مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار رەقەملىك سۇپىلار ئارقىلىق ئائىلە ۋە جامائەت ئالاقىسىنى ساقلايدۇ. ئەمما دەل مۇشۇ ئالاقە يوللىرى نازارەت، نىشانلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قورالىغا ئايلاندۇرۇلۇشى مۇمكىن. سۈرەت سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ياسالغان.
ۋاتسئاپ گۇرۇپپىلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى تاراتقۇلاردىن تۈركىيە بىلەن سۈرىيەگىچە — «ئانتروپىك» دوكلاتى تېخنىكىنىڭ بېيجىڭ باستۇرۇشىنى قانداق كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى
ئاپتور: ئاسىيە ئۇيغۇر
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2026-يىلى 18-سېنتەبىر
نەشر ئورگىنى: «زېمىستان» (Bitter Winter) — خىتايدىن گۇۋاھلىقلار
تۈركىستان تايمز تەرجىمىسى
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىش ئەزەلدىن بېيجىڭنىڭ قولىدىن قۇتۇلغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. مۇساپىرلار، مۇخبىرلار، پائالىيەتچىلەر ۋە ئادەتتىكى ئائىلىلەر بېسىپ ئۆتكەن چېگرالار نازارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى ۋەتىنىدە قالغان ئۇرۇق־تۇغقانلار ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىشنى توسىيالمايدۇ. سۈرگۈن جۇغراپىيەلىك ئارىلىق يارىتىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ھەمىشە ھەقىقىي بىخەتەرلىك ئېلىپ كەلمىدى.
«زېمىستان»دا مۇشۇ ھەپتە مۇھاكىمە قىلىنغان «ئانتروپىك»نىڭ يېڭى تەھدىت ئىستىخباراتى دوكلاتى ئاللىقاچان كەڭ دائىرىگە تارقالغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش سىستېمىسىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. سۈنئىي ئەقىل بېيجىڭغا باغلانغان كۈچلەرنى پەقەت يەنە بىر تەشۋىقات قورالى بىلەن تەمىنلەپلا قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن جامائەتتىن ئۇچۇر توپلىشىغا، ئوخشىمىغان سۇپىلاردىكى كىملىكلەرنى ئۆزئارا باغلىشىغا، شەخسىي ئاجىز نۇقتىلارنى تېپىشىغا، كىشىلەرنىڭ رېئال دۇنيادىكى ئورنىنى ئېنىقلىشىغا، ئۆزلىرى بىلمەيدىغان تىللاردا ئالدامچىلىق خاراكتېرىدىكى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا ۋە مۇستەقىل ئۇيغۇر ئاۋازلىرىنى جىمىقتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى تەييارلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
شۇڭا، بۇ دوكلاتنى پەقەت «ئانتروپىك»نىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى «كلاۋد»نىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشى ھەققىدىكى بىر ھېكايە، دەپلا چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئۇ يەنە بىر نەچچە مۇخبىر ياكى سۈرىيەدىكى يەككە بىر قوراللىق تەشكىلات ھەققىدىكى ھېكايەمۇ ئەمەس. بۇ دوكلات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىنىدىغان بىر پۈتۈن نىشان دەپ قارايدىغان سىستېمىنىڭ شەكىللىنىۋاتقان ئۇل ئەسلىھەسىنى ئاشكارىلايدۇ.
جامائەت سۆھبەتلىرىدىن ئىستىخبارات ئارخىپلىرىغىچە
«ئانتروپىك»نىڭ «سۈنئىي ئەقىلنى سۇيىئىستېمال قىلىشنى بايقاش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش: 2026-يىلى سېنتەبىر» ناملىق دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاينى بازا قىلغان بىر تەرەپ نازارەت ئاستىدىكى 100 دىن ئارتۇق ۋاتسئاپ گۇرۇپپىسى ۋە نەچچە ئون تېلېگرام قانىلىدىكى سۆھبەتلەرنى توپلىغان. ئاندىن «كلاۋد» بۇ ماتېرىياللارنى تەرتىپلەنگەن خىتايچە سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن.
