سۈرەت: © AP Photo
يازغۇچى: چاغلا ئۈرىن (Çağla Üren)، «Euronews Türkçe» | 2026-يىلى 11-سېنتەبىر
«تۈركىستان تايمز» تەرجىمىسى
«Anthropic» خىتاي، ئىران ۋە غەربىي ئافرىقا بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ، شۇنداقلا سودا خاراكتېرلىك جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ «Claude» ئارقىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈنئىي ئەقىل شىركىتى «Anthropic» ئۆزىنىڭ «Claude» مودېللىرىنىڭ سىياسىي كونترول قىلىش، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرىدە سۇيىئىستېمال قىلىنغان دېلولارنى خۇلاسىلىگەن كەڭ كۆلەملىك دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈنئىي ئەقىلنىڭ دۆلەت نازارەتچىلىك ھەرىكەتلىرىدە ئىشلىتىلىشىگە بېغىشلانغان.
شىركەتنىڭ يېڭى تەھدىت ئىستىخباراتى دوكلاتىغا قارىغاندا، 2026-يىلى يانۋاردىن ئىيۇلغىچە خىتاي، ئىران ۋە غەربىي ئافرىقا بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەر، شۇنداقلا ھەقلىق نازارەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر «Claude» دىن پايدىلانغان نۇرغۇن ھەرىكەت خاتىرىلەنگەن.
«Anthropic» نىڭ ئىشلىتىش سىياسىتى «Claude» نى كىشىلەرنىڭ رازىلىقىسىز ئۇلارنى نازارەت قىلىش، شەخسىي ئارخىپىنى تۈزۈش ياكى ئاساسىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە دەخلى-تەرۇز قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىشنى چەكلەيدۇ. شىركەت دوكلاتقا كىرگۈزۈلگەن بارلىق دېلولاردىكى مۇناسىۋەتلىك ھېساباتلارنىڭ تاقالغانلىقىنى، بايقاش سىستېمىلىرىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى ۋە زۆرۈر ئەھۋاللاردا نەتىجىلەرنىڭ كەسىپداش شېرىكلەر ھەمدە مەسئۇل ئورگانلار بىلەن ھەمبەھىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلاتقا قارىغاندا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ دۆلەت نازارەتچىلىكىدە ئىشلىتىلىشى پەقەت سانلىق مەلۇمات تەھلىلى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بەزى ھەرىكەتلەردە «Claude» يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى، ئىستىخبارات ئانالىزچىسى، تەرجىمان ۋە ھەرىكەت پىلانلىغۇچىسى سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلگەن.
بىر كىشى بىر ئىنژېنېرلىق ئەترىتىنىڭ خىزمىتىنى قىلالىغان
«Anthropic» بايقىغان ئەڭ مۇھىم يۈزلىنىشلەرنىڭ بىرى، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئەنئەنىۋى بىر يۇمشاق دېتال ياكى ئىنژېنېرلىق ئەترىتىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان ھالغا كېلىشى بولغان.
شىركەت تەمىنلىگەن مىساللارنىڭ بىرىدە، مالىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر مەسلىھەتچى «Claude» دىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى ئالاقىنى كۆزىتىدىغان نازارەت سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
يەنە بىر دېلودا، ئىران بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونتلىرىنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى توپلاش ئۈچۈن يامان غەرەزلىك «Firefox» كېڭەيتىلمىسىنى ياسىغان.
خىتايدا بولسا، دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل بىر ئىستىخبارات ئورنىنىڭ ئىلگىرى نۇرغۇن ئانالىزچىلار ئەترىتى ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتنى بىر ئىشخانا ۋە بىر سۈنئىي ئەقىل ياردەمچىسى بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر ئايدا مىڭلىغان تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى تەييارلىيالايدىغان ھالغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
«Anthropic» نىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال سۈنئىي ئەقىلنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك بىيۇروكراتىيەسىگە بارغانسېرى چوڭقۇر سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل نازارەت نىشانلىرىنىمۇ تاللاۋاتىدۇ
دوكلاتتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىككىنچى يۈزلىنىش — سۈنئىي ئەقىلنىڭ پەقەت تېخنىكىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇشقىلا ئەمەس، نازارەت قىلىنىدىغان كىشىلەرنى بەلگىلەشكە ئىشلىتىلىشىدۇر.
