ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسا: «خىتاي ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك»

سۈرەت: دولقۇن ئەيسا. CEDOC/PERFIL.‏

دۇنيادىكى ئەڭ تونۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان دولقۇن ئەيسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر، بېيجىڭنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە قاراتقان بېسىمى، شۇنداقلا ئارگېنتىنادا داۋاملىشىۋاتقان «ئومۇميۈزلۈك ئەدلىيە ھوقۇقى» دېلوسى توغرىسىدا توختالدى.‏

يازغۇچى: جېيمس گراينگېر

نەشر ئورنى: «بۇئېنوس ئايرېس تايمز»‏

چېسلا: 2026-يىلى 19-سېنتەبىر

تۈرى: مەخسۇس زىيارەت

تۈركىستان تايمز تەرجىمىسى

دولقۇن ئەيسا دۇنيادىكى ئەڭ تونۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يولىدىكى يېتەكچى ئاۋازلارنىڭ بىرىدۇر.‏

1967-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان دولقۇن ئەيسا 1994-يىلى خىتايدىن ئايرىلىپ، كېيىن گېرمانىيەگە ماكانلاشقان. ئۇ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى يېتەكچى شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى بولغان ئەيسا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ كەلمەكتە.‏

ھازىر دۇنيا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئەيسا ئالدىنقى ئاي كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا ۋە ئارگېنتىنا سوتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مۇھىم قانۇنىي دېلوغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن بۇئېنوس ئايرېسقا بارغان.‏

زىيارەت مەزگىلىدە، ئۇ سۆز قىلماقچى بولغان بۇئېنوس ئايرېس شەھەرلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشىدىكى پائالىيەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، باشقا سورۇنغا يۆتكەلگەن. ئەيسا بۇ قارارنى خىتاينىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق قىلغان بېسىمىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايدۇ.‏

ئەيسا ئالدىنقى ئاي بۇئېنوس ئايرېستىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى «بۇئېنوس ئايرېس تايمز» ۋە «پېرفىل» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «خىتاي مېنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كۆزىتىۋاتىدۇ ۋە مېنى خىتايغا ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.‏

بېيجىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە سىستېمىلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنى تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئەيسانىڭ قارىشىچە، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرىكىتى خىتاي چېگراسىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن. ئۇ ئارگېنتىنانىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تىرىشچانلىقىدىكى مۇھىم كۈرەش مەيدانىغا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.‏

ئەيسا بۇ زىيارەتتە خىتايغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر، ئائىلىسىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى، بېيجىڭنىڭ لاتىن ئامېرىكاسىدىكى تەسىرى ۋە ئارگېنتىنا سوتلىرىنىڭ ئادالەت ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن ئاز ساندىكى قالدۇق يوللارنىڭ بىرى بولالايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.‏

ئالدى بىلەن خەۋەر قىممىتى ئەڭ يۇقىرى مەسىلىدىن باشلايلى. شەھەرلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشىدىكى پائالىيەت نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، دەپ قارايسىز؟ بۇ ئىش سۆز ئەركىنلىكى ھەققىدە نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

مەن خىزمەتدىشىم بىلەن بىر قانچە مەقسەتتە بۇئېنوس ئايرېسقا كەلدۇق. مۇھىم مەقسەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر يازغۇچى يالقۇن روزىغا بېرىلگەن «گراسېلا فېرناندېز مېيخىدې كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»نى تاپشۇرۇۋېلىش ئىدى. ئۇ تۈرمىدە، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئائىلىسى ئامېرىكىدا ياشايدۇ، ئەمما ساياھەت ھۆججىتى بولمىغاچقا، خىزمەتدىشىم ئىككىمىز ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بۇئېنوس ئايرېسقا كەلدۇق.‏

مۇھەررىرنىڭ ئىزاھاتى: يالقۇن روزى شەرقىي تۈركىستاندا «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.‏

بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە تەتقىقات ئورنى CADAL تەشكىللىگەن بۇ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتىمىز؛ مەن سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدىم. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىغىننى، بولۇپمۇ مېنىڭ قاتنىشىشىمنى توسۇش ئۈچۈن بېسىم قىلىشقا ئۇرۇندى.‏

بۇ، ئەلۋەتتە، مەن ئۈچۈن يېڭى ئەمەس. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق پائالىيەتلىرىمىزنى كۆزىتىپ ۋە ئىز قوغلاپ كېلىۋاتىدۇ. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارغاندا، ئۇلار پات-پات مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن بىزنى توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ.‏