بۇلار سىياسىي مۇنازىرىلەرنىڭ ئاددىي ئومۇمىي خۇلاسىسىلا ئەمەس ئىدى. مەزكۇر ھەرىكەت ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ياكى ئىدىيە جەھەتتىكى ئۈمىدسىزلىك سەۋەبىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزغان. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا يەنىلا ئۇرۇق־تۇغقىنى بار كىشىلەر ئايرىم بېكىتىلگەن.
بۇ تەپسىلات ئىنتايىن مۇھىم. بىر كىشىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ئۇنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىشى، ئائىلە ئايرىلىقى توغرىسىدىكى مەلۇمات بولسا ھېسسىيات بېسىمى ئىشلىتىشكە يول ئېچىشى مۇمكىن. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان ئۇرۇق־تۇغقانلارنى ئېنىقلاش يەنە بىر خىل قىستاش ۋاسىتىسىنى پەيدا قىلىدۇ. «ئانتروپىك»نىڭ ئۆزى كۆرسەتكەندەك، بۇ ۋاسىتە پەقەت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك سىستېمىسى بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىقلا ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۇيغۇرلارغا ناتونۇش ئۇسۇل ئەمەس. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق־تۇغقانلار خېلىدىن بېرى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش، جىمىقتۇرۇش ياكى ئۇچۇر بېرىشكە مەجبۇرلاش قورالى قىلىنىپ كەلدى. سۈنئىي ئەقىل ئۆزگەرتكەن نەرسە بۇ جەرياننىڭ كۆلىمى ۋە ئۈنۈمىدۇر. بۇرۇن قول بىلەن توپلىنىپ تەكشۈرۈلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئەمدى ئاز ساندىكى مەشغۇلاتچىلا ئايرىپ ئېلىپ، تەرجىمە قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ، ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ ۋە نىشان ئارخىپىغا ئايلاندۇرالايدۇ.
ياۋروپادا ئۇزۇن يىل ياشىغان ئۇيغۇر مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ خىل مەجبۇرلاشنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا قانداق سىڭىپ كىرىدىغانلىقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىدىم. مەن تونۇيدىغان بىر ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا־ئانىسى بىلەن سىنلىق سۆھبەتلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر ساقچىنىڭ تۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچى ئۇنىڭدىن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە ئۇچۇر توپلاشنى تەلەپ قىلغان. ساقچى يەنە، دائىرىلەر نامۇۋاپىق دەپ قارايدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئاتا־ئانىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا ئۇرۇق־تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىگەن بۇ كىشى مەندىن مەسلىھەت سورىدى. مەن ئۇنىڭغا بۇ تەلەپنى رەت قىلىشنى ئېيتتىم؛ چۈنكى بىر قېتىملىق ھەمكارلىقمۇ ئۇنى بارغانسېرى كۈچىيىدىغان ۋە قۇتۇلۇش تېخىمۇ تەسلىشىدىغان مەجبۇرلاش ھالقىسىغا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما شۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئارىمىزدىكى بارلىق ئالاقە تۇيۇقسىز ئۈزۈلدى. ئۇ كىشىگە نېمە بولغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن، ئۇنىڭ ئاخىرى قانداق تاللاش قىلغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلالمايمەن.
يەنە بىر قېتىم، ئۇزۇن يىل تونۇغان، ئەمما ئۇزاقتىن بېرى سۆزلەشمىگەن بىر تونۇشۇم كېچىدە ماڭا تېلېفون قىلدى. تېلېفوننى ئالغاندا، ئۇ شۇنچىلىك قاتتىق يىغلاۋاتاتتىكى، بىر مەزگىل گەپ قىلالمىدى. كېيىن ئۇ ئانىسىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي سەۋەبسىز لاگېرغا قامالغانلىقىنى، كېيىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى. تونۇشۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئانىسىنىڭ داۋالىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى بېسىم ۋاسىتىسى قىلىپ، ئۇنىڭدىن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر تەلەپ قىلغان ۋە ھەمكارلىشىشنى رەت قىلسا، ئانىسىنىڭ تېخىمۇ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشكە تىرىشتىم ھەمدە خەلقئارا بېسىمنىڭ دائىرىلەرنى ئانىسىنىڭ ھاياتىنى مەجبۇرلاش قورالى قىلىپ ئىشلىتىشتىن توسىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ ئىشنى ئاشكارىلاشنى تەۋسىيە قىلدىم. شۇ تېلېفوندىن كېيىن بۇ كىشىمۇ سۈكۈت قىلىپ قالدى. ئانىسىغا نېمە بولغانلىقىنى ياكى تونۇشۇمنىڭ ئاخىرى نېمىلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلمەيمەن.