بىر ھەرىكەتتە، كۆپ مىقداردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ يازمىلىرى «Claude» غا يۈكلەنگەن ۋە مودېلدىن ئابونتلارنىڭ ئورنى، نوپۇس ئالاھىدىلىكى ۋە سىياسىي خاھىشى ھەققىدە خاتىرە تۇرغۇزۇش تەلەپ قىلىنغان.
ئىراننىڭ يەنە بىر تارمىقى نەچچە يۈز مىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ يازمىسىنى تەھلىل قىلدۇرۇپ، 39 ئۆكتىچى ھېساباتنى نازارەت تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
خىتاي بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭمۇ خەۋەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ يازمىلىرىغا «سىياسىي سەزگۈرلۈك» بويىچە نومۇر قويغۇزغانلىقى، بەزى كىشىلەرنى «كونترول قىلىش» مەقسىتىدە بەلگە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي بىلەن ئالاقىدار ھەرىكەت سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان
دوكلاتتىكى ئەڭ دىققەت تارتىدىغان دېلولارنىڭ بىرى، خىتاي بىلەن ئالاقىدار تەرەپنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ھەرىكىتىدۇر.
«Anthropic» خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ باھالىغان بىر تەرەپنىڭ «Claude» دىن پايدىلىنىپ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنى ئىز قوغلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئارخىپىنى تۈزگەنلىكى ۋە بەزى كىشىلەرنى ئۇچۇر مەنبەسى قىلىپ ياللىماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
نىشانلار ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان سۈرىيە ئارمىيەسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر قوراللىقلىرىمۇ بار ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، دەپ بېكىتىدۇ.
مەزكۇر تەرەپ 100 دىن ئارتۇق «WhatsApp» گۇرۇپپىسى ۋە نەچچە ئون «Telegram» قانىلىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى «Claude» غا يوللاپ، خىتايچە ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى تەييارلىغان. بۇ ئارخىپلاردا كىشىلەرنىڭ كىملىكى، ئالاقە تورى ۋە ئاجىز نۇقتىلىرى تەھلىل قىلىنغان.
بولۇپمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلەر، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ۋە ئىدىيە جەھەتتىن ئۈمىدسىزلەنگەن، دەپ قارالغان كىشىلەر يوشۇرۇن نىشان قىلىپ تاللانغان.
«Anthropic» بەزى كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا — خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ھالدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتايدىغان رايوندا — ياشايدىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بار-يوقلۇقى ئالاھىدە خاتىرىلەنگەنلىكىگە دىققەت تارتتى. شىركەتنىڭ باھالىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى بېسىم ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىش پەقەت خىتاينىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ماسلاشقان ئەھۋالدىلا مۇمكىن بولىدۇ.
ئەرەبچە بىلمەيدىغان مەزكۇر تەرەپ «Claude» ئارقىلىق سۈرىيە ئەرەبچىسىدە ئۇچۇر يازغان، كەلگەن جاۋابلارنى شۇئان تەرجىمە قىلغان ۋە نىشانلارغا يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ تىل ۋە پىسخىكا جەھەتتىن قانچىلىك ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى تەكشۈرگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، «Claude» دىن ئەرەبچە سۆزلەيدىغان «مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچى» رولىنى ئېلىپ، ھەرىكەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ھەربىي ئاتالغۇ، شىۋە ۋە نىشاننىڭ پىسخىكىسى نۇقتىسىدىن باھالاش تەلەپ قىلىنغان.
