خىتاينىڭ يېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىغا قارشى ئىنكاسلار كۆپەيمەكتە

لىخاسادا دۇئا قىلىۋاتقان بىر تىبەت ئايال. مەنبە.

2026-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېڭى قانۇننىڭ ئىسمى ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ پەقەت يەنە بىر قېتىملىق باستۇرۇش شەكلىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

يازغۇچى: ماركو رېسپىنتى (Marco Respinti)

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ خ ج) نىڭ يېڭى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» خ خ ج مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 2026-يىلى 12-مارت تەستىقلانغاندىن كېيىن 2026-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى. «زېمىستان» (Bitter Winter) تورى بىر نەچچە قېتىم پاش قىلغىنىدەك، بىرلىك سەپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ قانۇننى يولغا قويۇش قوللانمىسى بىلەن بىرلىكتە، بۇ قانۇن خىتايدا ياشايدىغان بارلىق ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش، شۇنداقلا خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ياشايدىغان كىشىلەرنى (ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە چەكلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا ساقلىنىپ قالغان) «دۆلەت بىخەتەرلىكى» مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش، ھەمدە خىتاي جۇمھۇرىيىتى (تەيۋەن) دىكى كىشىلەرنى تەسلىم بولۇشقا تەھدىت سېلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن قاتتىق بىر قانۇندۇر.

بۇ يېڭى قانۇننىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرى تىبەت ئېگىزلىكىدە ياشايدىغان تىبەتلەر، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللار بولىدۇ. بۇ ئەنسىز جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قانۇن كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام كوچىلىرىغا چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق ئاۋازىنى كۆتۈرگەنلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس.

«خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ قانۇن ئەھمىيەتلىك مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ئاپتونومىيە بوشلۇقىنى تېخىمۇ تارايتىدۇ» دەپ چۈشەندۈردى ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورى، خىتاينىڭ مىللەت سىياسىتى بويىچە يېتەكچى مۇتەخەسسىس جامېس لېيبولد (James Leibold) «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا. «ئۇ تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋە باشقا خەنزۇ بولمىغان مىللەتلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئۇلارنىڭ تىلى، تارىخى ۋە كىملىكى پەقەت كومپارتىيەنىڭ بىر پۈتۈن خىتاي مىللىتى توغرىسىدىكى بېكىتىلگەن تەسەۋۋۇرىغا ئۇيغۇن كەلگەندىلا ئاندىن قوغدىلىدۇ.»

تىل ئارقىلىق مەجبۇرلاش

مەسىلەن، دۆلەت ئورتاق تىلى (خەنزۇ تىلى) نى ئۆز ئانا تىللىرى بىلەن ياشايدىغان بۇ جەمئىيەتلەرگە مەجبۇرىي تېڭىش نىشان قىلىنغان. قانۇننىڭ 15-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى مائارىپ ۋە ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي تىل-يېزىقى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. دۆلەت مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشىنى ھەمدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.» بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ، 6-ماددىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغىنىدەك «دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ.» 58-ماددا تېخىمۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان: «مۇشۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزگەن ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە دەرھال توسۇشى ۋە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى شۇنداقلا قانۇن بويىچە جازالىشى كېرەك. ئەگەر بۇ قىلمىش جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرسە، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش ئورگىنى قانۇن بويىچە جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئەگەر جىنايەت شەكىللەندۈرسە قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىق قوغلىشىلىدۇ.»

ئەمەلىيەتتە 10-ماددا پەردازنى سىيرىپ تاشلايدۇ: «بىز مىللەت، دىن ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارشى بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاش، چەكلەش، باستۇرۇش، سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز.» نېمىلا بولمىسۇن، 46-ماددا ئىنتايىن ئېنىق: «دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى خىتاي مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش تەشۋىقات-مائارىپىنى قانات يايدۇرۇپ، خىتايدىكى دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، دىنىي خادىملار ۋە ئېتىقادچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ماسلىشىشچانلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك.»

ئادەتتىكىدەك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش

بۇ يېڭى قانۇن يەنە خىتاينىڭ چەت ئەل سۈرگۈندىكىلىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بالالارنىڭ بىرى بولغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا لايىھەلەنگەن. نەزەرىيە جەھەتتىن زېمىن سىرتىدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بېرىلگەنلىكتىن چەت ئەلدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىد قىلغۇچى خىتايلىق بولمىغان شەخسلەرمۇ نىشانغا ئايلىنىشى مۇمكىن. 63-ماددىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ سىرتىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان تەشكىلات ۋە شەخسلەر قانۇنغا بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.»

