مۇستەبىتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىشى: خىتاي-ئىسرائىلىيە نىكاھى ۋە قەلب دىيارىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىققا ئاتلىنىشى

ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي

 4-باپ: خىتاي ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «LAVİ»دىن «J-10» غا، «PYTHON»دىن «PL-8» گە تۇتاشقان تېخنىكىلىق ئاشنىدارچىلىقى

«دۈشمەننىڭ ساۋۇتىنى تېشىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن قورالنىڭ سىرىنى شۇ دۈشمەنگە تۇتقۇزۇپ قويۇش، ئىستراتېگىيە ئەدەبىياتىدا <خائىنلىق> بولۇپلا قالماستىن ئىتتىپاقدىشىنىڭ قېنىنى سېتىپ يېگەنلىكتۇر»

«بىر ئىمپېرىيەنىڭ ئەڭ مەھرەم مۇداپىئە گېنولوگىيەسىنى (مۇداپىئە ساھەسىنى) ئۆز خەزىنىسىدىن مالىيە بىلەن تەمىنلەپ ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى، ئۇ ئىتتىپاقداشنىڭ بولسا بۇ قىممەتلىك گېن (DNA) نى ئىمپېرىيەنىڭ باش رەقىبىگە مۇلازىمەت سۈپىتىدە تەقدىم قىلىشى…» بۇ جۈملە يۈزەكى بىر سۇيىقەست ئەدەبىياتى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىستىخبارات ئىدارىسى (ONI) نىڭ 1996-يىللىق رەسمىي دوكلاتىنىڭ ئەڭ سوغۇق خۇلاسىسىدۇر.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىستىخبارات ئىدارىسى (ONI) نىڭ «دېڭىز زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلار» (Worldwide Challenges to Naval Strike Warfare) ناملىق ھۆججىتىدە يېزىلغان ئېنىق ئىپادە مۇنداق ئىدى:

«ئامېرىكا تېخنىكىسى، <لاۋى> (Lavi) ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ قولىغا ئۆتتى.»[1]

بۇ دۆلەت خاراكتېرلىك باھا مەلۇم بىر ئاكادېمىكنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئىستىخبارات بيۇروكراتىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيە لوبىلىرىدىن كەلگەن غايەت زور بېسىملارغا قارىماي، 1997-يىللىق دوكلاتىدىمۇ چېكىت-چېكىتىگىچە ئوخشاش تەكرارلىغان رەسمىي ۋە ئەدلىيەلىك باھاسىدۇر.

 

1-بۆلۈم: «LAVİ»دىن «J-10» غا سوزۇلغان 1.5 مىليارد دوللارلىق تېخنىكىلىق زىنا

بۇ ھېكايە 1980-يىللارنىڭ بېشىدا ئامېرىكا پارلامېنتى (كونگرېس) چىقارغان، گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىقنىڭ چەك-چېگراسىنى بۇزۇپ تاشلىغان، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قارار بىلەن باشلىنىدۇ. ۋاشىنگتون ئىسرائىلىيەگە ئۆزىنىڭ تۆرتىنچى ئەۋلاد كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىر ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە ئاۋىياماتكا سانائىتى (IAI) تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «لاۋى» (Lavi  «شىر بالىسى») ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسى، «F-16 Fighting Falcon» ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەمما ئۇنى نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ كۆرسەتكۈچلەر جەھەتتە ئارقىدا قالدۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىلغار بىر تەشەببۇس ئىدى. ئۇ قانات-دېلتا (canard-delta) قانات قۇرۇلمىسى، تۆت تەرەپلىمىلىك دىگىتال ئۇچۇش كونترول سىستېمىسى (fly-by-wire)، يۇقىرى دەرىجىلىك بىرىكمە ماتېرىياللار ۋە ئالاھىدە بىر تۇربوفان موتورى بىلەن قوراللانغان ئىدى.[2]

بۇ غايەت زور لايىھەنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ تەخمىنەن %90 ى (1.5 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان قىسمى) بىۋاسىتە پېنتاگون خامچوتىدىن، يەنى ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ يانچۇقىدىن چىقتى.[3] ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان بۇ سېخىيلىقى پەقەت نەق پۇل ئېقىمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. F-16 ۋە F-18 ئۇرۇش ئايروپىلان لايىھەلىرىدە ئىشلىتىلگەن ئەڭ مەھرەم موتور سىرلىرى، دىگىتال ئاۋىيوتېخنىكا قۇرۇلما كودلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رادار ئالگورىتمىلىرى «ئىتتىپاقداشلىق ۋاپادارلىقى» سۈپىتىدە ئىسرائىلىيەگە سوۋغا قىلىنغان ئىدى.[1] خوجايىن ئۆز خەزىنىسىدىن ئىتتىپاقدىشىغا ئۇرۇش ئايروپىلانى زاكاز قىلىۋاتاتتى، ئىتتىپاقداش بولسا ئۇ ئايروپىلاننىڭ تۇغۇت كېنىشكىسىنى خوجايىننىڭ بىرىنچى رەقىبىنىڭ (يەنى خىتاينىڭ) نامىغا يېزىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

«لاۋى» پروپوتىپ (سىناق نۇسخا) باسقۇچىدا ئېلىپ بارغان 82 قېتىملىق سىناق ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، تولىمۇ يۇقىرى ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. لېكىن بۇ لايىھەنى توختىتىپ قويىدىغان ۋاقىتمۇ يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشخۇمار ئىنتىزامسىزلىقى يۈزىسىدىن لايىھەنى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇماقچى بولدى. 1987-يىلى 30-ئاۋغۇستتا، ئىسرائىلىيە كابىنېتى تارىخىي بىر ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 11 گە قارشى 12 ئاۋاز بىلەن «لاۋى» ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.[2] ۋاشىنگتون بۇنى ئىسرائىلىيەنى قايتىدىن ئىستراتېگىيەلىك «ياللانما دۆلەت» ئورنىغا تارتىپ چۈشۈرگەن بىر ئىنتىزام جازاسىنىڭ غەلىبىسى دەپ قارىدى. ئەمما ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى بىر خاتىمە ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئۈنسىز بىر خائىنلىق ھەرىكىتىنىڭ پىلتىسىنى ياققان ئىدى.

«لاۋى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك ئاۋىياماتكا سانائىتى IAI نىڭ ئايروپىلان سىخلىرىدا مەخپىي يۈز بەرگەن ئىشلار، ئاۋىياتسىيە تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يوشۇرۇن سەھىپىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «لاۋى» نىڭ پۈتۈن مەنبە كودلىرى يېپىۋېتىلىشنىڭ ئورنىغا، يوشۇرۇن يوللار ئارقىلىق خىتاينىڭ چېڭدۇ ئايروپىلان سانائىتى گۇرۇھىغا (Chengdu Aircraft Industry Group) ئاققۇزۇلۇشقا باشلاندى.[1] جون ۋ. گولاننىڭ (John W. Golan) ئاكادېمىك تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەلىك ھۆددىگەرلەر «J-10» نىڭ ئايرودىنامىكىلىق ۋە قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى بىۋاسىتە سىزىپ بېرىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن مەخپىي توختام تۈزدى.[4]

بۇ خىيانەتنىڭ ئەڭ زىلزىلىگە سالغۇچ پاكىتى ۋە شاھىتلىقى 1990-يىللارنىڭ بېشىدا چېڭدۇ زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغان بىر رۇسىيە مەنبەسى تەرىپىدىن ئاشكارىلاندىئ «J-10» نىڭ خىتايدىكى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ تاختىلىرىدا ھېلىھەممۇ ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان تېخنىكىلىق جەدۋەل ۋە بەلگىلەر ئېسىقلىق تۇراتتى.[2] بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۇغۇتخانىسىدىكى جەدۋەللەرنىڭ تىلى، ئۇ ئايروپىلاننىڭ ھەقىقىي بىئولوگىيەلىك ئاتىسىنى ھېچقانداق شەك-شۈبھىسىز پاش قىلىپ قويغان ئىدى.

مۇداپىئە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى  CIA، ئامېرىكىنىڭ بىر جاسۇس سۇنئىي ھەمراھى ئارقىلىق خىتاينىڭ سىناق نۇسخا ئايروپىلانلىرىنى سىناق قىلىۋاتقان يۇقىرى بىخەتەرلىككە ئىگە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى سۈرەتكە ئېلىپ، قولغا چۈشكەن سۈرەتلەرنى ئۈچ تەرەپلىمىلىك (3D) دىگىتال سىزىقلار ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ چىقتى ۋە ئۇنى «لاۋى» نىڭ مەخپىي لايىھە مەلۇماتلىرى بىلەن مىلىمېتىر بويىچە سېلىشتۇردى. نەتىجە ئانالىزچىلارنى چۆچۈتكەن ئىدى. خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ مەخپىي ئۇرۇش ئايروپىلانى «J-10»، فىزىكىلىق ۋە ئايرودىنامىكىلىق جەھەتتىن ئىسرائىلىيەنىڭ «لاۋى» سىنىڭ قۇسۇرسىز كوپىيەسى، يەنى دەل ئۆزى ئىدى.[1]

