مەۋلانا مەۋدۇدى، «تەفھىمۇل قۇرئان» ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئالتە يىللىق كۆز يېشىغا يۇغۇرۇلغان ئەمگەك

 
بۈگۈن 22-سېنتەبىر، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر، مېنىڭ مەنىۋى ئۇستازىم مەۋلانا سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى (1903 – 1979) نىڭ بۇ پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە رىھلەت قىلغانلىقىغا 47 يىل تولغان خاتىرە كۈنىدۇر. مەن بۈگۈنكى بۇ ئالاھىدە كۈندە، پۈتكۈل ھاياتىنى قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن دۇنيانى يورۇتۇشقا بېغىشلىغان بۇ ئۇلۇغ زاتنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ شاھ ئەسىرى بولغان «تەفھىمۇل قۇرئان»» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن، قان-تەر ۋە كۆز ياشلار بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇھاجىرەت سەپىرىمنى خەلقىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
 
تارىخنىڭ پايانسىز چۆللۈكلىرىدە گاھىدا شۇنداق بىر مۇساپىر پەيدا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئىزلىرى بىر شامالدا ئۆچۈپ كېتىدىغان قۇمغا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ قەلب-زېھىنلىرىگە مەڭگۈلۈك ئابىدە بولۇپ ئويۇلىدۇ. ئۇ كېلىدۇ، سۆزلەيدۇ، يازىدۇ، دۇنياغا ئۆتكۈر سوئاللارنى قويىدۇ، زاماننىڭ جاھالىتى بىلەن ئېلىشىپ، ئۆز دەۋرىنىڭ پىكرىي قاراڭغۇلۇقلىرىغا ۋىجدان چىرىغىنى ياقىدۇ... ئاندىن بىر كۈنى جىمجىتلا بۇ ئالەمدىن كېتىپ قالىدۇ. ئەمما، ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن بىلىنىدۇكى، ئەمەلىيەتتە ئۇ كەتمىگەن، بەلكى ئارقىسىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە، بولۇپمۇ ئېزىلگەن مەزلۇم مىللەتلەرگە ئالەمشۇمۇل ئۆتكۈر سوئاللارنى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر ئويغىنىش روھىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولىدۇ. مەۋلانا مەۋدۇدى، دەل ئاشۇنداق بىر تارىخىي سىما، ئاشۇنداق بىر ئۇلۇغ ۋە ئۆتكۈر سوئال ئىدى.
 
20-ئەسىردە مۇسۇلمانلار سىياسىي قۇللۇق بىلەن بىرگە، يەنە بىر خىل ئېغىر قۇللۇقنىڭ، يەنى پىكرىي قۇللۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتاتتى. غەرب مۇستەملىكىچىلىكى ئۇلارنىڭ روھىغا سىڭىپ كىرىپ: «تەرەققىياتنىڭ مەنىسى غەربلىشىش، ئىلىم-پەننىڭ مەنىسى غەرب تەپەككۇرى، ھاياتنى دىندىن ئايرىۋېتىش دەل زامانىۋىيلىقتۇر» دېگەن زەھەرنى سىڭدۈرۈۋاتاتتى.
 
بۇ مۇستەملىكىچى سىستېما مۇسۇلمانلارغا مۇنداق دەيتتى: «ئىسلامنى پەقەت مەسچىت بىلەنلا چەكلە. نامىزىڭنى ئوقۇ، روزاڭنى تۇت، ئەمما دۇنيا ئىشلىرىنى، تۈزۈم ۋە مەدەنىيەتنى بىزنىڭ قائىدىمىز بويىچە يۈرگۈز...».
ئەنە شۇنداق مۇسۇلمانلار ئۆز زېمىنىدا ئۆزىنىڭ دىنىغا ياتلىشىۋاتقان ۋە غەپلەتتە ئۇخلاۋاتقان بىر پەيتتە، زۇلمەت كېچىسىنى يىرتىپ، بىر سادا ياڭرىدى. بۇ سادا قۇرۇق بىر چۇقان ئەمەس، بەلكى شۇ قەدەر سۈزۈك ۋە شۇ قەدەر تىترەتكۈچ ئىدىكى، مىڭلىغان ئۇخلاۋاتقان زېھىنلەرنى سىلكىپ ئويغاتتى.
 
ئۇ سادا: «ئىسلام پەقەت بىرنەچچە تۈرلۈك ئىبادەتنىڭلا نامى ئەمەس! ئىسلام بىر ھاياتتۇر، ئىسلام بىر تەپەككۇر، بىر ئەخلاق، بىر مەدەنىيەت ۋە بىر ئادالەتتۇر! ئىسلام مۇكەممەل بىر ھايات تەسەۋۋۇرى ۋە مىزانىدۇر!» دەپ خىتاب قىلماقتا ئىدى.
Fotoğraf açıklaması yok.
 
مەۋدۇدى مۇسۇلمانلارنى ماتېرىيالىزم ۋە ئاتېئىزم (دىنسىزلىق) تىن ئىبارەت جاھىلىيەت ئالدىدا تەپ تارتىپ، مۇداپىئەلىنىش پىسخىكىسىدە ياشاشتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ئىسلامنى يەھۇدىي-خىرىستىيان مەدەنىيىتى يېتەكچىلىكىدىكى غەرب سىستېمىسىغا قارشى، جەڭگىۋار، مۇستەقىل ۋە تەڭداشسىز بىر «يېڭى ئۆزگىچە دۇنيا سىستېمىسى» سۈپىتىدە سۇنۇشقا تىرىشتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئاجىزلىقتىن، پىكرىي جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان روھىي قۇدرەتكە يېتەكلىدى.
 
ئونلىغان يىللارغىچە مۇسۇلمانلارنىڭ پىكرىي بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىنگىلىز ۋە يەھۇدىيل مۇستەشرىقلار بىرلىكتە لايىھەلەپ چىققان «ھىدىس ئىنكارچىلىق پىتنىسى» گە قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىپ، ئۇزۇن يىل داۋام قىلغان ئىلمىي مۇنازىرىلەر ۋە پولاتتەك دەلىللەر بىلەن مات قىلدى ۋە ئىسلامنى پىروتىستانلاشتۇرۇپ ئاندىن يېڭى بىر «ئىسلامجىلىزىم» ئېقىمى ياراتماقچى بولغان ھەدىس ئىىكارچىلىق پىتنىسىنىڭ دىلىلسىز يالغانلىرىنى، پىكىر بۇرمىلاش نەيرەڭلىرىنى بىر بىر پاش قىلىپ، پاكىستاندا پۈتۈنلەي ئۇنى چىقماس ھالغا كەلتۈردى.
 
مەن مەۋلانا مەۋدۇدىنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ يالقۇنلۇق ئىدىيەسى بىلەن پەقەتلا كىتابلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى نەۋقىران قەلبىمدە يېنىۋاتقان بىر مىللەت سۆيگۈسى ئارقىلىق، ئىنتايىن ئۆزگىچە ۋە تەسىرلىك بىر شەكىلدە تونۇشقان ئىدىم.
لاھوردىكى ئۇلۇغ بىلىم دەرگاھى «سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى خەلقئارا ئىسلام ئىنستىتۇتى» دا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە، مۆھتىرەم ئۇستاز، بۈيۈك دەۋەتچى خەلىل ئەھمەد ھامىدى ئىنستىتۇتتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆزلىرى ياشلانغان ھالدا مۇنداق بىر ئىمانغا تولغان تارىخىي ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى:
 
كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىپ، مىللىتىمىزنىڭ جېنىنى ۋە روھىنى ئاسارەتكە ئالغان، شۇنداقلا «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر» دەپ پۈتۈن دۇنياغا جار سېلىۋاتقان ۋە ئىسلام دۇنياسىدىن ھېچكىم بۇ مۇستەملىكىچى باياناتقا قارشى چىقىشقا پېتىنالمايۋاتقان ئەڭ قاراڭغۇ، سۈكۈتكە چۆككەن دەۋرلەردە، مەۋلانا سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى رادىيو ئارقىلىق پۈتۈن ئالەمگە ۋە ئىسلام ئۈممىتىگە: «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەتئىي ئايرىلماس بىر پارچىسىدۇر!» دەپ جاراڭلىق خىتاب قىلغان ئىدى.
 
پۈتۈن دۇنيا بۇ ئىشغالىيەت تېررورىغا قارشى لال بولۇپ، ھېچكىم بۇنداق جاسارەتلىك ۋە يۈكسەك ئاۋازدا ھەقنى سۆزلىيەلمىگەن بىر پەيتتە، رەھمەتلىك خەلىل ئەھمەد ھامىدى ئۇستازنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان مەۋدۇدىنىڭ بۇ گۈلدۈرمامىدەك نىداسى مېنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى، قەلب ۋە ئىدىيەمنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى. مېنىڭدەك بىر شەرقىي تۈركىستانلىق مەزلۇم مۇھاجىر ياشنىڭ يۈرىكىدە، بۇ ئۇلۇغ زاتقا بولغان چەكسىز مۇھەببەت، ھۆرمەت ۋە ياشقا تولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى دەل ئاشۇ مىنۇتتا تاشقا ئويۇلغاندەك تومۇرلىرىمغا ئورناپ كەتكەن ئىدى. شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنىڭ پىكرىي مىراسى مېنىڭ كەلگۈسى ھاياتىمدىكى ئەڭ بۈيۈك مەنىۋى خەزىنەمگە ئايلاندى.
 
مەۋلانا مەۋدۇدىنىڭ قەلىمىدە كارامەت بىر خۇسۇسىيەت بار ئىدى. بۇ قەلەم رەقىبىنى يارىلاندۇرۇشتىن بەكرەك، ئوقۇرمەنگە ئۆز سىماسىنى، ئۆز ھالىنى رەھىمسىزلەرچە كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر سېھرىي ئەينەك ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇۋاتقان ئىنسان گاھىدا ئىسلام ھەققىدە ئويلانسا، گاھىدا دۇنيا ھەققىدە، يەنە گاھىدا ئۆز-ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر بولاتتى. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆتكۈر، يۈرەكنى تىلىدىغان سوئاللىرى مۇنداق ئىدى:
 
• سەن ئاللاھقا ئىشىنىسەن، ئۇنداقتا ھاياتىڭدا بۇ ئىماننىڭ نۇرى قېنى؟
 
• سەن قۇرئاننى ئىلاھىي كىتاب دەيسەن، ئۇنداقتا، سەندىن چىقىۋاتقان قارارلاردا قۇرئاننىڭ رولى قېنى؟
 
• سەن ئىسلامنى مۇكەممەل تۈزۈم دەيسەن، ئۇنداقتا، سەن ئۇنىڭغا ئۆز ئەمەلىي ھاياتىڭنىڭ ۋە جەمئىيىتىڭنىڭ تۈزۈم-تەرتىپىنىڭ زادى قانچىلىك قىسمىدىن ئورۇن بەردىڭ؟
 
بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئاسان ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇ سوئاللار باشقىلاردىن ئەمەس، دەل بىز مۇسۇلمانلاردىن سورىلاتتى. مەۋدۇدى مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە ئىمان بىلەن ئەخلاق، ئەقىدە بىلەن ئەمەلىيەت ئايرىلىپ قېلىشىغا قەتئىي قارشى ئىدى.
 
مەۋلانا مەۋدۇدىنىڭ ئىلمىي ھاياتىدىكى ئەڭ بۈيۈك نەتىجىسى، كۆپ قىسمىنى تۈرمىدە يېزىپ تاماملىغان تەپسىرى «تەفھىمۇل قۇرئان» دۇر. بۇ ئەسەرنى پەقەت بىر تەپسىر سۈپىتىدىلا ئوقۇش، ئۇنىڭ غايەت زور تەسىر كۈچىنى چەكلەپ قويغانلىق بولىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتە قۇرئاننى، يەنە بىر تەرەپتە 20-ئەسىرنىڭ ئىنسانلىرىنى ئولتۇرغۇزۇپ، مىليونلىغان چېگىش سوئاللار ئوكيانى ئۈستىگە ئالتۇن كۆۋرۈك سالغان بىر نادىر ئەسەردۇر.
 
مەۋدۇدى مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئاننى ئوقۇغۇچى، ‹بۇ ئايەتنىڭ تەرجىمىسى نېمە؟› دەپلا سوراش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ‹بۇ ئايەت مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ مېنىڭ خاراكتېرىمنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟ جەمئىيىتىمگە قانداق يۆنىلىش بەلگىلەيدۇ ۋە ھاياتىمدا ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئەمەلىي شەكىلدە قانداق نامايان بولىدۇ؟› دەپ سورىشى كېرەك».
 
