شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن تەڭ ساياھەتنىڭ گۈللىنىشى

تەھرىر ھەيئىتى‏ | 2026-يىلى 6-ئۆكتەبىر‏ | ‏تۈركىستان تايمز تەرجىمىسى‏ | ‏مەنبە: Mizane.info

‏كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ كېتىلىشى، دىنىي چەكلىمىلەر ۋە مەدەنىيەتنىڭ يوقىتىلىشىغا دائىر ئەھۋاللارنى داۋاملىق خاتىرىلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي بۇ رايونغا قارىتىلغان زور كۆلەملىك ساياھەت ئىستراتېگىيەسىنىمۇ كېڭەيتمەكتە. 2025-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ساياھەت زىيارىتى 323 مىليون قېتىمغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.‏

‏بىر تەرەپتىن كەمسىتىلىۋاتقان مەدەنىيەت يەنە بىر تەرەپتىن كۆرگەزمە قىلىنىۋاتامدۇ؟ بازارلاردا، تارىخىي مەھەللىلەردە ۋە ساياھەت لىنىيەلىرىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرى ساياھەتچى جەلپ قىلىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. شۇ پەيتتە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ستارباكسنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى قەھۋەخانىلىرىنى ئېچىشى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈرۈمچى چوڭ بازىرىغا جايلىشىشى بۇ زىددىيەتنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.‏

‏بېيجىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ساياھەت گۈللىنىشى‏

‏بۇ ئىككى ئەھۋال ئوتتۇرىسىدىكى پەرق روشەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2025-يىلى ساياھەت زىيارىتى 323.13 مىليون قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %8 ئاشقان. ساياھەت چىقىمى 370.09 مىليارد يۈەنگە، يەنى تەخمىنەن 53 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇ ئىككى سان رايوندا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان. خىتاي دائىرىلىرى 2026-يىلى بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىشنى كۆزلىمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن قىشلىق ساياھەت، مەخسۇس ساياھەت لىنىيەلىرى ۋە دۆلەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئىگە يېڭى ساياھەت نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىشقا مەبلەغ سالماقچى.‏

‏ھۆكۈمەت ساياھەتنى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە رايوندىكى ئوخشىمىغان ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرماقتا. بۇ ئىستراتېگىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەركىزىي ئورۇندا تۇرىدۇ. تائاملار، ئۇسسۇللار، ئەنئەنىۋى كىيىملەر، كونا مەھەللىلەرنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك خىتاي ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە تەشۋىق قىلىنماقتا.‏

‏بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى چوڭقۇر بىر زىددىيەتنى تەنقىد قىلماقتا: مەدەنىيەت ساياھەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مۇستەقىل دىنىي، تىل ۋە ئىجتىمائىي ئىپادىلىرى يەنىلا قاتتىق كونترول قىلىنماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2026-يىلى 27-ئاۋغۇستتىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە ئىش نورمالدەك تەسىرات يارىتىشقا تىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خالىغانچە تۇتۇپ كېتىش، ئاساسسىز تۈرمىگە قاماش، ئومۇميۈزلۈك نازارەت ۋە «مەدەنىيەت بىلەن دىننى يوقىتىش» سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى يازغان.‏

‏چوڭ بازاردىكى ستارباكس: ۋەزىيەتنى نورمال كۆرسىتىشنىڭ سىمۋولى‏

‏دىققەت قوزغايدىغان بىر ئەھۋال شۇكى، ستارباكس سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى ئىككى قەھۋەخانىسىنى ئۈرۈمچىدە ئاچتى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللۇق سورۇنلىرىدىن بولغان چوڭ بازارغا جايلاشقان. ئامېرىكا شىركىتىنىڭ بۇ رايونغا كىرىشى ئامېرىكىدا دەرھال مۇنازىرە قوزغىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون مۇلېنار ستارباكسنىڭ قارارىنى «ئەخلاقىي جەھەتتىن ئاقلىغىلى بولمايدىغان» قارار دەپ ئاتاپ، شىركەتتىن رايوندىكى دۇكانلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.‏

‏«گاردىيان» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يېڭى قەھۋەخانىلاردا يەرلىك ئەنئەنىۋى كىيىملەر ۋە نەقىشلەردىن ئىلھام ئېلىپ لايىھەلەنگەن خاتىرە مەھسۇلاتلار سېتىلىۋاتىدۇ. بۇ رايوندا شۆبە ئېچىشنى تەنقىد قىلغۇچىلار ئۈچۈن بۇنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى ناھايىتى كۈچلۈك: ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى كۆرسىتىلىپ، تاۋارلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، شۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىرى يەنىلا قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا.‏

‏بېيجىڭ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.‏ 

‏«جامائەتچىلىككە كۆرسىتىلگەن نورماللىق ئوبرازى»‏

‏كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ساياھەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ بىر ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. تەشكىلات ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، بۇ باستۇرۇشنىڭ دائىرىلەر «شەرقىي تۈركىستاندا جامائەتچىلىككە نورماللىق ئوبرازىنى كۆرسىتىش»كە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تەشكىلات يەنە 2014-يىلدىن باشلانغان ھەرىكەتنىڭ ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىلىدە تەخمىنەن بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «سىياسىي تەربىيە» لاگېرلىرىدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.‏

‏ساياھەت سانلىق مەلۇماتلىرى بۇ ئوبراز كۈرىشىگە ھازىر يېڭى بىر كۆلەم ئاتا قىلماقتا. بىر قانچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىق قىلىدىغان ئاساسلىق ساياھەت مەنزىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، يىللىق زىيارەت سانى 323 مىليون قېتىمدىن ئاشتى. بېيجىڭ ئۈچۈن بۇ مىليونلىغان ساياھەتچىلەر، يېڭى ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ كىرىشى رايوننىڭ تىنچ ۋە گۈللەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.‏

‏ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار ئۈچۈن بولسا، بۇلار ئەكسىچە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان نورماللاشتۇرۇشنى نامايان قىلىدۇ: مەدەنىيەت ساياھەتچىلەرگە ئىنتايىن گەۋدىلىك كۆرسىتىلىۋاتقان شۇ پەيتتە، ئۇنىڭ ئىگىلىرىنىڭ دىنىي، تىل ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكلىرى داۋاملىق چەكلىنىۋاتىدۇ.‏