«يەنى ئاكىت» گېزىتى: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يەتتە كۈن 24 سائەت نازارەت ئاستىدا

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار 68 يىللىق خىتاي ئاسارىتىنىڭ ئەڭ مۇشەققەتلىك ۋە ئازابلىق كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتىدۇ.

 

5- نويابېر تۈركىيەدىكى «يەنى ئاكىت» گېزىتىنىڭ تور سەھىپىسدە «مۇسۇلمانلارغا خىتاي زۇلۇمى» ناملىق بىر خەۋەر بېرىلدى.

خەۋەردە، 1949- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى خۇددى بىر ساقچى دۆلىتىگە ئوخشاش بېسىم ئاستىدا تۇتۇپ كەلگەن خىتاي، يېقىنقى بىر قاتار ئىجرائاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى زىندانغا ئايلاندۇرىۋاتىدۇ، دېيىلگەن.

 

كامېرا بىلەن يەتتە كۈن 24 سائەت نازارەت قىلىنىدۇ

خەۋەردە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق نازارەت ۋە كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ساقچى دۆلىتى بېسىمى ئاستىدا ئىبادەتلىرىنى ئەركىن ئادا قىلالمايۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا خىتاي زۇلۇمى داۋاملىشىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلارنى ھەر ۋاقت بېسىم ۋە نازارەت ئاستىدا تۇتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەھەللىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرالار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈنىدلىك ھاياتىنى ھەر ئان كۆزىتىپ تۇرىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى، كەنتلەر ئارا تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى، چازىلار، قاتناش ۋاستىلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك كامېرالىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى قاتارلىق بىر قاتار ئىجرائاتلار ئارقىلىق زۇلۇمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقاردى . خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمانلارنى كۆچۈشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ.»

 

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە دىنىي كىتابلار ۋە باشقا «قانۇنسىز بويۇملار»نى يىغىپ كۆيدۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى

ساقچى دۆلىتى ئىجرائاتلىرى

زۇلۇمنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى نۇرغۇن چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىش بىلەن بىرگە، كۈندىلىك ھاياتلىرى نازارەت ئاستىدا ئۆتىدۇ. ئىككى يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان ئىجرائات ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان بىر ساقچى دۆلىتىنىڭ نازارىتىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ. تېخى يېقىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى قۇرئان كەرىم، جەيناماز، ئۈستىگە ئايەت چۈشۈرۈلگەن تام رەسىملىرى ۋە نۇرغۇن دۇئا كىتابلىرى كۆيدۈرۈلدى. خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ  ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ شىددىتى ئاشماقتا.