ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، 2026-يىلى 27-سېنتەبىر
دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر
دۇنيا مىقياسىدا شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىپ چىققان بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر، 1949-يىلدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن كۆچ دولقۇنلىرى ئارقىلىق تۈركىيەدىن قازاقىستانغىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن گېرمانىيەگىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئاۋسترالىيەگىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيەگە تارقالدى. 2017-يىلىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، لاگېرلار، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ، مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار بۇ دىئاسپورانى ھەم سان جەھەتتىن زورايىتتى، ھەم تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى. ئەمما مۇشۇنداق زورىيىشقا ۋە مەنزىرىگە قارىماستىن ئوتتۇرىدا غەلىتە بىر ئەھۋال مەۋجۇت: ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاكادېمىيە سېپى ۋە خەلقئارالىق سىياسىي ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش سەپلىرىگە ئەمەلىي قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، مەۋجۇت بولغان ئىنسان كۈچى يوشۇرۇن ئىمكانىيىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئاز. بۇ ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دەل مۇشۇ ئەھۋالنى چۈشىنىش: دۇنيا مىقياسىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر دىئاسپوراسى تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى بۇنچە ئاز؟ پاسسىپ قالغانلارنىڭ نىسبىتى بولسا بۇنچە يۇقىرى؟
مەن بۇ سوئالغا بىر «تەتقىقات مەسىلىسى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمايمەن، بەلكى ئۇنى ئۇزاق ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر سوئال دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇنىڭ جاۋابى بىرلا جۈملە بىلەن ئېيتىپ تۈگىتىدىغان دەرىجىدە ئاددىي ئەمەس. بەزىلەر «قورقۇشتىن» دەيدۇ، بەزىلەر «دىنىي قاراشتىن»، يەنە بەزىلەر «تەشكىلاتسىزلىقتىن»، يەنە بەزىلەر «ئىنسان خاراكتېرى»دىن دەيدۇ. بۇ جاۋابلارنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم دەرىجىدە توغرىلىق بار، ئەمما ھېچقايسىسى يالغۇز ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس. پەقەت قورقۇشنىلا ئاساسىي سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىش، بۇ قورقۇشنىڭ ئارقىسىدىكى ئەمەلىي بېسىم مېخانىزىملىرىنى كۆرمەسكە سالىدۇ. پەقەت دىنىي قاراشنىلا كۆرسىتىش بولسا، دىنىي تەپسىرنىڭ ئۆزىدىكى كۆپ خىل پىكىر ۋە كۆپ خىل چۈشەنچىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. پەقەت تەشكىلاتسىزلىقنىلا تىلغا ئېلىش بولسا، بۇ تەشكىلاتسىزلىقنىڭ نېمە ئۈچۈن شەكىللەنگەنلىكىنى سوراشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىق بولىدۇ. نوقۇل ئىنسان خاراكتېرىنىڭ ئاجىزلىقى دېگەندە باشقا تاشقى ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىق بولىدۇ. شۇڭا بۇ ماقالىدە مەن مەسىلىگە سىياسەتشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، پسىخولوگىيە، دىن جەمئىيەتشۇناسلىقى ۋە ئىسلام تەپەككۇرى ئۆزئارا كېسىشكەن بىر نۇقتىدىن قاراشقا تىرىشىمەن.
ماقالىنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى مۇنداق: ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى كەڭ تارقالغان پاسسىپلىق كۆپىنچە ۋاقىتلاردا شەخسىي خاراكتېر ئاجىزلىقى ياكى ئۆزگەرمەس بىر «مەدەنىيەت تەقدىرى» سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ پاسسىپلىق، تارىختا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ بېسىمى شارائىتى ئاستىدا ئۆگىنىلگەن، مەلۇم بىر دىنى قاراش ئارقىلىق نورماللاشتۇرۇلغان، پسىخولوگىيەلىك مېخانىزىملار بىلەن مۇستەھكەملەنگەن، چېگرا ھالقىغان بېسىم كۈچى ئارقىلىق ئەركىن دۆلەتلەرگىچە كېڭەيگەن ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك قايتا-قايتا تەكرارلانغان بىر خىل ھەرىكەت ئەندىزىسىدۇر. ئۆگىنىلگەن ھەر قانداق نەرسە قايتا ئۆگىنىشكە بولغىنىدەك، بۇلارمۇ پىرىنسىپ جەھەتتىن ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن. كېيىنكى بۆلەكلەردە بۇ پاسسىپلىقنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى قاتلاممۇ-قاتلام تەھلىل قىلىمەن، ئاندىن «قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئاكتىپ بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەشتۇر.
ئاكتىپلىق ۋە پاسسىپلىق
باشلاشتىن بۇرۇن، ئاكتىپلىق بىلەن پاسسىپلىق ئۇقۇملىرىنىڭ پەرقى ئەمەلىيەتتە يۈزەكى بىر تاللاش مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى ئەسلەپ ئۆتۈش پايدىلىق. لاتىن تىلىدا «active» سۆزى agere -«قىلماق، ھەرىكەتكە ئۆتمەك» دېگەن پېئىلدىن كەلگەن بولسا، «پاسسىپ» سۆزى pati -«چىدىماق، باشتىن كەچۈرمەك، ئۇچرىماق» دېگەن پېئىلدىن كېلىپ چىققان. ئەرەبچىدىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنىڭغا يېقىن پەرق مەۋجۇت: ن-ش-ط (n-ş-ṭ) يىلتىز سۆزى ھاياتىي كۈچ، چاققانلىق ۋە ئاكتىپلىقنى ئىپادىلىسە، س-ل-ب (s-l-b) يىلتىز سۆزى تارتىۋېلىش، مەھرۇم قىلىش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئوخشىمىغان ئىككى تىل ئائىلىسىدە مۇستەقىل ھالدا پەيدا بولغان بۇ ئورتاقلىق تاسادىپىي ئەمەس؛ ھەر ئىككى تىلدا پاسسىپلىق، سۇبيېكتنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى سىرتقى بىر كۈچ تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەخلاق پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پاسسىپلىق بىلەن ئاكتىپلىقنىڭ پەرقى پەقەت ھەرىكەت شەكلىدىلا ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەت سەۋىيەسىدىمۇ نامايان بولىدۇ. پاسسىپ ئادەم يامانلىققا قارشى تۇرمايدۇ، ئەمما ئۇنى بىۋاسىتە خالىمايدۇ. بۇ «خالىماسلىق» ھالىتى ئەخلاقىي جەھەتتىن بىتەرەپ كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىي نەتىجە جەھەتتىن يامانلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا شارائىت يارىتىدۇ. زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش، زۇلۇمنى قوللاش بىلەن ئوخشىمايدىغان ھەرىكەت بولسىمۇ، زۇلۇمنىڭ جەمئىيەتتە قارشىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىنسان جۈرئەت بىلەن ئىش قىلىش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق جاسارەتلىك بولىدۇ. بۇ قاراش بىزنىڭ مەسىلىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك: بىر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ئادالەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. «بىلىش» باشقا، «قىلىش» باشقا.
«ئېقىۋاتقان سۇ بۇلغانمايدۇ، تۇرغۇن سۇ سېسىيدۇ» تۈرك ماقال-تەمسىلى.
ئاكتىپلىق ئەتراپتىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان، خەۋپ-خەتەرنى ئۈستىگە ئالىدىغان ۋە ئىز قالدۇرىدىغان مەۋجۇتلۇق شەكلى بولسا، پاسسىپلىق ئۆزىنى قوغدايدىغان، ئەمما بۇ قوغدىنىشنىڭ بەدىلىنى جەمئىيەتتىكى بىپەرۋالىق بىلەن تۆلەيدىغان مەۋجۇتلۇق شەكلىدۇر.
مەۋجۇتلۇق ئەنئەنىسىدە مۇنازىرە قىلىنىدىغان «يامان نىيەت» ئۇقۇمىمۇ بۇ يەردە چۈشەندۈرگۈچى رول ئوينايدۇ. يەنى شەخس ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە شۇنىڭغا باغلىق مەسئۇلىيىتىنى ئىنكار قىلىپ، «مېنىڭ قولۇمدىن ھېچنېمە كەلمەيدۇ»، «قانۇن، تۈزۈم، جەمئىيەت شۇنداق»، «مەن نېمە قىلالايمەن؟» دېگەن باھانىلەر بىلەن ئۆزىنى سىرتقى شارائىتنىڭ پاسسىپ ئوبيېكتىدەك كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ ئۇقۇمنى شەخسىي ئەخلاقىي نۇقسان دەپ ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق بېسىم پەيدا قىلغان، شۇڭا سىستېمىلىق ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بىر ئەھۋال دەپ چۈشىنىش كېرەك. چۈنكى كېيىنكى بۆلەكلەردە، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئارقىسىدا كۆپىنچە ۋاقىتتا ھەقىقىي ۋە كونكرېت تەھدىت تەجرىبىلىرى يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىمىز.
ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا نىيىتى ياخشى، ۋىجدانى ساغلام كىشىلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس دەپ پەرەز قىلالايمىز. ئەمما بۇ يەردە كۆپ ۋاقىتلاردا ئىنتايىن مۇھىم بىر پەرق نەزەردىن ساقىت بولىدۇ: ياخشى ئادەم بولۇش بىلەن ياخشى ئىش قىلىش ئوخشاش نەرسە ئەمەس. بىر ئىنساننىڭ قەلبىدە ئادالەت تۇيغۇسى بولۇشى، زۇلۇمغا ئىچىدىن ئېچىنىشى، ئۇنى ئەخلاقىي جەھەتتىن «ياخشى» ئىنسان قىلالايدۇ؛ ئەمما بۇنىڭ ئۆزى يامانلىقنىڭ ئالدىدا توسالغۇ بولالمايدۇ. تارىخ بىزگە، يامانلىق يامانلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس، ياخشىلارنىڭ سۈكۈتى بىلەن كېڭىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئاكتىپ ياخشىلىق دېگىنىمىز، كۆرگەن ناھەقچىلىك ئالدىدا بەدەل تۆلەشكە تەييار تۇرىدىغان، قارشىلىقىنى يوقىرى ئاۋازدا ئىپادىلەيدىغان، تەشكىللىنىدىغان، گۇۋاھلىق بېرىدىغان، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ئىنسان دېگەنلىكتۇر. بۇ خىل ئىنسانلار بىلىمىدىن نەپ بېرىدۇ، بېسىمغا ئەمەلىي ھىرىكىتى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىق تورلىرىنى بەرپا قىلىپ، ياخشى ئادەملىكىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. ئۆزگىلەر قىلسۇندىن بەكرەك مەن قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلايدۇ. ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى باشقىلارغا پوزىتسىيەسى ۋە قارىشىغا ئەمەس ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىغا ئاساسەن ئېلىپ ماڭىدۇ.