بەزى نىشانلارغا ئۇيغۇر قىسىملىرى ھەققىدە ئۇچۇر تەمىنلەش بەدىلىگە پۇل بېرىش تەكلىپى سۇنۇلغان.
«Anthropic» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەرەپ يەنە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك پاش قىلىش سەپەرۋەرلىكلىرى، بوت تورلىرى ۋە ساختا ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىشلىگەن.
ئىراندا 16 ھېسابات تاقالغان
«Anthropic» يەنە ئىراندىكى يېرىم ھەربىي ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىدار ئىككى ئايرىم تارماققا تەۋە، دەپ قارالغان 16 «Claude» ھېساباتىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شىركەت بۇ ئىككى تارماقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللاردا ئىشلىگەن بولسىمۇ، توپلىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوخشاش بىر مەركىزىي نازارەت ئۇل ئەسلىھەسىگە يوللىغانلىقىنى بايقىغان.
تارماقلارنىڭ بىرى ئىراننىڭ ئوخشىمىغان ئۆلكىلىرىدە پائالىيەت قىلىدىغان يەتتە بۆلۈملۈك بىر قۇرۇلما ئىدى. بۇ ئورۇننىڭ ئىران پۇقرالىرىغا دائىر كىملىك خاتىرە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ساقلىغانلىقى ۋە پەقەت بىر يىل ئىچىدە 6 مىڭ 388 ئىرانلىقنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئارخىپىنى تۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دەۋاغا قارىغاندا، «Claude» بۇ يەردە ھەم ئانالىزچى، ھەم يۇمشاق دېتال تەرەققىي قىلدۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.
سىستېما يەنە 155 مىڭ 216 تىۋىت ئۈستىدە ئىجتىمائىي تور تەھلىلى ئېلىپ بارغان ۋە ئىرانلىق ئۆكتىچىلەرگە ياكى دىئاسپوراغا تەۋە 39 ھېساباتنى ئايرىم بەلگە قىلغان.
ناماز ۋاقتى ئەپىدەك كۆرسىتىلگەن زىيانلىق كېڭەيتىلمە
ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدىكى يەنە بىر تارماق «Claude» نى بىۋاسىتە بىر يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق ئەترىتىدەك ئىشلەتكەن.
بۇ تارماق تەرەققىي قىلدۇرغان قوراللار ئىچىدىكى ئەڭ دىققەت تارتىدىغىنى «al-Najm al-thāqib» — «نەجمۇس ساقىب» ناملىق زىيانلىق «Firefox» كېڭەيتىلمىسى ئىدى.
«Anthropic» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېڭەيتىلمە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن ئابونتلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى توپ-توپ ھالدا يىغىشقا ئىشلىتىلگەن. بۇ كېڭەيتىلمە ناماز ۋاقتى ئەپى شەكلىدە ياسىنىۋالغان.
مەزكۇر تارماق «Claude» نىڭ ياردىمىدە يەنە ئالاقە ئەپلىرىدىكى ئابونتلارنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى ئېنىقلايدىغان قوراللار، تېلېفون نومۇرىدىن كىملىك بەلگىلەيدىغان سىستېمىلار، دۆلەت كىملىك نومۇرىنى يىغىشقا ئىشلىتىلىدىغان تور تۇزىقى بەتلىرى ۋە «Telegram» ئۈچۈن توپ-توپ پاش قىلىش بوتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
ئىراننىڭ ھەر ئىككى تارمىقى توپلىغان ئۇچۇرلارنى «Arman» ناملىق مەركىزىي دېلو باشقۇرۇش سىستېمىسىغا يوللىغان.
دوكلاتقا قارىغاندا، بۇ سىستېمىدا بىر كىشىگە ئائىت ئارخىپ دۆلەت كىملىك نومۇرى، ئېتىقادى، جىنايى ئىشلار خاتىرىسى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىدىن باشقا، «ھەرىكەت» دەپ ئاتالغان بىر بۆلەكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
شىركەت يەنە بەزى مەشغۇلاتچىلارنىڭ ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلىقى، شۇنداقلا بۇ سىستېمىلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلىنىدىغان كىشىلەرنى باھالاشتىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر دەلىللەرنى بايقىغان.
