خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئوبزورچى يالقۇن روزى ئارگېنتىنادا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى مۇكاپاتىغا ئېرشىتى

تۈركىستان ۋاقىت تورى، 2026-يىلى 29-ئاۋغۇست — تونۇلغان ئۇيغۇر نەشرىياتچى، ئەدەبىي ئوبزورچى ۋە يازغۇچى، نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى يالقۇن روزى نۇپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان 2026-يىللىق «گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى»غا (Graciela Fernández Meijide Award for the Defense of Human Rights) ئېرىشتى. مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 2026-يىلى 23-ئاۋغۇست ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنوس ئايرېس شەھىرىدە، «توپلانما ھۆكۈمرانلىق قۇربانلىرىنى ياد ئېتىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن «لاتىن ئامېرىكىسىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى» (CADAL) تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلدى.

يالقۇن روزى 2016-يىلى ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۆز ئۆمرىنى رەسمىي مائارىپ سىستېمىسى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغداش ھەم ئومۇملاشتۇرۇشقا بېغىشلىغانىدى. ئۇ 2001-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 90 دىن ئارتۇق دەرسلىك ۋە قوشۇمچە ئوقۇشلۇقلىرىنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشتە مۇھىم رول ئوينىغان. ناھەق ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، ئۇنىڭ بۇ تىنچ مەدەنىيەت ۋە زىيالىيلىق پائالىيەتلىرى «جىنايەت»كە ئايلاندۇرۇلدى. ئۇ 2018-يىلى ئوچۇق-ئاشكارا «بۆلگۈنچى» دەپ ئەيىبلىنىپ، خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، بىر كۆپ كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، يالقۇن روزىنىڭ ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. ھەيئەت تەركىبىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار بار ئىدى. دوكتور رىشات ئابباس مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش نۇتقىدا، يالقۇن روزىنىڭ ناھەق تۈرمىگە ئېلىنىشى ۋە ئۆزىنىڭ ھەمشىرىسى دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇندا بولۇشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە تىرانس-مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېنىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كادال تەشكىلاتىنىڭ باھالاش ھەيئىتى يالقۇن روزىنىڭ دېلوسىنى «زوراۋانلىقسىز مەدەنىيەت تەشەببۇسىنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ھەم ئىنسانىي ھەقلىرىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن سىستېمىلىق پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشى»نىڭ تىپىك مىسالى دەپ كۆرسەتتى. كادال تەشكىلاتى 2026-يىلى تۇنجى قېتىم بۇ مۇكاپاتنىڭ تاللاش دائىرىسىنى لاتىن ئامېرىكىسىدىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن چەتتە قالغان سىياسىي مەھبۇسلارنى قوغداشقا ئاتىغان بولۇپ، بۇ يىل يەنە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ۋە شىمالىي كورېيەدىن بولغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىمۇ مۇكاپاتلاندى.

خىتاي تەرەپنىڭ كۈچلۈك دىپلوماتىك بېسىمى سەۋەبىدىن يىغىن زالى ئاخىرقى مىنۇتتا ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئجتىمائىي تاراتقۇدا ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ بۇئېنوس ئايرېستىكى سەپىرى جەريانىدا خەلقئارالىق دىپلوماتلار، ئالىملار، تاراتقۇلار ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇتۇقلۇق ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. 2023-يىلى تەسىس قىلىنغان بۇ مۇكاپات، 1976-يىلى ئارگېنتىنادىكى ھەربىي دىكتاتور مەزگىلىدە ئوغلى غايىب قىلىۋېتىلگەن مەشھۇر ئارگېنتىنالىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدېنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.