پاسسىپ ياخشىلىق بولسا، ۋىجدانى جەھەتتىن يامانلىققا قارشى تۇرىدىغان، ئەمما بۇ قارشى تۇرۇشنى ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرمايدىغان كىشىدۇر. «مەن ئەسلى يامان ئادەم ئەمەس»، «شارائىت يوق»، «قولۇمدىن ھېچنېمە كەلمەيدۇ»، «سۆزلەش خەتەرلىك»، «سىياسەتتىن يىراق تۇرۇش كېرەك» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. بۇنداق پاسسىپلىق شەخسىي جەھەتتىن ئۆزىگە گۇناھسىزلىق تۇيغۇسى بەرسىمۇ ئەمەلىي نەتىجە بەرمەيدۇ. يامانلىقنىڭ كۈچىيىش ۋە كۆپىيىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، بېسىم كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قېلىپ زالىمغا قارشى تۇرۇش نۆلگە چۈشىدۇ. ھانناھ ئارېنتد (Hannah Arendt) نىڭ «يامانلىقنىڭ ئادەتتىكى ئۇقۇمى»مۇ دەل مۇشۇ يەردە چۈشەندۈرگۈچى رول ئوينايدۇ. ئەمما بۇ ئۇقۇمنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتتا خاتا چۈشەندۈرۈلىدىغان بىر تەرىپى بار. (Arendt) نىڭ تەكىتلىگىنى پەقەت بۇيرۇققا بويسۇنىدىغان بىيۇروكراتلارنىڭ ئويلىماستىن يامانلىق قىلىشىلا ئەمەس؛ بەلكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى «ئادەتتىكى»، «ياخشى» كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا سۈكۈت قىلىپ، شارائىتقا ئېگە بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئىدى. يامانلىق پەقەت يامانلارنىڭلا ئەسىرى ئەمەس، بەلكى پاسسىپ ياخشىلارنىڭ ھەرىكەتسىزلىكىنىڭمۇ نەتىجىسىدۇر. ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا بۇ ئەھۋالنىڭ ناھايىتى كونكرېت تەسىرلىرى بار:
پاسسىپ ياخشى زۇلۇمنى «بىلىدۇ»، ئەمما ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزمەيدۇ؛ نەتىجىدە زۇلۇم ئۇنىڭ بىلىش دائىرىسىدا قېلىپ باشقىلارغا يەتكۈزۈلمەيدۇ.
پاسسىپ ياخشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئەمما تەشكىللىك ھەمكارلىققا قاتناشمايدۇ؛ نەتىجىدە جەمئىيەت ھەرىكىتى زۆرۈر بولغان «ھالقىلىق»، «كۆلەملىك» سەۋىيەگە يېتەلمەيدۇ.
پاسسىپ ياخشى «بۆلۈنمەيلى»، «تالاش-تارتىش قىلمايلى» دەيدۇ ۋە ئىچكى تەنقىدنى باستۇرىدۇ؛ نەتىجىدە ھەرىكەتنىڭ ئۆز خاتالىقلىرىنى تۈزىتىش ئىمكانىيىتى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسانلا سىرتقى كۈچنىڭ كونترول قىلىشىغا ۋە يۆتكەپ باشقۇرۇشقا ئۇچرايدۇ.
پاسسىپ ياخشى شەخسىي بىخەتەرلىكنى كوللېكتىپ بىخەتەرلىكتىن ئەلا بىلىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئىنسانىي نۇقتىدىن چۈشىنىشكە بولسىمۇ، بۇ ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ.
بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە ئەخلاقىي ھۆكۈم چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك بىر بايقاشتۇر. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تونۇلۇشى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ياخشى» ئادەملەرنىڭ سانى بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ ياخشىلارنىڭ قانچىلىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. يامانلىق سان جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى تەلەپ قىلمايدۇ؛ ئۇنىڭغا پەقەت پاسسىپ ياخشىلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىلا يېتەرلىك.
خۇلاسىلىگەندە، پاسسىپ ياخشىلىق ئەخلاقىي مەغلۇبىيەت ئەمەس، ئەمما ئىستراتېگىيەلىك چوڭ بىر بوشلۇقتۇر. بۇ بوشلۇق تولدۇرۇلمىغۇچە، ئۇ يامانلارنىڭ ئەڭ بىخەتەر ھەرىكەت مەيدانى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.
دىن: تەسەللىمۇ ياكى مەسئۇلىيەتمۇ؟
ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى پاسسىپلىقنىڭ يىلتىزىنى ئىزدىگەندە مۇنداق بىر قاراش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: بۇ سۈكۈتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، دىئاسپورانىڭ مۇھىم بىر قىسمىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان مەلۇم بىر دىنىي تەپەككۇر شەكلىدۇر. بۇ يەردە مەسىلە دىننىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قانداق چۈشەندۈرۈلۈشى، قايسى ئۇقۇملارنىڭ ئاساسلىق ئورۇنغا چىقىرىلىپ، قايسى ئۇقۇملاردىن چەتنەپ ئۆتكەنلىكىدۇر. بۇ خىل ئوقۇش ۋە چۈشۈنۈش ئۇسۇلى كۆپىنچە قوبۇل قىلىنغاندەك، دىننىڭ مۇقەررەرلىكىدىنمۇ، «ماھىيىتى»دىنمۇ كېلىپ چىققان نەتىجە ئەمەس. بىز بۇ بۆلەكتە دىنىي ئۇقۇملارنى تەبلىغ قىلىش مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان تەھلىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىمىز.
دىن پسىخولوگىيەسىدىكى كلاسسىك تەتقىقاتلار بۇ مەسىلىنى چۈشىنىشنى پايدىلىق مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالپورت ۋە روس (Allport ve Ross)نىڭ (1967، 432) ئوتتۇرىغا قويغان ئىچكى دىندارلىق ۋە تاشقى دىندارلىق ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا؛ دىندارلىقنى ئۆزى بىر مەقسەت دەپ قارايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇنى شەخسىي خاتىرجەملىك ياكى بىخەتەرلىككە ئوخشاش مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كىشىلەر، ئوخشاش بىر دىنغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، جەمئىيەتتىكى پوزىتسىيەسىدە روشەن پەرقلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال دىئاسپورادىكى دىنىي ھاياتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا كۆرۈلىدىغان بىر ئەندىزە بىلەن ماس كېلىدۇ: ئاللاھ تەسەۋۋۇرىنىڭ پەقەت شەخسىي ئېھتىياجلارنى قاندۇرىدىغان، شەخسىي نىجاتلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بىر رامكىغا كىرگۈزۈش، دىننى جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭىدىن بەكرەك شەخسىي تەسەللى قورالىغا ئايلاندۇرۇپ قويالايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، دىن ئىنساننى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان كۈچ ئەمەس، بەلكى ئۇنى ھازىرقى ۋەزىيەت بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان بىر رولنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.
ئىنسان قۇرئان ئايەتلىرىدە ئاللاھنىڭ روھىدىن پۈۋلەنگەن بىر مەۋجۇدات سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. بۇنى ئاللاھ ئىنسانغا ئەركىن ئىرادە، ۋىجدان، ئاڭ، ئەقىل ۋە ئىدراك ئاتا قىلغان دېگەن شەكىلدە چۈشىنىشكە بولىدۇ. دىن بۇ قابىلىيەتلەر قانچە كۆپ ئىشقا ئاشۇرۇلسا، ئىلاھىي ياردەمنىڭمۇ شۇنچە كۆپ نامايان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھەم پاسسىپلىقنى ئەمەس، دەل ئەكسىچە ئاكتىپ ھەرىكەتچانلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بىر تەپسىرگە ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بىر ئۇسۇل نۇقتىسىدىن ئەسكەرتىش زۆرۈر: دىننىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە بولغان تەسىرى ئوخشاش بىر خىل ئەمەس ۋە مۇتلەق بەلگىلەنگەن ئەمەس. ئوخشاش بىر دىنىي تېكىست، ئوخشىمىغان تەپسىر قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ھەم ئىچىگە بېكىنىدىغان، ھەم جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىدىغان چۈشەنچىلەرگە ئايلاندۇرۇلۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھەقىقىي مەسىلە «دىن پاسسىپلاشتۇرامدۇ ياكى ئاكتىپلاشتۇرامدۇ؟» ئەمەس؛ بەلكى قانداق بىر تارىخىي-ئىجتىمائىي شارائىتتا قايسى خىل تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇ ئۈستۈنلۈكنىڭ قانداق بىر سىياسىي شارائىتتا، قايسى ئورگاننىڭ ۋە پسىخولوگىيەلىك ئىددىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدۇر.
بۇ نۇقتىدا، دىنىي تەبلىغنىڭ بەزى ۋاقىتتا مەلۇم بىر نۇقتىدا تارىيىپ قېلىش ئەھۋالىمۇ بىر تەھلىل ئوبيېكتى بولالايدۇ. بەزى ئىسلام ئالىملىرى، ھەقىقەتكە قارىتىلغان ئەڭ نازۇك بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئۇنى بىۋاسىتە ئىنكار قىلىش ئەمەس، بەلكى پارچىلاپ، پەقەت بىرلا تەرەپكە قارىتىپ قويۇش دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، پارچىلانغان ھەقىقەت ئۆزىنىڭ پۈتۈنلۈكىنىمۇ، كۈچىنىمۇ يوقىتىدۇ. بۇ «ئازايتىپ ۋە تارايتىپ چۈشەندۈرۈش» ئۇقۇمى ھەققىدە، كېيىنكى بۆلەكلەردە يەنە توختىلىپ ئۆتىمىز. تەقدىرنىڭ مەجبۇرىيەتچىلىككە، تەۋەككۈلنىڭ پاسسىپلىققا، تەقۋالىقنىڭ شەخسىي ئېھتىياتقا، سالىھ ئەمەلنىڭ پەقەت شەخسىي ئىبادەتكىلا قىسقارتىلىشى-بىرلا نەزەرىيەۋى رامكىدا چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان ئاساسلىق ئۇقۇمدۇر. بۇ ئەھۋللارنىڭ ھەممىسى دىننىڭ پۈتۈنلۈك قۇرۇلمىسىدىن ئايرىلىپ، پەقەت بىرلا ئۆلچەمگە سىقىشىپ قالغانلىقىنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىنىشىدۇر.
