1-بۈلۈم
بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مەشھۇر ئىنقىلابچى، سىياسيۇن، پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاتىغان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزىرتىم ۋاپات بولغانلىقىغا 55 يىل بولغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنى چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ياد ئىتىمەن.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1901-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھەردە مۆتىۋەر دىنىي ئائىلدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى فەرىددىن ھاجىم خوتەننىڭ مۆتىۋەر دىنىي ئالىملىرىدىن بولۇپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كىچىك چېغىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئانىسى سەكىنە بانۇ خانىم، 1865-يىلى خوتەن مۇستەقىل خانلىقىنى قۇرغان ئابدۇراھمانخان پاشانىڭ نەۋرىسى ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 9 يېشىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى، 21 يېشىدا خوتەن ۋە قاراقاشتىكى مەدرىسلەردە يۈكسەك دىنىي ئىلىمنى ئىسلام بىلىملىرى ساھەسىدە پۈتتۈردى. 1922-يىلدىن 1933-يىلىغا قەدەر خوتەن ۋە قاراقاشتا قۇرئان تەپسىرى ۋە ھەدىس ئىلىملىرىدە باش مۇدەررىسلىك ۋەزىپىلىرىدە بولدى. ئۈستۈن ئىلمىي قابىلىيىتى ۋە يېقىملىق شەخسىيىتى بىلەن قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە ئەتراپتا نام قازانغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زاتلىرىغا بېرىلىدىغان <<ھەزرىتىم>> ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى. بۈگۈنمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەرھۇمنى<<ھەزرىتىم>> نامى بىلەن ياد ئەتمەكتە.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياش چېغىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە ۋە پارىسچە شىئىرلارنىمۇ يېزىپ قەلەمدىمۇ يىتىلىشكەن بۇلۇپ شۇ دەۋرلەردە تەشەببۇس قىلىنغان <<مائارىپتا يېڭىلىققا كۆچۈش>> ھەرىكىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. مائارىپتا يۈرگۈزۈلگەن يېڭىلىق ۋە ئىسلاھاتچىلىق تەرەپدارى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن شۇ زاماننىڭ مۇتەئەسسىپ كىشىلىرىنىڭ قارشىلقىغا ئۇچىراپ چەتكە قېقىلغان.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاراقاشتا ياش مۇدەررىس ۋە تالىپلارنى تەشكىللەپ، زالىم مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلمى، مىللىي تەڭسىزلىكى ۋە ئېزىشلىرىدىن خەلقىمىزنى قانداق قۇتۇلدۇرۇش يولىدا چارە-تەدبىر ئىزدىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىشىنى ئالدى بىلەن ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن باشلىغان. شۇ چاغلاردىكى ئىجتىمائىي مۇھىتلاردىكى ناھايىتى يېتەرسىز ۋە ئاز ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشتىن باشقا خوتەندىن ھىندىستانغا بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەرلەر ۋە ئەرەبىستانغا بارغان ھاجىلار بىلەن تاغىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى قىزىقىپ ئاڭلىغان. بۇ كىشىلەر چەتئەلدىن ئېلىپ كەلگەن گېزىت-ژورناللارنى ئوقۇپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولغان. نەتىجىدە كۆڭلىدە، ئۆز ۋەتىنى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش زوقى تۇغۇلغان. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي 1930-يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، بۇ جايلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچى ۋە خەلقنىڭ روھى ھالىتى قاتارلىق ئىستىراتىگىيىلىك ۋەزىيەتنى ئۆزى بىۋاستە كۆرۈپ ئۆگەنگەن. دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتە مۆتىۋەر يەنى 1933-يىلدىكى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى سابىت داموللام قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ ۋەتەن مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كۆپ پىكىرلىشىش نەتىنجىسدە، مىللىي ئازاتلىق ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتىدە قوراللىق مىللىي ئىنقىلاپتىن باشقا چارە يوق، دېگەن تونۇشقا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن 1930- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا رەھبەرلىكىدە بىر يوشۇرۇن<<مىللىي ئىنقىلاپ كومىتېتى>>تەشكىلاتى قۇرۇپ چىققان. 