ئۇيغۇر ۋاقىت گېزىتى (Uyghur Times) | 2026-يىلى 30-ئىيۇل
شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) قۇربانلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى (Shahit.biz) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتا كۆپىنچىسى ئۇيغۇر بولۇپ كەم دېگەندە 143,228 بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.
27-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلات قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىدىن ئېلىنغان كەڭ كۆلەملىك ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار سىرتقا ئاشكارىلىنىپ قالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارخىپلىرى بىلەن تۇتقۇن سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇپ چىققان. بۇ تەتقىقات كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرىغا قاماش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن بالىلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە بۈگۈنگىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ تەپسىلىي مۆلچەرلەرنىڭ بىرىنى تەمىنلەيدۇ.
بىر ناھىيەدىلا مىڭلىغان بالا ئاتا-ئانىسىز قالغان
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتچىلار كونا شەھەر ناھىيەسىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇزۇن مۇددەت تۇتقۇن قىلىنغان 21,809 كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىغان. نوپۇس تىزىملاش ئارخىپى بىلەن ئائىلە مۇناسىۋىتى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىلىسى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئارقىدا قالغان 3,772 بالىنى خاتىرىلىگەن.
تەتقىقاتچىلار بۇ رەقەمنىڭ نىسبەتەن مۇتەئەسسىپ ھالەتتىكى ئەڭ تۆۋەن مۆلچەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تېخىمۇ كۆپ ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ قوشۇمچە دېلولارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئانالىزدا بايقالغان يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، ئائىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بىر قانچە بالا بولغان. ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنغان ھەر بىر ئائىلىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.4 بالا بۇ ۋەزىيەتتىن تەسىرگە ئۇچرىغان، 700 دىن ئارتۇق ئائىلىدە بولسا ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.
دوكلات بالىلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئائىت پەرەزلەرنى قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ياكى تۇغقانلىرىغا قالدۇرۇلغانلىقى مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مەۋجۇت دەلىللەرنىڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەر بىر دېلونىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىقلاپ چىقىشىغا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.
دادىلار ئادەتتە ئالدى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان
مەزكۇر تەتقىقات يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەردە كۆپ قېتىم تەكرارلانغان بىر تۇتقۇن قىلىش شەكلىنىمۇ خاتىرىلىگەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقاشلىرىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ قىسىم دېلولاردا ئالدى بىلەن دادىلار تۇتقۇن قىلىنىپ، 2017-يىلى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئانىلار بولسا كېيىنچە يەنى 2018-يىلى جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەن. تۇتقۇن قىلىنىش چېسلاسىنى ئېنىق تۇرغۇزغىلى بولىدىغان ئائىلىلەردە بۇ تەرتىپ خاتىرىلەنگەن دېلولارنىڭ تەخمىنەن %56 نى ئىگىلىگەن.
مەزكۇر بايقاشلار تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ نۇرغۇن ھاللاردا ئائىلىدىن ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ئېلىپ كېتىش بىلەن ئاخىرلىشىپ، بالىلارنى ئاساسلىق باققۇچىسىز قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا كېڭەيتىپ تەھلىل قىلىش
تەتقىقاتچىلار كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ مەزكۇر ناھىيەدىكى خەنزۇ بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ %4.22 نىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىلىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مۆلچەرلەپ چىقتى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ناھىيەلەردە خاتىرىلەنگەن تۇتقۇن نىسبىتى ئوخشاش يۈزلىنىشنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، دوكلات بۇ پىرسەنتنى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت جەنۇبتىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستا ياشايدىغان خەنزۇ بولمىغان بالا نوپۇسىغا تەتبىقلىدى.
2019-يىللىق شەرقىي تۈركىستان ئىستاتىستىكا يىلنامىسىدىكى نوپۇس رەقەملىرىگە ئاساسەن، دوكلات 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ رايونلاردا كەم دېگەندە 143,228 بالىنىڭ ئاتا ياكى ئانىسىنىڭ ياكى ھەر ئىككىلىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
تەسىرگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ مۆلچەرلەنگەن سانى ئەڭ كۆپ بولغان ناھىيەلەر تۆۋەندىكىچە:
-
يەكەن ناھىيەسى: تەخمىنەن 14,100
-
قاراقاش ناھىيەسى: تەخمىنەن 10,870
-
قاغىلىق ناھىيەسى: تەخمىنەن 8,200
-
قەشقەر شەھىرى: تەخمىنەن 8,068
-
پەيزاۋات ناھىيەسى: تەخمىنەن 7,519
-
خوتەن ناھىيەسى: تەخمىنەن 6,478
-
خوتەن شەھىرى: تەخمىنەن 6,385
دوكلات ئۆز مۆلچەرىنى پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى بىلەنلا چەكلەپ، رايوننىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا تۇتقۇن سىياسەتلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، مەۋجۇت دەلىللەرنىڭ ئوخشاش مېتودولوگىيەنى پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا تەتبىقلاشنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خاتىرىلەش داۋاملاشماقتا
مۇستەقىل بىر ئارخىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بولغان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) قۇربانلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سىرتقا سىزىپ چىققان خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆججەتلىرى، شاھىتلارنىڭ ئىسپاتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىدىن پايدىلىنىپ دەلىللەرنى توپلاشقا يىللاپ ۋاقىت سەرپ قىلدى.
تەتقىقاتچىلار 143,228 بالا مۆلچەرىنى پەقەت بىر ئەڭ تۆۋەن چەك دەپ چۈشىنىش كېرەكلىكىنى، چۈنكى ھۆججەتلەرنىڭ تېخى تولۇق ئەمەسلىكىنى، قوشۇمچە ئارخىپلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنى ئاشكارىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ بايقاشلار خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ پەقەت زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى تۈرمىگە تاشلاپلا قالماي، بەلكى كەڭ كۆلەملىك ئائىلە پارچىلىنىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى يۈز مىڭلىغان بالىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە دائىر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دەلىللەرگە يېڭىلىرىنى قوشتى.
مەنبە: شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) قۇربانلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى (Shahit.biz)، «جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ سانى ھەققىدە بىر مۆلچەر»، 2026-يىلى 27-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان.