تۈرك ئاكادېمىك شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەنلىرىنى ئورتاقلاشتى: ھېچقانداق ئىجابىي ئەھۋال كۆرمىدۇق

دوتسېنت دوكتور ئەھمەت ئۆزكان، تەخمىنەن بىر ھەپتە داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان سەپىرىدىن كېيىن غۇلجا، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى كۆزەتكەنلىرىنى ھەمبەھىرلىدى. ئۆزكان مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالى، تىلنىڭ قوللىنىلىشى ۋە پاسپورت تەكشۈرۈشلىرىگە ئائىت خاتىرىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2026-يىلى 15-سېنتەبىر

ئاكادېمىك دوتسېنت دوكتور ئەھمەت ئۆزكان، بىر ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان سەپىرىدىن كېيىن غۇلجا، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە قىلغان كۆزىتىشلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تارقاتتى. ئۆزكان سەپەر جەريانىدا مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالىدىن تارتىپ تىلنىڭ قوللىنىلىشىغىچە، پاسپورت تەكشۈرۈشتىن تارتىپ ئىبادەت قىلىش ئىمكانىيەتلىرىگىچە بولغان تۈرلۈك ئەھۋاللار ئۈستىدىكى كۆزەتكەنلىرىنى بايان قىلدى.

پۈتۈنلەي ئۆز خىراجىتى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ سەپەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆزكان، غۇلجا، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن جايلارنى كېزىش ۋە كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئۆزكان زىيارەت قىلغان شەھەرلەردە «تىل، دىن ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكى نۇقتىسىدىن ئىجابىي ھېچنېمە كۆرەلمىگەنلىكى»نى تەكىتلەپ، رايوندىكى خەلقنىڭ كامېرا، ئاۋاز ئېلىش، تېلېفون ئەپلىرى ۋە تور چەكلىمىلىرى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

كەزگەن رايونلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىبادەت ئۈچۈن تاقاقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۆزكان، قىسمەن مەسچىتلەرنىڭ كىرىش ئىشىكلىرىنىڭ كۈننىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى، بىراق بۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئىچىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۆزكان يەنە زىيارەت قىلغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ۋىۋىسكىلارنىڭ خىتايچىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ۋە سۆزلىنىۋاتقان تىلنىڭمۇ خىتايچە ئىكەنلىكىنى كۆزەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. سەپەر جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭمۇ نۇرغۇن قېتىم پاسپورت تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

غۇلجىدىكى بەيتۇللاھ مەسچىتى

ئۆزكاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى بېكىتى غۇلجا، يەنە بىر ئاتىلىشى بىلەن يىننڭ شەھىرىدىكى بەيتۇللاھ مەسچىتى بولدى.

مەسچىتنىڭ ئەتراپىنىڭ ئورالغانلىقىنى ۋە ئىچىدە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆزكان، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۆزلىرىگە مەسچىتنىڭ رېمونت قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئېيتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى

ئۆزكاننىڭ كېيىنكى بېكىتى قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى بولدى.

مەسچىتنىڭ ساياھەت مەقسىتى بىلەن مەلۇم ۋاقىتلاردا ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئۆزكان، ئەمما بۇ ۋاقىتلاردا مەسچىت ئىچىگە كىرىپ ناماز ئوقۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆزكان ئىككى كۈن ئۇدا مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، ئۈچىنچى كۈنى بولسا پاسپورتلىرى بىلەن ناماز ئوقۇش مەقسىتىدە مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئارتۇشتىكى سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى

قەشقەردىكى زىيارەت نۇقتىلىرىدىن يەنە بىرىنىڭ ئارتۇشقا جايلاشقان ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۆزكان، تەخمىنەن بىر سائەتلىك سەپەردىن كېيىن مەقبەرە جايلاشقان ئورۇنغا ئىنتايىن يېقىن بىر نۇقتىغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، بۇ رايونغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى ۋە زىيارەتنى ئورۇنلىيالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مەقبەرىسى

ئۆزكان زىيارەت قىلغان يەنە بىر تارىخىي جاي مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مەقبەرىسى بولدى.

مەقبەرە جايلاشقان كۈللىيەگە كىرگەنلىكىنى، ئەمما مەقبەرىگە بارىدىغان يوللارنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۆزكان، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي مەقبەرىنىڭ ئىشىكىگىچە يېتىپ بارالىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مەقبەرە ئىشىكلىرىنىڭ قۇلۇپلۇق بولۇشى سەۋەبىدىن ئىچىگە كىرەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئۆزكان، مەزكۇر ئورۇننىڭ قارىغۇچىسىز ھەم خارابە بىر كۆرۈنۈشتە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسى زىيارەتكە ئوچۇق

قەشقەردىكى ئاخىرقى زىيارەت نۇقتىلىرىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۆزكان، بۇ زىيارەتتە ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقىنى ۋە مەقبەرىنىڭ زىيارەتكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۆزكان سەپىرىدىكى ئاخىرقى شەھەر بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم سودا مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئۈرۈمچى بولدى.

ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن مەسچىتلەرنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان ئۆزكان، بۇ مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تاقاقلىق ئىكەنلىكىنى ۋە «ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلغان» بىر مەنزىرىنى نامايان قىلىپ تۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

شەرقىي تۈركىستان سەپىرىگە ئائىت كۆزەتكەنلىرىنى ھەمبەھىرلىگەن ئۆزكان، رايوندىكى تىل، ئىبادەت ۋە دىنىي جايلارغا ئائىت ئەھۋاللاردىن سىرت، سەپەر جەريانىدا ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن پاسپورت تەكشۈرۈشلىرى ۋە تۈرلۈك چەكلىمىلەرنىمۇ خاتىرىلىرىگە كىرگۈزدى.

مەنبە: Mepa News