‏ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى داۋاملىق باستۇرۇشىغا قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈردى‏

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى (How Hwee Young/EPA) ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا (X ئارقىلىق).‏

ئاپتور: «ئوپ ئىندىيا» تەھرىراتى‏

‏ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2026-يىلى 27-سېنتەبىر | كەچ سائەت 8:45‏

‏تۈركىستان تايمز تەرجىمىسى‏

‏ئەسلى مەنبە: OpIndia‏

‏ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى يېقىندا خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرنى خەلقئارا سەۋىيەدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. ئەيسا 26-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 63-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە بۇ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.‏

‏ئەيسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى، بەلكى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا بېسىم سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى، ئۇيغۇر سوتىنىڭ ھۆكمى ۋە موزامبىك پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر بىر تەكلىپنى ئېتىراپ قىلىشى سەۋەبىدىن خەلقئارا بېسىم كۈچىيىۋاتىدۇ. نۇرغۇن خەلقئارا تاراتقۇمۇ بۇنى خەۋەر قىلدى»، دېدى.‏

‏ئۇ يەنە: «شۇڭا خىتاي ئەمدى ھەقىقەتنى داۋاملىق يوشۇرالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيەسىنى ئازراق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مەن داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەپ تەسۋىرلىگەن ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا ۋە ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ»، دېدى. ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يالغان تەسىرات پەيدا قىلىش مەقسىتىدە چەت ئەللىك مۇخبىر، دىپلومات ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رايونغا ئاپىرىدىغان «تەشۋىقات ساياھەتلىرى»نى تەشكىللەپ، مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن تاشقى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.‏

‏ئەيسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىغا مەجبۇرىي ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «مىليونلىغان كىشى يەنىلا جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتىدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەك يەنىلا ئېغىر مەسىلە. كىشىلەر لاگېرلارنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ»، دېدى. ئۇنىڭ قوشۇمچە قىلىشىچە، بىر مىليون ئۇيغۇر بالىسى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرماقتا.‏

‏تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىن تۈرمىلەرگىچە: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشىغا داۋاملىق دۇچ كەلمەكتە‏

‏«The Hill» دا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان مۇئامىلىسى ھەققىدە ئوخشاش ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا بېسىم ئاستىدا 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە نۇرغۇن ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىنى تاقىغانلىقى، ئەمما باستۇرۇشنى توختاتمىغانلىقى بايان قىلىنغان.‏

‏ماقالىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە ئەۋەتمىگەن نەچچە يۈز مىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلماننى تۈرمىگە قامىغان. ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم سانلىق مەلۇمات نەقىل كەلتۈرۈلگەن.‏

‏ئۇنىڭدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان رايوندا 540 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى سوتلىغانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى سوتلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن 37 پىرسەنتىگە 10 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى، يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ داۋاملىق تۇتقۇندا ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.‏

‏ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشى كەڭ تونۇلغان بىر پاكىت سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ، بېيجىڭنىڭ بۇ سەۋەبلىك كەڭ كۆلەمدە تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى نەچچە يۈز مەسچىتنى مەجبۇرىي چېقىۋەتكەن.‏

‏شۇنداقتىمۇ، ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ توختىماي داۋاملاشقانلىقى بايان قىلىنغان. ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا قاتتىق نازارەت يۈرگۈزمەكتە.‏