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا سابىت داموللام بىلەن بىرلىكتە تەشكىلات ئادەملىرىنى ئوۋ مىلتىقى، قىلىچ، چۇماق قاتارلىق قۇراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇپ سەھەر سائەت بەشتە قاراقاش ناھيىسىدىكى خىتاي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ قاراقاش ناھىيسىنى قولغا ئالىدۇ ۋە داۋاملىق ئىلگىرلەپ خوتەننىڭ باشقا يەرلىرنىمۇ قولغا كەلتۈرۈدۇ. ھەمدە 4-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەندە <<خوتەن ئىسلام ھۈكۈمىتى >> نى قۇرىدۇ. ئۈزى بۇ ھۈكۈمەتنىڭ باش قۇماندانى بولىدۇ. خوتەن ھۈكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى ئىش بىجىرىش ئورۇننى تەسىس قىلش ئۈچۈن سابىت داموللامنى قەشقەرگە ئەۋەرتىپ 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. خوتەن ھۈكۈمىتى 1934-يىلغا كەلگەندە مىلتارىست تۇڭگان ماخوسەننىڭ ھۇجۇملىرىدا مەغلۇپ بۇلۇپ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھىندىستانغا ھىجرەت قىلدۇ. ھىندىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چېگرىداش بولغان پامىر ۋە ۋاخان تاغلىق رايونلىرىدا <<قوراللىق يىغىلىش ۋە يۇرتقا قايتىش>> پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ شەرقى تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئۇرشىغا تەييارلىق قىلدۇ. بۇ جەرياندا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا <<ئابدۇللاخان ياركەندى>>- دېگەن ئىسىمنى قوللىندۇ. قۇرال ياراقلارنىڭ ھازىرلىقىنى قىلىش ئۈچۈن بىر مىليۇن سەر كۈمۈش سەرىپ قىلىپ ئافغانىستاننىڭ چېگرا رايونىدىكى <<ۋاخان>> قەبىلىلىرىدىن قۇرال-ياراق ۋە 1000كىشلىك ئاتلىق بىر ئەترەتنىڭ ياردەم بىرشى ئۈچۈن توختام تۈزدۇ. ئەمما ئافغان قەبىلىسى كىلشىمگە خىيانەت قىلىپ ۋەدىسدە تۇرمايدۇ. ئۇ يىللاردا غەربى تۈركىستاننى بېسۋالغان روسلار ۋە ھىندىستاندا ئەۋج ئالغان مىللىي ئازاتلىق ھەركەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشگە چۈشكەن ئىنگىلىزلار ئۆز چىگىرىلىرى ئەتراپىدا ئوتتۇرغا چىققان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ھەركىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدۇ. نەتىنجىدە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا چىگرا ئەتراپىدىكى ئاكتىپ ھەركەتلىرىنى توختۇتۇپ بىتەرەپلىك سىياسىتى ئىجىرا قىلۋاتقان ئافغانىستانغا چىكىنىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ ۋە 1942-يىلغا قەدەر سىياسى مېھمان سۈپتىدە كابۇل شەھرىدە تۇرىدۇ. بۇ جەريانىدا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا كابۇلدىكى ياپۇنيە ئەلچىخانسى بىلەن مەخپى ئالاقە قىلىشنى باشلايدۇ. 1936-يىلى ياپۇنيە كونسۇنخانسىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ياپۇنيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كىتادا ئەپەندى بىلەن كۈرشۈپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قوللاش ئۈچۈن ياپۇنىيە ھۈكۈمىتىدىن ھەربى ياردەم سورايدۇ ۋە ياپۇنىيە ھۈكۈمىتى بىلەن <<كوممۇنىزىمدىن مۇداپىئە كۈرۈش كاردۇرى>> ھەققدە ھەمكارلىق ئورنىتىش يۇلىدا داۋاملىق ئىزدىندۇ. باش ئەلچى كىتادانىڭ ياپۇنيەگە ھۈكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك يوللىغان 1000 بەتلىك تېلېگرامىلىردىن بۇ ھەقتە تېخمۇ كۆپ ماتېرىياللارنى كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ. ئافغانىستاندىكى ۋاقتىدا ئۈزنىڭ كاتتا ئەسىرى بولغان <<شەرقى تۈركىستان تارىخى>> دىگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقىدۇ.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئافغانىستاندا تۇرۋاتقان مەزگىلدە يەنى 1940-يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مىللەتچى خىتاي يەنى گومىنداڭ ھۈكۈمىتى خىتاي مۇسۇلمانلىرى دوستلۇق ھەيتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئافغانىستانغا كىلدۇ ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن كۈرشىدۇ. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ بىر پىكىرگە كىلىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەيسا يۈسۈپتىن جىياڭ جېشىغا خەت ئىۋەرتىپ ئۈزنىڭ ھىندىستانغا كىلىپ خىتاي-تۈركىستان ئورتاق مەنپەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلشىغا قۇشۇلىشنى تەلەپ قىلدۇ. ۋە جىياڭ جېشىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن 1942-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ھىندىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھرىگە كىلىدۇ ۋە كالكۇتتادىكى خىتاي مەركىزى ھۈكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىسى پاۋ ئەپەندى بىلەن كۈرشىدۇ. خىتاي باش ئەلچىسى پاۋ ئەپەندى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇپ خىتاي تۈركىستان ئورتاق مەنپەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلشىغا خىتاي مەركىزى ھۈكۈمىتى تەرپىدىن رەسمى بۇيرۇق يوقلىقىنى باھانە قىلىپ تىزراق خىتايغا كىتىشنى تەلەپ قىلدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خىتايغا بېرىشنى رەت قىلدۇ. بۇ سەۋەب بىلەن كونسۇل مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى خىتايغا قارشى ھەركەت قىلدۇ دىگەن گۇمان بىلەن ھىندىستاندىن چىقىرۋېتىشكە ھەركەت قىلدۇ. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستان ساقچى تەرەپ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى بىر نەۋرە ئىنسى ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن قۇشۇپ پىشاۋۇر مەركىزى تۈرمىگە قامايدۇ. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەنگىليە ھۈكۈمتىگە بىر قانچە قېتم مۇراجىئەت قىلىپ ئۈزنىڭ نىمە جىنايەت بىلەن قامالغانلىقىنى سورايدۇ. ئەنگىليە ھۈكۈمىتى ئۇنىڭ ھىندىستاندىن چىقىپ كىتىش شەرتى بىلەن تۈرمىدىن قۇيۇپ بىرىلدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئەنگىليە ھۈكۈمىتى ئۇنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىگە مۇراجەت يېزشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاخىرى ئايالى جىياڭ جېشى،ئەيسا يۈسۈپ ۋە باشقا ھۈكۈمەت ئادەملىرىگە مۇراجەت يازدۇ. نەتىنجىدە جىياڭ جېشىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىتاي باش كونسۇلىنىڭ كاپالەت بىرشى نەتىنجىسدە، 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى قاماقتىن بۇشتىلىپ كالكۇتتىكى خىتاي باش كونسۇلىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 1943-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئايرۇپىلان بىلەن چۇڭچىڭ ئايرۇدۇمىغا يىتىپ بارىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ باشلىق يۇرتداشلار ۋە گومىداڭنىڭ يۈزگە يېقىن ئەمەلدارلىرى ئايرۇدۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالىدۇ. جىياڭ جېشىمۇ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭ ئۈزنىڭ يۇرتى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەيدۇ ۋە چۇڭچىڭدا تۇرۇپ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بىرىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى تەييارلاشتا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزىرتىم ئۈزى يازغان كىتابلاردىن تەييالانغاچ بولغاچقا، كىتابتىكى تۈركىستان دىگەن ئىسىمنى مەنمۇ مۇئەللىپنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىپ ئەينەن قوللاندىم.
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزىرتىمنىڭ ھاياتىنى ۋە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ئىككى قىسىمغا بۈلۈپ تەييارلىدىم. داۋامى داۋاملىق تۇلۇقلاپ يوللىندۇ. ئەسلىدە ۋىدىيوسىمۇ ئىشلىنىپ ئىنگىلىزچە تېكىسىت كىرگۈزۈپ تارقىتىلماقچى ئىدى ئۈلگۈرمەي قالدى. ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا ۋىدېئوسىمۇ ئىشلىندۇ..
مەنبە: شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەسەرلىرى، 100 مەشھۇر شەخىس، تور دۇنياسى