بىز ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارىدىن 180 گرادۇس ئۆزگىرىشىدىن ئۈمىدسىزلەندۇق

بىز ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد لاممىينىڭ خىتاي زىيارىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىڭلارنى ئوقۇپ قاتتىق بىئارام بولدۇق، بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى باشچىلىقىدىكى ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش پىلانىدىن چېكىنىشنى قانداق قارار قىلغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. (10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئىشچىلار پارتىيىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قاراش قارارىدىن ۋاز كەچتى.)

2021-يىلى ئالتە كۈن ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىگە قاتناشتۇق، بۇ جەرياندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن گۇۋاھلىقلار بېرىلدى. بىز قاتناشقۇچىلارنىڭ ھېسسىيات تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، گۇۋاھلىق بەرگەنلەرگە پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ جاسارىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ - نۇرغۇن كىشىلەر سوتقا قاتىنىشىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى سۆزلىدى. بىز مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيىن قىستاق ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىدۇق.

سوت كوللېگىيىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. بۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئېتىراپ قىلىنىش بولۇپ، دۇنيادىكى دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنى كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى.

بىز 2023-يىلى قانۇنىي يول ئارقىلىق بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلقنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن لاممى ئەپەندى ۋە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەندۇق.

پارلامېنت ئەزاسى سىئوبايىن ماكدوناگ ( Siobhain McDonagh ) 2022-يىلى 1-ئايدا ئېيتقىنىدەك: «قارايدىغان بولساق، تارىخ بىزنىڭ كەچۈرگۈسىز قورقۇنچاقلىقىمىزنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى سورايدۇ، چۈنكى بۇ قېتىم ھېچكىم بىلمەيمەن دېيەلمەيدۇ».

دوكتور گىللىيان خۇگ (Gillian Hughes)، دوكتور شارلوت بۇرك (Charlotte Burck)، دوكتور جۇلىيا نېلكى ( Julia Nelki)، جۇلىيا گرانۋىل (Julia Granville)

مۇھاپىزەتچى تورى، 2024-يىلى 30-ئۆكتەبىر