خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا -خىتاي باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يوللىدى

ئارخىپ سۈرىتىنىڭ چۈشەندۈرۈشى: 2023-يىلى 19-ئىيۇل تارتىلغان بۇ سۈرەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى دەپ قارىلىۋاتقان بىر جاينىڭ كۆزىتىش مۇنارى كۆرۈنىدۇ.‏

مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2026-يىلى 17-سېنتەبىر

تەرجىمە: تۈركىستان تايمز

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان 30 غا يېقىن تەشكىلات 16-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. ئۇلار شى جىنپىڭنى كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىشقا ۋە مۇھىم ئەدلىيە ئىسلاھاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە بېرىشكە چاقىردى.‏

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلدى: «سىز 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، تەشكىلاتلىرىمىز ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپ بولغان كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى خاتىرىلىدى؛ بەزىلىرىمىز بۇنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق».‏

خەتتە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭغا قاراتقان باستۇرۇشى، شۇنداقلا دىنىي رەھبەرلەر ۋە جامائەتلەر، ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى، مۇخبىرلار، ئادۋوكاتلار، ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە باشقا پائالىيەتچىلەرنى زەربە نىشانى قىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى. خىتاي يېڭىدىن يولغا قويغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»مۇ ئەسكەرتىلدى.‏

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەتتە مۇنداق دېدى: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، خىتاي مىقياسىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمىنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىسىگە قوشۇلىمىز؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ھايات قالغانلار بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز».‏

ئوچۇق خەتتە يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ خىتاي سىرتىدىكى پىكىر بايان قىلىشنى بېسىقتۇرۇش ۋە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە كوللېكتىپ جازالاش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشىدىنمۇ ئوخشاش دەرىجىدە ئەندىشە قىلىمىز».‏

خەتتە، ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ نۇرغۇنى ئامېرىكادا خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دائىرىلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان، ئىز قوغلانغان ياكى نازارەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتايدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ ئۇلارنىڭ پائالىيىتى سەۋەبىدىن شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان.‏

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇننى ئاشكارا دەپسەندە قىلغان بۇ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش ۋە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقى بىزنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى. زۆرۈر بولسىلا، بىز بۇ ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خاتىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز».‏

شى جىنپىڭغا قويۇلغان تۆت تەلەپ

ئوچۇق خەتتە شى جىنپىڭغا تۆت تەلەپ قويۇلدى:‏

  • ۋىجدان مەھبۇسلىرى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى سەۋەبىدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش. خەتتە ئامېرىكا بىلەن يېقىن ئالاقىسى بار ۋە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەردىن، بۇلار بىلەن چەكلەنمىگەن ھالدا، تۆۋەندىكى ئىسىملار تىلغا ئېلىندى: پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباس (Gulshan Abbas)، ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسەت (Ekpar Asat)، خوڭكوڭلۇق دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى چۇ خاڭ تۇڭ (Chow Hang-tung)، ئۇيغۇر ئالىمە راھىلە داۋۇت (Rahile Dawut)، خىتايلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى دىڭ جياشى (Ding Jiaxi)، خىتايلىق مۇخبىر دوڭ يۈيۈ (Dong Yuyu)، ئائىلە چېركاۋى رەھبىرى پوپ گاۋ چۈەنفۇ (Gao Quanfu)، ئامېرىكادا ياشايدىغان سەنئەتكار گاۋ جېن (Gao Zhen)، خىتايلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گاۋ جىشېڭ (Gao Zhisheng)، دالاي لاما ئېتىراپ قىلغان 11-نۆۋەتلىك پانچەن لاما گېدۈن چوكى نېيما (Gedhun Choekyi Niyima)، تىبەتلىك راھىب ۋە يازغۇچى گو شېراب گياتسو (Go Sherab Gyatso)، خوڭكوڭلۇق دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى ئالبېرت خو (Albert Ho) بىلەن لى چۇك يەن (Lee Cheuk-yan)، خوڭكوڭلۇق دېموكراتىيە تەرەپدارى تاراتقۇ ماگناتى جىممى لاي (Jimmy Lai)، بېرمالىق ئامېرىكالىق ئالىم مىن زىن (Min Zin)، ئۇيغۇر ئالىمى ئىلھام توختى (Ilham Tohti)، تىبەتلىك راھىب لوبساڭ تسېرىڭ (Lobsang Tsering)، چەت ئەلدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى ۋاڭ بىڭجاڭ (Wang Bingzhang)، خىتايلىق يازغۇچى ۋە خىرىستىيان پوپى ۋاڭ يى (Wang Yi)، خىتايلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ ماۋدۇڭ (Yang Maodong) ۋە زىئون چېركاۋىنىڭ رەھبەرلىرى.‏
  • شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە ماقۇللانغان، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپ قانۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش نىيىتىنى ئېلان قىلىش. بۇلار 2020-يىللىق «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» بىلەن 2026-يىللىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.‏
  • خىتاي سىرتىدىكى كىشىلەر، جۈملىدىن 14-نۆۋەتلىك دالاي لامانىڭ خىتايدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە جامائىتى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن خىتايغا بېرىشنى خالىغاندا، ئۇلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە سەپەر بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش.‏
  • شى جىنپىڭ ئامېرىكاغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى ئالاقىدارلىرىنىڭ بۇ زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك نامايىش ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ياكى كوللېكتىپ جازالاشنى يولغا قويمايدىغانلىقىنى ئاشكارا جەزملەشتۈرۈش.‏

خەتتە، بۇ تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلماسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى نىيىتى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىدە مەۋجۇت ئەندىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىمزا قويغۇچىلار يەنە شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.‏