ھەر ئىككى ۋەقەدە ئالاقە ئۈزۈلدى. ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى دائىرىلەرنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. بىراق بۇ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار كۆپىنچە ھېچبىر تاللاش بىخەتەر كۆرۈنمەيدىغان قارار بىلەن يالغۇز قالدۇرۇلىدۇ. رەت قىلىش شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق־تۇغقانلارنى ئۆچ ئېلىشقا دۇچار قىلىشى، بويسۇنۇش بولسا ئۆز جامائىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزىنى ئاسان چىقىپ كېتەلمەيدىغان سىستېمىغا تېخىمۇ چوڭقۇر سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن. «ئانتروپىك» دوكلاتى ئاشكارىلىغان خەۋپ شۇكى، سۈنئىي ئەقىل بۇ بېسىمنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يەنىلا كىمنىڭ ئۇرۇق־تۇغقىنى بارلىقىنى، كىمنىڭ ئىقتىسادىي ياكى روھىي بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ۋە كىمنىڭ مەجبۇرلاشقا تېخىمۇ ئاسان ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ناھايىتى تېز ئېنىقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن شەخسىي سۆھبەتلەر خام ئىستىخباراتقا، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى كاتەكچىلەرگە، ئىنسان ئازابى بولسا ئۆلچەشكە بولىدىغان «ئاجىزلىق»قا ئايلىنىدۇ.

سۈرىيە ئارمىيەسى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرلار. مەنبە: X سۇپىسى.
سۈرىيە — بىر سىناق مەيدانى
بۇ ۋەقەنىڭ ھەرىكەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار قىسمى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. «ئانتروپىك»نىڭ باھالىشىچە، مەزكۇر تەرەپ «كلاۋد»نى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن سۈرىيە ئارمىيەسىگە يېقىندا قوشۇلغان ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ قارالغان كىشىلەرنى ئىز قوغلاش، ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆز سېپىگە تارتىشقا ئۇرۇنۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. بەزى كىشىلەرگە ئۇچۇر بەرسە پۇل بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
مەشغۇلاتچى ئەرەبچە بىلمەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، «كلاۋد» بۇ ھەرىكەتنىڭ سۈرىيە ئەرەبچە شېۋىسىدە ئالاقىلىشىشىغا، جاۋابلارنى دەل ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىشىغا، ھەربىي ئاتالغۇلارنى باھالىشىغا ۋە نىشانلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەھلىل قىلىشىغا شارائىت ھازىرلىغان. ھەتتا مودېلغا ئالدامچىلىقنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىغان ئەرەبچە سۆزلىگۈچى «مۇتەخەسسىس»نىڭ رولىنى ئېلىشمۇ تاپشۇرۇلغان.
لېكىن مەلۇم قىلىنغان نىشانلاش قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەنلا چەكلەنمىگەن. بۇ تەرەپ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرى، كارخانىلار، ئورۇنلار ۋە باشقا مۇھىم نۇقتىلارنىمۇ ئېنىقلاشقا ئۇرۇنغان. «ئانتروپىك»نىڭ نىشانلار ھەققىدىكى خۇلاسىسى قوراللىق گۇرۇپپىلار، ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر پۇقرا جامائەتلىرى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تاراتقۇلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ تۈرلەرنى بىر־بىرىگە ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بىر پۇقرا ئائىلىسى، بىر كارخانا ئىگىسى، بىر مۇخبىر ۋە قوراللىق گۇرۇپپا ئەزاسى ئۆزئارا ئورنىنى باسالايدىغان بىخەتەرلىك نىشانلىرى ئەمەس. بىراق دوكلاتتا تەسۋىرلەنگەن نازارەت قۇرۇلمىسى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلا كەڭ ئۇچۇر توپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.