بۇ مېنىڭ بۇئېنوس ئايرېسقا تۆتىنچى قېتىم كېلىشىم. تۇنجى قېتىم 2022-يىلى، ئارگېنتىنا سوتلىرىغا ئومۇميۈزلۈك ئەدلىيە ھوقۇقىغا ئاساسەن جىنايى ئەرز سۇنغانلىقىمىز ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم. 2023 ۋە 2024-يىللىرىمۇ مۇشۇ دېلو ئۈچۈن يەنە كەلدۇق.‏

ئۇ قېتىمقى زىيارەتلىرىڭىزدىمۇ بېسىمغا ئۇچرىدىڭىزمۇ؟‏

ياق، ئۇ ۋاقىتتا بىۋاسىتە بېسىمغا ئۇچرىمىدۇق. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىرەر ھەرىكەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن؛ مەن بۇنىڭغا ھەيران قالمايمەن، چۈنكى ئۇلار ھەمىشە بېسىم قىلىدۇ. لېكىن ئۇ چاغدا بۇ روشەن كۆرۈنمىگەن، ھېچقانداق پائالىيەتمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان.‏

تۇنجى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى زىيارىتىمدە ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بۆلۈمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈمى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدۇق.‏

بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشەلىدىڭىزمۇ؟‏

ئەپسۇسكى، بۇ قېتىم مەن كېلىشتىن ئىلگىرى ئىشخانام ئۇچرىشىش تەلەپ قىلىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئۇرۇنغان، ئەمما جاۋاب كەلمىگەن.‏

CADAL مۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشقان، لېكىن ئۇلار كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان.‏

پائالىيەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى توغرىسىدا سىلەرگە نېمە دېيىلدى؟ قانداق سەۋەب كۆرسىتىلدى؟‏

ئەمەلىيەتتە، خىتاي ئەلچىخانىسى ماڭا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمىدى؛ ئۇ پەقەت ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېسىم قىلدى. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى CADAL، بۇئېنوس ئايرېس شەھەرلىك كېڭىشى ۋە پائالىيەت سورۇنى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېسىم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈشكە پەقەت بىر ھەپتە قالغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.‏

خىتاينىڭ سىزگە قاراتقان بېسىمىنىڭ دائىم خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلامسىز؟‏

شۇنداق. 2023-يىلى بىز لاتىن ئامېرىكاسىغا تەشۋىقات زىيارىتىگە كەلگەن ئىدۇق؛ پەقەت بۇئېنوس ئايرېسقىلا ئەمەس، بەلكى بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرى، كوستارىكا ۋە چىلىغىمۇ باردۇق.‏

بىز بۇ دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغاندا، خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئارىلاشتى. ئۇ ۋاقىتلاردا بىز بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتاتتۇق.‏

مەسىلەن، بىرازىلىيەدە يۈز بەرگەن بىر ئىش ئېنىق ئېسىمدە. ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى مەن بىلەن ئۇزۇن زىيارەت ئۆتكۈزۈپ، ئاۋۋال ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تەييارلىغان ئىدى. خىتاي ئەلچىخانىسى تەھرىراتقا تېلېفون قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار زىيارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئېلان قىلمىدى. ئۇلار «دولقۇن تېررورچى ياكى بۆلگۈنچى، ئۇنىڭ زىيارىتى ئېلان قىلىنماسلىقى كېرەك» دېگەن. گېزىتنىڭ مۇھەررىرى بولسا: «سىلەرنىڭ باشقا قارىشىڭلار بولسا، ئوبزور يېزىڭلار؛ بىزمۇ ئېلان قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەتىسى خىتاي باش ئەلچىسى بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلغان.‏

بىز چىلىدا بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدۇق. بۇئېنوس ئايرېسقا ئالدىنقى قېتىم كەلگىنىمىزدە، ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ ئۇچراشتۇق. خىتاي باش ئەلچىسى ھەتتا ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.‏

سىز شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان، خىتاي بولسا «شىنجاڭ» دەيدىغان رايون ھەققىدە سۆزلەيلى. بىز خىتاينىڭ غەربىي شىمالىنى سۆزلەۋاتىمىز. ئۇ يەرگە ھېچ بېرىپ باقمىغان كىشىگە بۇ رايوننى قانداق تەسۋىرلەپ بېرەتتىڭىز؟‏