يۈز بەرگەن ئىشلار ئادەتتىكى بىر تېخنىكا ئوغرىلىقى ئەمەس، بەلكى بىر گېن كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئىدى. ئامېرىكا خەزىنىسىنىڭ بالياتقۇسىدا، FMF فوندلىرى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىنغان «شىر بالىسى» (Lavi) ئۇرۇش ئايروپىلانى، ئىتتىپاقداشنىڭ قولى بىلەن بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، تىنچ ئوكياننىڭ «جەڭگىۋار ئەجدەرھاسى» غا (J-10) ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. قويۇلغان ئىسمىنىڭ ئۆزىمۇ تەقدىرنى پىچىرلىماقتا ئىدى. شىر بالىسى، باشقا بىر بايراقنىڭ ئاستىدا ئەجدەرھاغا ئۆزگەرگەن ئىدى. بۇ بىر ئېلىم-سېتىم سودىسى ئەمەس، غەربنىڭ ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدىكى مۇداپىئە گېنولوگىيەسىنىڭ بىۋاسىتە رەقىبكە غول ھۈجەيرە  سۈپىتىدە كۆچۈرۈپ بېرىلىشى ئىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىستىخبارات ئىدارىسى (ONI) نىڭ 1996-يىللىق بايقىشىدىن كېيىن، 2011-يىللىق پارلامېنت تەتقىقات مۇلازىمىتى (CRS) دوكلاتىمۇ مەسىلىنى ھېچقانداق تالاش-تارتىشقا ئورۇن قالدۇرمايدىغان سەۋىيەگە ئېلىپ كەلدى. «J-10 ئايروپىلانى، 1980-يىللاردىكى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ <لاۋى> ئايروپىلانى تېخنىكىسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى»[2]. بىر خىتاي مەنبەسىنىڭ ئۆز ئىقرارى بۇ جەرياننى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. «ئسرائىلىيە مەجبۇرىي ئاخىرلاشتۇرۇلغان <لاۋى> ئۇرۇش ئايروپىلانى پىلانىنى 1987-يىلى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دەرھال 1988-يىلى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تەتقىقات ۋە تەرەققىيات خىزمەتلىرىنى رەسمىي باشلىدى»[2]

ئاۋىياتسىيە سانائىتىدە تۆرتىنچى ئەۋلاد، مۇقىمسىز ئايرودىنامىكىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە بىر ئايروپىلاننى دىگىتال ئۇچۇش تېخنىكىسى بىلەن ھاۋادا تۇتۇپ تۇرۇش، ئونلارچە يىللىق تەجرىبە زاپىسىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. ئامېرىكا F-16 نىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تېخنىكىلارنى ئون يىلدىن ئارتۇق بىر مۇساپىدە پىشىقلاپ يېتىلدۈرەلىگەن ئىدى. خىتاينىڭ 1988-يىلى باشلىغان «J-10» قۇرۇلۇشىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، نورمال شارائىتتا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ «مۆجىزە»نىڭ بىردىنبىر ئەقىلگە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈلۈشى، «لاۋى» نىڭ سەكسەن ئىككى قېتىملىق سىناق ئۇچۇشىدىن سۈزۈلۈپ چىققان تەييار ۋە دەلىللەنگەن مەلۇماتلارنىڭ بىۋاسىتە چېڭدۇ تەجرىبىخانىلىرىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ئىدى.

خىتاينىڭ «يەرلىك ۋە مىللىي» دەپ ماختىنىۋاتقان بۇ ئايروپىلانىنىڭ چىقىم تالونىنى ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرى تۆلىگەن، ئىنژېنېرلىقىنى ئىسرائىلىيە قىلغان، بېيجىڭ بولسا پەقەت بۇ ئوغرىلىققا ئاتالمىش «يېڭىلىق يارىتىش» ماركىسىنى چاپلىۋالغان ئىدى، خالاس.

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 350 تىن ئارتۇق ئىشلەپچىقارغان «J-10 Vigorous Dragon» ئايروپىلانى، تىنچ ئوكياندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر.[2] ئايروپىلاننىڭ ئالاھىدە قانات-دېلتا قۇرۇلمىسى، گەۋدە ئاستىدىكى ھاۋا كىرىش ئېغىزى گېئومېتىرىيەسى ۋە ئومۇمىي قۇرۇلمىسى، «لاۋى» نىڭ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان گېن ئىزلىرىدۇر.[4] ئامېرىكا پۇلى بىلەن تۇغۇلغان بالا، ئىسرائىلىيەنىڭ قولى بىلەن خىتايغا بېقىۋېلىشقا بېرىلگەن ئىدى.