خەۋپ دەل مۇشۇ يەردە. بېيجىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر كىملىكى، دىنىي تۇرمۇش، مەدەنىي پائالىيەت، سىياسىي ئىپادە ۋە چەت ئەل بىلەن بولغان ئالاقىنى تېررورلۇق ۋە بىخەتەرلىك تىلى بىلەن تەسۋىرلەپ كەلدى. سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدىكى نازارەت بۇ لوگىكىنى پۈتۈن بىر جامائەتكە كېڭەيتىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت مىللىتى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى ياكى مەلۇم بىر جايدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا «گۇمانلىق» دەپ قارىلىدىغان پۇقرالارمۇ بار.
سۈرىيە شەرقىي تۈركىستاندىن جۇغراپىيەلىك جەھەتتە يىراق كۆرۈنۈشى مۇمكىن. لېكىن دوكلات ئارىلىقنىڭ بارغانسېرى ئەھمىيىتىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەبچە بىلمەيدىغان خىتايچە سۆزلىگۈچى بىر مەشغۇلاتچى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق يەرلىك مۇھىتقا ماس ئالاقە ئورنىتالايدۇ، ئىشەنچلىك نىقاب ھېكايىلىرىنى قۇرالايدۇ، سۆھبەتلەرنى دەل ۋاقتىدا كۆزىتىپ بارالايدۇ، خەرىتە ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئورنىنى تاپالايدۇ ھەمدە نەتىجىلەرنى ئىستىخبارات زەنجىرىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىغا يەتكۈزۈشكە تەييارلىيالايدۇ.
سۈنئىي ئەقىل سىياسىي نىشاننى ياراتمىدى؛ ئۇ ئىلگىرى بۇ نىشاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى چەكلىشى مۇمكىن بولغان تىل، تېخنىكا ۋە ئادەم كۈچى توسالغۇلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يوق قىلدى.
قايتا قۇرۇلغان ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىنى جىمىقتۇرۇش
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر تەرەپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىغا، بولۇپمۇ «Uyghur Post» بىلەن ئالاقىدار كىشىلەرگە قارشى ئايرىم سەپەرۋەرلىك پىلانلىغان. تەكلىپ قىلىنغان ئۇسۇللار ماسلاشتۇرۇلغان كەڭ كۆلەملىك شىكايەت، چەت ئەلدىكى نىقابلىق قۇرۇلمىلار ئارقىلىق ئىناۋەتسىزلەشتۈرۈش ۋە ساختا ھېساباتلار تورى بىلەن تەسىرنى كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
نىشاننىڭ تاللىنىشى مۇھىم. «Uyghur Post» بېيجىڭ يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئۇچۇرلارنى نەچچە ئون يىل دۇنياغا يەتكۈزۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان رول ئوينىغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تاقالغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇستەقىل ئۇيغۇرچە ئاخباراتچىلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىمەن. بىر چوڭ ئورگان يوقالغاندا، ئىشەنچلىك خەۋەرگە بولغان ئېھتىياج ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يوقالمايدۇ. مۇخبىرلار كۆپىنچە تېخىمۇ ئاز مالىيە مەنبەسى ۋە ئاجىزراق ئورگان قوغدىشى بىلەن كىچىك، ئاسان زىيانغا ئۇچرايدىغان سۇپىلار ئارقىلىق خىزمىتىنى قايتا قۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
«ئانتروپىك» تەسۋىرلىگەن ھەرىكەت بۇ ئاجىزلىقنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى ئايرىم ماقالىلەرگە رەددىيە بېرىشلا ئەمەس ئىدى. ماسلاشتۇرۇلغان شىكايەت ۋە ساختا ھېساباتلار ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن سەپەرۋەرلىك ھېساباتلارنى توڭلىتىشقا ئۇرۇنۇشى، كىچىك تاراتقۇ ئورگانلىرىنى بېسىم ئاستىدا پالەچ قىلىشى، جامائەت قارشىلىقى باردەك يالغان كۆرۈنۈش پەيدا قىلىشى ۋە مۇخبىرلار بىلەن جامائەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن.
