مەۋلان تەڭرىقۇت - ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزى
2026-يىلى 27-ئىيۇل
ترامپ پىرزدېنت بولغاندا «بىر كۈندىلا» توختىتىدىغانلىقىنى داۋا قىلغان رۇسىيە-ئوكرائىينا ئۇرۇشى توختاش بىر ياقتا قالسۇن، تېخىمۇ شىددەتلىك تۈسكە كىرمەكتە. بۇ ئۇرۇش ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشدىن (ھەر بىرى 4 يىل داۋاملاشقان) ئېشىپ 5- يىلىغا قەدەم قويدى ۋە 2026- يىلىدىن باشلاپ ئوكرائىينانىڭ درون ھوجۇمىنى ئاساس قىلغان ئۇرۇش ئىستراتىگىيسىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىلگىرلەش سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلىدى.
دۇنيانىڭ 2-چوڭ ھەربىي كۈچى بولغان رۇسىيە ئوكرائىينادىن ئىبارەت ھەربىي جەھەتتە 20-قاتارلاردا تۇردىغان بىر دۆلەتنى 5 يىلغىچە بويسۇندۇرپ بولالمايۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا قارىتا ئۇكرائىينانىڭ ئارقىسدا ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا بار دەپ قارايدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما رۇسىيەنىڭ كەينىدىمۇ خىتاي، چاۋشىيەن ۋە ئىران بار. رۇسىيە يادرو قورال ئىشلتىشتىن باشقا بارلىق تاكتىكىلارنى ئىشلتىپ باقتى ئەمما كۈتكەن نەتجە تېخى يۈز بەرمىدى. بۇ ھەرگىز رۇسىيەنىڭ ئوكرائىينادىن ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولغان بولسا ئوكرائىينا رۇسىيەدىن شەرقتىكى بېسۋېلىنغان ئۆلكىلىرىنى ۋە قىرىمنى قايتۇرۋالغان بولاتتى. بۇ يەردىكى رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىقى مەقسىدىگە يىتەلمەسلىكتۇر.
ئۇنداقتا رۇسىيەنىڭ مەقسىدى نېمە؟
رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق نىشانى مەيلى ھەربىي جەھەتتىن بېسىۋېلىش ياكى زىمىن قوشۇۋېلىش، ۋە ياكى كىيېۋدا روسىيەگە مايىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش ئارقىلىق بولسۇن ، يەنىلا ئۇكرائىنانى روسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر. بۇ ئارقىلىق ناتونىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە زەربە بېرىش، ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى توسۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاجىزلىتىش ۋە روسىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. رۇسىيە ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ نىشانىدىن خېلىلا يىراق.
ئوكرائىينانىڭ مەقسىدى بولسا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چىكىندۈرۈش ۋە مۇمكىن بولسا قىرىمنى قايتۇرۋېلىش. ناتو ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۇنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نىشانلىرىدۇر. ئۇكرائىينامۇ ئوخشاشلا بۇ نىشانىدىن يىراق. ئەمما رۇسىيەنىڭ ھوجۇملىرىنى چىكىندۈرۈش، سۈرئىتىنى ئاستىلتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا رۇسىيەنى ئۆز مەقسىدىگە يەتكۈزمەسلىكتە مۇۋاپىقىيەت قازانماقتا.
پۇتىن ۋە ئوكرائىينانى بېسىۋېلىشنى قوللايدىغان سىياسەتچىلەرنىڭ باھانىسى ئۇكرائىينانىڭ بۈيۈك پېترو، ئالېكساندىر III ۋە كاتېرىنا قاتارلىق چار پادىشاھلار دەۋرىدىكى روسىيەنىڭ تارىخىي ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى، تىل، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىن ئارقىلىق بىر گەۋدە بولغانلىقىدۇر. پۇتىن ئۆزىنىڭ «روسىيەلىكلەر ۋە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ تارىخىي بىرلىكى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە ، روسىيەلىكلەر ۋە ئۇكرائىينالىقلار «بىر خەلق — يەككە پۈتۈنلۈكتۇر، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما بۇ ئۇرۇش ئۇكرائىينا كىملىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقنى روسىيەدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرماقتا.