بۇ تەرەپ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنى ئالاھىدە ئەندىشىگە سالدى. قانۇن كۈچكە ئىگە بولۇش ھارپىسىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى جون مۇلېنار (John Moolenaar) مۇنداق دەپ كەسكىن بايان قىلدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ساددا قىلىپ ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىي قانۇنى› دەپ نام قويۇلغان دىستوپىيەلىك قانۇنى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ قانۇن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە ۋەھىمىسىنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىدە كۈچىيىشى بولۇپ، خىتاي بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن چەتتە ياشايدىغان تەنقىدچىلەرنى پاراكەندە قىلىش ۋە قورقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا.» 1-ئىيۇلدىكى ئوخشاش بىر ئالاھىدە كومىتېتنىڭ مەتبۇئات باياناتىدا يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: «بىز بۇ قانۇندىكى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئىدىيەۋى ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان تىللاردىن، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزدى› دەپ قارالغان خىتاينىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ خىتايدا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز. بۇ كەڭ دائىرىلىك قانۇن بېيجىڭغا ئۆزىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى سۆزلىگەنلەرنى جازالاش ئۈچۈن چەكسىز دېگۈدەك ھوقۇق بېرىدۇ. بۇ پەقەت بېيجىڭنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق قۇرۇلمىلارنى بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.»

Congressman John Moolenaar. Credits.

پارلامېنت ئەزاسى جون مۇلېنار. مەنبە.

شۇنداقلا بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئوخشاش لىنىيەدە ئىنكاس قايتۇردى. 30-ئاپرېلدىكى بىر قاراردا مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا پارلامېنتى بۇ قانۇننى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇن ئاستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەيدۇ.» بۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ياشاۋاتقان شەخسلەرگە قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى» ئەيىبلىدى ۋە جۈرئەت بىلەن «ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن بولغان جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىملىرىنى توختىتىشقا چاقىردى. ئاخىرىدا ئۇلار ياۋروپا كېڭىشىنى بۇ يېڭى قانۇنغا مەسئۇل بولغانلارغا قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك جازالاش تۈزۈمىنى قوللىنىشقا چاقىردى.»

ياۋروپا پارلامېنتى يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان نىقابلار ئاستىدا دىنلار ۋە مىللىي گۇرۇپپىلارغا قاراتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار «دالاي لامانىڭ ۋارىسى بولۇش مەسىلىسى سىياسىي ئەمەس دىنىي مەسىلە بولۇپ، ئۇ پەقەت تىبەت بۇددا دىنى ئەنئەنىلىرىگە ئاساسەن بەلگىلىنىشى كېرەكلىكىنى» تەكىتلىدى. مەلۇمكى خىتاي كومپارتىيەسى تىبەت بۇددا دىنى ۋە تىبەتنىڭ بۇ تۈپ تەرىپىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ۋە كېيىنكى دالاي لامانىڭ ۋارىسلىق قىلىش جەريانىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە بۇ قانۇن باستۇرۇش خاراكتېرىدىن سىرت ئاساسىي قىممەت قاراشلاردىن خالىي بولۇپ، پۈتۈنلەي سىياسىي شوئارلار، ماركسىستىك رېتورىكا ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتۇقلىرى ئەتراپىدا قۇرۇلغان سىستېمىسى بىلەنمۇ كۆزگە چۈشىدۇ. يېڭى قانۇننىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندا خىتاي كومپارتىيەسى ماركسىستىك مىللەتلەر نەزەرىيەسىنى خىتاينىڭ مىللىي مەسىلىلىرىنىڭ كونكرېت رېئاللىقى ۋە خىتاينىڭ قالتىس ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى.» شۇنداقلا 2-ماددىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ خىتايچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى... گە ئەمەل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تولۇق يولغا قويىدۇ.» بۇ بىر قانۇن ھۆججىتىدىن كۆرە دۆلەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تىكلەيدىغان بىر سىياسىي دوكتىرىناغا كۆپرەك ئوخشايدۇ. ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى ئەخلاقىي تەلەپلەرگە پىسەنت قىلمايدۇ.