بۇ ئادەتتىكى تەنقىد ئەمەس؛ بەلكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بىر خەلقنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇچۇر مۇھىتىنى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشىدۇر.
مۇخبىرنىڭ شەخسىي ئاجىز نۇقتىلىرىنى ئېنىقلاشقا ئىشلىتىلگەن سانلىق مەلۇمات شۇ كىشىنىڭ ئىناۋىتىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئالاھىدە لايىھەلەشكە ئىشلىتىلىشىمۇ مۇمكىن. نەچچە يۈز ماسلاشتۇرۇلغان ھېسابات تەكرارلىغان ساختا ئەيىبلەش سۈنئىي ئىشەنچلىكلىك كۆرۈنۈشىگە ئېرىشىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولسا، ئەسلىدە تەبىئىي پەيدا بولمىغان بىر تالاش־تارتىشقا قارشى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل ئوخشاش بىر ئەيىبلەشنىڭ نۇرغۇن نۇسخىسىنى ھاسىل قىلىش، ئۇلارنى ئوخشىمىغان ئاڭلىغۇچىلار ۋە تىللارغا ماسلاشتۇرۇش ھەمدە ئۆزئارا ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنىدىغان ھېساباتلار ئارقىلىق تارقىتىش ئىمكانىنى بېرىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان جامائەت پىكرى بىرلىكىنى ياساپ چىقالايدۇ.

ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر نامايىشى. سۈرەت مەنبەسى ئەسلى ماقالىدە كۆرسىتىلگەن.
يەككە ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى سىستېما
«ئانتروپىك» دوكلاتىدا خاتىرىلەنگەن باشقا مىساللار مەسىلىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئاقىۋەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينى بازا قىلغان جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى تەرەپلىرى «مۇقىملىقنى قوغداش» ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە «كلاۋد»نى ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، ۋانكوۋېردىكى نامايىشلار ۋە ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىگە ئالاقىدار فىلىم كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئورنى ۋە يول لىنىيەسى ھەققىدە ئالدىن ئۇچۇر ئىگىلەشكە ئۇرۇنغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتى تېررورلۇق بىلەن باغلانغان بىخەتەرلىك رامكىسى ئىچىدە تۈرگە ئايرىلغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئاخبارات مەزمۇنلىرى كۈندىلىك ئىستىخبارات دوكلاتى شەكلىدىكى ھۆججەتلەرگە ئايلاندۇرۇلغان. بەزى ئەھۋاللاردا «كلاۋد» پەقەت دۆلەت ئورگانلىرىلا ئىجرا قىلالايدىغان ھەرىكەت تەۋسىيەلىرى بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت ھۆججىتى شەكلىدىكى ماتېرىياللارنى تەييارلاشقا ياردەم بەرگەن.
بۇ بايقاشلارنى بىرلىكتە قارىغاندا، روشەن بىر ئەندىزە كۆرۈلىدۇ:
- جامائەت ئىچىدىكى ئالاقە ئۇچۇرلىرى توپلىنىدۇ؛
- ئوخشىمىغان سۇپىلاردىكى كىملىكلەر ئۆزئارا باغلىنىدۇ؛
- شەخسىي ۋە ئائىلىۋى ئاجىز نۇقتىلار خەرىتىلىنىدۇ؛
- شەخسلەر ۋە رېئال ئورۇنلار ئېنىقلىنىدۇ؛
- ئالدامچىلىق خاراكتېرىدىكى ئالاقە ئۇسۇللىرى يەرلىك تىللارغا ماسلاشتۇرۇلىدۇ؛
- مۇخبىرلار ۋە تەشكىلاتلار ئىناۋەتسىزلەشتۈرۈش نىشانى قىلىنىدۇ؛
- نەتىجىلەر بىخەتەرلىك، تەشۋىقات ياكى سودا خېرىدارلىرى ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ.