كۆلىمى 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. بۇ ناھايىتى چوڭ زېمىن بولۇپ، پۈتكۈل خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ يەردە ياشايدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىدى. بىز ئۇيغۇر. بۇ زېمىن 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.‏

خىتاي ئۇنى «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدۇ؛ «شىنجاڭ» خىتايچە نام. خىتايچىدىكى «شىن» — «يېڭى»، «جاڭ» — «چېگرا رايونى» دېگەن مەنىدە، يەنى «يېڭى زېمىن» ياكى «يېڭى چېگرا». لېكىن خىتاي ھەمىشە «شىنجاڭ بىلەن تىبەت قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەپ دەۋا قىلىدۇ.‏

خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، بۇ رايوندا سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە كەمسىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 1949-يىلى خىتاي نوپۇسى تەخمىنەن تۆتتىن بەش پىرسەنتكىچە بولۇپ، كۆپىنچىسى ھەربىيلەر، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ئىدى.‏

لېكىن 1949 ۋە 1950-يىللاردىن تارتىپ، ئۇلار رايونغا سىستېمىلىق ھالدا نوپۇس يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇستىكى نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى.‏

1949-، 1950-يىللىرى ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 85 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلاتتى. ئەمما بۈگۈن خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ نىسبەت 85 پىرسەنتتىن 42 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان.‏

شى جىنپىڭ 2013-، 2014-يىللىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ كەمسىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئايلاندى.‏

2014-يىلدىكى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى دەۋاتامسىز؟ خىتاي بۇنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. سىز بۇنى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارامسىز؟‏

شۇنداق، بۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئېتنىك تازىلاش سىياسىتىنى يولغا قويدى.‏

ئېتنىك تازىلاش سىياسىتىمۇ؟‏

شۇنداق.‏

سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا رەھبەرلىك قىلغان دەۋرىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەرىكەت قىلىپ كەلدىڭىز. سوتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەۋاسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، لاگېرلاردا يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە دىنىي باستۇرۇش توغرىسىدا قانداق دەلىللىرىڭىز بار؟‏

شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلدىن باشلاپ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە كەمسىتىش سىياسىتىنى قەدەممۇ قەدەم ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئايلاندۇردى. بۇ بىر كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەمەس، بەلكى تەدرىجىي ئېلىپ بېرىلدى.‏

ئاندىن خىتاي سىناشقا باشلىدى. بىز سۈننىي مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلار بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىدى. مەسىلەن، رامىزاندا روزا تۇتۇش مەنئى قىلىندى، قۇرئاننىڭ بارلىق نۇسخىلىرى يىغىۋېلىندى.‏

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى مۆھلەت بەلگىلىدى: ئۆيىدە قۇرئان ساقلىغان ھەرقانداق كىشى ئۇنى ساقچىخانا ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر قۇرئان ياكى باشقا دىنىي كىتابلىرىنى تاپشۇرمىسا، كېيىن ساقچىلار ئۆيىنى ئاختۇرىدىغان، دىنىي كىتاب تېپىلسا جازالايدىغان بولدى.‏

كىشىلەر كىتابلارنى ساقچىخانىغا ئاپاردى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مەسىلە پەيدا بولدى. ھۆكۈمەت خادىملىرى: «دىنغا ئېتىقاد قىلغانمۇ؟ قۇرئان ئوقۇغانمۇ؟ ناماز ئوقۇغانمۇ؟» دەپ سوراپ، ئۇزاق سوراق قىلاتتى.‏

شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قۇرئان ۋە دىنىي كىتابلارنى تاپشۇرۇشتىنمۇ قورقىدىغان بولدى.‏

بەزى ئۇيغۇرلار دىندار بولسۇن ياكى بولمىسۇن، قۇرئاننى ساقلاپ قالدى. چۈنكى ھېچ بولمىغاندا بىز مۇسۇلمان، قۇرئان بىز ئۈچۈن بىر بەلگە ئىدى.‏

بىز بۇ مەسىلىنى ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويدۇق، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنلىرىغا داۋاملىق قاتناشتۇق. لېكىن نۇرغۇن دۆلەت، خەلقئارا تەشكىلات، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن بىزگە ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى.‏

2016-يىلى ئاۋغۇستتا ئۇلار بارلىق پاسپورتلارنى يىغىۋېلىپ، چەت ئەلگە چىقىشنى توختاتتى. ئىنتېرنېت ۋە بارلىق ئالاقە يوللىرىمۇ ئۈزۈۋېتىلدى.‏