 

2-بۆلۈم: «PYTHON»دىن «PL-8» گە، «PHALCON»دىن «HARPY»گە سوزۇلغان خىيانەت زەنجىرى

خىيانەت ئاسماندىكى ئايروپىلان گەۋدىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئۇ ئايروپىلان گەۋدىلىرى ئۆزى بىلەن كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ۋە ھاۋا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بەلگىلىگۈچىسى بولغان «ئەجەللىك تىرناقلار»مۇ (باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارمۇ) بۇ يوشۇرۇن خۇشامەت لىنىيەسىگە قوشۇۋېتىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ قىسقا مۇساپىلىق ھاۋادىن-ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنىڭ بايراقدارى بولغان «Python-3» (پايتون-3) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبانىڭ پۈتۈن مەخپىي لايىھە مەلۇماتلىرى، يېتەكلەش ئالگورىتمىلىرى ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق نىشانلىغۇچى باش مەنبە كودلىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. خىتاي بۇ بومبىنى «PL-8» نامى بىلەن ئۆز ئارمىيەسىنىڭ قورال تۈرىگە كىرگۈزدى.[3] ئىسرائىليەنىڭ بۇ دۈشمەننى كۈچلەندۈرۈش خىيانىتىگە ئامېرىكا ھېچ نەرسە دېيەلمىدى.

ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسىنى سېتىش خىيانەتنىڭ بىرىنچى پەردىسى بولغان بولسا، ئۇ گەۋدىگە ئېسىلىدىغان ھەل قىلغۇچ پەنچىلەرنىڭ سىرىنى سېتىش، غەرپ مۇداپىئەسىنىڭ گېن كودىنى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىك ئىدى. زامانىۋى بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نىشاننى تونۇش، قۇلۇپلىنىش ۋە ئىز قوغلاش ئالگورىتمىلىرى، رەقىب ئايروپىلاننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئېلېكترونلۇق قارشى تەدبىر سىستېمىلىرىنى ۋەيران قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئاچقۇچىدۇر. «Python-3» نىڭ يېتەكلەش لوگىكىسى، غەربنىڭ ئۆز ئايروپىلانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرغان مۇداپىئە پارامېتىرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىۋاسىتە ئەكىس ئەتتۈرەتتى. چۈنكى ئۇ بومبا دەل شۇ سىستېمىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىدى. ئىسرائىلىيە بۇ مەخپىي ئالگورىتمىلارنى بېيجىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ F-16 ۋە F-18 ئايروپىلانلىرىنىڭ مۇداپىئە سېپىللىرىنى خىتاي بومبىلىرى ئۈچۈن «تونۇغىلى بولىدىغان، پاچاقلىغىلى بولىدىغان ۋە قوغدىنىشسىز» ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.

ئاندىن «Phalcon AWACS» (فالكون ئەۋاكس) رادار كىرىزىسى، خىتايغا ئېچىۋېتىلگەن بۇ يوشۇرۇن تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇبا سىستېمىسى ياراتقان خەۋپ ھەققىدە ۋاشىنگتوننى ئاخىرى چۆچۈتقان ۋە ئويغاتقان ۋەقە بولدى. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئىسرائىلىيە «EL/M-2075 Phalcon» ناملىق ئىلغار ھاۋادىن ئالدىن سىگنال بېرىش رادار سىستېمىسىنى بېيجىڭغا سېتىشنى پىلانلىدى. تەخمىنەن بىر مىليارد دوللارلىق بۇ غايەت زور كېلىشىم، خىتاينى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھاۋادىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە قوماندانلىق-كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلاتتى. بۇ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى مەڭگۈلۈككە ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بىر يادروغا ئايلىناتتى.[5]

ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى كۆپ سانلىقلار رەھبىرى ترېنت لوت (Trent Lott) نىڭ تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك پالاتا ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە 2000-يىلى 6-ئاپرېلدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى باراكقا ئەۋەتكەن تىغدەك ئۆتكۈر مەكتۇپى ۋە يىلىغا بېرىلىدىغان 2.8 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەمنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلاش تەھدىتىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارقىغا يېنىشقا مەجبۇر بولدى. 2000-يىلى ئىيۇلدا سېتىش پىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتاي ئايروپىلاننىڭ ئىسرائىلىيەدىن ھېچقانداق نازۇك تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىسىز ئايرىلغانلىقىنى بىۋاسىتە نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئايرودرومدا نۆۋەتتە تۇردى.[3]