مەن نېمە ئۈچۈن شۇنچە ياخشى ھالاۋەتلىك تۇرمۇشۇمدىن ۋاز كېچىپ بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى غايە قىلدىم؟
 
مەن ئەسلىدە لاھوردىكى «سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى خەلقئارا ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەۋلانا مەۋدۇدىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قىلغان ئاشۇ مەردانە بايانىنى ياد ئەتكىنىمدە، شۇنداقلا دەل ئۆزىنىڭ ئىسمى بېرىلگەن بۇ بىلىم دەرگاھىدا ئوقۇش شەرىپىگە نائىل بولغىنىمنى ھەر قېتىم ئويلىغىنىمدا، «تەفھىمۇل قۇرئان» نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى پەرز، بوينۇمدىكى ئۈزۈلمەس بىر ۋاپا بۇرچى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتىم.
 
ئەمما بۇنىڭدىنمۇ ئۆتكۈر بىر سەۋەب بار ئىدى. مەۋدۇدى بىزگە بىر چوڭقۇر پەلسەپە قالدۇرغان بولۇپ ئۇ: «مىللەتلەر پەقەت قىلىچ تىغلىرى بىلەنلا مەغلۇپ بولمايدۇ. مىللەتلەر ئۆزى ھەققىدە دۈشمەن پىچقان قېلىپقا ۋە دۈشمەن بەرگەن تەبىرگە (ئېنىقلىمىغا) تەسلىم بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە مەغلۇپ بولىدۇ، ھەقىقىي تۈردە يوقىلىدۇ...» دەيتى.
 
دۇنيادا كىرىزىسلەر قاينىمىدا قالغان، خىتاينىڭ دۆلەت تېررورى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاستىدا پەقەت تېنىلا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادى ۋە روھىمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى، دۈشمەن بىزگە كىيدۈرمەكچى بولغان مەغلۇبىيەت كۆينىكىنى يىرتىپ تاشلايدىغان پىكرىي جەڭگىۋارلىققا ۋە پىداكارلىق روھىغا ھەممىدىن بەكرەك موھتاج ئىدۇق! مىللىتىمنى بۇ پىكرىي بوشلۇقتىن ۋە «ھەقىقىي مەغلۇبىيەت» تىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىزگە ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىمانىي يادرو كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەسەر چوقۇم ۋە چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
 
بۇ كاتتا ئىلمىي خىزمەتنى تاماملاش ئۈچۈن، ئابدۇلغەنىي قۇتۇبىي قېرىندىشىمىز قۇرغان ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزىدە، ھاياتىمنىڭ ئەڭ قىيىن، ئەمما ئەڭ پەخىرلىك 6 يىلىنى سەرپ قىلدىم.
 
مەن بىر مۇھاجىر ئىدىم. ياقا يۇرت، مۇساپىرچىلىق... 6 يىلغىچە ئۆزگەرمىگەن مائىشىم 500 لىرا ۋە ئۆيۈمنىڭ ئىجارىسى 350 لىرا ئىدى. بىر ياندىن ۋەتەن ۋە مىللەت غېمى يۈرىكىمنى پۇچىلىسا، 6 بالىلىق ئائىلەمنىڭ ئېغىر تۇرمۇش يۈكى يەنە بىر ياندىن مۈكچەيتىشكە ئۇرۇناتتى. ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن بەزى كۈنلىرى بازاچىلىق ۋە يايمىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتىم. قوشۇمچە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، كېچىلىرى سائەت 9 دىن 12 گىچە سۈپۈرگە تۇتۇپ، سېفاكۆيدە بىر ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ تازىلىقىنى قىلاتتىم. چۈنكى كۈنىگە ئىككى-ئۈچ خىل ئىشنى تەڭ قىلمىسام تۇرمۇشۇمنى قامدىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ھەر كۈنى ھارغىن ۋۇجۇدۇمنى سۆرەپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، كىتاب يۈزىگە ئېگىلىپ كەم دېگەندىمۇ 3-4 بەتتىن ئىزچىل تەرجىمە قىلىشنى ھەرگىز تاشلىمىدىم.
 
