ۋەكىللىك سۈرەت (سۈرەت مەنبەسى: X/@UyghurCongress)
ANI | 2026-يىلى 13-سېنتەبىر
«تۈركىستان تايمز» تەرجىمىسى
مىيۇنخېن [گېرمانىيە]، 13-سېنتەبىر (ANI): دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6-سېنتەبىردىن 10-سېنتەبىرگىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەپتىلىك قىسقىچە دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش يولىدىكى خەلقئارا تىرىشچانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى گەۋدىلەندۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6-سېنتەبىر، 3-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە 85 يېشىدا ۋاپات بولغان داڭلىق ئۇيغۇر ئارخېئولوگ ۋە ئالىم ئابدۇقەييۇم خوجاغا تەزىيە بىلدۈرۈش باياناتى ئېلان قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ھەپتىلىك قىسقىچە دوكلاتىغا قارىغاندا، ئابدۇقەييۇم خوجا تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھاياتىنى ئۇيغۇر تارىخى، ئارخېئولوگىيەسى ۋە قەدىمكى يازما مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان. قۇرۇلتاي ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىگە تەزىيە بىلدۈردى.
خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى 8-سېنتەبىر، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر خەلقئارالىق مېھمانلار بىلەن دوستلۇق ۋە ئالماشتۇرۇش يىغىنى» ھەققىدە خەۋەر بەردى. يىغىندا 33 دۆلەتتىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق قاتناشقۇچى بېيجىڭ «رايوننىڭ بىخەتەرلىك، تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش تەجرىبىسى» دەپ تەسۋىرلىگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەپتىلىك قىسقىچە دوكلاتىدا نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرى بىخەتەرلىك، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە تەرەققىياتقا دائىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن بولغان «يېڭى ئەندىزە» سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەدەنىيەت ۋە دىننى باستۇرۇش شۇنداقلا باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى خەلقئارادا كەڭ دائىرىدە ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، پائالىيەتتە بېيجىڭنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئىجابىي شەكىلدە تەسۋىرلەنگەن. قۇرۇلتاينىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسەتلەرنى خەلقئاراغا ماس كېلىدىغان تەجرىبە سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېخىمۇ كەڭ باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئەمەلىيەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ.
8-سېنتەبىر يەنە «خىتاينىڭ يوقىتىش ئارقىلىق بىرلىك بەرپا قىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئەندىشىگە سېلىشى كېرەك» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە بېيجىڭنىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن بىخەتەرلىك، سىياسىي ساداقەت ۋە مىللىي كىملىك چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن بارغانسېرى كۆپ پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەپتىلىك قىسقىچە دوكلاتىغا قارىغاندا، ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇق» تەبىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ئاقلاشقا ئىشلىتىلگەنلىكى، ئەمدىلىكتە بۇ تەبىرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، ئاخبارات، تېخنىكا ۋە سىياسەت ساھەلىرىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق ئارقىلىق كۈچەيتىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ رايوندىكى كۆزىتىش، سۈنئىي ئەقىل، بىئومېتىرىيە، گېن ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنغان. ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىتىلگەن تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ئەمەلىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسەتلىرىگە بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەقىل قىلغىنىدەك، ماقالە تۈركىي دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى ھەقىقىي بىخەتەرلىك تەھدىتى بىلەن تىنچ يولدىكى ھوقۇق تەشەببۇسى، دىنىي پائالىيەت ۋە مۇھاجىرەتتىكى جامائەتنىڭ ھەرىكەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە چاقىرغان. شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭنىڭ كونترول قىلىش ئەندىزىسىنى تۈرك دۇنياسىدا نورماللاشتۇرىدىغان سەھنىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن 9-سېنتەبىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 63-نۆۋەتلىك يىغىنىدا بايانات بەردى. بۇ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىغا توغرا كەلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەپتىلىك قىسقىچە دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ باھالىشى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاساسلىقى مۇسۇلمان جامائەتلەرنى ئۆز بېشىمچىلىق ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، دەپ خۇلاسە چىقارغان.
زۇمرەتئاي ئەركىن مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پىروگراممىلىرى ۋە يېڭى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان باستۇرۇشنىڭ تۈزۈملەشتۈرۈلۈشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا جامائەتلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئېغىر ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى كونكرېت جاۋابكارلىق تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئادالەت ۋە تۆلەمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئەمەلىي يوللارنى كاپالەتلەندۈرۈشكە چاقىردى.
«Safeguard Defenders» تەشكىلاتى 10-سېنتەبىر، خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى CGTN نىڭ پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرگەن بىر دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا بۇ قانال خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي تەشۋىقات ۆلۈمىنىڭ كونتروللۇقىدا ھەرىكەت قىلىدىغان يەرشارىۋى تەشۋىقات ۋە سانسورچىلىق ۋاسىتىسى دەپ تەسۋىرلەندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەپتىلىك قىسقىچە دوكلاتىدا نەقىل قىلىنىشىچە، دوكلات CGTN نىڭ سابىق خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرگە ئاساسلانغان بولۇپ، قاتتىق تەھرىرلىك كونتروللۇقى، ئۆز-ئۆزىنى سانسور قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە ئاخبارات ئۆلچىمىدىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بايانلىرىنى ئۈستۈن قويۇش ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا CGTN نىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ تەسۋىرلىشى ئالاھىدە تەكشۈرۈلگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سابىق خىزمەتچىلەر بۇ خىل خەۋەرلەردىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇلارنىڭ بىرى قانالنىڭ لاگېرلارنى تەسۋىرلەش ئۇسۇلى سەۋەبىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
10-سېنتەبىر يەنە دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنىڭ سەككىز يىللىقىغا توغرا كەلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەپتىلىك قىسقىچە دوكلاتىغا قارىغاندا، دوكتور گۈلشەن ئابباس ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ (Campaign For Uyghurs—CFU) ئىجرائىيە دىرېكتورى بولغان قېرىندىشى روشەن ئابباسنىڭ ھوقۇق تەشەببۇسى خىزمىتىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە 2018-يىلى سېنتەبىردە تۇتۇپ كېتىلگەن.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» بۇ يىللىق خاتىرە مۇناسىۋىتى بىلەن دوكتور گۈلشەن ئابباسنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى خەلقئارا چاقىرىقلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. تەشكىلات ھۆكۈمەتلەرنى بېيجىڭغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، شۇنداقلا تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە شەرقىي تۈركىستاندا ناھەق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنىمۇ قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. (ANI)
مەنبە: