دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ماراكەشتىن توسۇپ قېلىندى ۋە چېگرادىن چىقىرىۋېتىلدى

تۈركىستان ۋاقت گېزىتى، 2026-يىلى 29-ئىيۇل

سابىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) رەئىسى ھەم تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دولقۇن ئەيسا 20-ئىيۇل كۈنى كاسابلانكا ئايرودۇرومىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندى ۋە چېگرادىن چىقىرىۋېتىلدى. دولقۇن ئەيسا دىنىي ئېتىقاد ۋە يەرلىك كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىشقا بېغىشلانغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى»غا قاتنىشىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتكە كەلگەن. 

ماراكەشنىڭ Yabiladi خەۋەر تورى ھەم ئاسىيا خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى (ANI) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دولقۇن ئەيسا پاسپورت تەكشۈرۈش ئورنىدا توسۇلۇپ، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغان ھەم ھېچقانداق ئېنىق چۈشەندۈرۈش بېرىلمەستىن تەخمىنەن 15 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن گېرمانىيەگە قايتىدىغان ئايروپىلانغا چىقىرىلغان. ماراكەش چېگرىدىن چىقىش-كىرىش دائىرىلىرى دولقۇن ئەيساغا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك باش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان، ئۇنىڭ ماراكەش تېررىتورىيەسىگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان رەسمىي ئۇقتۇرۇش بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قارارنى قەتئىي ئەيبىلەپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كۆرەشچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دۆلەت ھالقىغان بېسىمنىڭ (transnational repression) قورقۇنچلىق بىر كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ANI نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، د ئۇ ق نىڭ باياناتىدىكى سۆزىدە دولقۇن ئىسا: «مەن دىنىي ئەركىنلىك كونفېرانسىيەسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ماراكەشگە ھېچقانداق توسالغۇسىز بارالايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئېمما يەنە بىر قېتىم خاتا ئويلىغانلىقىم ئىسپاتلاندى،» دېگەن.

بۇ ماراكەش دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان بىرىنچى توسۇشى ئەمەس. 2021-يىلى ئىيۇلدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەن (پاسپورتتىكى ئىسمى Yidiresi Aishan) خىتاينىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن چىقىرىلغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبىدىن مۇشۇ ئايرودۇرومدا تۇتۇلغان ئىدى. ئىنتېرپول 2021-يىلى ئاۋغۇستتا بۇ بۇيرۇقنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، ماراكەش سوت مەھكىمىسى 2021-يىلى دېكابىردا ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن ئىدى. ئىدرىس ھەسەن 43 ئاي تۈرمىدە تۇتۇلغاندىن كېيىن نىھايەت 2025-يىلى 12-فېۋرالدا ئەركىنلىككە چىقىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا يېتىپ بارالىدى. 

د ئۇ ق دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن خىتاينىڭ ئەيىبلىشى بىلەن 1997-يىلى چىقىرىلغان ئىنتېرپول قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2018-يىلى بىكار قىلىنغانلىقىنى ئەسلەتتى. گەرچە ئۇ تۇتۇش بۇيرۇقى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ سىياسىي بېسىمىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى ئۇنىڭ خەلقئارا سۆھبەتلىرىگە توسالغۇ بولماقتا. دولقۇن ئەيسا ئىلگىرى كورېيە، ھىندىستان ۋە تۈركىيە ئوخشاش دۆلەتلەرگە كىرىشتە ۋىزىسى بىكار قىلىنىش، كىرىشى توسۇلۇش ۋە تەكشۈرۈلۈشكە ئۇچرىغان، شۇنىڭدەك ب د ت نىڭ نىۇ-يورك ۋە جەنۋەدىكى رەسمىي يىغىنلىرىغا كىرىشىمۇ توسۇلغان ئىدى.

د ئۇ ق بۇ قېتىمقى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىنىڭ خىتاينىڭ يېڭى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ 63-ماددىسى يۈرگۈزۈلۈپ بىر قانچە ھەپتە ئۆتمەيلا يۈز بەرگەنلىكىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ماراكەش دائىرىلىرىنىڭ بىۋاسىتە بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئىش كۆرسەتكەنلىكىگە ئائىت ئوچۇق ئىسپات بولمىسىمۇ، دولقۇن ئەيساغا قاراتقان بۇ مۇئامىلىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي بېسىملىرىنى چەتئەللەرگە كېڭەيتىش تىرىشچانلىقىغا قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى لازىملىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

باياناتتا د ئۇ ق، ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن دولقۇن ئەيسانىڭ تۇتۇلۇشى ۋە چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىشى ھەققىدە ئېنىق چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى، قاراردا خىتاينىڭ بېسىمى ياكى كونا ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرى بار-يوقلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ تەشكىلات گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بۇ مەسىلىنى ماراكەش دائىرىلىرى بىلەن جىددىي مۇھاكىمە قىلىشقا چاقىردى.