بۇ نازارەت قىلىشتىن ھالقىغان بىر نەرسە. ئۇ ئۇچۇر توپلاش، تەھلىل قىلىش، نىشان بېكىتىش، كونترول قىلىش ۋە مۇمكىنچىلىكتىكى ئىجرا جەريانىنى بىر־بىرىگە ئۇلايدىغان ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدۇر.
«ئانتروپىك» ئىشەنچ دەرىجىسى تۆۋەن باھا بىلەن، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغان تەرەپنى بىۋاسىتە ھەرىكەت قىلغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتىغا خىزمەت قىلىدىغان ھۆددىگەر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. مەسئۇلىيەتنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بۇ چەكلىمىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ھازىرقى دەلىللەر ھەر بىر مەشغۇلاتچىنى ئېنىقلاش ياكى بارلىق بۇيرۇق مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا قۇرۇشقا يەتمەيدۇ.
شۇنداقتىمۇ، ھەرىكەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بىلەن زور دەرىجىدە ماس كەلگەن. بۇ تەرەپ شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئۇرۇق־تۇغقانلارنى ئېنىقلىغان، ئىدارە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خېرىدارلىرى ئۈچۈن ماتېرىيال تەييارلىغان ھەمدە ئەڭ كۈچلۈك مەجبۇرلاش ئىمكانلىرى بېيجىڭنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئاپپاراتىغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە باغلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان. مەيلى بىۋاسىتە بىر ئورگان ئىجرا قىلسۇن ياكى بىر ھۆددىگەرگە تاپشۇرسۇن، بۇ سىستېما ئوخشاش باستۇرۇش نىشانلىرىغا خىزمەت قىلغان.
سىرتقا ھۆددىگە بېرىشنى مۇستەقىللىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
سۈنئىي ئەقىل مەۋجۇت باستۇرۇشنى سانائەتلەشتۈرۈۋاتىدۇ
ئەڭ مۇھىم ساۋاق شۇكى، سۈنئىي ئەقىل ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يېڭى سىياسەت ياراتمايۋاتىدۇ؛ بەلكى مەۋجۇت سىياسەتنى سانائەت كۆلىمىدە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.
ئۇسۇللار بۇرۇندىن تونۇشلۇق: نازارەت، ئائىلە ئارقىلىق بېسىم، ئىچكىدىن سىڭىپ كىرىش، سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈش، توقۇلما ئەيىبلەش ۋە مۇستەقىل ئۇيغۇر ئاۋازلىرىنى سىستېمىلىق يوقىتىش. سۈنئىي ئەقىل بۇ ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۆپ سۇپا ۋە تىلدا، تېخىمۇ ئاز ئادەم بىلەن ئېلىپ بېرىشقا ئىمكان يارىتىدۇ.
بىر مەشغۇلاتچى ئىلگىرى تەرجىمان، تەتقىقاتچى، سانلىق مەلۇمات تەھلىلچىسى، تەشۋىقات يازغۇچىسى ۋە رايون مۇتەخەسسىسى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەرنى قىلالايدۇ. تارقاق ھالدىكى زور مىقدارلىق شەخسىي ئۇچۇر بىر جامائەتنىڭ ئىزدەشكە بولىدىغان خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. نىشان ئەمدى پەقەت ئىسمى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆرۈنگەن داڭلىق پائالىيەتچىلا ئەمەس. شەخسىي ئۇچۇرى، ئىقتىسادىي مەسىلىسى، ئائىلە مۇناسىۋىتى ياكى جامائەت ئالاقىسى سەۋەبىدىن بىر ئىستىخبارات ھەرىكىتىگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق كىشى نىشانغا ئايلىنالايدۇ.
«ئانتروپىك» مۇناسىۋەتلىك ھېساباتلارنى چەكلىگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ رەقەملىك ئىزلىرىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئارىلىشىش مۇھىم، ئەمما بىر نەچچە ھېساباتنى توختىتىش كەڭ خەۋپنى يوقىتالمايدۇ. بۇ ئۇسۇللار باشقا سودا خاراكتېرىدىكى ياكى ئوچۇق مەنبەلىك سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىغا يۆتكىلىشى مۇمكىن.
