كانادانىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن پاناھلىق ۋەدىسى ئۈمىدسىزلىك بىلەن نەتىجىلىنەمدۇ؟

ئاپتورى: ئالېكىس باگدادې (Alex Bagdade)

ۋاقتى: 2026-يىلى 20-ئاۋغۇست

مەنبە: ماكگىل خەلقئارا ئوبزورى (The McGill International Review)

2023-
يىلى 1-ئايدا، كانادالىق ئۇيغۇر ئاكتىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مەھمەت توختى خوڭكوڭدىن كەلگەندەك كۆرۈنگەن بىر تېلېفوننى قوبۇل قىلغان. كېيىن ئۇ كانادانىڭ خەلقئارالىق ئارىلىشىشنى تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر تۇغقىنى ئارقىلىق ئانىسى ۋە ئىككى ھەمشىرىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ كېيىنچە 76 ياشلىق ئانىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا قازا قىلغانلىقىنى بىلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تېلېفوننىڭ ۋاقتى ئېنىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى: ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى «ئەگەر تەشۋىقاتنى داۋاملاشتۇرسىاڭ تۆلەيدىغان بەدەل» ئىدى. بۇ تېلېفون كانادا پارلامېنتى 10 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پلانىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى كەلگەن.

2023-
يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، كانادا ئاۋام پالاتاسى M-62 نومۇرلۇق كېلىشىمنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىپ، كانادادىن قوغداشقا ئېھتىياجلىق 10 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چاقىردى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ، 2026-يىلى 3-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، پەقەت 300 گىمۇ يەتمەيدىغان كىشى ئامان-ئېسەن يېتىپ كەلگەن. بۇ سۈرئەت بىلەن كانادا 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدىغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاشتىن ئىنتايىن يىراقتا قالدى. بۇنداق كېچىكىش پەقەت بىر كۆچمەنلەر بىر تەرەپ قىلىش ئارقىدا قېلىش مەسىلىسىلا ئەمەس. ئۇ كانادادىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان بېيجىڭنىڭ تەھدىتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ بىر مەغلۇبىيەتنى ئاشكارىلىماقتا: كانادا خىتاينىڭ باستۇرۇش تاكتىكىلىرىنىڭ خەلقئارا پەرق ئېتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تېخى ئۈنۈملۈك بىر قوغداش سىستېمىسى بەرپا قىلالمىدى. پاناھلىق پەقەت قوبۇل قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى، ئۇ كاناداغا كېلىشنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى يولىنى ھەم ئۇلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئەركىن سۆزلەش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

قوغداش ئېھتىياجى شەرقىي تۈركىستاندىن باشلىنىدۇ، بۇ يەردە ب د تەشكىلاتىنىڭ 2022-يىلىدىكى باھالاش دوكلاتىدا كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ئەيىبلەشلىرى، ئېغىر تەپتىش قىلىش ۋە دىنىي ھەم مەدەنىيەت ھاياتىغا قويۇلغان ئېغىر چەكلىمىلەر ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن. دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاساسلىق مۇسۇلمان گۇرۇپپىلىرىغا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى خۇلاسىلەنگەن، شۇنداق بولسىمۇ بېيجىڭ ئۆز سىياسەتلىرىنى بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ۋە ئۆتمۈشتىكى ھۇجۇملارغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدىكى تېررورلۇققا قارشى تەدبىرلەر دەپ ئاقلايدۇ. ئامما ب د تەشكىلاتىنىڭ باھالىشىدا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى سىستېمىسىنىڭ ئېنىق بولمىغان تەبىرگە ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان ئالدىن مەۋجۇت بولغان «ئەسەبىيلىك» كۆرسەتكۈچلىرىگە تايىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا بىخەتەرلىك باھانىسى بۇ باستۇرۇشنىڭ كەڭلىكىنى ئاقلىيالمايدۇ.

