شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپلاش مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان جيۇدىڭ بازىرى. سۈرەت: دىڭ لېي/شىنخۇا/AFP.
خىتاي لوگىستىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا رايونلارغا ئېكسپورت قىلىدىغان بازىغا ئايلاندۇردى. بىراق بېيجىڭنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى سەۋەبىدىن، بىر قىسىم غەرب خېرىدارلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.
ئاپتور: رافائېل بالېنىېرى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2026-يىلى 27-سېنتەبىر، سائەت 09:25
تۈركىستان تايمز تەرجىمىسى
ئەسلى مەنبە: Les Echos
ئاقسۇدىكى «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى»نىڭ كۆلىمى 667 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، يىلىغا 300 مىڭ توننا مېۋە ئەۋەتىدۇ ۋە 1 مىڭ 300 دىن ئارتۇق سودىگەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئۇنى شەھەر ئىچىدىكى بىر شەھەر دېيىشكە بولىدۇ. ئاقسۇ خىتاينىڭ ئەڭ غەربىدىكى، شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان يېرىم مىليون نوپۇسلۇق بىر شەھەر. يەرلىك «رۇنجىس» توپ سېتىش بازىرىغا ئوخشايدىغان، دۆلەت كارخانىسى ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ مەركەز ئەتراپتا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساقلايدۇ، پىششىقلايدۇ ۋە ئاندىن خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا، يېقىن ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئوتتۇرا شەرققە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا رايونلارغا توشۇيدۇ.
كىرىش ئېغىزىغا ئورنىتىلغان، سانلىق مەلۇماتلار دەل ۋاقتىدا كۆرسىتىلىدىغان غايەت زور كۆرسەتكۈچ تاختىسىغا قارىغاندا، سودا خېلى ياخشى كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. مەركەز مەسئۇللىرىدىن ۋاڭ شياۋمىڭ رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندا تەشكىللىگەن، بارلىق خىراجىتىنى «لېزېكو» گېزىتى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان بىر زىيارەت جەريانىدا: «تۆت يىل ئىلگىرى ياڭاق مەھسۇلاتىمىزنىڭ 4 پىرسەنتىنى ئېكسپورت قىلاتتۇق. بۈگۈن بۇ نىسبەت 39 پىرسەنتكە يەتتى»، دېدى. ئۇ يەنە: «ئالمىمىز، بەرەڭگىمىز، پىيازلىرىمىز… يوشۇرۇن ئىمكانىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ھەممىنى ئېكسپورت قىلالايمىز. بۇ يۈزلىنىش داۋاملىشىدۇ»، دېدى.
كۆكتات سودىسىدىكى ئاكتىپ قالدۇق
خىتاي ئەمدى ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل، باتارېيە ۋە شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرىنى ئېكسپورت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايۋاتىدۇ. مىقدار ۋە پۇل قىممىتى جەھەتتە نىسبەتەن كىچىك بولسىمۇ، بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بارغانسېرى كۆپ ئېكسپورت قىلماقتا.
بۇ يېڭى ھادىسە ئەمەس. بىراق يېقىنقى يىللاردىكى ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتى بىلەن خىتاي يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى بىرلىشىپ، ئېكسپورت ئىمكانىيىتىنى نەچچە ھەسسە كېڭەيتتى. خىتاي تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2025-يىلى خىتاينىڭ يېڭى ۋە پىششىقلانغان كۆكتات ئېكسپورتىنىڭ قىممىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 7.2 پىرسەنت ئېشىپ، 19 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان.
خىتاي ئۆتكەن يىلى بۇ ساھەدە 17 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق سودا ئاكتىپ قالدۇقى ياراتقان. تېخىمۇ يۇقىرى قوشۇلما قىممەت يارىتىدىغان پىششىقلانغان ۋە تەييارلانغان كۆكتاتلارنىڭ نىسبىتى تۇنجى قېتىم 45 پىرسەنتتىن ئاشقان. مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەمىدۇرلىرى ئىتالىيەگە ماكارون قىيامى شەكلىدە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
مېۋە ساھەسىدە بولسا، خىتاينىڭ ئىمپورت مىقدارى ئېكسپورتىدىن كۆپ. شۇنداقتىمۇ، خىتاينىڭ مېۋە ئېكسپورتى 5 پىرسەنت ئېشىپ 6 مىليارد دوللاردىن ئاشقان؛ پىششىقلانغان مېۋىلەرنىمۇ قوشقاندا، 8.6 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئۈزۈم ۋە سېترۇس مېۋىلىرىغا ئوخشاش بەزى تۈرلەر ئىككى خانىلىق ئېشىشنى خاتىرىلىگەن.