بۇ تارىيىشنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى تەۋەككۈل ۋە تەقدىر ئۇقۇملىرىدا كۆرۈلىدۇ. تەۋەككۈل، سۆز يىلتىزى جەھەتتىن «ئاللاھنى ۋەكىل قىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ يەنى زۆرۈر تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، نەتىجىنى ئاللاھتىن كۈتۈش دېمەكتۇر. كلاسسىك كالام ۋە تەسەۋۋۇپ ئېقىمى بۇ نۇقتىدا ئورتاق قاراشقا ئىگە: تەۋەككۈل سەۋەبلەرگە رىئايە قىلماستىن كۈتۈپ ئولتۇرۇش ئەمەس، بەلكى سەۋەبلەرگە رىئايە قىلغاندىن كېيىن ئاللاھقا ئىشەنچ باغلاشتۇر. ئەمما بۇ نازۇك پەرق كۆپ ۋاقىتلاردا خەلق ئارىسىدىكى دىندارلىقتا يوقاپ كېتىدۇ؛ تەۋەككۈل «ئاللاھ نېمە پۈتكەن بولسا شۇ بولىدۇ» دەيدىغان بىر خىل تەسلىمچىلىككە، تەقدىر بولسا ئىرادىنى چەتكە قاقىدىغان مەجبۇرىيەتچىلىك (fatalism) قارىشىغا تارايتىلىدۇ. بۇنداق چۈشەنچىلەر قۇرئان كۆرسەتكەن مەسئۇلىيەت، ئەركىن ئىرادىلىك ئىنسان تەسەۋۋۇرىنى پاسسىپ تەقدىرچىلىككە ئۆزگەرتىپ قويىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش ئاساسسىز ئەمەس؛ تارىختا ھاكىمىيەتلەر خەلقنى مۇشۇنداق تەقدىرچىلىك روھىيىتى بىلەن تەربىيەلەپ، ئىتائەتنى مۇستەھكەملىگەن. ئەمما قۇرئاننىڭ ئۆزى بۇ مەسىلىدە باشقىچە بىر تەڭپۇڭلۇقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «نەجىم» سۈرىسىنىڭ 39-ئايىتى ئىنساننىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنىلا ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلسا، «تۆۋبە 105» ئايىتى مۆئمىنلەرنى ئىش-ھەرىكەتكە چاقىرىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى بىر تەرەپلىمە چۈشۈنۈۋېلىپ، «ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ» دېگەن جۈملىگىلا يىغىنچاقلاپ قويىدۇ. نەتىجىدە داۋاملىق، «ئۇنداقتا مەن ھېچ ئىش قىلمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن خاتا خۇلاسىنى چىقىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
مۇشۇنداق تۇراقلىق دۇنيا قارىشىنى مۇھەممەد ئىقبال (Muhammed İkbal 1877-1938)مۇ باشقا بىر جۇغراپىيەدە تۇرۇپ تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كەينىگە چېكىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، تەقدىرنى مەجبۇرىي يېزىلغان قىسمەت دەپ چۈشىنىدىغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ھاياتتىن ئايرىۋالىدىغان تۇراقلىق دۇنيا قارىشى ئىدى. بۇ قاراش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ جەمئىيەت ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلغان. ئىقبال «ئۆزلۈك» (hudi) نىڭ تەسەۋۋۇپنىڭ بەزى تەپسىرلىرىدىكىدەك يوقىلىپ كېتىشى كېرەك دېگەن قاراشقا قارشى چىقىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزلۈك ئەمەل ۋە ئىجادچانلىق ئارقىلىق غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ئاللاھ بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان ئاكتىپ بىر سۇبيېكت بولۇشى كېرەك (ئىقبال، 1930-2013، s 184). مۇنداق پەرقلەندۈرۈش بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ ئەھۋالىدا ئالاھىدە مۇھىم: كىملىك سۈپىتىدە ساقلانغان ئىمان ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتا، «بىز كىم؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىدۇ. بۇ تەبىئىي ۋە زۆرۈر فۇنكسىيە، بولۇپمۇ ئاسسىمىلياتسىيە بېسىمى ئاستىدا قالغان جەمئىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەمما پاسسىپ ياخشىلار بولسا؛ «بىز توغرا يولدا، قالغانلىرى ئاللاھقا باغلىق» دېگەن تەسەللىگە تايىنىدۇ.
بۇ مەسىلىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلاھىيەتلىك ئاساسىنى، پراففېىسور، دوكتور مەھمەت گۆرمەزنىڭ «قۇرئاندىكى ئۈچ ئەھدى (ۋەدە)» (Kur’an’da Üç Misak) ناملىق لېكسىيەسىدە كۆرگىلى بولىدۇ. مەھمەت گۆرمەزنىڭ قارىشىچە ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچ ئاساسىي ئەھدى ئۈستىگە قۇرۇلغان:
1-ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئەھدىسى «سۈرە ئەئىراف: 172-ئايەت»تە بايان قىلىنغان،
ئىنساننىڭ يارىتىلىشتىن ئىلگىرى رەببىگە «ھەئە، گۇۋاھلىق بېرىمىز» دەپ بەرگەن تەۋھىد ئەھدىسى.
2-ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدى؛ كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادالەت، ئامانەتكە ۋاپادارلىق، راستچىللىق ۋە ھەق-ھوقۇققا ئەمەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھدىسى.
3-ئىنسان بىلەن كائىنات ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدى؛ ئىنساننىڭ يەر يۈزىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئامانەتچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان، زېمىننى ئاۋات قىلىشقا بۇيرۇيدىغان «سۈرە ھۇد: 61-ئايەت» ۋە بۇزغۇنچىلىقنى چەكلەيدىغان ئەھدىسى «سۈرە ئەئىراف: 56-ئايەت»، «سۈرە بەقەرە: 11-ئايەت».
بۇ ئۈچ ئەھدىنىڭ ئورتاق نۇقتىسى، ئىنساننى پەقەت «بىلىدىغان ۋە ئىشىنىدىغان» مەۋجۇدات ئەمەس، بەلكى ئامانەت ئېڭىغا ئىگە بىر سۇبيېكت سۈپىتىدە چۈشەندۈرىدۇ.
ئامانەت ئېڭى، ئۆزىنىڭ تەبىئىتى بويىچە، پاسسىپلىقنى ئەمەس، بەلكى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زۆرۈر بولغاندا قوغدىنىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئاكتىپ پوزىتسىيەنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ بىر قىسمىدا، بۇ ئۈچ ئەھدىنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىيىپ، ياكى ئاجىزلاپ كەتكەندەك بىر دىنىي چۈشەنچىگە ئىشارەت قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ: ئاللاھ بىلەن بولغان ئەھدى پەقەت شەخسىي ئىبادەتكە قىسقارتىلغان، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدى تار دائىرىدىكى شەخسىي ئەخلاق بىلەن چەكلەنگەن. ئىنسان بىلەن كائىنات ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدى بولسا، بولۇپمۇ سۈرگۈندىكى بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن بولغان، ئىشلەپچىقىرىش، تەشكىلات قۇرۇش ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ساھەلىرىدە يېتەرلىك دەرىجىدە نامايان بولالمىغان.
بۇ تارىيىش ئەھۋالى تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل ئۇقۇملىرىدىمۇ تەكرارلىنىدۇ. كۈندىلىك تىلدا تەقۋا كۆپىنچە ئىبادەتنىڭ كۆپلۈكى بىلەن تەڭ مەنىدە ئىشلىتىلسىمۇ، قۇرئان ئايەتلىرىدە دائىم ئادالەت، مەسئۇلىيەت، ئامانەتكە ۋاپادارلىق ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن، «سۈرە مائىدە: 8-ئايەت» ئادالەتتە تەقۋاغا ئەڭ يېقىن بولۇشنى بۇيرۇيدۇ. بۇ ئىددىيەدىن يانداپ ئۆتۈپ كەتكەندە، تەقۋالىق شەخسنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنىلا قوغداشقا يۈزلەنگەن پاسسىپ بىر پوزىتسىيەگە ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. سالىھ ئەمەل ئۇقۇمىمۇ ئوخشاشلا تارىيىشقا ئۇچرايدۇ. ئەگەر ئۇ پەقەت شەخسىي ئىبادەتلەرگىلا قىسقارتىلسا، ئۇنداقتا بىلىم ئېلىش، پەن-تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش، تەشكىلات قۇرۇش ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشقا ئوخشاش ئەمەلىي ھەرىكەتلەر دىنىي قىممەت دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ خىل تارىيىشقا قارشى، ھازىرقى زامان ئىسلام تەپەككۇرىدا كۈچلۈك بىر قارشى يۆنىلىش مەيدانغا كەلدى. فەزلۇر راھمان Fazlur Rahman) 1919-1988)نىڭ قارىشىچە، قۇرئان يەتتىنچى ئەسىردىكى ئەرەبىستاننىڭ كونكرېت ئەخلاقىي ۋە جەمئىيەتتىكى مەسىلىلىرىگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، ئادالەت ۋە ئىقتىسادىي باراۋەرلىكنى مەركەز قىلغان بىر كىتابتۇر؛ بەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س. ئە. ۋ)نىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىدىكى دەسلەپكى مۇھىم ئەمەلىي نىشانلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتە ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولغان (فەزلۇر راھمان 1980). مۇھەممەد ئابدۇھMuhammed Abduh) 1849-1905) بولسا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئىسلاھات تەپەككۇرىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى دىننىڭ ماھىيىتىدىن ئەمەس، بەلكى دىننىڭ ئەقىل ۋە ئىجتىھادتىن ئايرىلىپ، تەقلىدچىلىككە تايانغان، تۇراقلىق بىر شەكىلدە قوللىنىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئېغىش دەپ چۈشەندۈرگەن. ھەمدە دىندارلىقنىڭ پاسسىپ تەسلىمچىلىككە ئەمەس، بەلكى ئاكتىپ مەسئۇلىيەتكە تايىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن[1] سالىھ ئەمەل ئۇقۇمىنى «ئىجاتچان» بىر رامكا ئىچىدە قايتا چۈشەندۈرۈش، مەسىلەن؛ بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتۇش، بىر ئادىل دەۋانى ئىزچىل قوغداش، بىر ئاممىۋى تەشكىلاتى قۇرۇش قاتارلىقلارنىمۇ سالىھ ئەمەل دەپ قارايدۇ. ئاكادېمىيەلىك ۋە سىياسىي ئىجاتچانلىقنىمۇ بىۋاسىتە دىنىي مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. بۇ يالغۇز بىر شەخسنىڭ پىكرى ئەمەس، بەلكى راھمان (Rahman) ۋە ئابدۇھ (Abduh) نىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇچراپ تۇرىدىغان، ھازىرقى زامان ئىسلام تەپەككۇرىدىمۇ تەكرار-تەكرار تەكىتلىنىدىغان بىر ئاساسلىق تېمىدۇر.