M-62
كېلىشىمى خىتايدىن قاچقان، ئامما «ئۈچىنچى دۆلەتلەردە»، يەنى خىتاي ۋە كانادادىن باشقا كۈتۈۋالغۇچى ياكى ئۆتكۈنچى دۆلەتلەردە ئاجىز ئورۇندا ياشاۋاتقانلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېيجىڭنىڭ بۇ ھۆكۈمەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېغىر بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. 2025-يىلى 2-ئايدا، تايلاند 10 يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تورۇلغان 40 ئۇيغۇر ئەرنى، ئۇلارنىڭ خىتايدا قىيناش ۋە باشقا ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قايتۇرۇپ بەردى. ئۈچىنچى دۆلەتلەردىن كاناداغا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بۇنداق كېچىكىشلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش، قايتۇرۇلۇش ياكى مەجبۇرلاش خەۋپىگە ئۇچراش مۇددىتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ.

قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانى ئاددىي ئەمەس. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئادەتتە ب د تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئورگىنى، بەلگىلەنگەن تەشكىلات ياكى جەمئىيەت ياردەمچىلىرىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇنداقلا كاناداغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى سالامەتلىك، جىنايى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە كانادا ۋەتەنداشلىقى ئورگىنى (IRCC) ئىلتىماس قىلغۇچىلار، خىزمەتچىلەر ۋە تەۋسىيە قىلغۇچى شېرىكلەرنى قوغداش ئۈچۈن تەپسىلىي مەشغۇلات تەپسىلاتلىرىنىڭ سىر ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. بۇلار بولۇپمۇ ھۆججەتكە ئېرىشىش قىيىن بولغاندا ۋە ئۈچىنچى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەمكارلاشمىغاندا شۇنداق يوللۇق چەكلىمىلەردۇر.

ئەمما، سىر ساقلاش مەسىلىسى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېتىشەلمەسلىكىنىڭ كۆلىمىنى ئاقلىيالمايدۇ. 2025-يىلى 9-ئايغىچە، 140 تىن ئارتۇق كىشى كاناداغا يېتىپ كەلگەن، 740 تىن ئارتۇق ئىلتىماس يەنە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتاتتى. 2026-يىلى 3-ئايدا، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار كاناداغا يېتىپ كەلگەنلەرنىڭ 300 كىشىدىن ئازلىقىنى — پارلامېنتنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك نىشانىنىڭ %3 گىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. M-62 ئورۇنلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولمىغان بىر كېلىشىم ئىدى، ئامما ئۇنىڭ بىر ئاۋازدىن ئۆتۈشى سىياسىي بىر ۋەدە ياراتتى. پارلامېنت شۇنداق كۆلەمدە قوغداش ۋەدىسى بەرگەندە، ھۆكۈمەت يېتەرلىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، مۇساپىرلار ئورنى ۋە ئوچۇق ئومۇمىي دوكلات بىلەن تەڭداش بولۇشى كېرەك. ئومۇمىي سان ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلىش ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاپ قويمايدۇ؛ ئۇ جەمئىيەتنىڭ بۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان-ئاشۇرۇلمىغانلىقىغا باھا بېرىشىگە يول ئاچىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كاناداغا يېتىپ كېلىشمۇ ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭنىڭ تەھدىتىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇرالمايدۇ. چەكلىمىدىن ھالقىغان باستۇرۇش بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز تېرىتورىيەسىدىن سىرتقى كىشىلەرنى نازارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدا كۆرۈلىدۇ. خەلقئارالىق ئارىلىشىشنى تەكشۈرۈش كومىتېتىغا سۆز قىلغان ئۇيغۇر كانادالىقلار تەھدىت تېلېفونلىرى، خاككەرلەنگەن ئۈسكۈنىلەر، نامايىشلاردىكى نازارەتچىلىك، تور پاراكەندىچىلىكى ۋە خىتايدىكى تۇغقانلىرىغا قارىتىلغان بېسىملارنى بايان قىلدى. بىر قاتناشقۇچى يەنە خىتاي كونسۇلخانىسى بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقاندا جىسمانىي ۋە ئېغىزچە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەتتىكى ئالاقىنى خەتەر مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. توختى ئۆزىنىڭ 1991-يىلى يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان تۇغقانلىرىغا پاسپورت بېرىلمىگەنلىكىنى، ھەمدە كانادادىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىن كەلگەن بىر تېلېفوننىڭ دائىرىلەرنىڭ كېرەكسىز دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. بۇ ۋاسىتىلىك مەجبۇرلاش بېيجىڭغا ئۆز ئىرادىسىنى ئۆز قانۇنىي تەۋەلىكىدىن ھالقىپ تېڭىشقا يول ئاچىدۇ، شۇڭا بىر مۇساپىر كانادادا جىسمانىي جەھەتتىن بىخەتەر بولسىمۇ، بېيجىڭنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ نامايىش قىلىش، تەشكىللەش ياكى ئاشكارا سۆزلەشتىن ئاجىز كېلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، كانادا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەكلىمىدىن ھالقىغان باستۇرۇشقا قارىتا ئۆز ئىنكاسىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. 2024-يىلى 6-ئايدا پادىشاھلىق تەستىقىنى ئالغان C-70 قانۇن لايىھەسى كانادا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇرۇنلىرىنى ئاشكارىلاش ئىقتىدارىنى كېڭەيتتى، چەتئەلگە باغلانغان تەھدىت جىنايەتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇردى ۋە چەتئەل تەسىرىنىڭ ئاشكارىلىق تىزىملىكىنى قۇردى. ئامما، 2026-يىلى 3-ئايغىچە، ھۆكۈمەت يەنە بۇ تىزىملىك ۋە ئۇنىڭ كومىسسارلىق ئورگىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىمەكتە. بۇ ئىسلاھاتلار يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشنى ئېنىقلاش ۋە ئەيىبلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار نامسىز تېلېفون ئالغان، نامايىشنى كۆرۈۋاتقاندا سۈرەتكە تارتىلغان ياكى تۇغقىنىنىڭ جازالىنىشىدىن قورققان بىر كىشى ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن قولايلىق بىر بىخەتەرلىك تورى يارىتىپ بەرگىلى بولمايدۇ.

