2026-يىلى 24-ئىيۇل، STP
تەھدىتكە ئۇچرىغان خەلقلەر جەمئىيىتى (STP) بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) 21 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىت ئارافات ئادىلنىڭ گېرمانىيەدىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. بۇ تەشكىلاتلار بۇ قايتۇرۇپ بېرىش ھەرىكىتىنىڭ «قىيناش مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەرگە ئادەم قايتۇرماسلىق» ھەققىدىكى چەكلىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان/شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن، ياۋروپا پارلامېنتى بولسا بۇنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان. چەت ئەللەردىن قايتقان ئۇيغۇرلار ئالاھىدە خەتەرلىك ئورۇندا دەپ قارىلىدۇ.
STP بىلەن WUC ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قەتئىي مەنئى قىلىدىغان كۈچكە ئىگە بىر بەلگىلىمە چىقىرىشنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇلار يەنە، ھەر قانداق بىر ئادەمنى قايتۇرۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى، بولۇپمۇ تەقىپكە ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرىغا كەلگەندە، قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە بولىدىغان سەۋەبلەرنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئاراپات ئادىلنىڭ دېلوسىدا بۇنداق قىلىنمىغان. گېرمانىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان تۇرۇپ، قانداق قىلىپ بۇنداق ئادەم قايتۇرۇپ بېرىش ئەھۋالىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم يۈز بېرىدىغانلىقىغا قارىتا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
بۇ ياش يىگىت 21-ئىيۇل كۈنى ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا فرانكفورت ئايروپورتىغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە بېيجىڭغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. ئائىلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بېيجىڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن دەرھال قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنغان. تۈركىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئۇ خىتايدىن قايتا چىقىپ كېتەلىگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇ 23-ئىيۇل تۈركىيەگە يېتىپ بارغان.
«گېرمانىيە كۆچپەنلەر ۋە مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ (BAMF) بىر ئۇيغۇرغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك قارارى بەرمەي، ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە. ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان تەدبىرلەر يېتەرسىز. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى بەلگىلىمىلەرنى زۆرۈر تۈردە قايتا كۆرۈپ چىقىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتسا قولغا ئېلىنىش، سوراق قىلىنىش ۋە قىيناشقا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ»، دەيدۇ STP نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتچىسى مىريام كپوبولد (Mirjam Kobold).
ئارافات ئادىل خىتاي پۇقرالىقىدىن باشقا يەنە تۈركىيە پۇقرالىقىغىمۇ ئىگە. ئائىلىسى 2017-يىلى خىتايدىن ئايرىلىپ، شۇندىن بېرى تۈركىيەدە ياشاپ كەلگەن؛ ئۇ 2024-يىلى تۈركىيە پاسپورتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ گېرمانىيەدە قىلغان پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ۋە ئىلتىماس ئىشلىرى توختىتىلغان. بۇ يەردە ئېتىراز بىلدۈرۈلگىنى بۇ قارارنىڭ ئۆزى ئەمەس: BAMF ئۆز قارارىدا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە يېتەرلىك سەبەب يوق دەپ ھۆكۈم قىلغان ھەمدە ئارافات شەرقىي تۈركىستان/شىنجاڭدا تۇغۇلغان بولۇشىغا، شۇنداقلا بۇ ئىدارىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئادەتتە پاناھلىق بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، قايتۇرىدىغان دۆلەت سۈپىتىدە ئېنىق قىلىپ خىتاينى كۆرسەتكەن. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىدىغان قانۇن يوقلىقىنى، ئەمما BAMF نىڭ پىرىنسىپى بويىچە ئۇلارغا ئادەتتە قوغداش بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئادىلنىڭ دېلوسىدا بۇ خىل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئۇنى قوغداش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزى ۋە ئائىلىسى زۇلۇمدىن قاچقان شۇ دۆلەتكە قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن ئاخىرلاشقان.
«گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى ئۇنىڭ ئادۋوكاتىغا ئۆز ۋاقتىدا ئۇقتۇرماسلىقى ۋە ئاراپات بىلەن ئالاقىلىشىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى قەتئىي ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىش. گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ بىر ئۇيغۇرنى يەنە ئاشۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئادامنى ئىنتايىن تەشۋىشكە سالىدۇ. بۇنىڭغا قارشى دەرھال تەدبىر قوللىنىلىشى كېرەك»، دەيدۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئاركىن.
مىريام كپوبولد يەنە تەكىتلىەپ شۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا ئىنساپ ھوقۇقى ئۆلچىمى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىيناشقا قارشى تور كېلىشىمىدە ئېنىق بەلگىلەنگەن قايتۇرۇپ بەرمەسلىك پىرىنسىپى (Refoulement) پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كۈچكە ئىگە. بۇ پىرىنسىپنىڭ ئۈچىنچى قېتىم كۆزگە ئىلىنماستىن دەسسەپ ئۆتۈلۈشى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى ھەمدە گېرمانىيەنىڭ ئىنساپ ھوقۇقى مەجبۇرىيىتىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىدۇر.»
مىريام كپوبولد (Mirjam Kobold) ئاسىيا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى