ۋەتەندە ئانا تىلىمىزنىڭ رايونلۇق رەسمىي تىللىق سالاھىيىتىنىڭ يوق قىلىنىشى ۋە مائارىپ سىستېمىسىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىۋېتىلىشى، خەلقىمىزنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا يۈرەكنى لەختە قىلغۇچ ئېغىر زەربە بولۇپ كەلمەكتە. بۇ سىستېمىلىق تىل ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى شارائىتىدا، ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئۆچمەس مەشئەلدەك ساقلاپ قېلىش مەسئۇلىيىتى بۈگۈن پۈتۈنلەي دىئاسپورادىكى مىليونغا يېقىن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمىزنىڭ يەلكىسىگە يۈكلەندى. دۇنيانىڭ 24 تىن ئارتۇق دۆلىتىگە تارقالغان، چەكسىز سېغىنىش ۋە ۋەتەن ھەسرىتى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىئاسپورا خەلقى ئۆزلىرى قۇرغان مەكتەپلەر، جەمئىيەتلەر ۋە ۋەقپلەر ئارقىلىق مىللىي كىملىكىنى مۇستەھكەم قوغداش ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
بۇ مۈشكۈل تىل ۋە كىملىك كۈرىشىمىزدە، يېقىندا ئەرفىيە ئەلى خانىم قېرىندىشىمىزنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇچرىشىشى روھىمىزغا يېڭى بىر ئۈمىدنىڭ شامىنى ياقتى ۋە بىزگە كۈچلۈك بىر غۇرۇر ئېلىپ كەلدى. ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەرفىيە ئەلى خانىمنىڭ 10-ئاۋغۇست كۈنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىدە تەشكىلات باش كاتىپى ۋە باش ئەلچى قۇبانىچبېك ئۆمۈرئەلىيېۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن رەسمىي ئۇچرىشىشى سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئىنتايىن چوڭ ۋە ئەھميەتلىك ۋەقە بولدى. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك سورۇندا ئەرفىيە ئەلىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى (ئۇيغۇر تىلىنى) چەكسىز ئىپتىخار بىلەن ئىشلىتىشى، بىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىدىن تارىخىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىر يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى:
1 - رەسمىي سالاھىيەت ۋە مىللىي كىملىككە بولغان ساداقەت
ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئەرفىيە ئەلى بۇ رەسمىي سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارغا ياكى شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلغىنى يوق، بەلكى دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك سىياسىي-ئىقتىسادىي كۈچلىرىنىڭ بىرى بولغان ياپونىيە دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، شۇ دۆلەتنىڭ رەسمىي سىياسىي ئىرادىسىنى نامايان قىلغان ھالدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. ئەمما ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن ھامان، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئانا تىلىدا سۆزلەشنى تاللىدى. بۇ تاللاش كىملىكنىڭ رەسمىي ئۈنۋانلاردىنمۇ بەكرەك چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر ۋىجدان، ساداقەت ۋە يوقالماس جەۋھەر ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەرلىك بىر شىۋە ياكى پەقەت ئۆي ئىچىدىلا سۆزلىنىدىغان تىل ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋەكىللىرى تاللاپ ئىشلىتىدىغان، دۇنياۋى چوڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىك مەيدانلاردا ئىپتىخار بىلەن قوللىنىلىدىغان ئىناۋەتلىك ۋە نوپۇزلۇق بىر سۆزلىشىش قورالى ئىكەنلىكى جاكارلانغان بولدى.
بۇ تارىخىي قەدەم يەنە بىر قېتىم شۇنى دۇنياغا ئىسپاتلىدىكى، ئۇيغۇرلار پەقەت ياردەم تەلەپ قىلىپ، كۆز يېشى تۆكۈپلا يۈرىيدىغان مەزلۇم بىر خەلقلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى لىياقەت، ئاكتىپ ئىقتىدار ۋە بىلىمى بىلەن خەلقئارا تاشقى سىياسەت ساھەسىدە مۇھىم ئورۇنلارنى تۇتۇپ چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتقان، ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشالايدىغان پارلاق ئەقىل ئىگىلىرىگە ئىگە قۇدرەتلىك بىر مىللەتتۇر.
