رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ىئامېرىكا جۈمە كۈنى بىر ھۆكۈمەت ئۇقتۇرىشىدا، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق دېگەن ئاساس بىلەن، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ يېمەك-ئىچمەك ۋە مېتال تەمىنلەش زەنجىرىگىچە بولغان يەنە 43 خىتاي شىركىتىدىن مال كىرگۈزۈشنى چەكلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كوندىساتور (توك يىغقۇچ) ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان خۇنەن ئايخۇئا گۇرۇپپىسىمۇ بارلىقىنى ئىلان قىلدى.
بۇ شىركەتلەر «ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ زەربە بىرىش تىزىملىكىگە قوشۇلدى. بۇ تىزىملىك ئامېرىكا خىتاينىڭ شنجاڭ رايونىدىكى (شەرقىي تۈركسىتان -ت) كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەپ بكىتكەن جىنايەتلەرگە چېتىشلىق تاۋارلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشنى چەكلەيدۇ.
يېڭىدىن قوشۇلغانلار شركەتلەرنىڭ ئارىسىدا يەنە دورا، مېتال، پاختا، يېمەكلىك ۋە لىتىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدىكى شىركەتلەرمۇ بار.
بۇ ئۇقتۇرۇش ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە تۇنجى قېتىم شىركەتلەرنىڭ بۇ تىزىملىككە قوشۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىزىملىكتىكى نشان شركەتلەرنىڭ سانى 144 تىن 187 گە يەتكۈزۈلدى. بۇ سان 2021-يىلى دېكابىردا مەزكۇر قانۇن ماقۇللانغاندىن بۇيان زەربە بىرىلىدىغان شركەتلەر ئەڭ كۆپ قوشۇلغان بىر قېتىملىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تىزىملىكتىكى شىركەتلەر مەزكۇر رايوندىن ماتېرىيال ئالىدۇ ياكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان گۇرۇپپىلارنى رايون سىرتىغا ياللاش ۋە توشۇش ئۈچۈن شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.
تىزىملىكتىكى شىركەتلەر
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئشلىرى بويىچە ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەجلىس ئەزاسى جون مولېنار باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى ھەرىكىتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قۇللۇق ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلاردىن مۇداپىئە قىلىشنى كۈچەيتىدۇ ۋە خىتاي كومپارتىيىسىگە ئۇلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئۇچۇر يوللايدۇ.»
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«شىنجاڭدا ”مەجبۇرىي ئەمگەك“ بار دېگەن ئەيىبلەش يالغانچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاي قانۇنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاشكارا چەكلەيدۇ. شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەت ئىشچىلىرى قانۇن بويىچە ئۆز ئىرادىسى بىلەن كەسپىنى تاللاش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشىش ۋە ئەمگىكى ئۈچۈن ھەق ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.»
خۇنەن ئايخۇئا گۇرۇپپىسى بۇ تىزىملىككە قوشۇلدى، چۈنكى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا فېدېراتىپ ئاخباراتىدا بىلدۈرىشىچە، شىركەت شىنجاڭدىن خىمىيىلىك ياپراقچە ۋە باشقا ماتېرىياللارنى سېتىۋالىدىكەن.
ئىستېمال ئېلېكترونلىرى، سانائەت، ئاپتوموبىل ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بازارلىرىنى تەمىنلەيدىغان بۇ شىركەت رويتىرىس ئاگېنىتلىقىنىڭ پىكىر بىلدۇرۇش تەلىپىگە دەرھال جاۋاب بەرمىدى.
مەھسۇلاتلىرى 50 كە يېقىن دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان شاچا يېمەكلىك شىركىتى مۇ بۇ تىزىملىككە قوشۇلغان. قوشۇلغان باشقا شىركەتلەر ئارىسىدا شىنجاڭ تيەنخوڭجي تېخنىكا شىركىتى، تېفېڭ دورا شىركىتى، تيەنشەن ئاليۇمىن گۇرۇپپىسى ۋە خېنەن گۇسۇڭ ئېلېكترون تېخنىكا شىركىتى قاتارلىقلار بار.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى باياناتىدا بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى تىزىملىك تۈزۈلگەندىن بۇيان، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارالغان، قىممىتى بىر مىليارد دوللارغا يېقىن 24,300 دىن ئارتۇق يۈكنى توختاتقان.
خىتاي «زۆرۈر تەدبىرلەر» قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئاساسسىز بىر تەرەپلىمە جازا دەپ ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جازا ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئەمەلدارلىرى ئىجابىي سىنلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن بىر كۈن كېيىنلا يولغا قويۇلغان.