ئىماننىڭ ئۆزىمۇ ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ تۇراقلىق بولماستىن، كالام ئىلمىدىكى كلاسسىك مۇنازىرىلەرنىڭ بىرى، ئىماننىڭ كۈچىيىدىغان-ئاجىزلايدىغانلىق مەسىلىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئىماننى پەقەت قەلبنىڭ تەستىقىدىن ئىبارەت دەپ قارىغان بەزى ماتۇرىدى ئالىملىرى، ئىماننىڭ ماھىيىتى جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، كۆپ سانلىق كالام ئېقىملىرى ئىماننىڭ ئىبادەت ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن كۈچىيىدىغانلىقىنى، گۇناھ ۋە سەل قاراش بىلەن كېمىيىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان [2]ھەتتا «ئىمان تۇراقلىق» دېگەن ئەڭ قاتتىق قاراشنى قوغدايدىغان كالامچىلارمۇ، قۇرئاندىكى ئىماننىڭ كۈچيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەرگە دۇچ كېلىشكە مەجبۇر بولغان.[3] بۇ، ئىماننى ھەرىكەتچان ۋە جانلىق ھالەت سۈپىتىدە چۈشىنىشتە چەتتە قالغان بىر قاراش بولماستىن، بەلكى كالام ئەنئەنىسىنىڭ ئۆزىدىكى مەركىزىي مۇنازىرىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «سەئىد نۇرسى»نىڭ «رىسالەئى نۇر» ناملىق ئەسىرىدە ئىماننى «ھايات، نۇر، قۇۋۋەت» ئۇقۇملىرى بىلەن باغلىشىمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە چۈشەندۈرۈلسە بولىدۇ. سەئىد نۇرسى ئىخلاس پرىنسىپىنى جەمئىيەتلىك ھەرىكەتنىڭ ئايرىلماس شەرتى دەپ قاراپ، ئېتىقاد بىرلىكىنىڭ جەمئىيەت بىرلىكىنى زۆرۈر قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.[4] بەزى دىئاسپورا ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن «ئىمان» دېگەن سۆز كۈچلۈك ھېسسىي ئىنكاس قوزغايدۇ (مەسىلەن، ئۆزىنى قوغداشقا ئۆتۈش، سەزگۈرلىشىش ياكى ھاياجان بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلىدە). ئەمما بۇ ئىماننىڭ ئەمەلىي ھاياتتىكى ئىپادىسى-يەنى زۇلۇمغا قارشى سىستېمىلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋە ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈتۈلگەندەك كۈچلۈك بولمايدۇ.
بۇ يەردىكى ئەڭ دىققەت تارتىدىغان نۇقتا بولسا باشقا بىر جايدا. قۇرئاندا مۆئمىن بولۇشنىڭ شەرتلىرى بىرلا ئايەتتە ئەمەس، بەلكى تەكرارلىنىدىغان بىر ئەندىزە ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. «سۈرە بەقەرە: 62-ئايەت»، «سۈرە مائىدە 69-ئايەت» بۇ ئايەتلەر ئاساسەن ئوخشاش ئىبارىلەر بىلەن ئۈچ ئامىلنى بىرلىكتە تىلغا ئالىدۇ: ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە سالىھ ئەمەل قىلىش. بۇ فورمۇلا بويىچە، نىجاتلىقنىڭ ئۆلچىمى پەقەت ئېتىقاد بايانىدىلا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانغان شەكلىدىدۇر. بىر مۆئمىننىڭ «ئىشىنىدۇ، ئەمما ھېچ ئىش قىلمايدۇ» دېگەن تەسەۋۋۇرى، بۇ ئايەتلەرنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى ئىچىدە تولۇق بولمىغان بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان مۆئمىن بولۇشنى بىۋاسىتە كونكرېت ياخشىلىق قىلىشقا باغلىغان ئىكەن، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ زور بىر قىسمى پاسسىپ ھالەتتە قالىدۇ، ھەتتا ئۆز مىللىتى ئۈچۈنمۇ ئەمەلىي بىر ئىش قىلمايدۇ؟ بۇ يەردە ئۈچ خىل ئېھتىمال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بىرىنچىسى، بۇ ئۈچ ئامىلدىن تەركىب تاپقان فورمۇلانىڭ تاللاپ چۈشەندۈرۈلۈشىدۇر. چۈنكى، دىئاسپورادىكى دىنىي ئەمەلىيەت كۆپىنچە ئالدىنقى ئىككى ئامىلغا—ئىمان ۋە ئاخىرەت ئېڭىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۈچىنچى ئامىل بولغان «سالىھ ئەمەل»نى تار دائىرىدىكى شەخسىي ئىبادەت بىلەنلا چەكلەپ قويغان.
ئىككىنچىسى، «ئىنسانىيەت» بىلەن «ئۆز مىللىتى» ئوتتۇرىسىدىكى پەرق. بىر كىشى يىراق ۋە ئابستراكت بولغان «ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق قىلىش» ئىدىيەسىنى نەزەرىيە جەھەتتىن قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۆز جەمئىيىتىنىڭ كونكرېت مەسىلىسى ئالدىدا—دەل مۇشۇ يېقىنلىق ۋە كونكرېتلىق سەۋەبىدىن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئىرادىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. ھالبۇكى، كلاسسىك ئىسلام تەپەككۇرىدا ياخشىلىقنىڭ دائىرىسى باشتا ئىچىدىن سىرتقا قاراپ كېڭىيىدۇ: ئاۋۋال ئەڭ يېقىنلىرىدىن باشلىنىدۇ، ئاندىن مىللىتىدىن، ئاندىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قاراپ كېڭىيىدۇ.
ئۈچىنچى ئامىل، بەلكىم ئەڭ مۇھىمى، بۇنىڭ توغرىلىقىنى بىلىش بىلەن ئۇنى ئەمەلىيەتتە ياشاش ئارىسىدىكى پەرق. ئەسلىدە ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىغان، يادلىغان ۋە تەپسىرىنى تىڭشىغان. ئەمما، ھەقىقىي مەسىلە، بىلىنگەن ھەقىقەتنىڭ ھەرىكەتكە ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تاشقى ئامىللاردۇر: تەھدىت تۇيغۇسى، تەشكىلات-ئورگان بوشلۇقى ۋە كۆنۈپ قالغان-ئۆگىنىلگەن ئامالسىزلىق.
ئەڭ كۆپ تار مەنىدە چۈشەندۈرۈلگەن ئۇقۇم بەلكىم، «ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن
توسۇش» (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر) پرىنسىپىدۇر. «ئال ئىمراننىڭ بىر ئايىتى»دە مۆئمىنلەر ئارىسىدىن ياخشىلىققا چاقىرىدىغان، ياخشىلىقنى ئەمر قىلىپ، يامانلىقتىن توسۇدىغان بىر جەمئىيەتنىڭ بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ «سۈرە ئال ئىمران: 104-ئايەت». بۇ ئايەت ئاساسلىق تەپسىرلەردە پەقەت شەخسىي ئەخلاقىي نەسىھەتلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئادالەتنى قوغدايدىغان بىر نازارەت مېخانىزمى سۈپىتىدىمۇ چۈشەندۈرۈلىدۇ. «سەھىھ مۇسلىم»دا رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، بىر يامانلىقنى كۆرگەندە ئاۋۋال قول بىلەن توسۇش، ئەگەر ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە تىل بىلەن توسۇش، ئۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە ھېچ بولمىغاندا قەلبىدە قارشى تۇرۇش كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز دەرىجىسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھەدىس كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پەقەت شەخسىي گۇناھلارغا (ھاراق، قىمار قاتارلىقلارغا) قوللىنىلىدىغان تار بىر رامكا دائىرىسىدە چەكلىنىپ قالىدۇ. ئەمما بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھەدىسنى؛ ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ زۇلۇم، ناھەقچىلىك ۋە سىستېمىلاشقان ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىمۇ بار دەپ چۈشەندۈرگەن. بىر خەلق زۇلۇم ئاستىدا تۇرغاندا، بۇ پرىنسىپنىڭ تەبىئىي داۋامى؛ گۇۋاھلىق بېرىش، تەشكىللىنىش، خەلقئارا ئورگانلار ئالدىدا ھەق تەلەپ قىلىش، ھەقىقەتنى ھۆججەتلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداشتۇر. يەنى «ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش»نىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. تارايتىپ چۈشەندۈرىدىغان دىنىي قاراشنىڭ تەسىرى دەل مۇشۇ يەردە ئەڭ روشەن كۆرۈنىدۇ: ئەگەر بۇ پرىنسىپ پەقەت «شەخسىي ئەخلاققا نەسىھەت قىلىش» بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدىغان بولسا، ئۇنداقتا كوللېكتىپ ئادالەت كۈرىشى دىنىي مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى «سىياسەت»، ھەتتا بەزىدە دىنغا يات بىر ساھە دەپ قارىلىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئازايتىپ، تارايتىپ چۈشەندۈرىدىغان دىنىي قاراشنىڭ تەسىرى دەل كوللېكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدىغان مۇسۇلمانلاغا زەربە بېرىشكە ياكى ئۇلارنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئىشلەيدۇ.
بۇخىل روھىي قاتماللىقنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر تەسىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلىشىش ساھەسىدە كۆرۈلىدۇ. ئۈنۈملۈك بىر دىئاسپورا ھەرىكىتى، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغان ئورگانلارغا، ئىزچىل مەبلەغ توپلاش مېخانىزملىرىغا، قانۇنىي قوغداش ئىقتىدارىغا، ئاخبارات، ئىستراتېگىيە ۋە ئەۋلادلار ئارا داۋاملىشىشقا تايىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى، پرىنسىپ جەھەتتىن تەۋەككۈلنىڭ كلاسسىك تەرغىبى (سەۋەبلەرگە تولۇق رىئايە قىلىپ، نەتىجىنى ئاللاھدىن كۈتۈش) بىلەن مۇكەممەل ماسلىشىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتكە كەڭ تارقالغان پاسسىپ تەۋەككۈل چۈشەنچىسى بىلەن زىت كېلىدۇ. ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ بىر قىسمىدا دىن، شەخسىي مەنىۋىيەت ۋە جامائەت ئىچىدىكى ئۆزئارا ياردەمگە (بۇلارمۇ ئەلۋەتتە قىممەتلىك) يۈزلەنگەن ۋاقىتتا، جامائەت ساھەسىدىكى ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش، ئورگان بەرپا قىلىش ۋە سىياسىي لوبىيچىلىققا ئوخشاش ساھەلەر «دۇنياۋى» ياكى «بىكارغا» دەپ قارىلىشى مۇمكىن؛ چۈنكى «نەتىجە ئاللىبۇرۇن ئاللاھنىڭ قولىدا». بۇ قاراشنىڭ ئەركىن ۋە پائال ئۆزلۈك چۈشەنچىسىگىمۇ، فازۇل راھماننىڭ ئادالەت مەركەزلىك قۇرئان چۈشەنچىسىگىمۇ، ئابدۇھنىڭ ئاكتىپ ئىسلاھات پىروگراممىسىغىمۇ، مەھمەت گۆرمەزنىڭ ئۈچ ئەھدى نەزەرىيەسىگىمۇ ماس كەلمەيدۇ. ھەممىدىن مۇھمى ھاياتىنى زۇلۇمغا، ئادالەتسىزلىككە ۋە زالىمغا قارشى ئاتىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىد چاقىرىقىغا ماس كەلمەيدۇ.
