ئاپتور: تەھرىرات ھەيئىتى
ۋاشىنگتون (2026 يىلى 30 سېنتەبىر)
«تۈركىستان تايمز» تەرجىمىسى
2026 يىلى 1 ئۆكتەبىر، ماۋ زېدۇڭ بېيجىڭدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا 77 يىل تولغان كۈنى، «ھەممەيلەنگە ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شۇ ئاينىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننى قانۇنسىز ھەربىي ئىشغال قىلىشى ۋە مۇستەملىكە قىلىشىنى خاتىرىلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن خىتاي كوممۇنىست كۈچلىرى 1949 يىلى ئۆكتەبىردە شەرقىي تۈركىستانغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى قوراللىق بېسىپ كىرىشنى باشلىغان. 1949 يىلى 22 دېكابىرغا كەلگەندە، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، قانۇنسىز ھالدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېلىنغان. 1949 يىلىدىن 1954 يىلىغىچە بولغان ھەربىي ئىشغالنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن نەچچە يۈز مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقنى ئۆلتۈرگەن.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1933 يىلى ۋە 1944 يىلى قۇرۇلغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن دۆلەتچىلىك تارىخى بار. «يېڭى زېمىن» ياكى «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئاتالغۇسى «شىنجاڭ» 1884 يىلى مانجۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن كېيىن مەجبۇرىي تېڭىلغان بولۇپ، يەرلىك تۈركىي خەلقلەر بۇ نامنى رەت قىلىپ كەلگەن. 1949 يىلىدىكى تاجاۋۇزچىلىقتىن ئىلگىرى، سوۋېت ئىستىخبارات خادىملىرى 1949 يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى ۋە سېنتەبىردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىگە سۇيىقەست قىلىپ، خىتاي ئارمىيەسى كىرىشتىن بۇرۇن يەرلىك ھاكىمىيەتنى ئاجىزلاشتۇرغان. خەلقئارا قانۇن بويىچە، شەرقىي تۈركىستان يەنىلا قانۇنسىز ئىشغال ئاستىدىكى بىر دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېلىنىشى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق توقۇنۇش ھېسابلىنىدۇ.
«ھەممەيلەنگە ئادالەت» تەشكىلاتى «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتىنىڭ گۇرۇپپا مەسئۇلى ئارسلان ھىدايەت مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى 77 يىلدىن بۇيان ھەربىي ئىشغال، دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىك ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. بۈگۈن بېيجىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز يەنىلا جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە سىستېمىلىق يوقىتىشقا دۇچ كەلمەكتە. سۈكۈت ۋە دىپلوماتىك ئىككىلىنىش بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك مۇستەملىكە قىلىش ئارزۇسىنى تېخىمۇ جۈرئەتلەندۈرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت سىمۋوللۇق ئىشارەتلەردىن ھالقىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال ئاستىدىكى بىر دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشقا تىرىشىشى كېرەك».
«ھەممەيلەنگە ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلارغا تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك مۇھىم سىياسەت تەلىپىنى سۇندى:
1. شەرقىي تۈركىستاننى خەلقئارا قانۇن بويىچە قانۇنسىز ئىشغال قىلىنغان بىر دۆلەت دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىش.
2. رەسمىي دىپلوماتىيە ۋە تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئاتالغۇسى «شىنجاڭ»نى رەت قىلىپ، توغرا نام بولغان «شەرقىي تۈركىستان»نى قوللىنىش.
3. خىتاي دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا قارشى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ۋە خەلقئارا ئادالەت سوتىدا قانۇنىي دەۋا باشلاش ۋە ئۇنى قوللاش.
4. مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا ئومۇميۈزلۈك ئىمپورت چەكلىمىسى قويۇش ھەمدە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» (XPCC) ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كارخانا-ئورۇنلارغا جازا يۈرگۈزۈش.
5. چەت ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر پائالىيەتچىلەرنى نىشان قىلغان خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە مەخپىي ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە بىتچىت قىلىش.