2 - ماسلىشىش ئاسىمىلياتسىيە بولۇش ئەمەس
بۇ ئۇچرىشىش يېڭى ئەۋلاد دىئاسپورا ياشلىرىمىزغا «ماسلىشىش ئاسىمىلياتسىيە بولۇش ئەمەس» دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ جانلىق ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. دىئاسپورادا ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش دۇنيادىن ئايرىلىپ، قېپىدىلا ياشاشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ياشلىرىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدە ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ ئىلغار بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، دۆلەت سىستېمىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز ئانا تىلى ۋە كىملىكىدىن ئىبارەت بۈيۈك مىراسنى ئەڭ كۈچلۈك بىر كۆۋرۈك قىلىپ ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى كۆردۇق. ئەرفىيە ئەلىنىڭ ياپونىيەنىڭ دۆلەت سىستېمىسىدىكى يۈكسەك مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن بىللە ئۆز ئانا تىلىنى چىڭ ساقلىيالىغانلىقى، بۈگۈن ھەرقايسى يات دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ياشلىرىمىزغا ئۆز ئەسلىدىن ۋاز كەچمەسلىك ۋە ئانا تىلىغا ئىگە چىقىش توغرىسىدا ئەڭ كۈچلۈك روھىي مەدەت بولغۇسى.
3 – ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەبىئىي كۆۋرۈكلۈك رولى ۋە ئورگانىك رىشتە بولۇش خاراكتېرى
ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورگانىك يېقىنلىقنىڭ ئەڭ سېھىرلىك مەيدانىدۇر. ئەرفىيە ئەلىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرچىنى ئىشلىتىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئورتاق مەدەنىيەت ۋە تىل بوستانلىقىدىكى ئەڭ جانلىق، ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ تەبىئىي ئالاقە كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بەردى. بۇ نۇقتا بىزگە مىللىي تىلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى رەسمىي ۋە قاتمال توسالغۇلاردىنمۇ ھالقىپ، ئورگانىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىشتىلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان «يۇمشاق كۈچ» بوللايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەزىز پەرزەنتلىرى ۋە سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار!
ۋەتەندە بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىلىشقا يۈزلەنگەن بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ دىئاسپورادا بوشاڭلىق قىلىشقا، يات مەدەنىيەتلەر ئېقىمىدا ئېقىپ كېتىپ تىلىمىزنى ئۇنتۇشقا قىلچىمۇ ھەققىمىز يوق! ئەگەر بىز بالىلىرىمىزنىڭ مىللىي روھىنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆيلىرىمىزنى ئانا تىل سۆزلىنىدىغان، قوغدىلىدىغان ئۇيغۇر باغچىسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. تىلنى قوغداش پەقەت بىر سېغىنىشلا ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك سېلىنمىسى، ئاكتىپ مەدەنىيەت كۈرىشىدۇر.
بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزى خەلقئارالىق مەيداندا ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەشنى تاللىغان ئىكەن، بۇ بىزگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتلىقنى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىدۇر.
كۆزلىرىمىز ياش بىلەنلا ئەمەس، يۈرەكلىرىمىز ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە يۈكسەك غۇرۇر بىلەن تولسۇن! بالىلىرىمىزغا تىلىمىزنى ئۆگىتەيلى، ئۇيغۇرچە يازايلى، ئۇيغۇرچە ئوقۇيلى، ئۇيغۇرچىنى تېىخىمۇ ئىپتىخارلانغان ھالدا ئىشلىتەيلى ۋە ئۇيغۇرچىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۈيۈك مەجلىسلەرنىڭ ئالاقە تىلىغا ئايلاندۇرايلى!
ئانا تىلىمىز – بىزنىڭ كىملىكىمىز، بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇستەھكەم قورغىنىمىز ۋە يوقالماس غۇرۇرىمىزدۇر!