بۇ يەردە بىر نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەك: بۇ كۆزىتىش پۈتكۈل دىئاسپورا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىر قىسمى ئۈچۈنلا مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئىچىدە دىنىي ئىلھام بىلەن كۈچ تاپىدىغان، ئادالەت تەلىپىنى ئىماننىڭ تەقەززاسى دەپ قارايدىغان ئاكتىپ كىشىلەرمۇ بار. ئەمما پاسسىپ ئىددىيە ئېقىمىدىكىلەر بولسا، كەڭ تارقالغان يۈزلىنىش سۈپىتىدە دىننى شەخسىي-ئىبادەتكە مەركىزلەشتۇرۇپ، خەلقنىڭ كوللېكتىپ ھەرىكەتكە قاتنىشىش ئىرادىسىنى ئاجىزلىتىپ قويىدىغان بىر روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويماقتا.
ئەلۋەتتە، بۇ ئىلاھىيەتچىلىك قاتلىمىنىڭ يالغۇز ئۆزىلا يېتەرلىك چۈشەندۈرۈش بولالمايدۇ. مەلۇم بىر تەپسىر ئەنئەنىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە كەڭ تارقالغانلىقىنى، ئۇنىڭ قايسى تارىخىي ۋە پسىخولوگىيەلىك زېمىندا يىلتىز تارتقانلىقىنى چۈشىنىش لازىم. كېيىنكى بۆلەكتە بۇ دىنىي ئەندىزىنىڭ كۆندۈرۈلگەن ئاجىزلىق ۋە ئىچكى جەھەتتىن قانداق بولۇپ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش مېخانىزمى بىلەن چىرمىشىپ كەتكەنلىكىگە قاراپ چىقىمىز.
زېھىن ئىچىدىكى كۆزەتكۈچى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. ئەمما، شۇنداق تۇرۇغلۇق كەڭ خەلقىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ كوللىكتىپ ھەرىكەت، تەشكىللىنىش ۋە ئاممىۋى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە كۈتۈلگەن دەرىجىدە قاتناشمايدىغانلىقى دائىم تىلغا ئېلىنماقتا. بۇ ئەھۋال كۆپىنچە شەخسلەرنىڭ ئىككىلىنىشى، رەھبەرلىكنىڭ كەمچىللىكى ياكى ئورگاننىڭ يېتەرسىزلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن چۈشەندۈرۈلمەكتە.
ئەمما جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دىئاسپورالارنىڭ سىياسىي ھەرىكىتى پەقەت نۆۋەتتىكى شارائىتلارنىڭلا مەھسۇلىلا ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلەر، كوللېكتىپ خاتىرىلەر، پىسخىكىلىق جەريانلار ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئورتاق تەسىرى بىلەن شەكىللىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىستېمىلىق زۇلۇم ۋە نازارەت ئاستىدا ياشىغان جەمئىيەتلەردە، پاسسىپلىق شەخسىي تاللاشتىن بەكرەك، تارىخىي جەھەتتىن كۆندۈرۈلگەن ۋە ئىجتىمائىيلىشىپ كەتكەن بىر ھەرىكەت شەكلىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى پاسسىپلىقنى چۈشىنىش ئۈچۈن، پەقەت مەۋجۇت تەشكىلىي قۇرۇلمىلارنىلا تەكشۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس؛ بەلكى بۇ پاسسىپلىقنى شەكىللەندۈرگەن پسىخولوگىيەلىك ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق مېخانىزىملىرىنى تەھلىل قىلىشمۇ مۇھىم.
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۆگىنىلگەن ئامالسىزلىق (Learned Helplessness) نەزەرىيەسى، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى پاسسىپلىقنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئەڭ كۈچلۈك نەزەرىيەۋى رامكىلارنىڭ بىرىدۇر. مارتىن سېلىگمەن (Martin E. Seligman) ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، شەخسلەر ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزلىرى كونترول قىلالمايدىغان سەلبىي ۋەقەلەرگە دۇچ كەلگەندە، كېيىن شارائىت ئۆزگەرگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئىزچىل مەغلۇبىيەت ياكى جازالىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەر، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈرەش قىلىشنى توختىتىپ، پاسسىپلىقنى بىر ياشاش ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا، شەخسنىڭ ھەقىقەتەن كۈچسىز بولۇشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۈچسىز دېگەن ئۇقۇمغا ئىشەندۈرۈپ قويغانلىقىدۇر. شۇڭا ئۆگىنىلگەن ئامالسىزلىق پەقەت پسىخولوگىيەلىك ئەھۋال ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتتە ھەرىكەتنى بەلگىلەيدىغان بىلىش (cognitive) مېخانىزىمىدۇر.
بۇ نەزەرىيەنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈش كۈچى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى، كەڭ كۆلەمدىكى رەقەملىك نازارەت سىستېمىلىرى، خالىغانچە قولغا ئېلىشلار، مەدەنىيەت ۋە مىللەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراش، پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى ۋە كوللېكتىپ جازالاش سىياسەتلىرى، كىشىلەرنىڭ ئاشكارا جامائەت مەيدانىدا كۆرۈنۈشى ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەن كۈچلۈك بىر ئىجتىمائىي خاتىرە شەكىللەندۈردى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۈكۈت قىلىش پەقەت بىر تاللاشلا ئەمەس، بەلكى ھايات قېلىشنىڭ بىردىن بىر يولىغا ئايلاندى. كىشىلەر ئۆز قارىشىنى ئاشكارا ئىپادىلىسە، ياكى ھەر قانداق بىر تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشسا ئۆزى ياكى ئائىلىسى ئۈچۈن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا باشتىن كەچۈردى. نەتىجىدە كۆپ قىسىم كىشىلەر شۇنچە ئېغىر بېسىملارغىمۇ سۈكۈت قىلىدىغان، قىلغان بۇ سۈكۈتىنى خەۋپتىن ساقلىنىشنىڭ نورمال ھەرىكەت شەكلى دەپ قارايدىغان بولدى.
مۇھاجىرەتتىن كېيىن فىزىكىلىق مۇھىت ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، بۇ پسىخولوگىيەلىك مېخانىزم يوقاپ كەتمەيدۇ. تۈركىيە، ياۋروپا ياكى شىمالىي ئامېرىكاغا ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار قانۇن جەھەتتىن پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئەمما ئۇلار شۇنچە ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئۆتمۈشتىكى كەچۈرمىشلەر شەكىللەندۈرگەن قورقۇنچ ۋە ئىشەنچسىزلىك سەۋەبىدىن بۇ ھوقۇقلارنى ئىشلىتىشتە قىينىلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، شەخسنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇنىي مۇھىتنى ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشتە شەكىللەندۈرگەن ھەرىكەت قېلىپلىرىنى ئۆلچەم قىلغانلىقىدۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، فىزىكىلىق جەھەتتىن بېسىم مۇھىتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن بېسىم مەدەنىيىتى داۋاملىشىشى مۇمكىن. شۇڭا دىئاسپورا ئىچىدە: «سۆزلىسەم خىتاي ئائىلەمگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن»، «بەلكىم مېنىمۇ نازارەت قىلىۋاتقاندۇ»، «قانداقلا بولمىسۇن ھېچ نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ»، ياكى «ئەڭ ياخشىسى سۈكۈت قىلىش» دېگەندەك قاراشلار ناھايىتى كەڭ ئۇچرايدۇ. بۇ ئىبارىلەرنى پەقەت شەخسىي قورقۇنچلا دەپ قاراشقا بولمايدۇ؛ ئۇلارنى ئۆگىنىلگەن ئامالسىزلىقنىڭ «بىلىش» (cognitive) جەھەتتىكى ئىپادىلىرى دەپمۇ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.
ئۆگىنىلگەن ئامالسىزلىق پەقەت شەخسلەرنىڭ نامايىشلارغا قاتنىشىشىنىلا توسۇپ قالمايدۇ؛ بەلكى تەشكىللىنىش، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، ئىختىيارىي خىزمەت ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتارلىق نۇرغۇن ھەرىكەتلەرگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بىر كىشى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ، دەپ ئىشەنسە، ئەڭ باشتىلا ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن ۋاز كېچىدۇ. بۇ ئەھۋال دىئاسپورا ئىچىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان، سانى چەكلىك كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى تېخىمۇ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئېلىشىغا، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بولسا پەقەت يىراقتىن قوللايدىغان پاسسىپ ئورۇندا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ پسىخولوگىيەلىك قاتلامدا باشلانغان پاسسىپلىق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جەمئىيەت خاراكتېرلىك بىر ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ.
چېگرادىن ھالقىغان سايە
فوكولتنىڭ (1995، 200-202) «تۈرمىنىڭ تۇغۇلۇشى» ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پانوپتىكون (panoptikon)تەھلىلى؛ دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋى ھاكىمىيەتلىرى ئۇرۇپ-قىيناش، تەن جازالىرىغا تايىنىش بىلەن بىرگە، كىشىلەرنى چۈشكۈنلۈككە ئۇچراپ، سۈكۈت قىلىشقا كۈندۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكۆزۈپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بېنتھام (Bentham) لايىھەلەپ چىققان پانوپتىكون، مەھبۇس تۈرمىدە نازارەتچىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنى كۆزىتىۋاتقان-كۆزەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. دەل مۇشۇ ئېنىقسىزلىق مەھبۇسنى دائىم كۆزىتىلىۋاتقاندەك ھەرىكەت قىلىشقا، يەنى سىرتقى نازارەت مېخانىزىمى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. دېمەك، ئونلىغان يىللار داۋاملاشقان مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا سىستېمىلىق نازارەتكە ئۇچرىغان بىر جەمئىيەتتە، دائىم كۆزىتىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىشنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىرتقى تەھدىتتىن ئىچكى ئادەتكە ئايلىنىشى تەبىئىي بىر ھادىسىدۇر. مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا ياشىغان كىشى ئەمەلىيەتتە كۆزىتىلمىگەن ۋاقىتتىمۇ، بۇرۇنلا ئۆز ئېڭىدە شەكىللەنگەن مەڭگۈلۈك ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئادىتى ئوخشاشلا داۋاملىشىدۇ.