بەزىدە ھېرىپ-چارچاپ يىقىلىدىغان ھالەتكە كەلگىنىمدە، غېرىبلىق ۋە قىيىنچىلىقتىن روھىم سۇنۇپ ئامالسىز قالغىنىمدە، يېرىم كېچىدە جەينامازغا، ياش تۆكۈپ ئولتۇرۇپ ئاللاھقا يېلىناتتىم:
 
«ئى رەببىم! مەقسەت پەقەتلا سېنىڭ رىزالىقىڭدۇر، سېنىڭ دىنىڭنى ئۈستۈن قىلىشتۇر. بۇ ئاجىز ۋە بىچارە قۇلۇڭنى بۇ مۇقەددەس يولدا باشقىلارغا مۇھتاج قىلمىغىن. ئائىلەمنىڭ ھالال رىزقىغا بەرىكەت بەرگىن، ماڭا بۇ تەرجىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشۇمغا كۈچ-قۇۋۋەت، سەۋر ۋە چىدام ئاتا قىلغىن...»
 
تەرجىمە قىلىنغان ھەر بىر بەتكە تەرىم بىلەن بىرگە، جەينامازغا چۈشكەن ئىسسىق كۆز يېشىممۇ سىڭگەن ئىدى. ھەربىر تەرجىمە جۈملىسى، مەۋدۇدىنىڭ شۇ جەڭگىۋار پىكرىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگە قانداق قىلىپ ئەڭ توغرا، ئەڭ تەسىرلىك يەتكۈزۈش ھەققىدىكى ئەندىشە، سۆيگۈ ۋە چەكسىز ئىخلاس بىلەن قەلەمگە ئېلىناتتى.
 
ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە ھەددى-ھېسابسىز ياردىمى بىلەن، ئالتە يىللىق مۇشەققەتلىك ئەمگەكنىڭ نەتىجىسىدە «تەفھىمۇل قۇرئان» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاخىرى تاماملىنىپ، 9 جىلدلىق بىر بۈيۈك مەنىۋى خەزىنىگە ئايلاندى.
 
تەھەججۇدقا قوپقان كېچىنىڭ سۈكۈناتىدا، ۋەتەندە قالغان ئىككى پەرزەنتىم بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىشى ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان ئىدىم:
«ئى رەببىم! مەن بۇ ئەسەرنى خالىس سېنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن تەرجىمە قىلدىم، تەرجىمە قىلىش جەريانىدا شۇنچە ئېغىر رىيازەتلەرنى چەكتىم. ئەمدى بۇنىڭ نەشر قىلىنىشىنىمۇ شۇنداق خالىس، سېنىڭ رىزالىقىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىقتىسادىي نەپ ئېلىشنى ئويلىمايدىغان، قەلبى پاك كىشىلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، مەزلۇم خەلقىمگە ھەقسىز تارقىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بەرگىن...»
 
دېمىسىمۇ بۇ 9 جىلدلىق يوغان ئەسەرنى نەشر قىلدۇرۇش ۋە خەلققە ھەقسىز تارقىتىش ئۈچۈن ناھايىتى زور مىقداردا مەبلەغ كېرەك ئىدى. نەشر خىراجىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەر تاماملىنىپ بولۇپمۇ 7-8 يىلغىچە نەشر قىلىنالماي سارغىيىپ تۇرۇپ قالدى.
 
دەل مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان، ئۈمىدلەر سۇنۇش گىردابىغا كەلگەن بىر پەيتتە، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى ئىشقا ئاشتى. ئاللاھ تائالا مېنىڭ كېچىلەردە تۆككەن كۆز يېشىمنى ۋە دۇئايىمنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇررەھىم دۆلەت قېرىندىشىمىز ئوتتۇرىغا قويغان «100 سەرخىل كىتاب لايىھەسى» ئىچىگە بۇ ئەسەرمۇ كىرگۈزۈلدى ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر سېخىي سودا-سانائەتچىمىزنىڭ ھەممە چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن بۇ 9 جىلدلىق ئەسەر ئاخىرى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. تەخمىنەن 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى (600 مىڭ تۈرك لىراسى ئەتراپىدىكى مەبلەغ) چىقارغان سودا-سانائەتچىمىزنىڭمۇ پەقەت بىرلا ئارزۇسى ۋە بىرلا شەرتى بار ئىدى: بۇ تەپسىرنى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، ھەقىقىي پايدىلىنالايدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىگە ۋە ئوقۇرمەنلەرگە بىر تىيىنمۇ ئالماي ھەقسىز تارقىتىش!
 