شۇڭا كانادانىڭ ئالدىدىكى يول ئېنىق: قوغداش تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى كېرەك. ئوتتاۋا خىتاي ئىچىدىكى تۇغقانلارغا قارىتىلغان ئۆچ ئېلىشنى ئېنىق توسالمايدۇ، ئامما ئۇ كانادا ئىچىدە نىشانغا ئېلىنغان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان ياردەمنى ياخشىلىيالايدۇ. بىر بىرلىككە كەلگەن كۆپ تىللىق ئۇچۇر لىنىيىسى ۋە ئىشخانا قۇربانلارنىڭ بىر ۋەقەنىڭ ساقچى، CSIS ياكى باشقا بىر ئورگانغا ئائىتلىقىنى ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا گۇمانلىق تېلېفونلار، رەقەملىك باستۇرۇشلار ۋە نامايىش نازارەتچىلىكىنى مەلۇم قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. بىر تەربىيەلەنگەن كوئوردىناتور قۇربانلارنى قانۇن ئىجرا قىلىش، تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى، قانۇنىي ياردەم ياكى روھىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە يېتەكلىيەلەيدۇ. ئورگانلار قۇربانلارنىڭ ئۆزلىكىدىن بىر قانچە ئورگاننى ئايلىنىپ يۈرۈشىنى كۈتمەي، ئاكتىپلىق بىلەن خەتەر ئىچىدىكى جەمئىيەتلەرگە ئۇچۇر بېرىشى كېرەك. IRCC يەنە كىملىك ۋە مەشغۇلات تەكشۈرۈشلىرىنى يوشۇرغان ئاساستا M-62 ئىلتىماسلىرى، تەستىقلىرى ۋە يېتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئائىلە كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلىپ تورلاپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ تەدبىرلەر ئوتتاۋا ئايرىم بىر تەرەپ قىلىۋاتقان ئىككى سىياسەتنى: مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چەتئەل ئارىلىشىشىدىن قوغداشنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ.

كانادانىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىسى، ئەگەر خەتەر ئىچىدىكىلەر يېتىپ كېلەلمىسە ۋە يېتىپ كەلگەنلەر ئەركىن سۆزلەش، مەتبۇئات ۋە ئويۇشۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولالمىسا، ئاساسەن شەكلەن بىر سۆز بولۇپ قالىدۇ. مەنىلىك پاناھلىق ئامانلىققا ئېرىشىش يولى بىلەن بىرگە، پاناھلىقنى زۆرۈر قىلغان ھۆكۈمەتنىڭ تەھدىتىدىن قوغداشنى تەڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۈركىستان ۋاقىت گېزىتى