شەرقىي تۈركىستان بۇ يۈزلىنىشنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. كۆلىمى فرانسىيەنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ، سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان بۇ رايون شاڭخەيدىن ئايروپىلاندا بەش سائەتلىك مۇساپىدە بولۇپ، خىتاينىڭ مۇھىم مېۋىلىك باغ رايونلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئۈزۈمى، قوغۇنى، ياڭىقى ۋە ئانارلىرى پۈتۈن خىتايدا داڭلىق. ئاقسۇ بولسا ئالما شەھىرى بولۇپ، ئالما شەھەرنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ۋە شەھەر كوچا ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممە يېرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلار ۋە پاختا ئېتىزلىرى
خىتاي كۆپ خىل كىلىماتى ۋە كەڭ تېرىلغۇ يەرلىرىدىن پايدىلانماقتا. بۇ ئىككى ئەۋزەللىك ئۇنىڭ ھەر خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دېگۈدەك زور مىقداردا تېرىشىغا ئىمكان يارىتىدۇ. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي، مەھسۇلات ئۈنۈمىنى تېز ئاشۇرغان يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىنمۇ پايدىلانماقتا. ئاقسۇغا يېقىن، پاختا تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىچىك كۇمۇيىلا كەنتىدە ئۇرۇق چېچىشقا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئىشلىتىش ئەمگەكنى ئاسانلاشتۇرغان.
بۇ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئائىلىسى بىلەن بىللە پاختا تېرىيدىغان 36 ياشلىق ئۇيغۇر يۈسۈپ: «ئىلگىرى بىر مو پاختا [خىتاينىڭ 670 كۋادرات مېتىرغا تەڭ ئەنئەنىۋى يەر ئۆلچەم بىرلىكى] تېرىش ئۈچۈن بىر ياكى ئىككى كۈن ئىشلەش كېرەك ئىدى. تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بۇ ئىشنى بەش سائەتتە تاماملايدۇ»، دېدى. ماشىنىلارنىڭ ياردىمىدە مەھسۇلات مىقدارى ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ، ھەر مودىن 400 كىلوگرامغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى تەرەققىياتلار خىتاينىڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن ئېكسپورت قىلىشىغا ئىمكان ياراتقان. بېيجىڭ 2016-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى دائىرىسىدە خىتاي–ياۋروپا تۆمۈريول لىنىيەسىنى يولغا قويغان. «خىتاي تۆمۈريولى» شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ لىنىيە ھازىر خىتايدىكى 129 شەھەرنى ياۋروپادىكى 236 شەھەر بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا ئايرودرومدا ئۆتكەن يىلى يېڭى تېرمىنال ئېچىلغاندىن كېيىن، ئايرودروم كۆلىمى جەھەتتىن لوندون خىتروۋ ئايرودرومىدىن ئېشىپ كەتكەن.
نام–ئابروي مەسىلىسى
بىراق خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بەزى غەرب خېرىدارلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان نام–ئابروي مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. تەخمىنەن ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىۋاتقان شىددەتلىك خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى بەزى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا سېتىۋالغۇچىلىرىنى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان. كانادادىكى سايمون فرايزېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى داررېن بايلېر: «نۇرغۇن شىركەتلەر ئەمدى شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ. بۇ يەرلىك ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسەتتى»، دېدى.
ئاقسۇدا نايك ۋە ئادىداسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ماركىلارغا پاختا يىپى ساتقان بىر توقۇمىچىلىق ماگناتى 2025-يىلى ئامېرىكانىڭ جازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىچكى بازارغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولغان. ۋاشىنگتون بۇ شىركەتنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن؛ بىراق شىركەت بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان.
نامىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زاۋۇتنى بىر گۇرۇپپا مۇخبىرغا ئېچىپ بەرگەن شىركەت ۋەكىلى: «ئىلگىرى ئېكسپورت پائالىيىتىمىزنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئىگىلەيتتى، ھازىر پەقەت 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بىز ئاساسلىقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىمىز. ياۋروپادىن كېلىدىغان زاكازلار ھازىر ئاران 3 پىرسەنتتىن 5 پىرسەنتكىچە»، دېدى. ئەتراپتىكى ماشىنىلار قۇلاقنى گاس قىلىدىغان شاۋقۇن ئىچىدە پاختا يىپى ئېگىرىدۇ؛ يىپ غالتەكلىرى كۈنىگە 30 توننىدىن 50 توننىغىچە ساندۇقلارغا قاچىلىنىدۇ.
ئۇ يەنە: «ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىت ئىلگىرى، Hugo Boss نىڭ ۋەكىللىرى زاۋۇتلىرىمىزنى تەكشۈرۈشكە كەلدى، بىراق ئۇلار قارار چىقارغۇچى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى»، دېدى. «لېزېكو» ئالاقىلاشقاندا، گېرمانىيە گۇرۇھى بۇنى قەتئىي رەت قىلغان.