ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق، 150يىللىق خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ تۈپ سەۋەبى جاھالەت، ئىتتىپاقسىزلىق، خىيانەتتىن ئىبارەت 3 چوڭ ئامىل سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت.
1933-يىلدىكى شەرقىي تۈركستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى، 1944-يىلدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يىقىلىشى دۈشمەنلەرنىڭ سۈيقەستلىرىدىن بەكراق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىچكى توقۇنۇشلىرى ئىكەنلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆزئارا ئىختىلاپلار مىللەتنى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە خورىتىپ ۋەيرانچىلىققا، جاھالەت پاتقىقىغا ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە خەلقلەردە بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ يوقايدۇ.
ئۆز ۋاقتىدا مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ۋەيران بولىشىغا ئىچكى زىددىيەت، تەپرىقىچىلىكتىن باشقا تۇتامغا چىققۇدەك سەۋەپ يوق ئىدى. 1944-يىلدىكى شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتنىڭ 60 مىڭ مۇنتىزىم ئەسكىرى تۇرۇپ، ئەسكەرلەر توختىماي دۈشمەنگە زەربە بىرىشكە ھازىر تۇرۇپمۇ دۆلەت يىقىلدى، مىللەتنىڭ سەرخىللىرى بولمىش ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ بىرقىسمى روسلارغا يەنە بىرقىسمى خىتايلارغا بېقىندى بولۇشنى تاللىدى، نەتىجىدە شۇ نىجىس كومۇنىست خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە ۋەتەننى تارتقۇزۇپ قويدۇق.
شۇندىن بىرى مىللەت سۈپىتىدە بېشىمىزغا كەلمىگەن كۈنلەر قالمىدى.
80-يىللارنىڭ بېشىدا خىتايلار نىسپى بولسىمۇ چەتئەلگە ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن چەتكە چىققانلىرىمىز ھەر ساھەدە قولدىن كىلىشچە ھەرىكەتلەر قىلغان بولساقمۇ ئەپسۇس، ھەر ساھە ئۆز ئارا جىدەل-ماجراغا كىرگەن بولدى، 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى خەلقىمىزدە يەنە بىر قېتىم ئۈمىتسىزلىك ھۆكۈم سۈردى.
ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ 2009-يىلى 5-ئىىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خەلقئارادا بىر مەزگىل شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى، خەلقتىمۇ بىر قەدەر ھاياجان قوزغالغاندەك قىلدىيۇ يىتەرلىك بولمىدى. 2017-يىلىغا كەلگەندە ۋەتىنىمزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلاندى، مىليۇنلارچە بىگۇنا خەلقىمىز لاگىرلار، زىندانلاردا يوق قىلىۋېتىلدى، بىزلەرمۇ بىرقەدەر ھاياجان ئىچىدە خىتايغا قارشى گۇۋاھلىقلارنى بەردۇق، نامايىشلارنى قىلدۇق. ئەپسۇس، شۇنچە ئېغىر كۈنلەردىمۇ 70-80 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغان ئىستانبۇلدا كۆلۈمى ئەڭ چوڭ بولغان نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر سانى مەڭدىن ئاشمىدى.
خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلەرىنىمۇ تەدرىجى ئۇنتۇپ ئۆز ھەلەكچىلىكىمىز بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىدۇق.
قۇتۇپلىشىش كۈنسىرى ئېغىرلاپكەتكەندەك، 100%دىگۈدەك مۇسۇلمان بولغان خەلقنىڭ بەزى «سەرخىللىرى» ئىسلامغا بولغان ئۆچىمەنلىكىنى يوشۇرالماي شەرئىي ئىبادەت ھېساپلىنىدىغان ھىجاپ، ھىجاپلىقلارنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنى تەنقىتلەپلا قالماستىن خىتاينىڭ سۈيقەستى، ئۆرپ-ئادىتىمىزگە زىتتەك كۆرسۈتۈشلەر، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى دىنسىزلىق، خىرىستىيانلىق تەشۋىقاتلىرى، قۇتۇپلىشىشتەك ئىللەتلەر ئىچكى سۈركۈلۈشكە ئېلىپ باردى.
ۋەتىنىمىزدىكى ئىرقىي قىنچىلىق مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلكلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بىز مىللەت ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشنى خالايدىغان بولساق، مەۋجۇت مۇئەسسەسەلىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈشكە، سېستىمىلاشتۇرۇشقا، تەشكىلاتلار ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشقا، خاتالىقلىرى بولسا كۆرسۈتۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ھەسسە قوشۇشقا توغرا كىلدۇ. شۇنداق قىلغاندا ھەرقانچە ئېغىر قىيىنچىلىقلارنىمۇ ھەل قىپ كىتىشكە كۈچىمىز يىتىدۇ.
ئىككى يىلدىن بىرى تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپالاردا تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئەخلاقىي يولسىزلىقلىرى سەۋەپتىن خەلقنىڭ تەشكىلاتلارغا بولغان ئىشەنچىسى ئېغىر دەرىجىدە زىدىلەندى، خەلق تەشكىلاتلارغا سوغۇق قارايدىغان ھالەت شەكىللەندى، ئەمىلىيەتتە ئىنسان بار يەردە گۇناھ، خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال، خاتالىق سادىر قىلغۇچى كىم بولۇشتىن قەتئىنەزەر (گەرچە ئىش بېشىدىكى كىشى بولسىمۇ) ئىنسان، ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن خاتالىشىدۇ، بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى ئۇ مەنسۇپ بولغان تەشكىلاتقا يۈكلەش، تەشكىلاتتىن ئۇزاقلىشىش ئاقىلانە ئىش ئەمەس.
قۇرئاندا {ولاتزر وازرة وزر أخرى} (گۇناھ سادىر قىلمىغان بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ گۇناھىغا شىرىك بولمايدۇ)دېگەن ئايەت بار.
تەشكىلات مەنسۇپلىرى بولغان كىشىلەردىن خاتالىق سەدىر بولغان تەقدىردە خاتالاشقۇچىمۇ خاتالىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، بەدىلىنى تۈلىشى كېرەك.
خاتالاشقۇچى مەسئۇلىيىتىنى تونۇماي، بەدىلىنى تۆلىمەي، تەشكىلاتتىكى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەي، مەنسەپنى ئاتا مىراس شەخسى مۈلكى ئورنىدا كۆرىۋالغان تەقدىردە ئىچكى زىددىيەت، ئاداۋەت شۇيەردىن باشلىنىدۇ، ئۇنىڭ بەدىلىنى تەشكىلات، مىللەت ئۆتەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.
بەزى بىر «مەنمەنچى» «ئورۇندۇق سەۋداسى» «مەنسىز دۇنيانىڭ چاقى ئايلانمايدۇ» دەيدىغان كىشىلەرنىڭ مۇھاجىرەت دۇنياسىغا سالغان زىيانلىرى ئاز ئەمەس. بۇنداق غەيرىي ھالەتلەر چوقۇم ئوڭشىلىشى كېرەك.
مۇھەجىرەتتىكى ئومۇمىي خەلق ئىچىدە ھەقىقىي بىرلىك، ئۆملۈك ھاسىل بولمىغۇچە خىتايغا يەم بولغىنىمىز بولغان. ۋەسسالام.