خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيسىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن تازلاش: سۈنئىي ئەقىل، خىتاي-ئامېرىكا ۋە خىتاي – رۇسىيە مۇناسىۋىتى

بۇ يازمىدا شى جىنىپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيسىدىكى چوڭ تازلىشىنىڭ سەۋەبى، كەلگۈسى خىتاي ئامېرىكا ۋە خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى تەھىلىل قىلىنىدۇ.

ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزى، 2026-يىلى 5-ئاۋغۇست

شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كىين قىلغان ئەڭ كۆپ ئىشى خىتاي ھاكىمىيەت سىستىمىسىدە چوڭ كۆلەملىك ۋە سىستېملىق تازلاش ئېلىپ بېرىش بولدى. بۇ ئارقىلىق شى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى تارىخىدىكى ھوقۇقنى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە بىر شەخىسنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن لىدىر بولۇپ قالدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى بۇ جەھەتتە ماۋزىدۇڭدىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاللىبۇرۇن ماۋدىن ئۆتۈپ كەتتى. مەسىلەن ماۋنى ھاكىمىيەتتە كۈچلۈك ۋە تەگكىلى بولماس قىلغىنى ئۇنىڭ دىكتاتۇرلىقىدىن سىرىت كومىنىست پارتىيدىكى نەچچە يىللىق رەھبەرلىك قابلىيتى، چۇڭقۇر تارتقان يىلتىزى، خىتاي خەلقى ئارسىدىكى قوللىشى ۋە شان-شۆھىرىتى ئىدى. مەلۇم مەنىدىن قارىغاندا ماۋ تەگكىلى بولمايدىغانمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنداق بولمىغان بولسا «تۆت كىشىلىك گوروھ» ئوتتۇرىغا چىقمىغان، لىن بىياۋ ماۋنى «زامانىمىزدىكى چىن شىخۇاڭ» دىيەلمىگەن بولاتتى. يەنە كېلىپ «تۆت كىشىلىك گوروھ» نىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭ خۇتۇنى چىقمايتى. يەنە مىسالغا ئالىدىغان بولساق ماۋزىدۇڭ شاڭياڭ، خەن فېي، ساۋ ساۋ ۋە چىن شىخۇاڭنى خىتاي تارىخىدىكى ئۇلۇغ شەخسلەر دەپ تەشۋىقات قىلىپ يۈرگەندە گومور چىقىپ «ئۇنداق ئەمەس» دەپ كىتاب يازالمىغان بولاتتى. ماۋ مۇتلەق دىكتاتۇردەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇنىڭ كۈچى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيسىدىكى چوڭ قۇماندانلار، شۇنداقلا لىن بىياۋ ۋە لىيۇ شاۋچىدەك چوڭ ئەمەلدارلار تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ تۇراتتى.
 
ئەمما ھازىر خىتاي ھاكىمىيەت سىستېمىسدا شى جىنپىڭغا ھىچ بىر ساھەدە ئۇنىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ سىياسىتىگە قارىتا «نېمە ئۈچۈن» دىيەلەيدىغان ئەمەلدار قالمىدى. ئۇنداقلارنىڭ ھەممىسى « پارخورلۇق ۋە چىرىكلىشىش» جىنايەتلىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى. بولۇپمۇ ھەربىي جەھەتتىكى تازلاشلىرى بىلەن شى جىنپىڭ ھازىر خىتايدىكى پۈتۈن ھوقۇقنى قولغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆزىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈردى.
 
2022-يىلى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئۆز ۋەزىپە مۇددىتىنى باشلىغاندا، ئۇنىڭ يەتتە ئەزاسى بار ئىدى. شى نىڭ توختىماي «بىر تەرەپ قىلىشى» بىلەن بۈگۈنكى كۈندە پەقەت ئىككىلا كىشى ئۆز ۋەزىپىسىدە قالدى. بۇ ئورگان خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ مۇتلەق يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، چوڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەدىن تارتىپ قورال-ياراق سېتىش ۋە سېتىۋېلىش قارارلىرىغىچە بولغان بارلىق ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
 
بۇ تازىلاش بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. دوكلاتلارغا قارىغاندا، 2022-يىلىدىن باشلاپ 100 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ياكى تەكشۈرۈلگەن. بۇ كىشىلەر خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەخسلىرى ئىدى. مەسىلەن راكېتا قىسىملىرى قوماندانلىرى، سابىق مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋېي فېڭخې ۋە لى شاڭفۇ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا، شۇنداقلا سابىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى گېنېرالى ليۇ جېنلى قاتارلىق كىشىلەر تازلانغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان. شى جىنپىڭ ھازىر ھەربىي كومىتېتتا پەقەت بىرلا ئەمەلدار، يەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش باشلىقى جاڭ شېڭمىن بىلەن قالدى.
 
خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇقدىلىپ قېلىشى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئارمىيەنىڭ ئۆز قوراللىق كۈچلىرىنى قانداق باشقۇرۇشىدىكى غايەت زور بىر بۇرۇلۇشقا ئىشارەت قىلىدۇ. ئارمىيەدە ئادەتتە تالانتى ۋە ھەربىي تەجرىبىسى بولغان كىشىلەر ھوقۇق تۇتىشى كېرەك. خىتاي ئۈچۈن بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ياۋرۇپادا كەسكىن ئۇرۇش بولىۋاتقان، خىتاي تەيۋەن، ياپۇنىيە، ھىندىستان ۋە ئامېرىكا بىلەن ئەسكىرى جەھەتتىن جىددى پۇت تېپىشىۋاتقان پەيتتە تەجرىبلىك گېنىراللارنىڭ قىممىتى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن يۇقىرى بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھازىر شى جىنپىڭنىڭ ئىستەۋاتقان نەرسىسى تەجىرىبە، جەڭگىۋارلىق ۋە تالانت ئەمەس بەلكى سىياسىي ساداقەت ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا.
 
پارتىيەگە بولۇپمۇ بەكرەك شى جىنپىڭغا شەرتسىز ساداقەت كۆرسەتكەن ئوفىتسېرلار ئۆستۈرۈلمەكتە، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزىدىغان ياكى ئازراق بولسىمۇ پىكىر پەرقى بولغانلار تازىلانماقتا ياكى چەتكە قېقىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرى جەڭگىۋار رەھبەرلەرگە بېرىلىدىغان ۋەزىپىلەر ھازىر سىياسىي ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئەمەلدارلىرىغا بېرىلمەكتە. بۇ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرى بىۋاسىتە ئارمىيەنىڭ قوماندانلىق قۇرۇلمىسىغا سىڭدۈرۈلمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جىددى ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئارمىيە ئېھتىمال ئۆز رەھبىرىگە ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك سادىق، ئەمما جەڭگىۋارلىق كۈچ تۆۋەنلىگەن بولۇشى مۇمكىن. خىتاينى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسىسلەر بۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىر ئەھۋال مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۈز بەرگىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا،ئۇنىڭدىن كىين خىتاي ھەربىي سىستىمىسدا بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ نۇقىتىدىن قارىغاندا شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىنى ئادەتتىكى تازىلاش دەپ ئەمەس، بەلكى خىتاي ھەربىي تۈزۈلمىسىنىڭ تۈپتىن قايتا قۇرۇلۇشى دەپ چۈشىنىش تېخىمۇ بەكرەك توغرا بولىشى مۇمكىن.
 
نېمە ئۈچۈن شى جىنپىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق قاتلىمىنى يوقىتىۋاتىدۇ؟
 
تازىلاش ھەققىدىكى رەسمىي چۈشەندۈرۈش چىرىكلىككە مەركەزلەشكەن. چىرىكلىك ئەلۋەتتە مەۋجۇت. خىتاي ھاكىمىيەت سىستمېسىدا چىرىكلەشمەي ئەمەلدار بولغىلى بولمايدۇ. پاك ئەمەلدارنى ھۆكۈمدار ياخشى كۆرمەيدۇ. چۈنكى پاك ئەمەلدار خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالىدۇ ۋە ھۆكۈمدار بۇنى ئۆزىنىڭ نوپۇزىغا قىلىنغان تەھدىد دەپ قارايدۇ. ئىشلار چوقۇم ھاكىمىيەتنىڭ رەھبەرلىكىدە بولۇشى كېرەك؛ خەلقنىڭ رەھمەت ئېيتىدىغىنىمۇ، قورقىدىغىنىمۇ، يىلىندىغان ۋە يۆلىنىدىغىنىمۇ ھاكىمىيەت بولۇشى كېرەك. بۇنى يېغىلىق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى خىتاي سىياسىئون گۈەنجۇڭ «مەنپەتلەرنىڭ بىر قانالدىن چىقىشى» (利出一孔) دەپ ئاتىغان. بۇ خىل سىستىمىدا ئەمەلدارلار پەقەت ھۆكۈمدارنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن بىر ۋاستىدىن ئىبارەت خالاس.
 
چىرىكلىشىش ۋە باشقا تۈرلۈك جىنايەتلەر ھەرخىل ئىزاھلاشقا ئوچۇق بولۇپ نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى شارائىت بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن ھازىرقى «قىزىل بولاق» بېرىش خىتاي مەدەنىيتىنىڭ بىر تەركىۋى قىسىمى. ئەمما بۇنى ھەرخىل شەكىلدە سۈيئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. «قىزىل بولاق» بەرمىسە ئادىمىگەرچىلىكنى بىلمىگەن ۋە يۈز بەرمىگەن بولىدۇ؛ بەرسە ۋاقتى كەلگەندە پارا بەرگەن بولۇپ جازالىنىدۇ. شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيتىدە ئەمەلدارلىق بايلىق ۋە كۈچ توپلاشنىڭ يولى بولۇپ بۇنىڭغا ھۆكۈمدار ئۆز ئىشىغا كەلگەن دەرىجىدە يول قويىدۇ. يەنى ھۆكۈمدار ياقتۇرسا قانچىلىك چىرىكلەشسىمۇ سورىقى بولمايدۇ؛ ئەگەر ياقتۇرمىسا يولنىڭ بېشىدىلا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيەت سىستىمىسدا قانۇننىڭ ئورنى ھۆكۈمداردىن تۆۋەن بولىدۇ. قانۇندىن ھۆكۈمدارنىڭ گىپى، خاھىشى ۋە قارارى كۈچلۈك بولىدۇ.
 
خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ۋە پارا ئېلىش، سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقى ۋە توختام كونترول قىلىش مەسىلىلىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت. ئەمما،ھازىرقى تازلاش چىرىكلىكتىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى كۆلىمىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن «چىرىكلىك» تىن ئىبارەت بىر جىنايەت يىتەرلىك بولالمايدۇ. تازىلانغان نۇرغۇن ئوفىتسېرلار پارىخورلۇقتىن ھالقىغان، مەسىلەن «پارتىيە كونتروللۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش» ۋە «سىياسىي مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش» دېگەن ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇلار بىرلا نەرسىنى، يەنى شى جىنپىڭغا سادىق بولماسلىق ياكى سادىق دەپ قارالماسلىقنى چۈشەندۈرىدۇ. خىتايدىكى «چىرىكلىكلەشمەڭلار، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار» دېگەن گەپنىڭ تەرجىمىسى « ماڭا سادىق بولۇڭلا» دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
 
خىتاينى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئۆز ھەربىي ئاپپاراتلىرىغا تولۇق ئىشەنمەيدۇ، ئۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرمەكچى. چۈنكى مۇستەبىت سىستېمىلاردا، ئارمىيە ھەمىشە رەھبەرنىڭ داۋملىق تەختتە ئولتۇرۇشىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىدۇ.
 
دۇنياغا داڭلىق گىئو-پولىتىكا مۇتەخەسىسى جورج فرېيدمەننىڭ قارىشىچە گېئوپولىتىكىلىق ئامىللار ۋە خىتاينىڭ ئاستىلاۋاتقان ئىقتىسادى ( ئېشىش نىسبىتى ئارانلا 4 پىرسەنتتىن سەل ئاشىدۇ) مۇ بۇ تازىلاشقا تۈرتكە بولغان. بۇنداق ئەھۋال خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى بولغان ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىنى دۈشمەن دەپ قاراشقا كۆنۈپ قالغان ئارمىيە بۇنداق ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، شى جىنپىڭ ئوفىتسېرلار قوشۇنىنى يېڭى گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىققا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
 
ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئارمىيە: سۈنئىي ئىدراك ۋە شەرتسىز ساداقەت
 
خىتاي يېقىنقى 10 يىلدا بىر قانچە ساھەگە غايەت زور مەبلەغ سالدى ۋە بۇ ساھەلەردە ھازىر دۇنيادا لىدىر دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ ساھەلەر قوياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش، توكلۇق ماشىنا، سۈنئىي ئەقىل، ئەقىللىق ماشىنا ئادەم، نادىر تۇپراق ئىلمىنتلىرىنى ئىشلەش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ماسلاشتۇرۇلغاندا دۆلەتكە غايەت زور كۈچ ئېلىپ كېلىدۇ. شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتايمۇ دەل موشۇ ئىقتىدارلارنى بىرلەشتۈرۈپ دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھىس قىلدۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.
 