Claude بەزى تەلەپلەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ بىر قىسىم نازارەت قوراللىرىنى ياساشقا ياردەم بەرگەن
«Anthropic» دوكلاتىدىكى دىققەت تارتىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، «Claude» سىياسىي ئارخىپ تۈزۈش ياكى تەشۋىقات تەلەپلىرىنىڭ بىر قىسمىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بەزى نازارەت يۇمشاق دېتاللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىكىدۇر.
شىركەت ھازىرقى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئاشكارا سىياسىي ئارخىپ تۈزۈش تەلەپلىرىنى توسىيالايدىغانلىقىنى، بىراق بەزى تېخنىكىلىق قوراللارنىڭ نازارەت مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت بايقىيالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
شۇڭا ئىران دېلوسىدىن بايقالغان ئۇسۇللار يېڭى بايقاش سىستېمىلىرىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاقىدار سودا نازارەت شىركىتى ئىران ۋە پارس قولتۇقىدىكى ئابونتلارنى ئارخىپلاشتۇرغان
«Anthropic» 2026-يىلى ئىيۇندا ئىران ۋە پارس قولتۇقىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونتلىرىنى تەھلىل قىلىپ تۈرگە ئايرىش ئۈچۈن سودا خاراكتېرلىك نازارەت سۇپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان يەنە بىر ھېساباتنى تاقىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىسرائىلىيە-سىنگاپور بىلەن ئالاقىدار سودا ئىستىخبارات شىركىتى «S2T Unlocking Cyberspace» تەرىپىدىن ياكى شۇ شىركەت نامىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى باھالانغان.
سىستېمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئابونتلارنىڭ ئورنىنى خەرىتىلەش، كىشىلەرنى ئوخشىمىغان نوپۇس گۇرۇپپىلىرىغا ئايرىش ۋە ئەرەبچە رەسمىي ئىستىخبارات دوكلاتلىرىنى تەييارلاش ئىدى.
ئابونتلار «شەھەر ئاھالىسى»، «دىن خادىمى»، «ھەربىي خادىم»، «ياشلار»، «دىئاسپورا» ۋە «يېزا ئاھالىسى» دەپ ئالتە گۇرۇپپىغا ئايرىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان ياكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىكەنلىكىمۇ تۈرگە ئايرىلغان.
تەخمىنەن 25 ئىجتىمائىي تاراتقۇ يازمىسىدىن تەركىب تاپقان توپلاملار «Claude» غا يۈكلەنگەن ۋە مودېلدىن يازما ئىگىلىرىنىڭ نوپۇس ئارخىپى، ئورنى ۋە سىياسىي خاھىشى ھەققىدە مۆلچەر ھاسىل قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
«Anthropic» سىستېمىنىڭ تېخى سىناق باسقۇچىدىلا بايقالغانلىقىنى، شۇنداقلا تېخىمۇ ئىلغار ھەرىكەتلەرنىڭ ھەقىقىي كىشىلەرگە قارشى ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر دەلىل تېپىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مالىدا 25 مىليون SIM كارتىنى قاپلىغان سىستېما
دوكلاتتىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك دۆلەت نازارەتچىلىك دېلولىرىنىڭ بىرى مالىدا ئاشكارىلانغان.
«Anthropic» بىرلا «Claude» ئابونتىنىڭ مالى دۆلەت ئىستىخبارات مۇلازىمىتى ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى نازارەت سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەرەپنىڭ باماكو شەھىرىدە ياشايدىغان مۇستەقىل مەسلىھەتچى ئىكەنلىكى باھالانغان.
«Lakana 360» ناملىق سىستېما مالىدىكى ئۈچ دۆلەتلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەتچىسىنىڭ ھەممىسىدە ئىشلىتىلىدىغان تەخمىنەن 25 مىليون SIM كارتىنى نازارەت قىلالايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.