ئىمزا قويغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بار

ئوچۇق خەتكە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ 29 ۋەكىلى ئىمزا قويغان.‏

ئىمزا قويغۇچىلار ئارىسىدا «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تورى»دىن سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson)، خۇدسون ئىنستىتۇتىدىن ئولىۋىيە ئېنوس (Olivia Enos)، «ئەركىنلىك ئۆيى»دىن جېيمى فلاي (Jamie Fly)، «مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى»دىن بېھ لىخ يى (Beh Lih Yi)، «چېگراسىز مۇخبىرلار»دىن ئالېكساندرا بىلاكوۋسكا (Aleksandra Bielakowska)، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» ئامېرىكا شۆبىسىدىن نادىيا دار (Nadia Daar)، «خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى»دىن رىشات ئابباس (Rishat Abbas)، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن زۇمرەتئاي ئەركىن (Zumretay Arkin)، «خەلقئارا تىبەتنى قوللاش ھەرىكىتى»دىن تېنچو گياتسو (Tencho Gyatso)، «خوڭكوڭ ئەركىنلىك كومىتېتى فوندى»دىن مارك كلىففورد (Mark Clifford)، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى»دىن ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ۋە «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق» بىلەن «ئىنسانپەرۋەر خىتاي» تەشكىلاتلىرىدىن جوۋ فېڭسۇ (Zhou Fengsuo) قاتارلىقلار بار.‏

«ChinaAid» تەشكىلاتىدىن پوپ بوب فۇ (Bob Fu)مۇ خەتكە ئىمزا قويغانلارنىڭ بىرى.‏

بوب فۇ چارشەنبە كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى»غا، شى جىنپىڭنىڭ ئون نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۈمىدسىزلەنگەن، ھەتتا بەزىلىرى پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزگەن. بىراق شى جىنپىڭ ئوچۇق خەتتىكى تەلەپلەرگە جاۋاب قايتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكا-خىتاي باشلىقلار ئۇچرىشىشى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ۋىجدان بويىچە ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك ئىكەن.‏

بوب فۇ مۇنداق دېدى: «بىز بىر ھاكىمىيەتنىڭ زوراۋانلىقى ۋە داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ سۈكۈت قىلالمايمىز. ئەكسىچە، مۇشۇ پەيتتە ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ پەقەت تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش ياكى ھاكىمدارنىڭ جاۋاب قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىقىغا باغلىق مەسىلە ئەمەس؛ ئاۋازى يوقلارغا ۋاكالىتەن سۆزلەش بىزنىڭ ئەخلاقىي ۋە مەنىۋى مەسئۇلىيىتىمىزدۇر».‏

ترامپنىڭ 24 سېنتەبىر شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۆلچەرلەنمەكتە

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 24-سېنتەبىر ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدىغان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.‏

ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ بۇ يىل ماي ئېيىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، بېيجىڭ زىئون چېركاۋىنىڭ رەھبىرى پوپ ئېزرا جىن (Ezra Jin) قويۇپ بېرىلگەن. ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا جىممى لاي دېلوسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.‏

بوب فۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى خىتايدا ھوقۇق شى جىنپىڭنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن. شۇڭا بۇ قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا تېخىمۇ كۆپ ۋىجدان مەھبۇسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىك خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ خاھىشىغا باغلىق ئىكەن.‏

ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپ كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەسمەن. بىراق كەلگۈسى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھېچ بولمىغاندا بەزى دوستانە ئىشارەتلەر بولۇشى كېرەك».‏

بوب فۇنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۇتقۇنلارنىڭ ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلىشىدىن دېگۈدەك ئۈمىد ئۈزگەن بولۇپ، پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانپەرۋەرلىك چېكىنى ئويلىشىشقا چاقىرىۋاتىدۇ.‏

ئۇ تۆتىنچى باسقۇچلۇق ئېغىر مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان خىتاي پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكالىق پوپ جون جاۋ (John Cao)نى مىسالغا ئالدى. جون جاۋ يەتتە يىللىق قاماق جازاسىنى ئۆتەپ، ئىككى يېرىم يىل ئىلگىرى تۈرمىدىن چىققان بولسىمۇ، ھېلىھەم خىتايدا تۇتۇپ قىلىنغان ۋە ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكاغا قايتىشىغا يول قويۇلمىغان.‏

بوب فۇ مۇنداق دېدى: «بۇنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ھېچقانداق شەكىلدە چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. يەنە توققۇز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئادۋوكات گاۋ جىشېڭ بار. ئۇنىڭ ھايات ياكى ئۆلۈك ئىكەنلىكى نامەلۇم، دائىرىلەر ھېلىمۇ ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەيۋاتىدۇ. دوكتور ۋاڭ بىڭجاڭمۇ بار. بۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئەمەلىيەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىدۇر».‏

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلارنىڭ ‹ئاقلىنىشى›نى، ھەتتا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشتىنمۇ ئاساسەن ۋاز كەچتۇق. پەقەت ئۇچۇر—ئۇلارنىڭ ھايات ياكى ئۆلۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىلا سوراۋاتىمىز. پوپ جون جاۋغا ئوخشاش بىر كىشىگە، ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى تۇنجى نەۋرىسىنى بىر قېتىم كۆرۈش ئىمكانى بېرىش نېمىشقا بۇنچە زور بىر ئارزۇ بولۇپ قالىدۇ؟»‏

مەنبە:

Voice of America. “全球人权倡导组织在美中峰会前向习近平发出公开信.” Voice of America Chinese, September 17, 2026, 4:08 a.m. China time. Original article. زىيارەت قىلىنغان چېسلا: 2026-يىلى 17-سېنتەبىر.‏