ئىلون ماسكنىڭ قارىشىچە، ئالدىمىزدىكى بىر-ئىككى يىلدا دۇنيادا سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىقتىدارى، بۇنىڭغا بولغان تەلەپ شۇنداقلا ئەقىللىق ماشىنا ئادەملەرگە بولغان ئىھتىياج قاتارلىق جەھەتلەردە زور يۈكسىلىش بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۆز نۆۋىتىدە ئېنىرگىيە، نادىر تۇپراق ئىلمىنتلىرى ۋە ئاساسى ئۇل-مۇئەسسەسسەلەرگە بولغان تەلەپنىڭ جىددى ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ جەھەتتە، ھازىرچە خىتايدىن باشقا بىر دۆلەتنىڭ تەييارلىقى يوق ياكى يىتەرلىك ئەمەس ۋە ياكى يىتەرلىك بولۇش قابىلىيتى يوق. بۇ مۇنداق ئىككى ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: بىرى، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى، يەنە بىرى، بۇ ساھەلەردە باشكا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولۇشى.
 
شى جىنپىڭ خىتايدىكى بۇ مەۋجۇت ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش» ئۈچۈن جىددى ھەركەت قىلماقتا. بۇ ئەشيا ئوبوروتىدىن تارتىپ جەڭ قىلىش قارارلىرىغىچە بولغان كۈندىلىك ھەربىي ھەرىكەتلەرگە سۈنئىي ئەقىل سىڭدۈرۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ تېخنىكىلىق ئۆزگىرىش ئارمىيەنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلىدىكى بىر ئەۋلاد ئۆزگىرىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ باشقىچە تىپتىكى ئوفىتسېرلارنى تەلەپ قىلىدۇ: سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىدىن گۇمانلىنالايدىغان، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى دەلىللىيەلەيدىغان ۋە تېز ئۆزگىرىۋاتقان جەڭ مەيدانلىرىدا مۇستەقىل قارار چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر.
 
ئەمما مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردە روشەن بىر زىددىيەت مەۋجۇت. شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي سىستېمىسى بىرلىككە كېلىش، بويسۇنۇش ۋە مۇتلەق ساداقەتنى ئىستەيدۇ. ھالبۇكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇرۇش تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىق ۋە ماشىنا يەنى سۈنئىي ئەقىل چىقارغان ئىستراتىگىيە ۋە تەۋسىيەلەرنى باھالاش،يولغا قويۇش، شۇنداقلا ئۇنى ئىنكار قىلىش ۋە جەڭ ئېلان قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدۇ. تازىلاش ئارقىلىق قارشى تۇرۇش تەجرىبىسى ۋە ئىشەنچىسى بار نۇرغۇن ئوفىتسېرلار چىقىرىۋېتىلدى، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆز ساداقىتىنى ئىسپاتلاشقا ئالدىرايدىغان «ماقۇلجانلار» كەلتۈرۈلدى. نەتىجىدە، ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياتچانلىق تۆۋەنلەپ، تاكتىكىلىق تەۋەككۈلچىلىك ئېشىپ كېتىشى ۋە بۇ خەتەرلىك بىرىكمە كرىزىس پەيتىدە خاتا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
 
ئادەتتە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئارمىيەلەر يېڭى تېخنىكىلىق ئۆزگىرىشنى باشتا بەك قوللاپ كەتمەيدۇ. 30 نەچچە يىللىق تەجرىبىسى بار خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار يېڭى سىستېمىلارغا ئىشەنمەسلىككە مايىل كېلىدۇ. كونا كادىرلارنى تازىلاش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىدىكى چوڭ بىر توسالغۇنى ئېلىپ تاشلىغان بولۇشى مۇمكىن.
خىتاي، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
 
1. تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىش پىلانى يوق
 
بۇ تازىلاشنىڭ ۋاقتى خىتاي ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن. دۇنيا ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدا توختىماي تازلاش بولىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كىشلەر خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىشى ھەتتا 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ چىقىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى ئەھۋال بىر-بىرگە زىتتۇر. خىتاي ئارمىيسىدىكى تازلاش شى جىنپىڭنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇرۇشقا كىرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇرۇش تەييارلىقى بولغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق قاتلىمىنى يوقىتىش ساراڭلىق بولىدۇ. شۇڭا خىتاي ئارمىيسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر خىتاينىڭ نىسپىي تىنچلىق ئىستەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
 
خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ پۈتكۈل لوگىكىسى ئامېرىكىنى مەركەز قىلىپ كەلگەن بولۇپ بىر قانچە ئەۋلاد ئوفىتسېرلار ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەربىيەلەنگەن. تەيۋەن بۇ لوگىكىنىڭ مەركىزى قىسمى بولۇپ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى ۋەزىپىسى تەيۋەن سىنارىيەسى ۋە ئامېرىكا تەھدىتىنى مەركەز قىلغان. گەرچە خىتاي بۇ ئارالغا ھۇجۇم قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرى تەيۋەن ۋە ئامېرىكىنى ئۇزۇندىن بېرى ئەنسىرىتىپ كەلمەكتە. شۇنداقتىمۇ، تازىلاش شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ئارمىيەسىنىڭ ھەقىقىي ھوجۇمغا بولغان تەييارلىقىغا ئىشەنچى يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەرمۇ خىتاي ھېچقانداق جەھەتتىن ھەقىقىي ھەربىي ھەرىكەتكە تەييار ئەمەس، دەپ قارايدۇ. چۈنكى يوشۇرۇن تەيۋەن توقۇنۇشى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئوفىتسېرلار، ئامېرىكا تەلىماتلىرىنى چوڭقۇر بىلىدىغان تەجرىبىلىك ئىستراتېگىيەچىلەر دەل شى جىنپىڭ تازىلىغان ئوفىتسېرلارنىڭ ئۆزىدۇر. نەتىجىدە، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ھەر قانداق يوشۇرۇن توقۇنۇشقا قۇرۇقدىلىپ قالغان قوماندانلىق قۇرۇلمىسى، سىناقتىن ئۆتمىگەن رەھبەرلەر ۋە قورقۇنچ ئارلاشقان ساداقەت بىلەن كىرىدۇ. شۇڭلاشقا، شى جىنپىڭ كونتروللۇققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، دەل ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان پەيتتە ئۈنۈمدارلىقنى قۇربان قىلىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ ھالەت مەنتىقە بىلەن ئويلىغاندا شۇنى چۈشەندۈرىدۇ—شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشقا كىرمەيدۇ.
ئەمما، تەيۋەن ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق كېلىشىمنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ ئۆز گېنېراللىرىغا ۋە خىتاي جەمئىيىتىگە ۋاشىنگتون بىلەن كېلىشىشنىڭ تەسلىم بولۇش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەيۋەن مەسىلىسىدە بىر قىسىم مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇ بەلكىم ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىشى ۋە تەيۋەنىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ھالەتتە سىمۋوللۇق شەكىلدە خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇشىنى قوبۇل قىلىشى بولۇشى مۇمكىن.
 
2. خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بەك يامانلىشىپ كەتمەيدۇ
 
خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە نەزەر سالغاندىمۇ، ئىككى دۆلەت ۋەزىيتى كىشلەر پەرەز قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇرۇش قىلىش ئىھتىماللىقىنىڭ ئەكسىچە تەرەققىي قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە سەۋەب بەكلا ئاددى، ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشتا پايدا ئالىدىغان تەرەپ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ رەقىبلىرى، يەنى رۇسىيە، ياپۇنىيە ۋە ھىندىستاندۇر. ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغىنى بولسا خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرىدۇر. يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ ئۇنۋىرسال كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئىران ئۇرۇشىدىكى رىئاللىق
ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا غەلبە قىلىش ئىھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتتى. ھىچكىم غەلبە قىلالمايدىغان ياكى قىلغان تەقدىردىمۇ ۋەيران بولىدىغان ئۇرۇشقا كىرمەيدۇ.
 
