقنىڭ، شۇنداقلا ‹مائارىپ› ۋە ‹ھەمكارلىق› شوئارى ئاستىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ خاتىرە كۈنىنى نىشانلاش ئۈچۈن يىغىلدۇق».

«ئۆتمۈشتىكى مەغلۇبىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى جاھالەتتۇر»

«بىزنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىمىز ئادەتتىكى بىر ئاممىۋى تەشكىلات تەشەببۇسى بولۇشتىن تولىمۇ يىراق» دېگەن مۇساجان ئەر سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «18-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن باشلانغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە خۇسۇسەن 1949-يىلىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان زۇلمەتكە پاتتى. خىتاي رېجىمى رەزىل سۇيىقەستلەر بىلەن خەلقىمىزنىڭ يولىنى يورۇتىدىغان جامائەت ئەربابلىرىمىزنى، دىنىي ئۆلىمالىرىمىزنى ۋە زىيالىيلىرىمىزنى تۈرمىلەرگە تاشلىدى ۋە شېھىت قىلدى. رەھبەرسىز ۋە يولباشچىسىز قالدۇرۇلغان خەلقىمىز ئىلىم-مەرىپەتتىن ۋە مەدرىسىلەردىن مەھرۇم قىلىندى. ئۆتمۈشتە مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قىلغان بارلىق كۈرەشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىز قېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب ئەنە شۇ جاھالەت پاتقىقى ۋە لاياقەتلىك يولباشچىلارنىڭ يوقىتىلىشى ئىدى. دەل شۇ سەۋەبتىن، 2006-يىلى خەلقىمىزنى بۇ ئەسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈپ چارىسى — ئەقىل-پاراسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان، بىلىملىك ۋە ئاڭلىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، مەرھۇم رەھبىرىمىز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھەزرەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان زىيالىيلىرىمىز، ئۆلىمالىرىمىز ۋە باتۇر ياشلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولدۇق ۋە بۇ قايتا ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بىرلىكتە تاشلىدۇق».

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا:

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگىسىدىكى ھىجرەت ۋە كۈرەش»

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا مۇنداق دېدى: «1949-يىلى خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغالىيەتكە قارشى نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلدى. ئەمما، خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان بېسىمى، دىنىي مائارىپنى پۈتۈنلەي چەكلەپ، ئاتېئىستىك ۋە كوممۇنىستىك ئىدىيەنى ئاساس قىلغان مائارىپنى تېڭىشى سەۋەبىدىن، ئۆلىمالىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز ۋە مۇجاھىدلىرىمىز ئەركىنلىك كۈرىشىنى ئۆزلىرى كۈتكەندەك قانات يايدۇرالمىدى ھەمدە غەلىبىگە ئېرىشەلمىدى. شۇ سەۋەبتىن، قوشنا ئافغانىستانغا ئوخشاش ئەللەردىكى ئەركىنلىك شادلىقىنى كۆرگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز، بۇ كۈرەشنى چەت ئەلگە يۆتكەشكە ۋە ئۇ يەردە سىستېمىلىق مائارىپ خىزمىتىنى باشلاشقا قارار قىلدى. ئىلگىرى 1952-يىلىمۇ بەزى رەھبەرلىرىمىز ھىجرەت قىلغان ئىدى. دۆلەت قاتلىمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مۇھەممەدئەمىن بۇغراغا ئوخشاش رەھبەرلىرىمىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان زۇلمىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلىپ، 40 - 50 يىل مۇشۇ دەۋا ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. سىياسىي جەھەتتىن كۆزلەنگەن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمىغاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىمىز ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە قىلغان ھىجرىتىنى ئۈلگە قىلىپ ھىجرەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قايتىدىن تەشكىللىك ھالدا كۈرەش قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئافغانىستانغا، بىر قىسمى غەربىي تۈركىستانغا، يەنە بىر قىسمى تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشتى».

1995-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يارىتىلغان پۇرسەتلەردىن بىلىم ۋە ساپانىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبلىك تولۇق پايدىلىنالمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن بۇغدا مۇنداق دېدى: «بۇ جەرياندىن كېيىن، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ئابدۇلقادىر ياپچان قاتارلىق پېشقەدەملىرىمىز باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيەگە كەلدى ۋە ئۆتمۈشتىكى مەغلۇبىيەتلەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا، ئىلىم-مەرىپەتنىڭ كەمچىللىكى ۋە جاھالەتنىڭ بۇنىڭغا تۈپ سەۋەب بولغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق تونۇشقا كېلىندى. شۇنىڭ بىلەن ھەرىكەتنى ئالدى بىلەن مائارىپتىن باشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى تونۇپ يېتىلدى. بىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئاساسىدا ‹شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى› قۇرۇپ چىقىلدى».

زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى، دوكتور ئادەم ئۇسلۇ:

«بۇ ھەققانىي كۈرەش بىر كۈنى چوقۇم ئۆز مېۋىسىنى بېرىدۇ»

يىغىندا سۆز قىلغان زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى (قايمىقام) دوكتور ئادەم ئۇسلۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئۆزلىرىنىڭ دەۋاسىنى مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈم بەلكىم غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى سىلەر بۇ دەۋانىڭ يۈكىنى ئۆز مۈرەڭلارغا ئالغان ۋە ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاۋاتقان قەھرىمان مۇجاھىدسىلەر. خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا زىت قىلمىشلىرىنى ۋە جازا لاگېرلىرىنى دۇنيا مىقياسىدا ئاشكارىلاشقا قوشقان تۆھپەڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. مەيلى تۈركىيەدە ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن، سىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ كۈرەشنىڭ بىر كۈنى چوقۇم ئۆز مېۋىسىنى بېرىشىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنىڭ يەنە شۇ مۇبارەك تۇپراقلاردا ئەركىن ھالدا ياڭرايدىغان كۈنلەرنى كۆرۈشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن».

يىغىن قوجائېلىدە يېپىق شەكىلدە داۋاملىشىدۇ

شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى قوجائېلى ۋىلايىتىدە يېپىق يىغىن شەكلىدە داۋاملىشىدىغان پائالىيەت دائىرىسىدە؛ بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەتلەر، مەۋجۇت يېتەرسىزلىكلەر، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستراتېگىيەلىك قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. يىغىندا كۈچلۈك بىرلىك ۋە باراۋەرلىك، ئورتاق دەۋا، كۈچلۈك تەشكىلات شۇنداقلا ئەمەلىي قەدەملەر ئاساسلىق تېما سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. (ئىلكە خەۋەر ئاگېنتلىقى - İLKHA)