گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە ھايات قېلىش كۈرىشى مۇساپىسى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقى‏

‏گۈلباھار خاتىۋاجى لوندوندىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا «خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرىدىن قانداق ھايات چىقتىم» ناملىق ئەسلىمىسىگە ئىمزا قويماقتا. رەسىم: «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتى.‏

‏‏رەسىم مەنبەسى

خىتاي لاگېرىدا ئۆتكۈزگەن يىللىرى ھەققىدە ئەسلىمە يازغان ئۇيغۇر يازغۇچى گۈلباھار خاتىۋاجى لوندوندا سۆز قىلىپ، گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ بەدىلى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ھەققىدە توختالدى.‏

ئاپتور: رۇت ئىنگرام | 2026-يىلى 8-ئۆكتەبىر | تۈركىستان تايمز تەرجىمىسى | زىمىستان‏ تورى

‏گۈلباھار خاتىۋاجى لوندوندىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتى ‎(Stop Uyghur Genocide)‎ ئۆتكۈزگەن پائالىيەتتە ئاڭلىغۇچىلارغا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى ئالداپ، ئېتىقادىمىزدىن ۋاز كەچۈرەلەيمىز دەپ ئويلىدى. بىراق ئۇلار بىزنى قانچە كۆپ زۇلۇمغا ئۇچراتقان بولسا، بىز شۇنچە كۆپ دۇئا قىلدۇق».‏

‏ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئۈچ يىل تارتقان ئازابلىرىنى سالماق، ئەمما كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان بايان بىلەن خاتىرىلىگەن كىتابىنى 2021-يىلى نەشر قىلدۇردى. ئۇ تۇتۇپ تۇرۇلغان لاگېر «روھىنى ئېزىش ۋە ئۇنى جىمجىت يوقىتىۋېتىش» ئۈچۈن لايىھەلەنگەنىدى. كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى شۇ يىللارنىڭ قاراڭغۇ ئەسلىمىلىرىدىن قۇتۇلۇش، ئەڭ مۇھىمى، دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نېمىلەر كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئىدى. ئۇنىڭ «خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرىدىن قانداق ھايات چىقتىم» ‎(How I Survived a Chinese Re-Education Camp)‎ ناملىق كىتابى 14 تىلغا تەرجىمە قىلىندى.‏

‏«زىمىستان» 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ھەممەيلەننى ئەندىشىگە سالغان جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان، ئۇنىڭ يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا گەپلەر تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغانىدى.‏

‏لېكىن ئۇ سۈرگۈندىكى ماكانى پارىژغا قايتىپ كەلگەندىن ئىككى يىل ئۆتكەندىلا، ئاشۇ دەھشەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى خاتىرىلەشنىڭ ئازابىغا چىدىيالايدىغان بولدى. دەسلەپتە ئىككىلىنىپ، ئىسمىنى ئاشكارىلىماي يازدى. بىراق پەقەت ئۆز ئائىلىسىنى قوغداشنىلا ئويلىسا، ئارقىدا قالدۇرۇپ كەلگەن ئاياللارغا ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشتىن باشقا تاللىشى يوق ئىدى.‏

‏شۇنىڭدىن بېرى ئۇ ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن توختاپ قالمىدى. پائالىيەتتىن بۇرۇن «زىمىستان»غا قىلغان سۆزىدە، ھەر قېتىم قايتا بايان قىلىشنىڭ بەدىلى بارلىقىنى ئېيتتى. ھەر قېتىم سۆزلىگىنىدە، خىيالى ئۇنى يەنە شۇ كامېرغا ئېلىپ كىرىدۇ؛ يىللارچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەسۋىرلەش قىيىن بولغان زۇلۇم ۋە مەھرۇملۇق ئۇيقۇسىزلىق ۋە قورقۇنچلۇق چۈشلەر بىلەن قايتىپ كېلىدۇ.‏

‏شۇنداقتىمۇ، جامائەتچىلىك ئالدىدا ئاشۇ ئازابلارنى ھەر قېتىم بايان قىلغىنىدا، ئايلاپ مەنىسىز سىياسىي مېڭە يۇيۇش ۋە سەۋەبسىز قىيناشنى بىللە باشتىن كەچۈرگەن، ئاۋازى بوغۇلغان ۋە «يوقىتىۋېتىلگەن» يۇرتداشلىرىنىڭ نامىدىن سۆزلەۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئەركىنلىككە ئېرىشتى. مىڭلىغان كىشى بولسا يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.‏

‏‏Gulbahar Haitiwaji (left) and Rahima Mahmut celebrating together the joy of her release. Credits: Ruth Ingram.