بۇنداق ئۆگىتىلگەن، ئۆزىنى ئۆزى قونترول قىلىش ئېڭى باشقا ئەركىن دۆلەتلەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىنمۇ يوقاپ كەتمەيدۇ؛ چۈنكى پانوپتىك ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى، سىرتقى نازارەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئەمەس، بەلكى شەخسنىڭ زېھنىدە پەيدا قىلغان، داۋاملىق ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش سىستېمىسىدۇر. بۇ سىستېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشى ھەرقانداق دۆلەتتە ياشىسىمۇ ئوخشاشلا زېھنىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
ئەمما ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئۈچۈن ھەقىقىي ھەل قىلغۇچ ئامىل، بۇ ئىچكىلەشتۈرۈلگەن ئادەتتىنمۇ ھالقىپ، ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ۋە ناھايىتى كونكرېت بولغان بىر مېخانىزم؛ چېگرادىن ھالقىغان باستۇرۇشتۇر (transnational repression). بۇ ئۇقۇم، خىتايدەك مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ ئۆز چېگراسىدىن چىقىپ كەتكەن پۇقرالىرىنىمۇ نازارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋە جازالاش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.[5] نىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇستەبىت تۈزۈملەر پۇقرالىرىنىڭ كۆچۈشىنى پۈتۈنلەي توسۇشنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىجىل ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، چېگرادىن ھالقىغان ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن باشقا ئىستراتېگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە رەقەملىك نازارەت، پاراكەندىچىلىك، ساياھەت چەكلىمىسى ۋە-بىزنىڭ تېمىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋاكالەتچى ئارقىلىق جازالاش (proxy punishment) بار. (Moss)، (Michaelsen) ۋە (Kennedy)نىڭ 2022-يىلى سۈرىيە، ئىران، مىسىر ۋە لىۋىيەدىكى پائالىيەتچىلەر بىلەن 246 قېتىم ئېلىپ بارغان سۆھبەتكە ئاساسلانغان تەتقىقاتى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ دىئاسپورا پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى، ھەتتا پائالىيەتچى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ بەش خىل ئۇسۇل بىلەن نىشانغا ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار: فىزىكىلىق (بىۋاسىتە ئۇرۇپ-قىيناش، تەن جازاسى) ئارقىلىق زىيان يەتكۈزۈش، تەھدىت سېلىش، يالغان تەشۋىقاتقا مەجبۇرلاش، بايلىق ۋە مەنبەلەردىن مەھرۇم قىلىش، شۇنداقلا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىقلار. دېمەك، دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ ئۆزى بىخەتەر بولسىمۇ، ۋەتىنىدە قالغان ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى بىر خىل بېسىم قورالىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
بۇ مېخانىزىمنىڭ كۆلىمى پەقەت نەزەرىيە ئەمەس. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى (CECC) غا سۇنۇلغان بىر گۇۋاھلىق دوكلاتىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمى بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچرىغان ياكى ئائىلىسىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ بۇ نىسبەت تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەشتىن تۆتكە يېتىدۇ (Abbas, 2024). بۇ سانلار، «ئائىلىنى قوغداش ئەندىشىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر ئىنكاستۇر» دېگەن قاراشنى پەقەت بىر پەرەز بولۇشتىن چىقىرىپ، ئەمەلىي دەلىللەرگە تايانغان بىر قاراشقا ئايلاندۇرىدۇ. مۇساپىر ((Musapir ۋە ستېنبېرگ(Steenberg) نىڭ (2026، 347-بەت) يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلدىن ئىلگىرى سۈكۈت ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا تارقالغان. خىتاينىڭ ئائىلىلەرگىچە قارىتىلغان تەھدىتلىرى كىشىلەرنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان ئەڭ كۈچلۈك بېسىم قورالى بولغان. ئەمما ئوخشاش تەتقىقات يەنە بىر قىزىقارلىق بۇرۇلۇشنىمۇ كۆرسىتىدۇ: 2017-يىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىنىڭ تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قېلىشى، تەبىئىي ھالدا بۇ كونترول مېخانىزىمىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مىڭلىغان دىئاسپورا ئەزالىرىنىڭ ئاشكارا سۆزلەشكە باشلىشىغا سەۋەب بولغان[6] بۇ ئەھۋال چېگرادىن ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ تۇراقلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر مېخانىزم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بايلېر (Byler) نىڭ تېررور كاپىتالىزىمى (Terror Capitalism) (2021) ناملىق ئەسىرى بولسا، خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىستېمىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى تېخنىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى، شۇنداقلا دىئاسپورادىكى قورقۇنچنىڭ ئارقىسىدىكى كونكرېت تەھدىت سېلىش كۈچىنىڭ كۆلىمىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
بۇ يەردە مۇھىم بىر پەرقنى ئايرىش زۆرۈر. ۋەتىنىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار؛ مەن سىياسىيغا ئارىلاشسام خىتاي ئائىلەمگە زىيان يەتكۆزىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشە بىلەن كەينىگە چېكىنىدۇ. بۇنداق كەينىگە چېكىنىش كۆپىنچە «پاسسىپلىق» دەپ ئاتىلىدۇ. قارىماققا ئۇ ئۆگىنىلگەن ئامالسىزلىقتىن كېلىپ چىققان سۈكۈت بىلەن ئوخشاش كۆرۈنسىمۇ ئۇلارنىڭ مەنتىقى ئوخشىمايدۇ. ئۆگىنىلگەن ئامالسىزلىق؛ شەخسنىڭ، مېنىڭ سىياسىيغا ئارلىشىشىم ھېچقانداق نەتىجە ياراتمايدۇ، دېگەن چۈشەنچىگە كۆنۈپ قېلىش ئەھۋالى ئومۇملاشقان.
بۇ ئەھۋالغان يەنە خاتىرجەم قىلىش (securitization) نەزەرىيەسىنىمۇ قوشۇش كېرەك. بۇزان (Buzan)، ۋېۋېر (Wæver) (25، 1998-بەت) نىڭ قارىشىچە، بىر مەسىلىنىڭ «بىخەتەرلىك مەسىلىسى» گە ئايلىنىشى ئوبيېكتىپ بىر رېئاللىق ئەمەس، بەلكى بايان ئارقىلىق قۇرۇلىدىغان بىر جەريان. يەنى بىر ئاكتىيور مەلۇم بىر بايان ئارقىلىق بىر مەسىلىنى «مەۋجۇتلۇققا تەھدىت» دەپ تەسۋىرلىسە، بۇ تەسۋىر جامائەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا، بۇ ئەھۋالدا: مۇستەبىتلەر ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەرنى قوللانسىمۇ قانۇنىي ھەم ئەخلاقىي جەھەتتىن ئاقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ۋە مىللىي كىملىكنى «ئاشقۇنلۇق» ۋە «تېررورلۇق» بايانى بىلەن سىستېمىلىق باغلىشى دەل مۇشۇ مېخانىزم ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. ساقال قويۇش، رومال ئارتىش، دائىم ناماز ئوقۇشقا ئوخشاش ئادەتتىكى دىنىي ئىبادەتلەرمۇ، خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن «يوشۇرۇن تەھدىتنىڭ ئىپادىسى» دەپ كۆرسىتىلگەن. نەتىجىدە، بۇ ئەھۋال ۋەتەن ئىچىدىكى كىشىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغىمۇ قوشۇمچە بىر بېسىم بولغان. شۇنىڭ بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە مەدىنىي كىملىكىنى ئاشكارىلاشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋاللار چەتئەلدە ياشاۋاتقان شۇنچە ئۇيغۇرنىڭ نېمە ئۈچۈن سىياسىيغا ئارىلاشمىغانلىقىنى، ھەتتا سىياسىيغا ياتىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقى، بەزىدە ھەتتا ئادەتتىكى دىنىي ئىپادىلەردىنمۇ ئۆزىنى تارتىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. م
بىر يەرگە جەم بولالماسلىقنىڭ بەدىلى
ئەمدى مۇنداق بىر ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى: بىر كىشى مۇشۇنداق تۈرلۈك قورقۇنچلارغا قارىماي، ئاخىرى سۆز قىلىشقا قارار قىلدى، دەيلى. ئەمما ئۇنىڭ يالغۇز ئۆزىنىڭ قىلغان بۇ ئىشى قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولالايدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى پەقەت شۇ كىشىنىڭ جاسارىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ مەنسۇپ بولغان جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىدا يوشۇرۇنغان.
بۈگۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تارقالغان ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئىچىدە، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈشنى خالايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئەمما بۇ شەخسىي ئىرادە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كوللېكتىپ كۈچكە ئايلىنالماي قالىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، دىئاسپورا ئىچىدە يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ۋە ئىزچىل داۋاملىشالايدىغان ئىجتىمائىي تورلارنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىدۇر . «ئىجتىمائىي كاپىتال» نەزەرىيەسى بولسا دەل مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ: كىشىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئىشەنچ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۆزئارا جاۋابكارلىق ۋە مەسئۇلىيەت ئۆلچەملىرى كۈچلۈك بولغاندا، ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئاسانلىشىدۇ؛ ئەگەر بۇلار ئاجىز بولسا كىشىلەر يالغۇز قالىدۇ.
ئۇيغۇر دىئاسپوراسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە دەل مۇشۇدۇر. گەرچە ئۇلار ئوخشاش ئازابنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە تارقالغانلىقى، ئوخشىمىغان قانۇن سىستېمىلىرى ئىچىدە ياشايدىغانلىقى، ئوخشىمىغان تىللارنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىۋاتقانلىقى ۋە يېڭى ھايات قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئامىللار ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا. بىر دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرغان ھەمكارلىق تورى كۆپىنچە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇناسىۋەت ئورىتالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يەرلىك دائىرىدە كۈچلۈك ھەمكارلىق تورى شەكىللەنگەن تەقدىردىمۇ، بۇلار خەلقئارالىق تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان بىر دىئاسپورا ھەرىكىتىگە ئايلىنالمايدۇ.