خەلقئارا جەمئىيەت ياكى غەرب دۆلەتلىرىدىن ئەستايىدىل ئىنكاس بولمىدى. پەقەت كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلدى، خالاس.‏

2016-يىلدىن باشلاپ ئۇلار كىشىلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىشكە باشلىدى. بىز ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى مۆلچەرلەيمىز.‏

2018-يىلى ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى خىتاينىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقتى. شۇ چاغدا ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.‏

ئۇ ۋاقىتقىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممىنى ئىنكار قىلىپ، «بىزدە بۇنداق مەركەزلەر يوق، تۇتۇپ تۇرۇشمۇ يوق» دەپ كەلگەن ئىدى.‏

لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە 20 دىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلات دەلىللىرىنى قوشۇپ دوكلات سۇندى. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ دوكلاتىنى تەكشۈردى. مەنمۇ جەنۋەدە شۇ يەردە ئىدىم.‏

شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى رېئاللىقنى يوشۇرۇش ۋە ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئۇلار: «ھەئە، بىزدە مەركەز بار، لېكىن ئۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىمۇ، يىغىۋېلىش لاگېرىمۇ ئەمەس؛ ئۇ كىشىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى ئۈچۈن تەربىيەلەيدىغان كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دېدى.‏

لېكىن نۇرغۇن پىروفېسسور، زىيالىي، پۇتبولچى، ناخشىچى، ئۆسمۈر ۋە پېنسىيونېرلار لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلدى؛ ئاپاممۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى.‏

ئاپام 2018-يىلى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىدا ۋاپات بولدى. ئۇ 78 ياشتا ئىدى.‏

پائالىيىتىڭىز سەۋەبىدىن ئائىلىڭىزنىڭ ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىسىز.‏

شۇنداق. ئائىلەم، ئاپام ۋە پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىم بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2017-يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تېلېفوندا سۆزلەشكەن ئىدىم.‏

14 ئايدىن، يەنى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ئاپامنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئالدىم. ئۇ ۋاپات بولۇپ ئۈچ ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن خەۋەر تاپتىم.‏

2022-يىلى يەنە بىر يۈرەك ئېچىشتۇرىدىغان خەۋەرنى ئاڭلىدىم: دادام ۋاپات بولۇپتۇ. بۇنىمۇ خىتاي تاراتقۇلىرىدىن بىلدىم. نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ زادى قايسى يىل، قايسى ئاي، قايسى كۈنى، قەيەردە ۋە قانداق شارائىتتا ۋاپات بولغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن. ئۆيدىمۇ، دوختۇرخانىدىمۇ ياكى يىغىۋېلىش لاگېرىدىمۇ — ھېچقانداق خەۋىرىم يوق.‏

ھەتتا ئۇنىڭ قەبرىستانلىقىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ ھازىرغىچە بىلمەيمەن.‏

2021-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن كىچىك ئاكامنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدىم.‏

مۇددەتسىز قاماقمۇ؟ كونكرېت قانداق ئەيىب قويۇلغان؟‏

ياق، بىلمەيمەن.‏

چوڭ ئاكام ماتېماتىكا پىروفېسسورى؛ ئۇ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.‏

ئۆتكەن توققۇز يىلدا ئائىلەم ھەققىدە ئالالىغان خەۋەرلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ. ئاپام بىلەن دادام ماڭا ئوخشاش پائالىيەتچى ياكى سىياسەتچى ئەمەس، ناھايىتى ئاددىي كىشىلەر ئىدى. ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ بىردىنبىر «جىنايىتى» ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى ئىدى.‏

مېنىڭ ئەھۋالىم يەككە ئەمەس. بارلىق خىزمەتداشلىرىمنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلىرى بار.‏

خىتاينىڭ سىزگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى بىۋاسىتە سوراي. ئۇلار سىزنى بۆلگۈنچى دەپ ئاتايدۇ. سىياسىي نىشانىڭىز زادى نېمە؟ مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنى، تېخىمۇ كەڭ ئاپتونومىيەنى ياكى پەقەت كەمسىتىشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالامسىز؟‏

خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلەيدۇ. خىتاينىڭ بايانى ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.‏

نيۇ-يوركتىكى 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ئىلگىرى، خىتاي ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك، ساتقۇنلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەيتتى.‏

شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئەيىبلەش «تېررورلۇق»قا ئۆزگەردىمۇ؟‏