بۇ كىرىزىسنىڭ ئەڭ يۈزسىز سەھنىسى ئاخىرىدا يۈز بەردى. ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرغان بۇ سېتىش تىجارىتى ئۈچۈن، رەقىبى خىتايغا 350 مىليون دوللار «تۆلەم» تۆلىدى.[6] بىر ئىتتىپاقداشنىڭ ئۆز خوجايىنىنىڭ ئىرادىسى بىلەن توختاتقان بىر ئىش ئۈچۈن رەقىبكە تۆلەم تۆلىشى ئىتتىپاقداشلىق ھوقۇقىنىڭ ئەمەس، بەلكى يوشۇرۇن بىر قوش خوجايىنلىق ساداقىتىنىڭ بەدىلى ئىدى. بۇ 350 مىليون دوللار ئىسرائىلىيەنىڭ ھەقىقىي تۈردە كىمگە باغلانغانلىقىنىڭ تالونى ئىدى. بۇ بىر تۆلەم ئەمەس، بەلكى توغرا نامى بىلەن ئېيتقاندا «ساداقەتنى گۆرۆگە قويۇشنىڭ بەدىلى»دۇر. ئىسرائىلىيە ئۆز خوجايىنىغا كۆرسەتكەن تاشقى قىياپەتتىكى ئىتائەتنىڭ تالونىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي شېرىكىگە، يەنى بېيجىڭغا تۆلەۋاتاتتى. يوشۇرۇن تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇبا سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلاتى شۇنچە قۇرۇلمىلىق ھالغا كەلگەن ئىدىكى، ئېقىن بىر قېتىم توختىغان ھامان بەدەل تۆلىنىدىغان تەرەپ ۋاشىنگتون ئەمەس، خىتاي بولغان ئىدى.

يەنە بىر كىرىزىس تېخىمۇ قاتتىق بىر فىزىكىلىق يۈزلىشىش بىلەن نەتىجىلەندى. 1994-يىلى ئىسرائىلىيە «IAI Harpy» (ھارپى) دەپ ئاتالغان كامىكازى ئۇچقۇچىىسىز ئايروپىلانىنى (رادار سىگناللىرىنى بايقاپ ۋەيران قىلىدىغان تۈردىكى قورالىنى) تەخمىنەن 55 مىليون دوللارغا خىتايغا ساتقان ئىدى.[3] 2004-يىلى خىتاي بۇ ئۇچقۇچىىسىز ئايروپىلاننى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قايتا ئەۋەتكەندە پېنتاگوندا گويا بىر بومبا پارتلىغاندەك تەۋرىنىش يۈز بەردى. پېنتاگوننىڭ ئىنكاسى بۇ قېتىم پەقەت دىپلوماتىك نوتىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ F-35 لايىھەسىدىكى «بىخەتەرلىك ھەمكارلىق شېرىكى» سالاھىيىتى دەرھال توڭلىتىپ قويۇلدى.[5] پېنتاگون ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاموس يارون (Amos Yaron) ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆمەك بىلەن بولغان پۈتۈن ئورگان خاراكتېرلىك ئالاقىسىنى ئۈزدى. 2005-يىلى ئاۋغۇستتا يارون ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلاندى.[6] بىر يۇقىرى دەرىجىلىك پېنتاگون ئەمەلدارىنىڭ ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتى پۈتۈن بۇ جەرياننى خۇلاسىلەيدىغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى: «سلەرنىڭ بۇ ساختىپەزلىكلىرىڭلاردىن ئەمدى زېرىكتۇق.»[3]

بۇ زېرىكىش ۋە ئاچچىقلىنىش ئامېرىكا سىياسىي ئىرادە سىستېمىسىنىڭ پالەچلىنىشىنى توختىتىشقا يەتمىدى. فالكون ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، لېكىن خايفا پورتىدىكى خىتاينىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرى ئۈنسىز داۋاملىشىۋەردى. ھارپىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشى توسۇپ قېلىندى، ئەمما خىتاي تەتۈر ئىنژېنېرلىق (تەتۈر كۆچۈرۈش) يولى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەرلىك نۇسخىسنى ئىشلەپچىقاردى.[5]

 