‏گۈلباھار خاتىۋاجى (سولدا) ۋە رەھىمە مەھمۇت ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ خۇشاللىقىنى بىللە تەبرىكلىمەكتە. رەسىم: رۇت ئىنگرام.‏

‏‏رەسىم مەنبەسى

‏كىتابىنىڭ مەزمۇنى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئۇ ئەقلىدىن ئازاي دېگۈچە سوراق قىلىندى، مېتال ئورۇندۇقلارغا كىشەنلەندى، كۈندۈزنىڭ يورۇقىنى كۆرۈشكە دېگۈدەك يول قويۇلمىدى. ھەر قېتىم چاقىرىلغاندا، بۇنى ئاخىرقى قېتىملىق چاقىرىش دەپ ئويلايتتى. بىر قېتىم ھېچقانداق سەۋەبسىز جازالىنىپ، ئىككى ھەپتە كارىۋىتىغا زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە ئۆلۈش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەنلىكىگە ئىشەنگەنىدى؛ پەقەت قاچان ئۆلىدىغانلىقىلا نامەلۇم ئىدى.‏

‏ئۇلار تاماق ۋاقتىدا سۆزلىگەنلىكى، دۇئا قىلغانلىقى ياكى تاماقنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىناتتى. پۇشتەك چېلىۋاتقان ساقچىلار ئۇلارنى ئۇزاق ۋاقىت مىدىرلىماي ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇرلايتتى. يىقىلىپ قالغانلار مەڭگۈ يوقاپ كېتەتتى. بىر ياشانغان ئايال كۆزىنى قىسقا بىر دەقىقە يۇمۇشقا پېتىنغاندا، ئۇنىڭ ئاجىز بەدىنىگە زەربىلەر ياغدۇرۇلدى.‏

‏كېچىلەر ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز كىرىپ كېلىشىدىن قورقۇش بىلەن ئۆتەتتى. كۈچلۈك چىراغلار ۋە كارىدوردىكى ئاياللارنىڭ رەھىم تىلەۋاتقان ئاۋازلىرى ئۇيقۇنى بۆلەتتى. بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرى سۇسلاشتى. بالىلىرىنىڭ چىرايىمۇ خىيالىدا غۇۋالىشىشقا باشلىدى. خالىغانچە قىلىنغان زۇلۇم، مەھبۇسلارنىڭ يوقاپ كېتىشى، ھاقارەتلەر ۋە شاپىلاقلار ئۇنى ئەمدى ھەيران قالدۇرمايدىغان بولدى.‏

‏توختىماي ئۆزىنى تەنقىد قىلىش، ئىقرار قىلىش ۋە توۋا قىلىش ئۇنىڭ بۇرۇنقى كىملىكىنى قۇرۇقداپ قويغانىدى. ئۆزىنى ھايۋانغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.‏

‏ئۇ كىتابىدا: «بىز ساڭگىلىغان، شەكلى ئۆزگەرگەن گۆش دۆۋىلىرىگە ئوخشاش بىچارە ھالغا كەلگەنىدۇق»، «چىرايىمىز كۆكىرىپ، ئىششىپ كەتكەنىدى» دەپ يازدى. ئۇلارنىڭ كۆز ئەتراپلىرى قارىداپ، چاچلىرى ماشىنا بىلەن قالايمىقان قىرقىۋېتىلگەنىدى.‏