كولېمەن ( Coleman) نىڭ 1988-يىلى تەكىتلىگەن، ئىشەنچكە ئاساسلانغان يېپىق ئىجتىمائىي تورلار
مەسىلىسىمۇ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا يىللار بويى داۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك نازارەت، جاسۇسلۇق تۈزۈمى ۋە دۆلەت كونتروللۇقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشەنچسىزلىك مىراسىنى قالدۇرغان. گەرچە چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىن جىسمانىي بېسىم زور دەرىجىدە تۈگىگەن بولسىمۇ، بۇ روھىي مىراس داۋام قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تونۇمايدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىدۇ، يېڭى تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارغا قاتنىشىشتىن ئىككىلىنىدۇ ياكى مەن سىياسىيغا ئارىلاشسام ئائىلەمگە زىيان يېتىدۇ دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتاي تەرىپىدىن بۇرۇنلا مىڭڭىسىگە ئورنىتىۋېتىلگەن بېسىم، ئۇ كىشى دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق شەكىللەندۈرۈپ تۇرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، دىئاسپورادىكى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ رېئاللىقىنىمۇ كۆزدە تۇتۇش لازىم. يېڭى بىر دۆلەتتە ئىش تېپىش، ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئېرىشىش، بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئولتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئائىت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كۆپلىگەن ئائىلىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال شەخسىي نۇقتىدىن قارىغاندا چۈشىنىشكە بولىدىغان ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە مىللىي دەۋاغا ئاجرىتىلىدىغان ۋاقىت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولىدۇ. نەتىجىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەمما ئاكتىپ كۈرەشكە قاتنىشىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقتى ياكى ئىمكانىيىتى بولمايدۇ.
يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، ئورگانلىشىشنىڭ يېتەرسىزلىكىدۇر. دىئاسپورادا ئىنتايىن قىممەتلىك نۇرغۇن شەخسىي تەشەببۇسلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ زور بىر قىسمى مەلۇم شەخسلەرگە باغلىنىپ قالغان. بىر پائالىيەتچى، ئالىم ياكى جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىر رەھبەر ھەر قانداق سەۋەب بىلەن چېكىنگەن ھامان، ئۇنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمۇ كۆپىنچە توختاپ قالىدۇ. بىلىم، تەجرىبە ۋە مۇناسىۋەتلەر ئورگانلارغا ۋارىسلىق قىلمىغاچقا، ھەر بىر يېڭى تەشەببۇس خۇددى باشتىن باشلاشقا مەجبۇر بولغاندەك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېھتىياجى پەقەت تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ شەخسلەرگە ئىگە بولۇشلا ئەمەس، بەلكى بۇ شەخسلەرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرىدىغان، يېڭى رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرىدىغان ۋە پائالىيەتلەرنى شەخسلەرگە بېقىندى بولۇشتىن ساقلايدىغان مۇستەھكەم ئورگان قۇرۇلمىلىرىنى بەرپا قىلىشتۇر. شۇڭا، مەسىلە پەقەت قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغانلىقىدا ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغان كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئىشەنچ باغلىيالىشى، ئورتاق ھەرىكەت قىلالىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقىنى ئۇزاق مۇددەتلىك كوللېكتىپ كۈچكە ئايلاندۇرالايدىغان ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ شەكىللەنگەن-شەكىللەنمىگەنلىكىدۇر. پۇتنام ۋە كولېمەننىڭ نەزەرىيەلىرىمۇ دەل مۇشۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ: كۈچلۈك ئىجتىمائىي كاپىتال بولمىسا، شەخسىي جاسارەت ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىشتا قىينىلىدۇ. بۈگۈن ئۇيغۇر دىئاسپوراسى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە، شەخسلەرنىڭ جاسارىتىنىڭ ئاجىزلىقىدىن سىرت، شۇ جاسارەتنى ئىزچىل داۋاملىشىدىغان، كوللېكتىپ ئىقتىدارغا ئايلاندۇرالايدىغان ئىشەنچ، تەشكىللىنىش ۋە ئورگانلىشىشنىڭ يېتەرسىزلىكىدۇر.
كۆرۈنمەس باشقا قاتلاملار
ھازىرغىچە تىلغا ئېلىنغان تۆت ئاساسلىق ئامىلدىن باشقا، يەنە بىر قانچە تولۇقلىغۇچى ئامىلنى قىسقىچە بولسىمۇ قوشۇپ قاراش مۇھىم. بۇ ئامىللارنىڭ ھېچقايسىسى يالغۇز ئۆزىلا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەر بىرى باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، قايتا-قايتا مەغلۇپ بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەجرىبىسى بەزى ئەۋلادلاردا «بىز نېمىش قىلساق بەرىبىر» دېگەن قاراشنى مۇستەھكەملىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ قاراش، «ئۆگىنىلگەن چارىسىزلىق» نەزەرىيەسىنىڭ كوللېكتىپ سەۋىيەدىكى بىر ئىپادىسىدۇر. بىر جەمئىيەت ئۆز تارىخىدىكى مەغلۇبىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ روھىي بېسىمىنى كوللېكتىپ خاتىرە ئارقىلىق بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرمىگەن كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ يەتكۈزەلەيدۇ.
مەدەنىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھوقۇق ئىگىلىرىگە ئاشكارا قارشىلىق بىلدۈرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئۆلچەملەر، سىياسىي پىكىرنى ئاشكارا ئىپادىلەشنى بەزى ۋاقىتلاردا «بېشىغا بالا تېپىۋېلىش» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بىراق بۇنداق ئۆلچەملەرمۇ ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس؛ ئۇلارمۇ دىنىي چۈشەنچىلەرگە ئوخشاش، مەلۇم تارىخىي شارائىتلاردا شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلار بولۇپ، شارائىت ئۆزگەرگەندە قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈلۈشى مۇمكىن.
ئىقتىسادىي جەھەتتىن، تۇرمۇش غېمى ۋە ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە ئەمەس، بەلكى شەخسىي ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا سەرپ قىلدۇرىدۇ. تىل ئۆگىنىش، كەسپىي گۇۋاھنامىلەرنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ئىش تېپىش قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەر ھەل بولمىغۇچە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاجرىتالايدىغان ۋاقىت كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قىسقىرايدۇ.
مائارىپ جەھەتتىن بولسا، دەرسلىك ۋە مائارىپ سىستېمىسىدا تەنقىدىي تەپەككۇر ۋە ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىدارلىرىغا يېتەرلىك ئورۇن بېرىلمىسە، جەمئىيەتنىڭ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئىپادىلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى باشقىلارنىڭ كونتروللىقىدا. شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەر ۋاقىت ئۆز تەقدىرىنىڭ باش رولچىسى ئەمەس، بەلكى ئوبيېكتى بولۇپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بىر جەمئىيەت ئۆز تەقدىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتالمىسا، ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان سىياسىي كۈچىنىمۇ يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
بىر ھالقا، بەش قاتلام
سىياسىي قاتلام: ئەگەر يۇقىرىدىكى ئېنىقلاشلارنى بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دەۋرىي سىستېما سۈپىتىدە چۈشەنسەك، پۈتۈن ئەھۋال تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ. بۇ مودېلنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا باشتىن كەچۈرۈلگەن سىستېمىلىق نازارەت ۋە خالىغانچە جازالاش تەجرىبىسىدۇر.
پىسخولوگىيەلىك قاتلام : بۇ تەجرىبە، فوكولت (Foucault) بايان قىلغاندەك، شەخسنىڭ مىڭڭىسىگە سىڭدۈرۈلگەن تاشقى نازارەت مېخانىزمىنى ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئىچكىلىشىش ياكى سىڭدۈرۈۋېلىش، پسىخولوگىيە جەھەتتە «ئۆگىنىلگەن چارىسىزلىق» شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ؛ يەنى كىشى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجە پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىدۇ.
جەمئىيەتشۇناسلىق قاتلىمى: ئۆزىنىڭ كۈچىگە بولغان ئىشەنچسىزلىك، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تورلارغا ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. چۈنكى بىر ئىجتىمائىي تور بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، شۇ تورنىڭ ئەمەلىي نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئۆز كۈچىگە ئىشىنەلمىگەندە، ئىجتىمائىي كاپىتال ئاستا-ئاستا ئاجىزلايدۇ، ئىشەنچ تورى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، سىستېمىلىق ئورگانلىشىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
دۆلەت ھالقىغان قاتلام: خىتاينىڭ چېگرا ئاتلاپ، چەتئەللەرگىچە سوزۇلغان قولى بېسىم پەيدا قىلىپ، چەتئەللەردىكى پاسسىپ كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئاكتىپ ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئويۇنىنى بوزۇشتا ئاساسلىق رول ئوينىسىمۇ يېتەرسىز قالىدۇ. نەتىجىدە خىتاينىڭ باستۇرۇش مېخانىزملىرى تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بۇ پاسسىپ سىستېمىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى قايتىدىن ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇڭا ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بۇ خىل تەكرارلىنىشنى بوزىدىغان ئاساسلىق كۈچ بولسىمۇ، يالغۇز ئۆزى يېتەرلىك ئەمەس.
بۇ تەكرارلىنىش ئەھۋالىدىن چىقىدىغان ئەڭ مۇھىم خۇلاسە شۇكى، پاسسىپلىقنى پەقەت بىرلا نۇقتىدىن، مەسىلەن، پەقەت «قورقۇنچ» ياكى پەقەت «خاتا چۈشىنىلگەن دىن»نى نىشان قىلىش ئارقىلىقلا تۈگەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ سىستېما بىر-بىرىنى تولۇقلاپ تۇرىدىغان كۆپ قاتلاملىق پاسسىپ مېخانىزملىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ تۇرىدۇ.
ئەمما دەل مۇشۇ تەكرارلىنىش بىزگە ئۈمىدۋارلىقنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى بۇ ھالقىلارنىڭ خالىغان بىرىگە قارىتىلغان ھەرقانداق خىلدىكى ئىجابىي ئارىلىشىش، باشقا ھالقىلارغىمۇ ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەسىلەن، كوللېكتىپ ھەرىكەت ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ. مەسىلەن، بىر دەۋانىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى بىر ئورگاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇلۇشى — پەقەت پسىخولوگىيەلىك قاتلامنىلا كۈچەيتىپ قالماستىن، شۇ مۇۋەپپەقىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىجتىمائىي كاپىتالنىمۇ كۈچەيتىدۇ. كۈچەيگەن ئىجتىمائىي كاپىتال بولسا، كېيىنكى كوللېكتىپ ھەرىكەتلەرنىڭمۇ «بىز قىلالايمىز» دېگەن ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ ئاساسلىق سوئالى مۇنداق ئىدى: دۇنيا مىقياسىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر دىئاسپوراسى مەۋجۇت تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى بۇنچىلىك ئاز، ئەكسىچە پاسسىپ ھالەتتە قالغانلارنىڭ نىسبىتى بۇنچىلىك يۇقىرى؟ يۇقىرىدا تەھلىل قىلىنغان بەش قاتلاملىق مودېلغا ئاساسلانغاندا، بۇ سوئالغا بېرىلىدىغان قىسقىچە جاۋاب؛ پاسسىپلىق يالغۇز بىرلا سەۋەبنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا بىر-بىرىنى كۈچەيتىدىغان قاتلاملىق جەرياننىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيەتلەردە داۋاملىق قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىپ ياشاشقا كۆندۈرۈلگەن خەلقنىڭ ئېڭىدا، ئۆگىنىلگەن ئامالسىزلىق، داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ ياشاش ۋە داۋاملىق ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدە مۇقىملىشىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پاسسىپ ھەرىكەتلىرى خەتىرى ئەڭ ئاز بولغان دىنىي تەبلىغلەر بىلەن قانۇنلاشتۇرۇلۇپ ئاقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي كۈچنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك بىرلىك ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇيغۇرلار بىر گەۋدىگە ئايلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى شەخسىي ئاكتىپلار ۋە ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى كوللېكتىپ كۈچكە ئايلىنالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىكتاتۇر ھاكىمىيەتلەر تەكرارلىنىۋاتقان بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ھەممە دۆلەتلەردە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش مېخانىزمىنى خاتىرجەم ئىشقا سالالايدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، ئاكتىپ ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي كاپىتالنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ كۈچىمۇ ئۆزلۈكسىز تولۇقلىنىپ كۈچىيىش باسقۇچىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.
