«ھەممەيلەنگە ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلىدىغان ئاقساراي زىيارىتىنى ئەيىبلىدى

2026-يىلى 10-سېنتەبىر | «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتى

تۈركىستان تايمز تەرجىمىسى

«ھەممەيلەنگە ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 2026-يىلى 24-سېنتەبىردە باشلىنىدىغان ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسىنى تولۇق دىپلوماتىك شەرەپ مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى نورماللاشتۇرىدۇ، قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قانۇندا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىدىن ئۈستۈن قويىدۇ.

بۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئامېرىكانىڭ رەسمىي بېكىتمىلىرى ۋە ئىككى پارتىيە ئورتاق قوللايدىغان سىياسىي ۋەدىلىرىگە بىۋاسىتە زىت. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدىكى خىتاي تۈزۈمىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. بۇ بېكىتمە تۇنجى قېتىم 2021-يىلى چىقىرىلغان ۋە كېيىنكى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ساقلاپ قىلىنغان. باياناتتا يەنە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 2026-يىلى 16-ئىيۇن 444-نومۇرلۇق كېڭەش پالاتاسى قارارىنى (S.Res. 444) بىردەك ماقۇللىغانلىقى؛ قاراردا شى جىنپىڭنىڭ ئالدامچىلىق قىلىش، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈش ھەمدە «بۈگۈنكى دەۋردىكى دەھشەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق»نى پىلانلاش سەۋەبىدىن مۇستەبىت، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتى يەنە، بولۇپمۇ ئاز ئۇچرايدىغان يەر ئېلېمېنتلىرى، لىتىي ۋە گىرافىتقا مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپلىك بايلىق ياكى سودا كېلىشىملىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ (UFLPA) پۈتۈنلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكانىڭ دۆلەت قوللايدىغان مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ قانۇن، شەرقىي تۈركىستاندا قېزىۋېلىنغان، ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ياسالغان بارلىق ماللار دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ قارىلىدىغان، ئەمما قارشى دەلىل بىلەن رەت قىلغىلى بولىدىغان قاتتىق قانۇنىي پەرەزنى بەلگىلەيدۇ؛ شۇڭا بۇ ماللارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىدۇ.

«ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئارسلان ھىدايەت مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق زىيانكەشلىك تارىختا قېلىپ كەتكەن ئىش ئەمەس؛ ئۇ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان، ئەمەلىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز يۇقىرى بىخەتەرلىكلىك تۈرمىلەردە يەنىلا ئازاب چەكمەكتە؛ ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك، قىيناش ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىشقا دۇچ كەلمەكتە. كېڭەش پالاتاسىنىڭ 444-نومۇرلۇق قاراردا ۋەتىنىمىزنى شەرقىي تۈركىستان، دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلىشى كىملىكىمىزنىڭ كۈچلۈك دەلىللىنىشى بولدى. ئاقساراينىڭ ئەمدى بۇ دەھشەتلەرگە مەسئۇل مۇستەبىتنى كۈتۈۋالغانلىقىنى كۆرۈش ئادەمنى قاتتىق ئازابلايدىغان خىيانەتتۇر. كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش بولمىغان ھەر بىر ئىقتىسادىي كېلىشىم ئەخلاقىي داغدۇر».

«ھەممەيلەنگە ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتى ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ھېچقانداق مۇستەسنالىقسىز ئىجرا قىلىش، شېرىك بولغان خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرىغا «دۇنياۋى ماگنىتسكىي قانۇنى» بويىچە نىشانلىق جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىقتىسادىي يول قويۇشتىن ئۈستۈن قويۇش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى دەرھال قوغداشقا چاقىردى.

مەنبە:

Justice For All. “Justice For All’s Save Uyghur Campaign Condemns Upcoming White House State Visit of Xi Jinping.” September 10, 2026.