شۇنداق. 11-سېنتەبىردىن كېيىن ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش باشلىدى. خىتاي بولسا «بۇ ناھايىتى مۇكەممەل باھانە» دېدى. بىر كېچىدىلا «بىزمۇ تېررورلۇقنىڭ قۇربانى» دېگەن بايانغا ئۆتتى. بىز مۇسۇلمان بولغاچقا، بىزنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەش ئاسان ئىدى.‏

لېكىن رايوندا تېررورلۇق ۋەقەلىرى بولغان. قالايمىقانچىلىق، بىر قاتار ھۇجۇملار، پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.‏

ئەلۋەتتە، بەزىدە بۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن؛ چۈنكى ئادالەتسىزلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈشلەر بولۇۋاتاتتى.‏

مەسىلەن، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ناھايىتى تىنچ بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر كۈندە، رەسمىي سان بويىچە، 173 كىشىنى ئۆلتۈردى.‏

كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچ نامايىشنىڭ زوراۋانلىققا ئايلانغانلىقىنى ئېيتىپ، «بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى» دېدى.‏

رايوندا قانداق ئۆزگىرىش كۆرۈشنى خالايسىز؟ سىز ئارزۇ قىلىدىغان سىياسىي كەلگۈسى قانداق؟‏

بۇ يەر رەسمىي ھالدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىلىدۇ، لېكىن بىزدە ھېچقانداق ئاپتونومىيە يوق.‏

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بۇ دۆلەتنى ئىشغال قىلىشتىن ئىلگىرى، بۇ يەر مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي كونتروللۇقىدا ئىدى. ئۇلار كونترول قىلدى؛ كېيىن بىز كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىدۇق.‏

شۇڭا بۇ «ئاپتونومىيە» ئۇيغۇرلارغا پەقەت كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈش، زىيانكەشلىك، تەھدىت ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ئېلىپ كەلدى. ھازىر بۇ سىياسەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئايلاندى.‏

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى سۈپىتىدە، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدۇ.‏

سوئالنى قايتا سوراي. ئۆزىڭىزنى «بۆلگۈنچى» دەپ ئاتاش ئادىل، دەپ قارامسىز؟ بۇ سىزگە بېرىلگەن مۇۋاپىق ناممۇ؟‏

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بۇ بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھېسابلىنىدۇ.‏

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ 99 پىرسەنتى خىتاي تۈزۈمىدىن رازى، پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۆلگۈنچى، دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان بولسا، شوتلاندىيە ياكى كۋېبېكتىكىگە ئوخشاش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن خەلقتىن سوراپ باقسۇن.‏

خەلقئارا ئىنكاسقا ئۆتەيلى. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان خەلقئارا قوللاش بىر قانچە يىل ئىلگىرىكىدىن ئازايدى، دەپ قارامسىز؟ ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ھازىرقى ۋەزىيەت قانداق؟‏

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك قارار ماقۇللىدى. بۇ ترامپنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى دەۋرىدە بولغان.‏

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى؛ بۇ ھەقتىكى بايانات مايك پومپېيو دەۋرىدە ئېلان قىلىندى ۋە پىرېزىدېنت ترامپ ئىمزالىدى. بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قوللاشنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېگەن مەيدانىنى داۋاملاشتۇردى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى پارتىيەنىڭمۇ قوللىشىغا ئىگە.‏

لاتىن ئامېرىكاسىچۇ؟ بۇ يەردە مەلۇم مەنىدە جۇغراپىيەلىك-سىياسىي تارتىشىش بار؛ ترامپ ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «يەرشارى جەنۇبى»دا تەسىرىنى قايتا كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتتىمۇ؟ بۈگۈن ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەققىدە ئازراق سۆزلەشتۇق؛ پۈتكۈل رايوندىمۇ ئەھۋال شۇنداقمۇ؟‏

لاتىن ئامېرىكاسى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېيىش بىر ئاز قىيىن؛ چۈنكى ئۇ يەردە ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتى يوق.‏

2022-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قاتناشقان ۋاقتىمىزدا، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قارار لايىھەسى كېڭەشكە سۇنۇلدى.‏

19 دۆلەت خىتاينى، 17 دۆلەت قارار لايىھەسىنى قوللىدى؛ 11 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى.‏

لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ھېچقانداق دۆلەت قارار لايىھەسىنى قوللىمىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، بەزىلىرى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى.‏