«Anthropic» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىستېما تېلېفون خاتىرىلىرى، قىسقا ئۇچۇرلار ۋە ئاۋازلىق سۆزلىشىشلەرنى توپلىيالايدىكەن.
سىستېما يەنە ئوخشاش كىشى ئوخشىمىغان SIM كارتا ئىشلەتسىمۇ، ئۇنى ئاۋازىدىن تونۇش، VPN ۋە شىفىرلاش تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن كىشىلەرنى بەلگە قىلىش، مەخپىي يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇش ئېھتىمالىنى مۆلچەرلەش ۋە بەلگىلىك رايوندىكى كىشىلەرنى ئاپتوماتىك ھالدا نازارەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.
كىشىلەرنى مالىنىڭ دۆلەتلىك بىيومېتىرىك نوپۇس تىزىملاش سىستېمىسى ۋە باشقا ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ بۇ سىستېمىغا كىرگۈزۈلگەن.
Claude تاقالسىمۇ سىستېما ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
مالى دېلوسىنىڭ يەنە بىر ھالقىلىق تەرىپى — نازارەت ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ «Claude» غا بىۋاسىتە تايانمايدىغانلىقىدۇر.
«Claude» سىستېمىنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلمىسى ۋە ئىنژېنېرلىق لايىھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن، بىراق ئاخىرقى نازارەت سۇپىسى يەرلىك سۈنئىي ئەقىل مودېللىرى ئارقىلىق ئورگاننىڭ ئىچكى مۇلازىمېتىرلىرىدا ئىشلەيدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.
شۇڭا «Anthropic» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ھېساباتنى تاقىشى، ئاللىقاچان قۇرۇلۇپ بولغان «Lakana 360» سىستېمىسىنى ئاپتوماتىك توختىتالمايدۇ.
«Anthropic» نىڭ بىلدۈرۈشىچە سۈنئىي ئەقىل دۆلەت بىخەتەرلىك بىيۇروكراتىيەسىگە سىڭىپ كىرمەكتە
«Anthropic» نىڭ قارىشىچە، بۇ دېلولار سۈنئىي ئەقىلنىڭ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات مېخانىزملىرىدىكى ئاددىي بىر ياردەمچى قورال بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
مودېللار ھازىر كود يازالايدۇ، مىليونلىغان سانلىق مەلۇمات نۇقتىسىنى تۈرگە ئايرىيالايدۇ، سىياسىي ياكى نوپۇس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن نىشان تاللىيالايدۇ، چەت ئەل تىلى توسالغۇلىرىدىن ھالقىيالايدۇ ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىشلىتەلەيدىغان ئىستىخبارات دوكلاتلىرىنى ئاپتوماتىك تەييارلىيالايدۇ.
شىركەت بولۇپمۇ خىتاي ۋە ئىران مىساللىرىدا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھازىرقى دۆلەت بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىدىكى تېخنىكىلىق ۋە بىيۇروكراتىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلاتقا قارىغاندا، نىشانغا ئېلىنغان جامائەتلەرمۇ ئاساسەن بۇ دۆلەتلەر ئىلگىرىدىن نازارەت قىلىپ كەلگەن گۇرۇپپىلار بىلەن بىردەك ئىكەن.
بۇلار خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى قوللىغۇچىلار، تىبەتلەر، فالۇنگۇڭ ئەزالىرى، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى، ئىرانلىق ئۆكتىچىلەر ۋە ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«Anthropic» بايقالغان بارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئالاقىدار ھېساباتلارنى تاقىغانلىقىنى ۋە نازارەت پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلگەن تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى كەلگۈسىدىكى سۇيىئىستېماللارنى بالدۇرراق بايقاش ئۈچۈن بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىغا قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبەلەر: «تۈركىستان تايمز» ماقالىسى | «Euronews Türkçe» نىڭ ئەسلى خەۋىرى