نەتىجىدە، ئاخىرى دۇئايىم ئىجابەت بولدى ۋە كىتابىمىز 2025-يىلى نەشر قىلىنىپ، مىللىتىمىزگە ھەقسىز تارقىتىلىشتەك بىر تارىخىي مۆجىزىگە شاھىت بولدۇم. شۇ چاغدا، بۇ تەرجىمىنىڭ ۋە بۇ كىتابنىڭ پەقەت مېنىڭلا شەخسىي تىرىشچانلىقىم ئەمەسلىكىگە، ھەر ئاي 500 لىرالىق مائاشىمنى ئۈستىگە ئالغان مەرھۇم ئابدۇسساتتار ھاجىم، ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزىنى قۇرۇپ ماڭا تەرجىمە ئۈچۈن راھەت شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ئابدۇلغەنىي قۇتۇبىي قېرىندىشىمىز، تەفھىمۇل قۇرئانغا مەندىن بەك كۆڭۈل بۆلۈپ، دائىم مېنى ئالدىرىتىپ خۇشچاقچاقلىرى بىلەن نوقۇپ تۇرىدىغان ماددىي مەنىۋىي ياردىمىنى ئايىمىغان ئابدۇلجەلىل ھاجىم تۇران ئاكىمىز، ئەسەرنىڭ تەھرىرلىنىشى ۋە بەتلىرىنىڭ لايىھەلىنىشىگە ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان دوستۇم ۋە خىزمەتدىشىم ئابدۇل ئەزىز ئاقھۇن ... قاتارلىقلارنىڭ ئىخلاسى ۋە ئورتاق دۇئايىمىزنىڭ ئىجابىتى ئىكەنلىكىگە، بولۇپمۇ ئاللاھنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئاتا قىلغان بىر ئالاھىدە نېمىتى ۋە ئىرادىسى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىم مۇستەھكەملەندى. مانا مۇشۇنداق سەۋر، دۇئا، مۆجىزە ۋە كۆز ياشلار بىلەن «تەفھىمۇل قۇرئان» نىڭ 9 جىلدلىق ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بېسىپ چىقىرىلىپ، خەلقىمىزگە يەتكۈزۈلدى.
 
ئەمدى مەۋلانا مەۋدۇدىنىڭ پىكرىيلىرىگە كەلسەك، ئۇ پەقەتلا مېھراپتا ۋەز سۆزلەيدىغان ئالىملا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ يېتەكچىسى ئىدى. مەۋلانا مەۋدۇدى مەسچىتنى دۇنيادىن ئايرىۋەتمىدى ۋە دۇنيانىمۇ مەسچىتنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىدىن خالىي دەپ قارىمىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر مۇسۇلمان پەقەت ئىبادەتگاھتىلا ئەمەس، بەلكى بازاردىمۇ مۇسۇلمان، سوت مەھكىمىسىدىمۇ مۇسۇلمان، سىياسەتتىمۇ مۇسۇلمان، ئۆيىدىمۇ مۇسۇلمان، يالغۇزلۇقتىمۇ مۇسۇلمان ۋە مۇھىمى مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئالدىدىمۇ تىك تۇرىدىغان مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك ئىدى.
 
ئۇنىڭ قەلىمى، ئوقۇرمەنلەرنى كىتابنى ياپقاندىن كېيىنمۇ بىئارام قىلىدىغان، چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىدى. ئۇ ھاياتىدا زامانىۋى سوئاللاردىن قاچمىدى. ئۇ «ئىسلام پەقەت قۇرۇق ئەنئەنىۋى مىراسمۇ؟ ياكى يۈكسەك بىر ئاڭ بىلەن ئىختىيارىي تاللىنىدىغان ھاياتلىق يولىمۇ؟» دېگەن سوئالنى ئۆزىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىگە ۋە پۈتۈن ھايات مۇساپىسىگە سىڭدۈردى.
 