بىز لاتىن ئامېرىكاسى خەلقى ۋە ھۆكۈمەتلىرىگە بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. چۈنكى خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىدۇ.‏

خىتاي ئىقتىسادىي بېسىم ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى جىمىقتۇرامدۇ؟‏

شۇنداق، ھەر دەرىجىدە شۇنداق. بايا ئېيتقىنىمدەك، 2022 ۋە 2024-يىللىرى بۇئېنوس ئايرېسقا كەلگىنىمىزدە، شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەتنى خىتايغا ئىنتايىن مايىل دەپ ئاڭلىغان ئىدىم؛ قارىماققا شۇنداق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشەلىدۇق، ئۇلار بىزنى قوبۇل قىلدى.‏

ھازىرقى ھۆكۈمەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ ئەيىبلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار بىز بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۇقرالار جەمئىيىتىگە بېسىم قىلىندى.‏

لاتىن ئامېرىكاسى، بولۇپمۇ ئارگېنتىنا 1976-يىلدىن 1983-يىلغىچە بولغان دىكتاتورلۇق تۈزۈمى ھەققىدە چوڭقۇر تەجرىبىگە ئىگە؛ يەتتە يىلدا مىڭلىغان كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان.‏

مەن بۇ يەردىكى ESMA مۇزېيىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ دەۋردىكى كىشىلەر دۇچ كەلگەن ئەھۋال بىلەن بۈگۈنكى كىشىلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئىشلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقنى كۆردۈم.‏

ئارگېنتىنادىكى دىكتاتورلۇق بىلەن سىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ دەۋاتقان ئىشلار ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق بارمۇ؟‏

ناھايىتى ئوخشاش. دىكتاتورلار ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدۇ.‏

ئارگېنتىنا ئۆزىنىڭ تارىخىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك.‏

ئەمدى ئارگېنتىنادىكى قانۇنىي دېلوغا ئۆتەيلى. 2022-يىلى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ جىنايى ئەرز سۇندى. 2025-يىلى ئىيۇندا ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئەرزىيەت سوتى ئومۇميۈزلۈك ئەدلىيە ھوقۇقىغا ئاساسەن تەكشۈرۈش باشلاشقا قانۇنىي توسالغۇ يوق، دەپ ھۆكۈم قىلدى.‏

بۇ ئۇقۇمنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئومۇميۈزلۈك ئەدلىيە ھوقۇقى بىر دۆلەتنىڭ سوتلىرىغا باشقا بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئېغىر خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى، ئالاقىدار كىشىلەر ئۆز پۇقراسى بولمىغان تەقدىردىمۇ تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىدۇ.‏

نېمە ئۈچۈن ئارگېنتىنانى تاللىدىڭىز؟ بۇ دېلو ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىسىز؟‏

بۇ ياخشى سوئال.‏

2021 ۋە 2022-يىللىرى ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە كانادادىكى 10 دىن ئارتۇق دۆلەت پارلامېنتى، شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان قارارلارنى ماقۇللىدى.‏

2021-يىلى لوندوندا خەلق سوتى، يەنى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتى ئۆتكۈزۈلدى. سىر جېفرېي نايس 18 ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 100 مىڭ ھۆججەت توپلىدى؛ بارلىق دەلىللەر تولۇق خاتىرىلەندى. مۇستەقىل سوت 2021-يىلى 9-دېكابىردىكى ھۆكۈمىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە قىيىن-قىستاق سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتتى.‏

بۇنىڭغا بىر ئادۋوكات رەھبەرلىك قىلغان. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئۇ رەسمىي قانۇنىي سوت ئەمەس، بەلكى بىر سوت ھەيئىتى، مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئىدى.‏

شۇنداق.‏

خىتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەزا ئەمەس. خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە كەلسەك، خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ۋە رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. باشقا خەلقئارالىق مېخانىزم يوق. شۇڭا پەقەت مۇشۇ مۇستەقىل سوت ھۆكۈم چىقاردى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ھۆكۈمى مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، لېكىن ھېچ بولمىغاندا ناھايىتى كۆپ ھۆججەت ۋە قانۇنىي دەلىل توپلىدى.‏

ماھىيەتتە، بۇ سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ دەلىل توپلاش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ.‏

شۇنداق، تېخىمۇ كۆپ دەلىل. خىتاي ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.‏