3-بۆلۈم: «THEL»  لازېر قورالىنىڭ ئوغرىلانغان كودلىرى

ئىسرائىلىيەدىن خىتايغا ئېقىۋاتقان تېخنىكا لىنىيەسى پەقەت پىشىپ يېتىلگەن، پۈتكەن قورال سىستېمىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئامېرىكا مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسى (DIA) نىڭ نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرى بۇ لىنىيەنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك بىر تەرىپىنى ھۆججەتلەشتۈردى. تېخى تەجرىبىخانا باسقۇچىدىكى، كەلگۈسىنىڭ ئۇرۇش تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئېمبىرىئوناللىق (تېخى تۇغۇلمىغان) تېخنىكىلارنىڭمۇ تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇبا سىستېمىسى ئارقىلىق خىتايغا ئاققانلىقى پاش بولدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان «تاكتىكىلىق يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك لازېر» (THEL) سىستېمىسى، پېنتاگون خامچوتىدىن 130 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مالىيە بىلەن تەمىنلەنگەن ئىدى.[1] بۇ قۇرۇلۇش، كاتىيۇشا راكېتالىرىنى ۋە قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك قوراللارنى ھاۋادا يوقىتىشنى نىشانلىغان تۇنجى مەشغۇلاتچان لازېر مۇداپىئە سىستېمىسى ئىدى. يەنى بۈگۈنكى كۈندە دەرىجىدىن تېز (ھىپېرسونىك) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان لازېر مۇداپىئە قۇرۇلمىسىنىڭ بىۋاسىتە ئاتىسى ئىدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسى (DIA) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قورال – ياراق شىركىتى «Rafael» (رافائېل)، بۇ لايىھەدىكى ئامېرىكىلىق شېرىكى «TRW Inc» تەرىپىدىن چەكلەنگەن تېخنىكىلارغا ئېرىشىش پۇرسىتىنى قولغا كالتۈرگەن.[3] TRW شىركىتى سانلىق مەلۇمات يۆتكەش جەريانىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھوقۇق بېرىلگەن چەكتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان، بۇ ئېقىننى ئەخلاقىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دەرھال توختاتقان. ئەمما ئىسرائىلىيە تەرەپ ئارقىغا يېنىشنىڭ ئورنىغا، تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق دېتال (كود) يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان ۋە TRW شىركىتىنى غايەت زور لۆببىچىلىك بېسىمى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان. TRW بۇ بېسىملارغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قارشىلىقنىڭ رافائېل شىركىتىنىڭ باشقا يوشۇرۇن يوللار ئارقىلىق لازېر كودلىرىغا ئېرىشىشىنى توسۇپ قالالىغان-قالالمىغانلىقى ھېلىھەممۇ نامەلۇم.

THEL ۋەقەسى، ئىسرائىلىيەنىڭ تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇبا سىستېمىسى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاناتومىيەسىنى پۈتۈنلەي باشقا بىر نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىدۇ. «لاۋى» ۋە «پايتون» ۋەقەلىرى پۈتكەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياكى پىشىپ يېتىلگەن لايىھەلەرنىڭ يۆتكىلىشى ئىدى. ئامما THEL ۋەقەسى، تېخى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات (Ar-Ge) باسقۇچىدىكى، ھەتتا سىناق نۇسخىسى (پروپوتىپى) تۇغۇلمىغان بىر ئېمبىرىئوناللىق تېخنىكىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسرائىلىيە پەقەت بۈگۈنكى قوراللارنىلا ئەمەس، بەلىكى غەربنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ يادرولۇق ئۇل تاشلىرىنىمۇ خىتايغا ئاققۇزماقتا ئىدى.

لازېر مۇداپىئە تېخنىكىسىنىڭ مەنبە كودلىرى، بۈگۈنكى يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ھەربىي رىقابىتى، يەنى دەرىجىدىن تېز (ھىپېرسونىك) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى مۇداپىئە رىقابىتىنىڭ بەلگىلىگۈچى تەركىبىي قىسمىدۇر. بۇ كودلار خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردە، غەرب تېخى مەيدانغا چىقارمىغان بىر قورالنىڭ ۋەيران قىلىنىش چارىسىنى دۈشمەن ئالدىن تەييارلىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن بولىدۇ. يەنى كېسەلنىڭ تېخى دورىسى چىقماي تۇرۇپ، قارشى تەرەپ ئاللىقاچان زەھەر قايتۇرغۇچنى تەييارلىيالايدىغان ھالغا كەلگەن بولىدۇ.

 

4-بۆلۈم: كىلىنكىلىق كۆرسەتكۈچنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى، بەش ۋەقە، نۆل جازا