توقۇنۇش ياكى ئۇرۇش قىلىشتىن بەكرەك ھەمكارلىشىش ئامېرىكىغمۇ بەكرەك جەلىپكار كېلىشى مۇمكىن. ھەممىدىن ھالقىلىق مەسىلە، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەقىللىق ماشىنا ئادەملەرنىڭ تولىمۇ يېقىن كەلگۈسىدە دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇلار بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن دۇنيا پۈتۈنلەي يېڭى ئىستراتىگىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتكە ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئىلون ماسكنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئىجابى قاراشلىرى، شى جىنىپىڭغىچە بولغان خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىلون ماسكقا كۆپلەپ خەلقئارالىق سەھنىلەرنى ھازىرلاپ بېرىشى خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يۇمشايدىغانلىقى ۋە ھەمكارلىققا قاراپ تەرەققىي قىلدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن. نەچچە كۈن بۇرۇن ئېلون ماسىك « گ 20 » باشلىقلار يىغىنىدا لىكسىيەگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۈنئىي ئەقىل ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات جەھەتلەردە دۇنيا دۆلەتلىرىنى ھەمكارلىققا دەۋەت قىلدى، بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭمۇ ھازىر ۋاشىنگتون بىلەن كېلىشىم ئىزدەۋاتىدۇ. ترامپ ماي ئېيىدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلدى، شى جىنپىڭ پات يېقىندا ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىدۇ. ھەر ئىككى رەھبەر مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىگە موھتاج. شى جىنپىڭ بولسا خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئېشىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بازارلىرىغا شۇنداقلا خەلقئارالىق سەھنىدىكى ياخشى مۇئامىلىسىگە ئېھتىياجلىق.
 
3. كىينكى رەقىب — رۇسىيە
 
ئاخىرىدا ئەگەر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ياخشىلانسا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى يۆنىلىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. يەنى رەقىب ئامېرىكدىن رۇسىيەگە ئۆزگىرىدۇ. خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان ئامىل ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە تۇتقان سىياسىتىدۇر. ئەسلى مەنتقىلىق ئويلايدىغان بولساق، رۇسىيە ۋە خىتاي بىر-بىرىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى بولۇشى كېرەك. چۈنكى خىتاي رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان مۇڭغۇلىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يەنى غەربىي تۈركىستاندا رۇسىيەنىڭ كۈچىنى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نوپۇس رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايۇنلىرىغا، ۋىلادىۋوستوك ئەتراپلىرىغا غايەت زور كۆچۈش ۋە نوپۇس ئىشغالى بېسىمى شەكىللەندۈرمەكتە.
 
خىتاي بولسا مەسىلىگە تارىخىي نۇقتىدىن قارايدۇ. خىتايدا ئېلان قىلىنغان تارىخىي خەرىتىلەر رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىنى خىتاي زېمىنى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. خىتاي تارىخ كىتابلىرىدا بولسا چاررۇسىيە خىتاينى بوزەك قىلىپ ئەڭ كۆپ زىمىننى يۇتىۋالغان دۆلەت دەپ قەيت قىلىنىدۇ. ۋىلادىۋوستوكنى ئەسلى خىتاينىڭ زىمىنى دەپ قارايدۇ. ناۋادا خىتاي ئاتالمىش چاررۇسىيە بېسىۋالغان زىمىنلارنى قولغا كەلتۈرسە شىمالىي قۇتۇپ دىڭىز يولغىمۇ ئېگە بولىدۇ ۋە بۇ خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن غايەت زور مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئۇلىنى ھازىرلايدۇ. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ غەربىي تۈركسىتانغا كېڭىيىشى ئۈچۈن رۇسىيە ھەر زامان بىر يوشۇرۇن تەھدىد. شۇڭا خىتاينىڭ ياۋرۇ-ئاسىيا قۇرۇقلىقىدا ئەركىن ئات چاپتۇرۇشى ئۈچۈن رۇسىيە ئاجىزلىشىشى ۋە پارچىلىنىشى كېرەك. ئوخشاش مەنتىقە بىلەن قارىغاندا رۇسىيە ئۈچۈنمۇ كەلگۈسىدىكى ئەڭ زور تەھدىد خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى مەنپەتى ئۈچۈن يېنىدا ئاجىز ۋە پارچىلانغان خىتاي بولۇشى كېرەك. بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئىدولوگىيەلىك توقۇنۇش ئەۋجىگە چىققان 1970- يىللاردا ئامېرىكا خىتاينى سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى كومىنىزىم لاگىرىدىن كاپىتالىزىم لاگىرىغا تارتىپ چىققان ئىدى. يەنە بىر يىراقنى كۆرەر ئامېرىكا لىدىرىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىنى يېنىغا تارتىپ يەنە بىرىنى يوق قىلىش ئىستراتىگىيسىنى يولغا قويالىشى تامامەن مۇمكىن.