تۈركىستان ۋاقت تورى، 2026-يىلى 7-ئاۋغۇست: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى سەفا سارىيى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك ئۈچ دۆلىتىنى بىر يەرگە جەم قىلغان تارىخىي بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشقا ساھىبخانلىق قىلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەت بىن سەلمان ۋە پاكىستان باش ۋەزىرى شەھباز شەرىپ مەككىدە ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرىدىغان «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى»گە رەسمىي ئىمزا قويدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، بۇ كېلىشىمنىڭ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر تارىخىي رىشتىلەر، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىسلامىي ھەمكارلىق روھى ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. كېلىشىمدىكى ئەڭ مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرى بولغان ئورتاق مۇداپىئە پرىنسىپىغا ئاساسەن؛ سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە ياكى پاكىستاندىن ھەرقانداق بىرىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسىگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئورتاق توسۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشانلىغان بۇ كېلىشىم، ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىپلوماتىيەلىك مۇزاكىرىلەرنىڭ ۋە رايونلۇق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش پرىنسىپىنىڭ ئالىي نەتىجىسى سۈپىتىدە باھالانماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخىي ئىمزا مۇراسىمىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بەلگىسى بولغان بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA دا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدىكى ئېگىز بىنالار ۋە سىمۋوللۇق بىنالاردا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستاننىڭ دۆلەت بايراقلىرىنىڭ رەڭلىرى بىلەن يورۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ تەبرىكلەش كۆرۈنۈشلىرى ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ئالاقە ۋە ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.
ئىگىلىنىشچە، مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ئورتاق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى، مەسئۇلىيەتنى تەڭ تەقسىم قىلىش ۋە كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خەلقئارالىق خەتەرلەرگە قارشى بىر گەۋدە بولۇپ ھەرىكەت قىلىش چۇشەنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇداپىئە سانائىتى، ھەربىي تەربىيەلەش، ئاخبارات ئالماشتۇرۇش ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى ئالاقىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ كېلىشىم، رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش يولىدا بېسىلغان كەڭ كۆلەملىك بىر قەدەم سۈپىتىدە بېكىتىلدى.