ئارگېنتىنا ئاساسىي قانۇنىدا ئومۇميۈزلۈك ئەدلىيە ھوقۇقى بار، روھىنگالارنىڭمۇ بۇ يەردە بىر دېلوسى بار. بىز ئادۋوكاتلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە قانۇنچىلار بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلار ئارگېنتىنانىڭ مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى بولغاچقا، ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇڭا بىز ئەرزنى بۇ يەرگە سۇندۇق.‏

ئارگېنتىنادىكى ھەممە ئادەم بۇ قارىشىڭىزغا قوشۇلامدۇ، بىلمەيمەن، ئەمما داۋاملاشتۇرۇڭ!‏

شۇنداقتىمۇ، شۇنداقتىمۇ!‏

ھازىر تۆت يىل بولدى. ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇق، ئەمما تولۇق ئەمەس. بەزىدە ھۆكۈمەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.‏

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇ سوت دېلوسى ھەققىدە ئارگېنتىناغا بېسىم قىلغانلىقىغا دائىر دەلىلىڭىز بارمۇ؟‏

ياق، بىزدە دەلىل يوق، لېكىن بۇنى ھېس قىلالايمىز.‏

چۈنكى بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنى توسۇشقا، ھەتتا سورۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، سوت دېلوسى تېخىمۇ چوڭ مەسىلە.‏

دېلو ئاخىرىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى ھۆكۈم بىلەن ئاخىرلاشقان تەقدىردىمۇ، ئارگېنتىنا شى جىنپىڭنى باشقا بىر دۆلەتتە سەپەر قىلىۋاتقاندا قولغا ئالالمايدۇ. باشقىلارنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈشىچە، دېلونىڭ ئەمەلىي قىممىتى سوت ئارقىلىق دەلىل توپلاش ۋە ئۇنى ساقلاش پۇرسىتى يارىتىشتا. بىز دەۋاتقان نەرسە مۇشۇمۇ؟ يەنى، ئەگەر دېلو شۇ باسقۇچقا يەتسە سىز ئەلۋەتتە خۇشال بولىدىغان جىنايەت بېكىتىش ھۆكۈمىدىن كۆرە، ئارگېنتىنادىكى سوت دېلولىرىنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا، ئون يىلدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىقنى سۆزلەۋاتىمىزمۇ؟‏

بىز يەنىلا ئىشىنىمىز. بۇ قېتىم ئادۋوكاتلىرىمىز بىلەنمۇ كۆرۈشتۇق. دېلو داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەمما قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.‏

بىزدە يېتەرلىك كۈچلۈك دەلىللەرمۇ بار.‏

بىز تەييار؛ لاگېردىن قۇتۇلغان بىر قىسىم كىشىلەر ۋە باشقا گۇۋاھچىلارمۇ سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييار.‏

سىز دۇچ كەلگەنلىكىڭىزنى ئېيتقان شەخسىي بەدەل ۋە بېسىملارغا قارىماي، بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا نېمە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ؟ ھېچ چارچاپ قالمامسىز؟‏

مەقسەت خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش. بۇ ئىنتايىن مۈشكۈل بىر خىرىس.‏

ئاخىرقى نىشان، ئەلۋەتتە، تۈرمىدە ئازاب چېكىۋاتقان، مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلگەن، ئۆلتۈرۈلگەن ياكى باشقا دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچرىغان ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئازابىغا خاتىمە بېرىشتۇر.‏

بىز قورقماي ياشايدىغان ئەركىن ئىنسان بولۇشنى، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى خالايمىز.‏

ھازىر ئالدى بىلەن مىليونلىغان كىشىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق.‏

ئۇلارنىڭ بىردىنبىر «جىنايىتى» ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغانلىقى.‏

ئەلۋەتتە، بەزىلىرى سىياسىي سەۋەب بىلەن قامالغان؛ بەلكىم بىر قانچە پىرسەنتى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن كۆپچىلىكىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق. ئۇلارنىڭ «جىنايىتى» ئۇيغۇر مىللىتىگە تەۋە بولۇشى.‏

شۇڭا ھازىر لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز.‏

لاگېر دېگەندە تۈرمىلەرنى كۆزدە تۇتامسىز؟ بۈگۈن زادى قانچە لاگېر بار؟‏

لاگېرلار ھازىرمۇ بار. لېكىن بەزى لاگېرلار تېزلىكتە تۈرمىگە ئۆزگەرتىلدى.‏

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىقاتقا ئىشلىتىۋاتىدۇ. بەزى ئۇيغۇرلار ئائىلىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ساياھەت قىلالايدۇ؛ شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى ئۇيغۇرلارمۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئائىلە ئەزالىرىنى يوقلىيالايدۇ.‏