‏ئىككى يىللىق ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەشتىن كېيىن، «ئۆز يولىنىڭ خاتالىقىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىش» ئۈچۈن بېرىلگەن يەتتە يىللىق قاماق جازاسىنىڭ بىر يىلىنى ئۆتكۈزۈش، ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان 54 ياشلىق گۈلباھار خاتىۋاجىنى «ئىچىدىن ئۆلۈپ كەتكەن» ھالغا كەلتۈرگەنىدى.‏

‏ئۇنى خاتالىققا چۈشۈرۈش ۋە گاڭگىرىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن تەكرار سوئاللار بىلەن سائەتلەپ روھىي جەھەتتىن ئوينىدى. ئاخىرى ئۇنى ئويدۇرما تېررورلۇق ۋە دۆلەتكە قارشى سۇيىقەست ئەيىبلەشلىرى ئاستىدا، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىدىغان ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشقا ئالدىدى.‏

‏قويۇپ بېرىلىپ يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەنگلىيەگە قىلغان تۇنجى زىيارىتىدە، ئۇ ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ ‎(BBC)‎ ئۆزبېكچە بۆلۈمىدىكى ئىبرەت سافوغا سۆز قىلدى.‏

‏‏Gulbahar Haitiwaji (left) and Rahima Mahmut. Credits: Ruth Ingram.

‏گۈلباھار خاتىۋاجى (سولدا) ۋە رەھىمە مەھمۇت. رەسىم: رۇت ئىنگرام.‏

‏‏رەسىم مەنبەسى

‏دەسلەپتە نەۋرىلىرىگە پۈتۈن دىققىتىنى بېرىش ئارقىلىق، ئەسلىمىلەرنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشتى. ئۇ: «باشتا ناھايىتى قىيىن بولدى» دېدى. خىتايدىن ئايرىلىۋاتقاندا، ساقچىلار ئۇنىڭ «ئائىلىسى ۋە سىڭلىسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بېشىغا بىرەر يامان ئىش كېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى» ئەسكەرتكەنىدى.‏

‏ئۇ: «شۇنىڭدىن، ئەگەر مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىسەم، ئۇلارغا مەلۇم بىر شەكىلدە زىيان سېلىشتىن ئىككىلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدىم» دېدى.‏

‏بىراق كىتاب شەكىللىنىپ بارغانسېرى، ئۇ بۇ ھېكايىنى سۆزلەش كېرەكلىكىدىن قىلچە گۇمانلانمىدى. كىتاب نەشر قىلىنىشى بىلەنلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى تېررورچى ۋە «ئەخلاقسىز ئايال» دەپ قارىلاپ، يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن كانادادىكى بىر دوستىدىن ئانىسىنىڭ ئۇ يېنىدا بولالمىغان ھالدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، يۈرىكى پارە-پارە بولدى.‏

‏ئۇ ھايات قالغان باشقا كىشىلەرنىڭ نېمىشقا گۇۋاھلىق بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندى. ئىبرەتكە: «خىتايلار خىتاينىڭ سىرتىدا ئۆز ھۆكۈمىتىگە قارشى بولۇۋاتقان ھەممە ئىشنى راستتىنلا تەكشۈرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن باتۇر بولالايدۇ، ئەمما ئائىلىسى ئۈچۈن ئۇنداق بولالمايدۇ» دېدى.‏

‏ئىبرەت خىتاينىڭ مەقسىتىگە يېتىپ-يەتمىگەنلىكىنى سورىدى. گۈلباھار قاردا سىرتتا تۇرغۇزۇلغان، كىشەنلەنگەن، ئىككى ھەپتە كارىۋىتىغا زەنجىر بىلەن باغلانغان ۋە ناھايىتى ئاز ئوزۇق بىلەن بېقىلغانىدى. خىتاي بۇلار ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرىدۇ دەپ ئويلىغان، لېكىن شۇنداق بولغانمۇ؟ ئىبرەت: «قىيناش ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟» دەپ سورىدى.‏

‏گۈلباھار: «خىتاينىڭ مەقسىتى مېڭىمىزنى يۇيۇش، مەدەنىيىتىمىز ۋە تىلىمىزنى يوقىتىش. بىراق مېنىڭچە، بىزنىڭ كىملىكىمىزنى يوقىتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. مېنىڭچە، بېيجىڭ خاتا ھېسابلىدى» دېدى.‏

‏‏The Miras Silk Road Collective celebrating Uyghur culture in music. Credits: Ruth Ingram.

