ئىككى ئاي بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىقامەتلىك تۇرۋاتقان تۈرك ۋەتەندىشى بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز كىسەللىك سەۋەبىدىن تۈركىيەگە بېرىپ ئائىلىسى يېنىدا داۋالىنىش ئۈچۈن جىددە ئايردرۇمىغا چىققان بولۇپ، ئايروپلان ئۇچۇشقا ئاز قالغان ۋاقىتتا ئۇ بۇرادەر ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئايردرۇم خادىملىرى جىددى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، دوختۇرخانىدا ھوشىغا كەلمەي جىددى قۇتقۇزۇشقا يۆتكىلىپ بىر يېرىم ئايدەك يېتىپ قالغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئامبۇلاس ئايروپلان ئەۋەتىپ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەن، ئىستانبۇلغا ئېلىپ بېرىپ چامساكورا دوختۇرخانىسىنىڭ يەنە جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ياتقۇزغان.
ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، ئادىمىيلىك ھەق-ھوقوقلىرىنىڭ ھېچبىرىگە ئىرىشەلمەي مۇھاجىرەت ھاياتىغا مەجبۇر بولۇپ، تۈركىيە پۇخرالىقى بىلەن ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بىلىشى نەتىجىسىدە تۈركىيەگە مەخسۇس ئايروپلان ئارقىلىق يۆتكىلىشى تۈرك ۋەتەندىشى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئانا تۇپرىقىدا خار بولسىمۇ تۈركىيەدە نەقەدەر ئەزىزلىقىنى كۆردۇق.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە، دوختۇرخانىدا ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن داۋالىغان سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگىمۇ مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار نامىدىن سەمىمىي ھۆرمىتىمىز ۋە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ھازىرغىچە جىددى قۇتقۇزۇشتا داۋالىنىۋاتقان قېرىندىشىمىزغا ئاللاھ تائالادىن ئاجىل شىپا تىلەيمىز.
بىلال ئەزىزى