بۇ تەھلىلدىن چىقىدىغان ئەڭ مۇھىم خۇلاسە، ماقالىنىڭ بېشىدىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىردە ئەكس ئېتىدۇ: ئۆگىنىلگەن ھەرقانداق نەرسىنى، نەزەرىيە جەھەتتىن قايتىدىن ئۆگىنىشكە بولىدۇ. باندۇرانىڭ ئۆز-ئۈنۈمدارلىق (Self-efficacy) نەزەرىيەسى ۋە سېلىگماننىڭ «ئۆگىنىلگەن چارىسىزلىق» مودېلىنىڭ تامامەن ئەكسىگە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئىقبالنىڭ ھەرىكەتچان «مەنلىك» پەلسەپىسى دىنىي سۇبيېكتنىڭ پاسسىپ ئەمەس، بەلكى ئاكتىپ ۋە ئىجادكار بىر مەۋجۇدات سۈپىتىدە قايتىدىن چۈشەندۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مۇنداق يېڭىچە چۈشەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىمۇ ناھايىتى زور. چۈنكى، مەلۇم بىر ھەرىكەتنى «خاراكتېر ئاجىزلىقى» دەپ بەلگىلەش، كۆپىنچە ھاللاردا نومۇس تۇيغۇسى ۋە ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما شۇ ھەرىكەتنى «ئۆگىنىلگەن ۋە قۇرۇلمىلىق ئامىللار ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان بىر ھەرىكەت ئەندىزىسى» سۈپىتىدە قاراش، كىشىلەرنى ئۆزىنى ئاقلاش ياكى مۇداپىئەلىنىش پوزىتسىيەسىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزگىرىش جەريانىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىى ئەزالىرىغا ئايلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ.
يەكۈن چىقارساق: ئادەتلەر ئۆگىنىلىدۇ، ئۆگىنىلگەن ھەرقانداق نەرسىنى سىستېمىلىق قۇرۇلغان ئورگانلارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشى ئارقىلىق قايتىدىن ئۆگىنىشكە بولىدۇ. بۇ قايتا ئۆگىنىش جەريانىنىڭ بىرىنچى قەدىمى، مەسىلىنى توغرا تۈرگە ئايرىشتىن باشلىنىدۇ؛ يەنى پاسسىپلىقنى ئۆزگەرمەس تەقدىر دەپ ئەمەس، بەلكى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بىر ئادەت دەپ قاراشتىن باشلىنىدۇ. بەلكىم، بۈگۈن ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئەڭ زور ۋەزىپە، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ سۈكۈت قىلىپ ياشاۋاتقان ئەھۋالىغا بىر ئىسىم قويۇش، ئاندىن بۇ سۈكۈتنىڭ ئۆزگەرمەس تەقدىر ئەمەسلىكىنى، قايتا-قايتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كىچىك، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاشتىن ئىبارەتتۇر.
مەنبەلەر
Abbas, R. (2024). Testimony on transnational repression of the Uyghur diaspora (ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا قارىتىلغان چەگرادىن ھالقىغان باستۇرۇش ھەققىدىكى گۇۋاھلىق). Congressional-Executive Commission on China (CECC).
Abramson, L. Y., Seligman, M. E. P., & Teasdale, J. D. (1978). Learned helplessness in humans: Critique and reformulation (ئىنسانلاردىكى ئۆگىنىلگەن چارىسىزلىق: تەنقىد ۋە قايتا قۇرۇش). Journal of Abnormal Psychology, 87(1), 49-74.
Akkuş, S. (2007). Ebu’l-Muîn en-Nesefî’ye göre mahiyet artma ve azalma yönüyle iman (ئەبۇلمۇئىن نەسەفىگە كۆرە ماھىيەت، كۆپىيىش ۋە ئازىيىش جەھەتلىرىدىن ئىمان). Sakarya Üniversitesi İlahiyat Fakültesi Dergisi, 9(15), 71-88.
Allport, G. W., & Ross, J. M. (1967). Personal religious orientation and prejudice (شەخسىي دىنىي يۆنىلىش ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش). Journal of Personality and Social Psychology, 5(4), 432-443.
Bandura, A. (1986). Social foundations of thought and action: A social cognitive theory (پىكىر ۋە ھەرىكەتنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسلىرى: ئىجتىمائىي بىلىش نەزەرىيەسى). Prentice-Hall.
Bandura, A. (1997). Self-efficacy: The exercise of control (ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ: كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش). W. H. Freeman.
Bandura, A. (2000). Exercise of human agency through collective efficacy (كوللېكتىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئارقىلىق ئىنسانىي ھەرىكەتچانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش). Current Directions in Psychological Science, 9(3), 75-78.
Buzan, B., Wæver, O., & de Wilde, J. (1998). Security: A new framework for analysis (بىخەتەرلىك: تەھلىل ئۈچۈن يېڭى بىر رامكا). Lynne Rienner Publishers.
Byler, D. (2021). Terror capitalism: Uyghur dispossession and masculinity in a Chinese city (تېررور كاپىتالىزمى: جۇڭگودىكى بىر شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكتىن مەھرۇم قىلىنىشى ۋە ئەرلىك ئىدىيەسى). Duke University Press.
Coleman, J. S. (1988). Social capital in the creation of human capital (ئىنسانىي كاپىتالنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئىجتىمائىي كاپىتال). American Journal of Sociology, 94, S95-S120.
Darley, J. M., & Latané, B. (1968). Bystander intervention in emergencies: Diffusion of responsibility (جىددىي ئەھۋاللاردا تاماشىبىنلارنىڭ ئارىلىشىشى: مەسئۇلىيەتنىڭ تارقىلىشى). Journal of Personality and Social Psychology, 8(4), 377-383.
Foucault, M. (1995). Discipline and punish: The birth of the prison (تەربىيەلەش ۋە جازالاش: تۈرمىنىڭ بارلىققا كېلىشى). (A. Sheridan، تەرجىمان). Vintage Books.
(ئەسلى ئەسەر 1975-يىلى نەشر قىلىنغان.)
Gümüşoğlu, H. (2008). İmanın artması-eksilmesi meselesi ve amel ile ilişkisi (ئىماننىڭ كۆپىيىشى-ئازىيىشى مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئەمەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى). Diyanet İlmî Dergi, 44(2), 1-16.
İkbal, M. (2013). The reconstruction of religious thought in Islam (ئىسلامدا دىنىي پىكىرنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى). Stanford University Press.
(ئەسلى ئەسەر 1930-يىلى نەشر قىلىنغان.)
Kur’an-ı Kerim (قۇرئان كەرىم). (2:30، 2:62، 5:69، 6:122).
Moss, D. M., Michaelsen, M., & Kennedy, G. (2022). Going after the family: Transnational repression and the proxy punishment of Middle Eastern diasporas (ئائىلىنى نىشانلاش: چەگرادىن ھالقىغان باستۇرۇش ۋە ئوتتۇرا شەرق دىئاسپورالىرىغا قارىتىلغان ۋاسىتىلىك جازا). Global Networks, 22(4), 631-648.
Musapir, & Steenberg, R. (2026). Where is my family? Contemporary Uyghur activism in the transnational diaspora (مېنىڭ ئائىلەم قەيەردە؟ چەگرادىن ھالقىغان دىئاسپورادىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پائالىيىتى). Critical Asian Studies, 58(2), 347-367.
Noelle-Neumann, E. (1984). The spiral of silence: Public opinion — Our social skin (جىمجىتلىق ئايلانمىسى: جامائەت پىكرى — بىزنىڭ ئىجتىمائىي تېرىمىز). University of Chicago Press.
Putnam, R. D. (1995). Bowling alone: America’s declining social capital (يالغۇز كاۋاپ ئويناش: ئامېرىكىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقان ئىجتىمائىي كاپىتالى). Journal of Democracy, 6(1), 65-78.
Putnam, R. D. (2000). Bowling alone: The collapse and revival of American community (يالغۇز كاۋاپ ئويناش: ئامېرىكا جامائىتىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە قايتا گۈللىنىشى). Simon & Schuster.
Salkovskis, P. M. (1991). The importance of behaviour in the maintenance of anxiety and panic: A cognitive account (ئەندىشە ۋە ۋەھىمە ھالىتىنىڭ داۋاملىشىشىدا ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتى: بىلىش نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن قاراش). Behavioural Psychotherapy, 19(1), 6-19.
Seligman, M. E. P. (1975). Helplessness: On depression, development, and death (چارىسىزلىق: چۈشكۈنلۈك، تەرەققىيات ۋە ئۆلۈم ھەققىدە). W. H. Freeman.
TDV İslâm Ansiklopedisi. (t.y.). Said Nursi (سەئىد نۇرسى). İslam Ansiklopedisi Vakfı.
Tsourapas, G. (2021). Global autocracies: Strategies of transnational repression, legitimation, and co-optation in world politics (يەر شارىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر: دۇنيا سىياسىتىدىكى چەگرادىن ھالقىغان باستۇرۇش، قانۇنلۇقلاشتۇرۇش ۋە ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئىستراتېگىيەلىرى). International Studies Review, 23(3), 616-644.
[1] (TDV İslâm Ansiklopedisi, t.y.-a, «Muhammed Abduh» maddesi).
[2] (Gümüşoğlu, 2008, s. 2).
[3] (Akkuş, 2007, s. 84)
[4] . (TDV İslâm Ansiklopedisi, t.y.-b, «Said Nursi» maddesi).
[5] (Tsourapas). (2021، 620-بەت)
[6] Musapir ve Steenberg, 2026، 347-بەت .