‏«مىراس يىپەك يولى مۇزىكا گۇرۇپپىسى» ‎(Miras Silk Road Collective)‎ مۇزىكا ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا. رەسىم: رۇت ئىنگرام.‏

‏‏رەسىم مەنبەسى

‏ئۇ: «ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەمدى خالىمايدۇ، بىراق بىز بۇ زېمىننىڭ يەرلىك ئاھالىسىمىز. ئۇلار بىزنى ھەرگىز يوقىتالمايدۇ» دېدى.‏

‏بىراق تۇغماس قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولمىدى. ئۇيغۇر سوتى 2021-يىلى دېكابىردا، خىتاينىڭ تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سىستېمىلىق تەدبىرلەرنى مەجبۇرىي يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زور بىر قىسمىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى «مۇۋاپىق گۇمانغا ئورۇن قالدۇرمايدىغان دەرىجىدە» ئىسپاتلانغانلىقىنى بېكىتتى. بۇ ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدىكى ‎(d)‎ تارمىقىغا خىلاپ ئىدى.‏

‏‏Hamid Sabi (left), human rights lawyer and former Counsel to the Uyghur Tribunal in London, with Gulbahar Haitiwaji signing a copy of her book, “How I Survived a Chinese Re-Education Camp.” Credits: Stop Uyghur Genocide.

‏لوندوندىكى ئۇيغۇر سوتىنىڭ سابىق قانۇن مەسلىھەتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ھامىد سابى (سولدا)، «خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرىدىن قانداق ھايات چىقتىم» ناملىق كىتابىغا ئىمزا قويۇۋاتقان گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن بىللە. رەسىم: «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتى.‏

‏‏رەسىم مەنبەسى

‏گۈلباھار ئۆزى ۋە بىللە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئاياللارنىڭ يىلدا ئىككى قېتىم، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىدۇ دېگەن باھانە بىلەن، تەركىبى نامەلۇم ئوكۇلنى «ئىختىيارىي» قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى سۆزلىدى. نۇرغۇن ياش قىزلارنىڭ ھەيزى توختاپ قالغان، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۇغماس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەنىدى. ئۇ ئۇلارغا ئانىسىدەك كۆيۈنۈپ، ئەسلىگە كېلىش ئۈمىدىنى بېرەتتى. بىراق باشقا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بېشىغا تېخىمۇ يامان ئىشلار كەلدى: قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يەنە يىغىۋېلىنىپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىندى.‏

‏ئىبرەت دائىرىلەرگە ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ساقچىلار، لاگېر نازارەتچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە سورىدى. گۈلباھار ئۆزىنىڭ لاگېرىدا جىنسىي خورلاشنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان، كۆرۈپمۇ باقمىغان بولسىمۇ، باشقا گۇۋاھلىقلاردىن بۇنىڭ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجادا كەڭ تارقالغانلىقىنى بىلەتتى. بىراق ئۇيغۇر خادىملار «مەجبۇرىي قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىۋاتاتتى».‏

‏ئۇ: «بەزىلىرىنىڭ بىزگە ئىچى ئاغرىيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، بىراق ئۇلار بۇنى كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى، بولمىسا ئۇلارمۇ تۇتۇپ كېتىلەتتى» دېدى. ئۇ ئاياللارنى تىللىغان بىر خىتاي ساقچىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن «ئەنۋەر» ئىسىملىك ساقچىنى مىسال كەلتۈرۈپ: «ئۇنى سۆرەپ ئېلىپ كەتتى، بىز ئۇنى قايتا كۆرمىدۇق. بەلكىم لاگېرغا قامالغاندۇ. بىلمەيمىز» دېدى.‏

‏ئۇ: «بىز ئۇلارغا قانداق ھۆكۈم قىلالايمىز؟» دەپ سوراپ، ئۆزىگە ياردەم قىلغان ساقچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، بىراق ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كىتابىدا ئىسمىنى يېزىشقا پېتىنالمىغانلىقىنى ئېيتتى.‏