ئوكرائىينانىڭ كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى كوزۇرى – دورنلار (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان)
رۇسىيە ئۇرۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا زور ئىلگىرلەشنى قولغان كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىللىرىدىن باشلاپ زور تالاپەتكە ئۇچراشقا باشلىدى. ئوكرائىينا رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك تانكا ۋە باشقۇرۇلدىغان بومبىلىرىغا قارشى ئامېرىكىنىڭ پاترىيوت ناملىق ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستىملىرىغا ئوخشاش قىممەت باھالىق ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن مۇداپىئەلەندى. ئەمما سىستىمىلارنىڭ باھاسى ۋە زاپىسىغا چىداش قىين بولدى. بۇ قىينچىلىق ئوكرائىينانى يېڭى بىر ئۇرۇش ئىستراتىگىيسىگە ئىتتىردى. ئۇ بولسىمۇ دروننى ، يەنى ئۇچقۇچىسز ئايرۇپلانلارنى ئاساس قىلغان ئەسكىرى ئىستراتىگىيە. ئەمەلىيەتتە ئوكرائىينانىڭ باشتىلا تۈركىيە بىلەن درون ھەمكارلىقى بولۇپ بايقار ئۇرۇش درونلىرىغا شىرىك ئىدى. بۇ درونلارنىڭ ئوكرائىينا بولۇپمۇ ئەرمەنىستان-ئەزەربەيجان ئۇرۇشىدىكى ئىپادىسى ئوكرائىيناغا يېڭى ئەڭگۈشتەرنىڭ شەپىسىنى بەرگەن ئىدى.
يەنە كېلىپ ترامپ كەلگەندىن كىين ياردەمنى توختىتىشى ئوكرائىيناغا باشقا بىر چىقىش يولى ئىزدەشتىن باشقا چارىسىنىۇ يوقلىقىنى كۆرسەتتى ۋە درونغا مەركەزلىشىش ئەڭ ئاقلانە ئىستراتىگىيە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى دورنلارنىڭ تەننەرخى ئەرزان بولۇپ ئادەتتە 5 مىڭ دوللاردىن باشلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئۆزىدە بولسا بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ئەرزان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا دروننى يراقتىن كونترول قىلىدۇ.بۇ ئۇرۇشتا ئەسكىرى چىقىم بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى دورنلارنى توسۇشنىڭ قىينلىقى. چۈنكى ئۇ سۈرئىتى ئاستا ۋە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچىدۇ. ھازىرقى مۇداپىئە سىستىمىلىرى بولسا سۈرئىتى ئىنتايىن تىز ۋە مەلۇم ئېگىزلىكتىن يۇقىرى ئۇچىدىغان بومبىلارغا قارشى لاھىيەلەنگەنلىكى ئۈچۈن درونلارنى توسۇشتا قىينچىلىققا يولۇقماقتا. ھەتتا دروننىڭ سۈرئىتى ۋە ئىگىزلىكىگە ماس بەزى يىڭى تېخىنىكىلارنى سەپلىگەن بولسىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەن شۇنداقلا تەننەرخ يۇقىرى بولۇپ كەلمەكتە. چۈنكى بەرىبىر نەچچە مىڭ دوللارلىق دروننى نەچچە 10 ھەسسە قىممەت بومبا بىلەن توسىدىغان گەپ. يەنە كېلىپ درونلارنى باشقۇرۇش جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋەت تەلەپ قىلمايدىغان بولغاچقا ئاياللارنىڭمۇ جەڭ مەيدانىدا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. ھازىر ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىدا تەخمىنەن 75،000 ئايال خىزمەت قىلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى ھەتتا سەپنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى پىيادە ئەسكەر بولۇپ جەڭ قىلماقتا.
ئۇكرائىينا 2026-يىلى درون ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا دىنىپروپېتروۋسك ئوبلاستىدىكى ئولېكساندىرىۋكا قاتارلىق رايونلاردا ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيەنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە تەمىناتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇرۇشنى زور دەرىجىدە روسىيە زېمىنىغا ئېلىپ كىردى.