لېكىن شەرتى شۇكى، ئۇ تەشۋىقاتقا خىزمەت قىلىشى ۋە «ھەممە ئىش ياخشى» دېيىلىشى كېرەك.‏

سىز قايتىپ بارالامسىز؟ ئەمدى خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىڭىز يوق، شۇنداقمۇ؟‏

مەن خىتاي پۇقراسى ئەمەس، گېرمانىيە پۇقراسى. 1994-يىلى ئايرىلغىنىم ئۈچۈن، ئۇلار مېنى تېررورچى دېدى. 32 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى؛ مەن قايتىپ بېرىپ باقمىدىم.‏

ئەگەر بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولسىڭىز، كەلگىنىڭىز چوڭ خەۋەر بولۇپ كېتىشى مۇمكىن!‏

2009-يىلى جەنۇبىي كورېيەنىڭ سېئۇل شەھىرىدە بىر خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىشقا بارغاندا، چېگرادا تۆت كۈن توختىتىپ قويۇلدۇم. خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدىم. بېيجىڭدىن تۆت خىتاي ساقچىسى مېنى خىتايغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن سېئۇل ئايرودۇرۇمىغا كەلدى.‏

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا باش ئەلچىسى، شۇنداقلا گېرمانىيە باش ئەلچىسى ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بېسىم قىلدى.‏

بىر تەرەپتە خىتاينىڭ، يەنە بىر تەرەپتە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيەنىڭ بېسىمى بار ئىدى.‏

ناھايىتى چوڭ مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش بولدى.‏

ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە، مەن مەخپىي ھالدا گېرمانىيەگە قايتۇرۇۋېتىلدىم.‏

خىتاي مېنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كۆزىتىۋاتىدۇ ۋە مېنى خىتايغا ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.‏

ئارگېنتىنادىكى دېلودىن كۈتىدىغان نىشانىڭىز نېمە؟‏

نىشان شۇكى، بۇ جىنايەت ۋە جىنايەتكە شېرىك بولۇش قىلمىشلىرى خەلقئارا قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.‏

بەلكىم بىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز؛ ئارگېنتىنا سوتى بىرەر ھۆكۈم چىقىرىپ، بىز ئۇتۇپ چىقىمىز. بەلكىم ئارگېنتىنا شى جىنپىڭنى قولغا ئالالماسلىقى مۇمكىن. بۇمۇ مۇمكىن.‏

لېكىن ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ سىمۋوللۇق قىممىتى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇھىم. چۈنكى بىز ھەممە نەرسىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئەمما ئۈمىدىمىزنى ھېچقاچان يوقاتمىدۇق.‏

ئەگەر ئۈمىدىمىزنى يوقاتساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىمىزنى سۈكۈتكە مەجبۇرلاش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۈمىد يوقالسا، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئاسانلىشىدۇ.‏

شۇڭا بىز داۋام قىلىمىز. بارلىق ئىمكانىيىتىمىزدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ مەقسىتىنى بىلسۇن دەپ تونۇشنى ئۆستۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. 1948-يىللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسىنى 150 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىمزالىغان ۋە تەستىقلىغان. لېكىن بۈگۈن «ئەمدى ھەرگىز تەكرارلانمايدۇ» دېيىلگەن ئىش قايتا يۈز بېرىۋاتىدۇ؛ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.‏

بۇ جىنايەتلەر ئۈچۈن جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك.‏

ھېچ بولمىغاندا بىزگە ئوخشاش كىشىلەر دۇنيانىڭ مەلۇم بىر يېرىدە يەنىلا ئادالەت بارلىقىغا ئىشىنەلىشى كېرەك.‏

ۋاقىت ئاجرىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، دولقۇن ئەپەندىم.‏

مەنمۇ سىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.‏

مەنبە خاتىرىسى

James Grainger. “Uyghur activist Dolkun Isa: ‘China should be held accountable for its crimes’.” Buenos Aires Times, 2026-يىلى 19-سېنتەبىر، سائەت 00:57. مەخسۇس زىيارەت. ئەسلى تىلى: ئىنگلىزچە. زىيارەت قىلىنغان چېسلا: 2026-يىلى 19-سېنتەبىر.‏

https://www.batimes.com.ar/news/world/uyghur-activist-dolkun-isa-chinas-crimes-should-be-held-accountable.phtml