«لاۋى/J-10»، «پايتون/PL-8»، «فالكون»، «ھارپى» ۋە «THEL»دىن ئىبارەت بۇ بەش ۋەقەنىڭ ھەر بىرى، ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈلگەندىمۇ، دۇنيا ھەربىي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقداشلىق خىيانىتىنىڭ سىياسىي رەسۋاچىلىقىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ زىلزىلىگە سالغۇچى ئەھۋال، بۇ خىيانەتلەرنىڭ بىر-بىرلەپ يۈز بەرگەنلىكى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن پاكىتلىرى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن تۇرۇپمۇ، ھېچقانداق مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر جازالاش سىستېمىسىغا ئايلانمىغانلىقىدۇر.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىستىخبارات ئىدارىسى (ONI)، مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسى (DIA) ۋە كونگرېس تەكشۈرۈش ئىدارىسى (GAO) نىڭ بىر-بىرىدىن مۇستەقىل يوللار بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئوخشاش ھالاكەتلىك خۇلاسىسى، بۇ بەش ۋەقە بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئېنىق بىر كۆرۈنۈشكە ئىگە بولدى. 2011-يىللىق پارلامېنت تەتقىقات مۇلازىمىتى (CRS) نىڭ دوكلاتى، ئون بەش يىللىق كېچىكىش بىلەن بولسىمۇ، مەسىلىنى ھېچقانداق تالاش-تارتىشقا ئورۇن قالدۇرمايدىغان بىر سەۋىيەگە ئېلىپ كەلدى.[2] ئەمما ئون بەش يىل بويىچە، پېنتاگوننىڭ «بىلىنگەن ھەقىقەتلىرى» ئاقساراينىڭ «قوبۇل قىلىنغان ھەقىقەتلىرى»گە ھېچبىر شەكىلدە ئايلىنالمىدى.

فالكون كىرىزىسىدە، ئامېرىكا ھەر يىلى ئىسرائىلىيەگە بېرىدىغان 2.8 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەمنى كېسىپ تاشلاش تەھدىتى بىلەن ئىسرائىلىيەنى ئارقىغا يېنىشقا مەجبۇرلىدى، لېكىن فالكوننىڭ قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى قايتۇرۇپ بېرىلگەندە، ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال (كود) سىستېمىسىنىڭ راستىنلا ئۆچۈرۈلگەن-ئۆچۈرۈلمىگەنلىكىنى ھېچكىم دەلىللىيەلمىدى.[3] ھارپى كىرىزىسىدە پېنتاگون ئىسرائىلىيەنىڭ F-35 لايىھەسىدىكى شېرىكلىك سالاھىيىتىنى توڭلىتىپ قويدى، ئەمما بىر قانچە ئايدىن كېيىنلا ئۈنسىز ھالدا قايتىدىن ئاكتىپلاشتۇردى.[5] ھەر بىر خىيانەت كىرىزىسى، ۋاقىتلىق بىر ئاچچىقلىنىش ۋە ئارقىسىدىنلا «ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى» قارارى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىستىخبارات ئورگانلىرى دىئاگنوز قويغان، ئەمما سىياسىي ئىرادە ھەرىكەتكە ئۆتەلمىگەن بۇ سىستېمىلىق پالەچلىك، ئەمدى ئاسمانغا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا كودلىرىغا، رادار ئالگورىتمىلىرىغا ۋە لازېر تېخنىكىسىنىڭ مەنبە كودلىرىغا سىڭىپ كىرىدىغان بىر ۋىرىسلۇق ئۆزگىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئىدى. ھەر بىر يېڭى ۋەقە، بۇ پالەچلىكنىڭ ئالدىنقىسىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تېخىمۇ كەڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىدى.

تانكا يۆتكەش تۇرۇبا سىستېمىسىدە ۋاشىنگتون: «بىلەتتۇق، سەل ھەددىدىن ئاشۇرۇلدى» دېيىش بىلەنلا كاپايەلەندى.

لاۋى ئۇرۇش ئايروپىلانى تېخنىكىسى يۆتكەلگەندە: «كونترول قىلالمىدۇق» دېدى.

فالكون كىرىزىسىدە: «توختاتتۇق» دېدى، ئەمما يۇمشاق دېتال كودلىرىنى قايتۇرۇپ ئالالمىدى.

هارپى كىرىزىسىدە: «جازالىدۇق» دېدى، لېكىن جازانى بىر قانچە ئايدىن كېيىنلا ئەمەلدىن قالدۇردى.

«THEL»  نىڭ ئوغرىلانغان كودلىرى ھەققىدە ھېچ نەرسە دېيەلمىدى.

بۇ چارىسىزچە ئۈنۈمسىز ئايلىنىشنىڭ ئۆزىلا  ئامېرىكا سىياسىي ئىرادىسىنىڭ پالەچلىكىنىڭ ئەڭ ئېنىق ھۆججىتىدۇر. بۇ پالەچلىكنىڭ ھەقىقىي بەدىلىنى تۆلەۋاتقانلار ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىلىق دەۋر بۆلگۈچ ئىلگىرىلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ھەربىي كۈچىنىڭ رەھىمسىز تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىدۇر.

ئامېرىكا ئاسماندا يوقاتقان تېخنىكا سىرلىرىنى ساناشقا ئۇرۇنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەڭ چوڭ ۋە ئورنىنى تولدۇرغۇسىز يوقىتىش ئاسماندا ئەمەس، ئاق دېڭىزنىڭ ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئامېرىكا يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ «مۇتلاق مەخپىيەتلىكى»نى ئوغرىلايدىغان غايەت زور خىتاي كرانلىرى ھەققىدە ئالدىمىزدىكى باپتا تەپسىلىي توختىلىمىز.