شۇڭا، تېخنىكا شىركەتلىرى سەزگۈر تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى قوغدىغان ھالدا، مەخسۇس نىشان قىلىنغانلىقى ئېنىقلانغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى خەۋەرلەندۈرىدىغان مېخانىزم قۇرۇشى كېرەك. ئۇلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلەرنى زىيانغا ئۇچرىغان جامائەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، رەقەملىك بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشى لازىم. ماسلاشتۇرۇلغان كەڭ كۆلەملىك شىكايەت ۋە ساختا ھېساباتلارنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىلگەن سۇپىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ شىكايەت سىستېمىسى ئاجىز تاراتقۇلارغا قارشى قورالغا ئايلاندۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.
ئۇيغۇر جامائەتلىرىنى قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەتلەر سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدىكى نازارەت، يوشۇرۇن ئادەم قوبۇل قىلىش، ئائىلە ئەزالىرى ئارقىلىق قورقۇتۇش ۋە تەشكىللىك تاراتقۇ باستۇرۇشىنى ئادەتتىكى تور تالاش־تارتىشى ئەمەس، بەلكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش شەكلى دەپ قارىشى لازىم.
ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇرلار بۇ ھەرىكەتلەرنى پەقەت بىر تېخنىكا شىركىتى ئومۇمىي دوكلات ئېلان قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىنلا بايقايدىغان ھالەتتە تاشلاپ قويۇلماسلىقى كېرەك.
بېيجىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جۇغراپىيەنى مەنىسىز قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى: شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر ئۇرۇق־تۇغقان ياۋروپادىكى بىر كىشىنى جىمىقتۇرۇشقا ئىشلىتىلىشى؛ تۈركىيەدىكى بىر مەدەنىيەت پائالىيىتى بىخەتەرلىك دوكلاتىغا كىرگۈزۈلۈشى؛ ۋاتسئاپ گۇرۇپپىلىرىدىكى سۆھبەتلەر ئىستىخبارات ئارخىپىغا ئايلاندۇرۇلۇشى؛ سۈرگۈندە ئۇيغۇر تاراتقۇسىنى قايتا قۇرۇۋاتقان بىر مۇخبىر سۈنئىي توپنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى؛ سۈرىيەدىكى بىر پۇقرا ياكى قوراللىق شەخسكە يەرلىك تىلنى بىلمەيدىغان بىر كىشى يېقىنلىشىشى مۇمكىن.
سۈنئىي ئەقىل چېگرالارنى يوقاتمىدى؛ ئۇ باستۇرۇشنىڭ چېگرالاردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالقىشىغا يول ئاچتى.
شۇڭا، «ئانتروپىك» دوكلاتىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش پەقەت «كلاۋد»نىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنغانلىقى ئەمەس. ھەقىقىي ئاگاھلاندۇرۇش — ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغان مېخانىزم دۇنياۋى، ئاپتوماتلاشقان ۋە كۆلەملەشتۈرگىلى بولىدىغان ھالەتكە كېلىۋاتىدۇ. دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر، تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى بۇنىڭغا ماس جاۋاب قايتۇرمىسا، مەيلى مۇخبىر، پائالىيەتچى، كارخانا ئىگىسى، مۇساپىر ياكى مۇھاجىرەتتىكى ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇر بولسۇن، ھېچكىم ئارىلىقنىڭ ئۆزىنى بېيجىڭنىڭ قولى يەتمەيدىغان جايغا چىقارغانلىقىغا خاتىرجەم ئىشەنمەيدۇ.
مەنبە خاتىرىسى
Asiye Uyghur. “No Uyghur Is Beyond Reach: AI and Beijing’s New Machinery of Transnational Repression.” Bitter Winter, September 18, 2026.
ئەسلى تىل: ئىنگلىزچە. مەزمۇن تۈرى: ئانالىز ۋە گۇۋاھلىق. ئەسلى ماقالە. زىيارەت قىلىنغان چېسلا: 2026-يىلى 18-سېنتەبىر.