‏ئۇ بالىلىرى ئېلىپ كېتىلگەن بەزى ياش ئاياللارنىڭ يۈرەك ئازابى ھەققىدىمۇ توختالدى. بىر ئايال تۇتۇلغاندا، ئانىسى ئۇنىڭ بالىلىرىنى ئۆز يېنىغا ئالغان. بىراق مومايمۇ كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەندە، بالىلار بالىلار لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھۆكۈمەتنىڭ «جۈپلەش ۋە ئائىلە بولۇش» ھەرىكىتىمۇ ئائىلىلەر ۋە نىكاھلارنى ۋەيران قىلدى. خىتاي كادىرلار ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇش، تاماق يېيىش، تاماق ئېتىش ۋە ئۇخلاشقا ئەۋەتىلەتتى. ئۇلار كۆپىنچە يولدىشى تازىلاش ھەرىكەتلىرىدە يوقاپ كېتىپ، يالغۇز قالغان ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. ئۇ: «بۇ ھەرىكەت جەريانىدا ئاياللار جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىغان ۋەقەلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى» دېدى.‏

‏شۇنداقتىمۇ ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى بار ئىدى. ئۇ ئىنسانىي رەزىللىكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنىمۇ، كۆيۈنۈشنىمۇ كۆردى. ئۇ: «ئارىمىزدا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت ۋە غەمخورلۇقنى كۆردۈم» دېدى. كامېردىكى ھەر بىر ئايالنىڭ تاتلىق بىر نەرسە تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن، بىر تال كەمپۈتنىڭ 12 پارچىغا بۆلۈنگەنلىكىنى ئەسلىدى. يەنە بىر كۈنى 27 تال ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى ۋە ئىككى تال يەر ياڭىقىنى بۆلۈشۈپ يېگەن؛ ئارتۇقچە ئىككى تال يەر ياڭىقى 59 ياشلىق بىر ئايالغا بېرىلگەنىدى.‏

‏‏Members of the Miras Silk Road Collective ensemble on either side of Gulbahar Haitiwaji (left) and Rahima Mahmut (right). Far right, Mahire Aisaeva, chair of the UK Uyghur Community. Credits: Stop Uyghur Genocide.

‏«مىراس يىپەك يولى مۇزىكا گۇرۇپپىسى»نىڭ ئەزالىرى گۈلباھار خاتىۋاجى (سولدا) ۋە رەھىمە مەھمۇت (ئوڭدا)نىڭ ئىككى تەرىپىدە. ئەڭ ئوڭدا ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماھىرە ئايسايېۋا ‎(Mahire Aisaeva)‎. رەسىم: «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتى.‏

‏‏رەسىم مەنبەسى

‏گۈلباھار: «بىز گۈزەل ۋە قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر خەلقىمىز؛ بۇ مەدەنىيەت ھېلىھەم ھايات» دېدى.‏

‏لوندوندىكى ئاڭلىغۇچىلارغا گۈلباھارنى تونۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رەھىمە مەھمۇت مۇنداق ئەسكەرتتى: «بۇ ئازاب ئۆتمۈش ئەمەس. ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلىلەرنىڭ ئايرىلىشى، قورقۇنچ ۋە جىمجىتلىق ئىچىدە داۋاملاشماقتا». ئۇ: «ئۆز نامىدىن سۆز قىلالمايدىغانلارنى ئەسلىشىمىز كېرەك. گۈلباھارنىڭ گۇۋاھلىقى ھايات قېلىشنىڭ گۇۋاھلىقى…» دېدى.‏

‏‏Rahima Mahmut celebrating Uyghur culture in song after the event, against the backdrop of Gulbahar Haitiwaji’s book. Credits: Ruth Ingram.

‏رەھىمە مەھمۇت پائالىيەتتىن كېيىن، ئارقا كۆرۈنۈشتە گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ كىتابى بار ھالدا، ناخشا بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا. رەسىم: رۇت ئىنگرام.‏

‏‏رەسىم مەنبەسى