ئەلۋەتتە، مەۋلانا مەۋدۇدىدەك بىر بۈيۈك مۇتەپەككۇرنىڭ بەزى پىكرى ۋە كۆز قاراشلىرى ئۈستىدە ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپلىرى، تەنقىدلەر بولغان، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزى چۈشەنمەسلىكلەر بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما بىز شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بۈيۈك مۇتەپەككۇر ھەممە ئادەم چوقۇنىدىغان ۋە بىردەك قوشۇلىدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، ئەستايىدىل ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلالايدىغان كىشىدۇر! ھەرقانداق بىر پىكىر ئۈستىدە مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە ئاخىرلىشىدىكەن، ئۇ پىكىر كىتاب بېتىگە مەھكۇم بولۇپ تۇنجۇققان بولىدۇ. ئەگەر بىر پىكىر ئۈستىدە ئەۋلادلار تالاش-تارتىش قىلىشنى، دىئالوگ ۋە مۇنازىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسا، ئاندىن ئۇ پىكىر ھېلىھەم ھايات ۋە جانلىقلىقىنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ!
 
توغرا، مەۋلانا سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى دۇنيادىن ۋىدالاشتى، ئەمما ئۇنىڭ سوئاللىرى ھېلىھەم ھايات.
 
ئىسلام بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە؟ مۇسۇلمانلار زامانىۋى دۇنيادا ئۆز كىملىكىنى، بولۇپمۇ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق قاينىمىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز كىملىكىنى قانداق ساقلاپ قالىدۇ؟ ئازادلىق نېمە؟ ئادالەت نېمە؟ ئەڭ مۇھىمى، ئىنسان ئۆز ھاياتىنى ئاللاھنىڭ يېتەكچىلىكىگە قانداق ماسلاشتۇرىدۇ؟ بۇ سوئاللار بىز مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە، جاۋابىنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
 
سىز ھەقىقىي مەۋدۇدىنى قەيەردىن تاپىسىز؟ ئۇنى پەقەت كىتاب بېتىدىن ئىزدىمەڭ.
 
ئۇنى قۇرئاننى تۇنجى قېتىم ئەقلىي چۈشەنچە ۋە ئاڭ بىلەن چۈشىنىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان ۋاقتىڭىزدىن ئىزدەڭ!
 
دۇنيا بىلەن ئاخىرەت، ئىبادەت بىلەن سىياسەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈنئىي تامنى چېقىپ تاشلاپ، بارلىق ئەمەلىيىتى بىلەن ھەققە يۈزلەنگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنى كۆرەلەيسىز، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ۋە مۇنازىرە قىلالايسىز.
 
مېنىڭ ياشلىقىم، ئۆمرۈم، كۆز ياشلىرىم ۋە قان-تەرىم سىڭگەن بۇ 9 جىلدلىق «تەفھىمۇل قۇرئان» مېنىڭدىن، شۇنداقلا مېنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازىم مەۋدۇدىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە قالغان مەڭگۈلۈك بىر مىراستۇر. مەن پۈتكۈل ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنى، بولۇپمۇ غەيۇر ياشلىرىمىزنى بۇ بۈيۈك ئەسەرنى ۋاراقلاپ بېقىشقا چاقىرىمەن.
 
ئۇنى ئوقۇڭكى، قۇرئان سىز بىلەن سۆزلەشسۇن. قەلبىڭىزنى ئېچىڭكى، قۇرئاننىڭ ھەر بىر ئايىتىنىڭ بۈگۈنكى مۇساپىرلىق ھالىتىڭىزگە، مىللىتىمىزنىڭ جاراھەتلىك تەقدىرىگە قانداق خىتاب قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىڭ.
 
سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى پەقەت بىر ئىسىملا ئەمەس، ئۇ بىر مەسئۇلىيەت.
 
ئۇ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا: «ئۆز دىنىڭلارنى ئەنئەنىۋى مىراس دەپلا قوبۇل قىلماڭلار، بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئاڭ ۋە ئىدراك بىلەن تونۇپ يېتىڭلار» دەپ نىدا قىلغان بىر جاراڭلىق سادادۇر.
 
قەلەم قەغەز يۈزىدە توختاپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ھەقىقەتنى، ھەقنى يازغان قەلەم ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ، توختىماي سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مەۋلانا مەۋدۇدىنىڭ قەلىمىمۇ، مېنىڭ ئاشۇ مۇھاجىرەت كېچىلىرىدە تۆككەن كۆز ياشلىرىممۇ ئاشۇ مەڭگۈلۈك قەلەمنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قالغۇسى... ئىنشائاللاھ!