ھېچكىم چەتتە قالمايدۇ

مۇنداق دېيىلگەن بىلەن، قانۇن تېكىستىدە دېڭ شياۋپىڭ (1904-1997) نىڭ تىلغا ئېلىنىشىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. دېڭ شياۋپىڭنىڭ يۈزەكى ئىسلاھاتچىلىقىنىڭ مەستانىسى بولۇش كېرەك ئەمەس، ئەمما ئۇ خىتاينىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە 1984-يىللىق «رايونلۇق مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى» ماقۇللانغان: ئۇنىڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى بېرىش ئېنىق بەلگىلەنگەن ۋە كۆپ سانلىق مىللەتنىڭ سۇبيېكتىپ شۇۋىنىزمىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇلغانىدى. ئەمما رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قىلغان قاتتىق يېڭى-كوممۇنىستىك سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا قارشى كېلىدۇ.

تىبەتلەرگە كەلسەك ئۇلارنىڭ زېمىنى 1950-يىلى خ خ ج نىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى ساراسىمىگە چۈشمەكتە. ھىندىستاننىڭ دارامسالادىكى تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ياكى مەركىزىي تىبەت مەمۇرىيىتى (CTA) مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇردى: «بۇ قانۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نامىدا تىبەتلەر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە تىلى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئەتراپلىق قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.»

ئەمەلىيەتتە مەركىزىي تىبەت مەمۇرىيىتىنىڭ سىكيۇڭى (باش مىنىستىرى) پەنپا تېسېرىڭ (Penpa Tshering) خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ قانۇنغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ قىلغان مۇراجىئىتىدە مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن دۆلەت تىلى (خەنزۇ تىلى) ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويۇش، ئارىلاشما مەھەللىلەر ۋە نىكاھلار ئارقىلىق نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ كۆزىتىش سىستېمىسىنى كېڭەيتىش ۋە خىتاينىڭ يۇرىسدىكسىيەسىنى سىرتقا كېڭەيتىش ئارقىلىق تەنقىدچىلەر ۋە تىبەت دىياسپوراسىنى نىشانلاش ئارقىلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى قانۇنىي مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ.»

 A law designed to increase control. AI-generated.

كونتروللۇقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىر قانۇن. سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ياسالغان.

ئەمما بۇ يېڭى قانۇن كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر ئەمەلىيەتنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى. خىتاي كومپارتىيەسى تىبەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئاللىقاچان قەدەملەرنى تاشلىغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان تىبەت ئائىلىلىرىدىن بالىلىرىنى دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنماقتا، بۇ يەردە ئاساسلىق ئوقۇتۇش تىلى خەنزۇ تىلىدۇر. ئۇ يەردە بالىلار ھاكىم ئورۇندىكى خەنزۇ مەدەنىيىتى قۇرۇلمىسى ئاستىدا تەربىيەلىنىدۇ. تىبەتنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى، تىلى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى قوغداشنىڭ بارلىق شەكىللىرى ئەمدى زىيانلىق دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ ۋە «بۆلگۈنچىلىك» دەپ قارىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان بولسا خ خ ج دا ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان يەنە بىر ئۆلكىدۇر. مۆلچەرلەنگەن 11 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولغان كىشى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، ئەمەلىيەتتە بۇلار تۇتقۇن قىلىش مەركەزلىرىدۇر. ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش تىرىشچانلىقلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. چەت ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ئۆتكەن يىلى ئېيتقىنىدەك: «ۋەتىنىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى قىلماقتا» ۋە «خىتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوقۇتۇش تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنى توختاتتى، كۈتۈپخانىلارنى تاقىدى ۋە تەھرىرلەر ھەم نەشرىياتچىلارنى ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىككە ئۇچراتتى.»

جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە (ئىچكى موڭغۇل) بېيجىڭ كەم دېگەندە 2020-يىلدىن باشلاپ موڭغۇل تىلىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. نارازىلىق نامايىشلىرى پارتلىغاندا ھۆكۈمەت تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش، قايتا تەربىيەلەش پىروگراممىلىرى ۋە نامايىشچىلاردىن مەجبۇرىي ئاشكارا «تۆۋە قىلىش» تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى. موڭغۇللار ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تورغا يۈزلەنگەندە موڭغۇل تىلىدىكى تور ئىشلىتىشكە قارىتا رەقەملىك چەكلەشلەر ئېلىپ بېرىلدى.

خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە خىتاي جۇمھۇرىيىتى (تەيۋەن) دە ياشايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ يېڭى قانۇننىڭ شۇم بېشارىتى شۇكى، ئۇلار «دۆلەتنىڭ سۇۋېرىنلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ئاڭلىق قوغدىشى» ۋە «خىتاي مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى» كېرەك.

يېڭىلىق يوق، خىتاي كومپارتىيەسىدىن يەنە بىر ناچار قانۇن.

https://bitterwinter.org/reactions-mount-against-the-new-chinese-law-on-ethnic-unity/