CSIS نىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىينا روسىيەنىڭ بىر قانچە خىل نىشانلىرىغا زەربە بەرگەن:
- نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى، پومپا پونكىتلىرى، يېقىلغۇ ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە تانكېرلار قاتارلىق ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى
- باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە درون ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، مىكرو ئېلېكترون زاۋۇتلىرى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ زاۋۇتلىرى قاتارلىق سانائەت بازىلىرى
- تۆمۈر يول، تاش يول، كۆۋرۈك ۋە ئوق-دورا ساقلاش ئىسكىلاتلىرى، شۇنداقلا ھەربىي ئەشيا توشۇيدىغان ماشىنا ۋە يۈك پويىزلىرى قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت نىشانلىرى
- ئەسكىرى قارارگاھلار، قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش ئەسلىھەلىرى، پاراخوتلار، ئايروپىلانلار، رادارلار، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، درون قويۇپ بېرىش ئورۇنلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق جەڭ سىستېمىلىرى قاتارلىق ھەربىي بازىلار ۋە باشقا ھەربىي نىشانلار
ئۇكرائىينا سانت پېتىربۇرگ ۋە موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەرگە، شۇنداقلا كىيېۋدىن 6000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ئۇكرائىينا ھاۋا بازىسى (بۇ رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستراتىگىيلىك ئۇزۇن مۇساپىلىك يادرو ئۇرۇش ئايرۇپلانلىرى بازىسى) غا قاراتقان ئۇزۇن مۇساپىلىك زەربىلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇكرائىنا يەنە كۇرسك، كالۇگا، بېلگورود ۋە باشقا ئوبلاستلاردىكى نىشانلارغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك (30-300 كىلومېتىر) زەربە بېرىشنى تەشكىللىدى. ئاخىرىدا، ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى روسىيە چېگراسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ۋە ئۇكرائىنانىڭ روسىيە كونتروللۇقىدىكى قىرىم قاتارلىق رايونلىرىدىكى مىڭلىغان نىشانلارغا قىسقا مۇساپىلىك (30 كىلومېتىردىن تۆۋەن) زەربە بەردى. بۇ زەربىلەر روسىيە ئۈچۈن مەشغۇلات قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە روسىيەنىڭ ئېنېرگىيە پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىش، بەزى رايونلاردا بېنزىن قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، روسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنى ئۇرۇشتىن ئاساسىي جەھەتتىن چىقىرىپ تاشلاش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە تەمىنات لىنىيەلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، روسىيە كونتروللۇقىدىكى قىرىمغا زەربە بېرىش ۋە بەزى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى خورىتىش قاتارلىقلار بار.
شۇنداقتىمۇ، بۇ زەربىلەر روسىيەنى پالەچ قىلىپ قويمىدى ياكى روسىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق ۋەيران قىلىۋىتەلمىدى. ئەمما ئوكرائىينا بۇ يېڭى ئىستراتىگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن كىين ئوكرائىينادا رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ئىلگىرلىشى زور دەرىجىدە ئاستىلىدى ھەتتا ئوكرائىينا رۇسىيە زىمىنغا كۆپ قېتىم ھوجۇملارنى ئېلىپ باردى. مەسلەن ئۆتكەن ھەپتە ئوكرائىينا موسكۋا رايونىغا 400 دىن ئارتۇق درون بىلەن ھوجۇم قىلغان. رۇس تەرەپنىڭ دىيشىچە، موسكۋاغا يېقىنلاشقاندا 85 دانىسى يوقىتىلغان. روسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى يەنە روسىيە رايونلىرى، قارا دېڭىز ۋە ئازوۋ دېڭىزىدا 381 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى توسۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى دەلىللەنمىگەن. ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقى نەقىل كەلتۈرگەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، موسكۋا رايونىدا ئاز دېگەندە 10 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ خىتاي پۇقراسى بار. دائىرىلەر بىر تۇرالغۇ بىنانىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە موسكۋادىكى ئاساسلىق ئايرودروملارنىڭ بىرىگە يېقىن بىر سانائەت باغچىسىدا ئوت كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇكرائينا يەنە ئازوۋ دېڭىزىدا رۇسىيەنىڭ يەنە 11 پاراخوتىغا زەربە بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن توققۇز كۈن ئىچىدە مەزكۇر دېڭىزدىكى ھۇجۇم سانىنىڭ 116 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئازوۋ دېڭىزى رۇسىيەنىڭ ئاشلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېكسپورتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر يول ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنانىڭ ھەرىكەتلىرىنى «تولۇق مەنىدىكى تېررورلۇق» دەپ ئاتىدى. رۇسىيە ئۆز ئاشلىقىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن باشقا يوللارنى تېپىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەڭ ئەجەللىك زەربە 7-ئاينىڭ 18- كۈنى رۇسىيەنىڭ سىتالىنگراد شەھرىگە بىرىلگەن بولۇپ، 80 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ۋە سەككىز پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ھوجۇم روسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تور پارچە سېتىش شىركىتى بولغان Wildberries نىڭ ئىككى غايەت زور ئىسكىلاتىنى نىشان قىلغان بولۇپ تەخمىنەن 150 مىليارد رۇبلى (1.9 مىليارد دوللار) قىممىتىدىكى مال \ تاۋار كۆتۈپ كۈلگە ئايلانغان. تۆت كۈندىن كېيىن ئۇكرائىينا يەنە روسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يەنە ئىككى ئىسكىلاتنى بومباردىمان قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، بېلگورود، بريانسك ۋە كۇرسكقا ئوخشاش روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونلىرىدىكى شەھەر-بازارلاردىن باشقا، موسكۋا ۋە سانت پېتىربۇرگ قاتارلىق روسىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىمۇ ئۇكرائىنانىڭ درونلىرى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا. قىرىممۇ ئۇكرائىنانىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇ روسىيەنى يازلىق لاگېرلار ۋە ساھىللارنى تاقاشقا مەجبۇرلىغان، يېقىلغۇ تەمىناتىغا دەخلى يەتكۈزگەن ۋە توك توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئوكرائىينا ھەتتا ئۇرۇشنى تېخىمۇ كىڭەيتىپ ئىراننىڭ ھازار دېڭىز (كاسپىي دېڭىز) دىكى كېمىسىگە درون ھوجۇمى قىلدى ۋە سەۋەبىنى ئىراننىڭ رۇسىيەگە قورال-ياراق توشىغانلىقى دەپ كۆرسەتتى. ئىران رۇسىيەگە توشىدىمۇ، ياكى رۇسىيەدىن ئىرانغا توشىدىمۇ، ئۇ تەرەپ نامەلۇم، ئەمما ئىرانغا رەسمىي ھوجۇم قىلىدى. ھازىرقى ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇشىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا بەلكىم ئىران رۇسىيەدىن ئامېرىكىغا قارشى ئىشلەتكىلى قورال توشۇغان بولۇشى ئىھتىماللىقى يۇقىرى. چۈنكى ئوكرائىينا باياناتىدا ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇشىنى تىلغا ئالغان. زىېلىنسكىي ترامپ بىلەن يېقىنلىشىش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرى ۋە دىپلوماتىيە ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىراننىڭ كېمىسىگە ھوجۇم قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق «ھىچكىم بىزگە ياردەم قىلمىدى» دېگەن ترامپقا، «بىز ساڭا ياردەم قىلدۇق، ھەقىقىي دوستۇڭ بۇ يەردە» دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە رۇسىيەمۇ قاراپ تۇرمىغان. كىيېۋغا كەڭ كۆلەملىك بامبا ياغدۇرغان ۋە ئاز دېگەندە 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە 100 گە يېقىن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنداقلا يەنە بېسىۋېلىنغان زاپورىژييا رايونىغا دەم ئېلىش لاگېرلىرىغا ھوجۇم قىلىپ 11 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 16 سىنى يارلاندۇرغان.
چوڭ جەھەتتىن، روسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى سۇمى ئوبلاستى، شەرقىي خاركىۋ ئوبلاستى، شىمالىي غەربىي دونېتسىك ئوبلاستى، ھەمدە زاپورىژىيا ۋە خېرسون ئوبلاستلىرىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا مەركەزلەشكەن. روسىيە يەنە ئۇكرائىنانىڭ پۇقرالار ۋە ھەربىي نىشانلىرىغا درون، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، قاناتلىق بومبا ۋە ئاندا-ساندا ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قاتتىق ھۇجۇم قىلغان. روسىيە ئۇكرائىنانىڭ كۆرۈنەرلىك بىر ئاجىزلىقىدىن، يەنى PAC-3 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا ئوخشاش ھاۋا مۇداپىئە بومبىلىرىنىڭ چەكلىكلىكىدىن پايدىلانغان. ئۇكرائىينا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئەھۋالنى «بىر ۋاراتار بار ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا قاراپ بىرلا ۋاقىتتا 10 توپ ئۇچۇپ كېلىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇۋالالمايدۇ. ئۇ پەقەت قول-پۇتى يەتكەنچە تۇتالايدۇ؟» دېگەن شەكىلدە ئىپادىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، روسىيە قوشۇنلىرى ئېلېكترونلۇق جەڭ ۋە درون جېڭى قاتارلىق ساھەلەردە داۋاملىق ياخشىلىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىغا مەشغۇلات ۋە تاكتىكا جەھەتتە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.

بۇ خەرىتە CSIS نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىندى
ماقالىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى pdf فورماتىدا ئوقۇيالايسىز.