كېلەر جۈمە كۈنى «تۈركىستان ۋاقتى» تور گېزىتىدە ئىسرائىليەنىڭ خايفا پورتىغا تىككەن جاسۇس قۇلاقلىرى خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدىكى غايەت زور كىرانلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ «مۇتلاق مەخپىيەتلىكى»نى قانداق ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى پۈتۈن تېخنىكىلىق تەپسىلاتلىرى بىلەن دىققىتڭلارغا سۇنىمىز.

 

داۋامىنى ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا بېسىڭ:

https://turkistantimes.com/ug/news-20851.html 

 

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا بېسىڭ:

‏[https://turkistantimes.com/ug/news-20740.html...]

كىتابنىڭ 1- بابىنى ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ؛

‏[https://turkistantimes.com/ug/news-20775.html]

كىتابنىڭ 2- بابىنى ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ؛

https://turkistantimes.com/ug/news-20800.html 

كىتابنىڭ 3- بابىنى ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ؛

https://turkistantimes.com/ug/news-20825.html

مەنبەلەر: 

  1. Dosya Kaynakçası

[1] "Worldwide Challenges to Naval Strike Warfare" — ABD Deniz Kuvvetleri İstihbarat Bürosu (ONI), 1996-1997 raporları. "ABD teknolojisi, Lavi savaş uçağı formunda İsrail aracılığıyla Çin tarafından edinilmiştir" tespitinin orijinal kaynağı, DIA'nın THEL/TRW krizini belgelemesi. Ayrıca: "U.S. Military Technology Sold by Israel to China Upsets Asian Power Balance" — WRMEA, Ocak 1996. https://www.wrmea.org/1996-january/u.s.-military-technology-sold-by-israel-to-china-upsets-asian-power-balance.html

[2] "Lavi Fighter-Bomber Cancellation and Israeli Aerospace Industry's Help to China in J-10 Development" — Aviation Geek Club, Şubat 2025. Lavi'nin 82 test uçuşu, 30 Ağustos 1987 iptal oylaması (12-11), Chengdu fabrikasındaki İbranice tabelalar, CRS 2011 raporu "J-10, 1980'lerin ABD-İsrail Lavi projesine dayanmaktadır" tespiti, Çin kaynağının 1987 plan devri / 1988 J-10 Ar-Ge başlangıcı itirafı. https://theaviationgeekclub.com/heres-why-lavi-fighter-bomber-cancellation-led-israeli-aerospace-industry-to-help-china-in-j-10-development-with-unauthorized-transfer-of-american-technology/

[3] "U.S. Military Technology Sold by Israel to China Upsets Asian Power Balance" — WRMEA, Ocak 1996. ONI raporuna dayanan kapsamlı belgeleme: Lavi/J-10 bağlantısı, Python-3 → PL-8 transferi, THEL/TRW krizi ve Rafael lobicilik baskısı, Phalcon havalimanı nöbeti, Harpy 55 milyon dolarlık satış, "Blöflerinizden bıktık" itirafı. https://www.wrmea.org/1996-january/u.s.-military-technology-sold-by-israel-to-china-upsets-asian-power-balance.html

[4] John W. Golan, Lavi: The United States, Israel, and a Controversial Fighter Jet — University of Nebraska Press, 2016. İsrailli yüklenicilerin J-10'un aerodinamik hatlarını bizzat çizmek üzere gizli sözleşme imzaladığının akademik tespiti, kanard-delta-ventral hava alığı genetik izlerinin analizi. Ayrıca: "Did Israel 'Transfer' Military Technology to Help China Build the J-10 Fighter?" — The National Interest, Kasım 2024. https://nationalinterest.org/blog/buzz/did-israel-transfer-military-technology-help-china-build-j-10-fighter-85491

[5] "Sino-Israeli Security Relations: In America's Shadow" — Middle East Institute (MEI), 2018. Phalcon'un Tayvan Boğazı'ndaki stratejik etkisi, Harpy'nin F-35 programı sonuçları, Çin'in tersine mühendislik yoluyla yerli Harpy versiyonu üretimi. https://mei.edu/publications/sino-israeli-security-relations-americas-shadow

[6] Yoram Evron, "Between Beijing and Washington: Israel's Technology Transfers to China" — Journal of East Asian Studies 13:3, 2013. Phalcon krizinde İsrail'in Çin'e ödediği 350 milyon dolarlık tazminat, Harpy modernizasyon krizi sonrası Amos Yaron'un Ağustos 2005'te istifaya zorlanması. https://doi.org/10.1017/S1598240800008328